نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ھازىر ساۋاتسىزلىقنىڭ ئۆلچىمى قانداق؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

بەلكىم، نۇرغۇن كىشىلەر ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپبەنى تۈگەتسە، تۆت ئەمەلنى بىلسە ساۋاتلىق بولمامدۇ؟-دېيىشى مۇمكىن. ئەمما، ب د ت نىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بۇيىچە بولغاندا، بىرىنچى تۈردىكى ساۋاتسىزلار خەت تونۇمايدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى ساۋاتسىزلار ھازىرقى زاماندىكى بەلگىلەر (يەنى خەرىتە، …دېگەندەك)نى تونۇمايدۇ. ئۈچىنچى تۈردىكى ساۋاتسىزلار كومپيۇتېر ئىشلىتىپ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ. كېيىنكى ئىككى تۈردىكى ساۋاتسىزلار «تېخنىكىلىق ساۋاتسىز» ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۇلار خەت ئوقۇشنى بىلسىمۇ، لېكىن، ھازىرقى ئۇچۇرلاشقان دەۋردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

شىنجاڭدىكى سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى،…قاتارلىق بارلىق ئاپتوبانكا (ATM) نىڭ يۇمشاق دېتالىدا ئۇيغۇرچە يېزىقمۇ تەڭ ئىشلىتىلدى. لېكىن، بەزىلەر يەنىلا خەنزۇچە سىستېمىغا كىرىپ پۇل ئالىدىكەن، بەزىلەر ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىلسىمۇ ئىشلەتمەيدىكەن ياكى ئىشلىتىشتىن ئەنسىرەپ يەنىلا مۇلازىمەتچى خادىمغا ئۆچىرەت ساقلاپ پۇل ئالىدىكەن. نېمە دېگەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ھە؟! دېمەك، ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىلسىمۇ، لېكىن، شۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىكەن ياكى ئىشلىتىپ بېقىشقا تىرىشمايدىكەن.

مەن ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىمەن، بۇ يەردە ئاساسەن بىلىملىك كىشىلەر توپلاشقان، ئەمما، ھەتتا چەتئەللەردە تەبىئىي پەنلەردە دوكتۇر بولۇپ كەلگەنلەر ياكى مۇشۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلىپ پىروفېسسور بولغانلار ئارىسىدىمۇ، بەزى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: 10 يىلنىڭ ئالدىدا VCD تازا ئومۇملاشقان دەۋردە، چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن بىرەيلەن CD ئاپپاراتىنى سېتىۋېلىپ، ئۆيىدىكى تېلېۋىزورغا چېتىپ قاملاشتۇرالماپتۇ. ئۆيىگە بارسام بىر قۇلىدا «ئىشلەتكۈچىلەر قوللانمىسى»نى بار ئىكەن، ئەمما، سۈرەت چىقمىدى-دەپ جىلە بولۇپ تۇرۇپتۇ. قۇلىدىكى قوللانمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەپتۇ دېسە ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئاپپارات ئىچىدە «تارىم» دېگەن VCD (سىنتەخسە) بار ئىدى. ئۇ مېنىڭ بۇ ئاپپاراتىم چەتئەلدىن كىرگەن ھەقىقىي مەھسۇلات، سۈپىتى ئىشەنچلىك، لېكىن، ماۋۇ «تارىم» دېگەن سىنتەخسە ساختا ئوخشايدۇ-دېدى. ئەمما، مەن گەپ قىلماستىن ئۇ كىشىنىڭ يان كومپيۇتېرىغا سېلىپ سۈرەتنى چىقىرىپ بەردىم. ئەمما، ئۇ بۇ سىنتەخسىغۇ ساختا ئەمەس ئىكەن، لېكىن، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ بۇ ئاپپاراتىمدا چىقمايدۇ، قارىغاندا بۇ تەخسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن ئىكەن-دەپ گۇناھنى يەنىلا سىنتەخسىگە ئارتىپ تۇرىۋالدى. مەن ئۇ ئاپپاراتنىڭ CD قويغۇچ ئىكەنلىكىنى، قوللانمىنىڭ ئىككىنچى بېتىدىكى بۇ ئۈسكۈنە قويالايدىغان CD فورماتى پەقەت Audio CD (ئۈنتەخسە) بىلەن چەكلىنىدۇ دېگەن خەتنى كۆرسىتىپ قويساممۇ، لېكىن، ئۇ سىنتەخسىدە ئاۋاز ۋە سۈرەت تۇرسا، ئاۋاز بولسىمۇ چىقىشى كېرەك ئىدىغۇ؟-دەپ تۇرىۋالدى. ئەمما، مەن ئارتۇق چۈشەندۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئىشىم بار ئىدى دەپ چىقىپ كەتتىم. بۇ مىسالدا بۇ كىشى Audio CD ئاپپاراتىدا Video CD نى كۆرىمەن دەپ خېلى تىرىشىپ باققان. ئۇيغۇرچە ATM دىن پۇل ئېلىشقا تىرىشىپ باقمايدىغان كىشىدىن زور پەرقلىنىدۇ. ئەمما، مەقسەتسىز تىرىشىپ بېقىشمۇ ۋاقىتنى ئەڭ زايە قىلغان بىلەن باراۋەر ئىكەن. بۇنداق ئىشتا نەتىجە چىقىش تەس. لېكىن، مەقسەت ئېنىق بولسىمۇ، تىرىشماسلىق ئەڭ قاملاشمىغان ئىش. بۇ خۇددى ئۇيغۇرچە ATM نى ئىشلىتىشكە تىرىشماسلىققا ئوخشايدۇ.

ئۇيغۇرسوفت يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە خېرىدارلار دائىم ئەلكاتىپ يۇمشاق دېتالى تەخسىسىنى ئۆيىدىكى VCD ياكى DVD ئاپپاراتىغا سېلىپ، سۈرەت چىقمايدىكەنغۇ؟ بۇ زادى قانداق كىنو تەخسىسى-دەپ تېلېفوندا بىزنى تىللاپ كېتەتتى. گەرچە بۇنداق خېرىدارلار ھازىر ئاساسەن قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن، «ئەلكاتىپ» نىڭ قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغانلار يەنىلا بار. ئالدىن ھەپتە بىرسى تېلېفوننى ئېلىپلا: «مەن ئەلكاتىپنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى سىلەرنىڭ تورىڭلاردىن چۈشۈرگەن ئىدىم، لېكىن ھەقسىز نۇسخىسىدا قازاقچە بولمايدىكەن»-دەپ سۆزلەپ كەتتى. مەن سۈكۈتتىكى ھالەتتە قازاقچىنى قاچىلىمايدۇ، ئەمما، كونترول تاختىسىدىن تەڭشەپ، قازاقچە كىرگۈزۈشنى قوشۇشقا بولىدۇ، ئىشلىتىش قوللانمىسىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ-دېسەم، تېلېفوندا دەپ بەرسەڭ نېمە بولىدۇ؟-دەپ تۇرىۋالدى. ئۇنداقتا، كونترول تاختىسىنى ئېچىڭ دېسەم، كومپيۇتېرىمدا ئۇنداق نەرسە يوق دەپ تۇرىۋالدى. مەن ئالدىراشلىقىمنى ئېيتىپ، بىزنىڭ مەخسۇس مۇلازىمەت تېلېفونىمىز ۋە خادىمىمىز بار، شۇ يەرگە تېلېفون قىلىڭ، ئۇلار ھەل قىلالمىغان تېخنىكىلىق مەسىلە بولسا مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي-دەپ تېلېفوننى بېسىۋەتتىم. بەلكىم، بۇ كىشى مۇلازىمەت ياخشى ئەمەسكەن دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

مەقسەت ئېنىق بولسىمۇ، تىرىشىپ باققان بولسىمۇ لېكىن، سۆزلىگۈچىنىڭ بايانىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىسە، بۇ تېخىمۇ قاملاشمىغان ئىش. شۇڭا، كىتاب ئوقۇغاندا تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئويلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھالقىلىق ئامىل ئىكەن. چۈنكى بەزىلەر تىل بىلمىسىمۇ چۈشەندۈرۈش كىتابىدىكى رەسىم، بەلگىلەرگە قاراپ ئىنگلىزچە يېزىقلارنى ئۇيغۇرچە لاتىنچە ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇپ يۈرۈپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىرىنى راۋان قىلالايدۇ. مەسىلەن: 30 يىلنىڭ ئالدىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر ناھىيەدە خەنزۇچە بىلمىسىمۇ خەنزۇچە «ئېلېكتىرون دۇنياسى» (电子世界)، «رادىيو» (无线电) دېگەن ژۇرنالنى چالا-بۇلا كۆرۈپ، سىملىق تېلېفون تېخى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىمۇ ئومۇملاشمىغان دەۋرلەردە سىمسىز تېلېفون ياساپ سۆزلىشىپ يۈرگەن، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردىمۇ رەڭسىز تېلېۋىزور ئومۇملاشمىغان ۋە ھەر قايسى ناھىيەلەردە تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ئىستانسىسىلىرى قۇرۇلمىغان دەۋرلەردە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچىنى ياساپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرگەن كىشى ئارىمىزدا بار. مەن بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم. شۇڭا، مەيلى ئۇ كىشى دوكتور بولسۇن ياكى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسۇن، ئىنسان ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

يېقىندا مەن تېخى ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىغا ئائىت ئىنگلىزچە ماتېرىياللارنى تولۇق ھەزىم قىلىپ چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئىنگلىزچە تەسىرات يازالايدىغان خادىملارنى ئىزدەۋاتسام، ئۆز ئانا تىلىدىكى قوللانمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغان ياكى تېلېفوندىكى مۇلازىمەتنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان بۇنداق كىشىلەرمۇ خېلى بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېلېفون، رەقەملىك فوتو ئاپپارات ياكى تېلېكامېرا سېتىۋېلىپ، ئىچىدىكى ئىشلىتىش قوللانمىسى بۇيىچە مەشغۇلات قىلالمىغانلارنى دائىم ئۇچرىتىپ قالىمەن. ئۇلار تېخى: «بۇ مېنىڭ كەسپىم ئەمەس، مەن دېگەن ئەدەبىياتتا ئوقۇغان تۇرسام»-دەپ قويىدىكەن. ئەجەبا بۇ نەرسىلەرنىڭ كەڭ ئاۋام بازىرىغا يۈزلەنگەن ئاددىي بىر ئىستىمال مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ قارىغاندا ب د ت نىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە بولغاندا، ئارىمىزدا «تېخنىكىلىق ساۋاتسىزلار» خېلى بار ئوخشايدۇ. 60-يىللاردا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلارغا مەيلى دېسەكمۇ، لېكىن، مەن زامانىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە بىرەرسىنىڭمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
40 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ھازىر بەزى ئورگانلاردا بارلىق يۈك كومپىيۇتىر بىلگۈچىلەرگە ئارتىلىپ قاپتۇ ، خەت باسىدىغان ، ماتىريال يوللايدىغان ، جەدىۋەل لاھىيەيدىغان ، شۇڭا ، نۇرۇغۇن خادىملار ،بىلسىمۇ . بىلمەيمەن دەپلا تۇرۋالىدكەن ، دوستۇممنىڭ ئىدارىسىدە بىللە ئوقۇش پۈتۈرۈپ خىزمەتكە چىققانلار خەت بېسىشنىمۇ بىلەمەيمەن دەپلا تۇرىۋاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ، بارلىق كومپىيۇتىردا ئېلىپ بېرىلدىغان خىزمەت دوستۇمنىڭ زىمىسىدىكەن ، باشقىلار بالدۇرلا ئىشتىن چۈشىدىكەن ، دوستۇم سىمنىنا قۇشۇپ كېچىلەپ ئىشلەيدىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:19
    • شۇنداق، ھازىر بولۇپمۇ مەكتەپلەردە شۇنداق، كومپىيۇتىر بىلىدىغان ئوقوتقۇچىلار دەرس ۋاقتىدا تولۇق دەرس ئۆتۈش، دەرستىن سرت ۋاقىتلاردا ئارخىپ يىزىش، ماتىرىيال توپلاش، جەدۋەل يوللاش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، يا دەرس يۈكىنى ئازلىتىپ بەرمەيدۇ. ئامال يوق ئىشلەيدىغان گەپ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:42
  • ساۋاتسزلىق ___دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدا بار ئىكەن.بىزدەك يېڭى دەۋر تېخنكسى ئەمدىلەتىن ئومۇملىشۋاتقان رايونلاردا تېخنكا ساۋاتسىزلىقنى توغرا چۈشنىشكە بولىدۇ. ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسى ئارقىلىق تېخنكا بىلملىرىنى ئۇگۇنشىنىڭ ،جانلىق تەپەككۇر قىلىشنىڭ زۆرۇرلىكىنى ھېس قىلدىم. ئانا تىلىمىزنى قانداق قىلغاندا خەلقنىڭ ئېتىبارىغا ئېرشتۇرەلەيمىز؟بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقشىمىز كېرەك. چۈنكى بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز
    مىللى مەدەنىيەتتىن ئايرلالمايدۇ. مەدەنىيەت- تىل بىلەن ئىپادە تاپىدۇ ئەمەسمۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:08
  • شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتى شىمالىي رايۇن (سابىق سانائەت ئىنىستىتۇتى) نىڭ كۇتۇپخانىسىدا مەن ئوقۇشقا بارغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى گېزىت-ژۇرنال ئوقۇيدىغان ئايرىم بىر چوڭ ئۆي بار ئىدى، مەن كۈندە دېگۈدەك ئەڭ يېڭى گېزىتلەرنى ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا كۆرەتتىم. كىيىن بىر تەتىل توشۇپ قايتىپ كەلسەم، ئۇ ئۆينى يوق قىلىۋېتىپتۇ، سۈرۈشتۈرۈپ سورىسام مەسئۇل ئۇيغۇر خادىم:« ھەر قېتىم باللا كىرگەندە تىزىملىتىپ ئىسمىڭلارنى يېزىپ كىرىڭلار دېسەم، جىق باللا تىزىملاتماي كىرىپ -چىقىپ يۈردى، كۇتۇپخانا باشلىقلىرى سىتاتىستىكىنى كۆرۈپ بۇ ئۆيگە كىرىپ كىتاب ئوقۇيدىغانلار بەك ئازكەن، خەنزۇچە ئۆيگە قېتىۋېتىڭلار دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە ئۆينى خەنزۇچە ئۆيگە قېتىۋەتتۇق» دېدى. شۇ چاغدا بەك ئەپسۇسلانغان ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 21:35
  • باپكا ئىشتانسىز، موزدوز يالاڭياق دەپ قوياتتى دادام. بۇ دىگەنلىك شۇ كەسىپ ئەھلىنىڭ ئۆز كەسپىگە بىپەرۋا قاراۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان تىرمىن. ئەمەلىيەتتە موزدوز ئۆزىگە ئاياق تىكىپ كىيىۋالسا بولاتتى. باپكا رەخ توقۇپ ئىشتان تىكىپ كىيىۋالسا بولاتتى. بۇ نىمە ئۇچۇن. ئەپسۇس بىزنىڭ بىر ئوبدان يېزىقىمىز بار تىلىمىز بار تۇرۇپ ئىشلەتمگەنلىكىىمىز سەۋەپلىك تىلسىز يېزىقسىز بوپ قېلىۋاتىمىز. ئالىم مۇئەللىمنىڭ دىمەكچى بولغىنى دەل مۇشۇ پاجىئە بولىشى مۇمكىن. بىز ئۇيغۇر ئەلبەتتە مۇشۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇستىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇشۇ تىلنى ئىشلىتىشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندا تىلىمىز قەدىرلىنىدۇ بىز قەدىرلىنىمىز. تىلىمىزغا بولغان بىپەرۋالىق دەل كەلگۈسىمىزگە بولغان بىپەرۋالىقىمىزدۇر. بىز ياغاچچى ئالدى بىلەن ئۇرۇندۇقنى ئوزىمىز ياساپ ئولتۇرۇپ ئاندىن باشقىلارنى تەكلىپ قىلىشىمىز كېرەك. ئالىم مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقىغا مەدەت بېرەيلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى am 08:03
  • باپكا ئىشتانسز، موزدوز يالاڭياق دەپ قوياتتى دادام. بۇ دىگەنلىك

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى am 07:42
  • تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقاي، ئالىمكا سىز ئادەتتە ئاپتۇبانكىدىن پۇل ئالغاندا ئۇيغۇرچىنى ئىشلىتەمسىز؟؟
    ئۆتكەندە ئۆزبېكىستانغا ساياھەت دېگەن يازمىڭىزدا ،بىر تورداش تىلفۇنىڭىز نېمىشقا ئۇيغۇرچە ئەمەس دېگەن سوئالىنى كۆرۈپ، ھەجەپ بىر سۇئالنى سوراپتۇ، ئالىمكام خىجىل بوپكىتىپ قالىدىغان بولدىدە دەپ ئولتۇرسام….
    ياغاچچىنىڭ ئورۇندىقى يوق دىدىڭىزمۇ (تازا ئىسىمدە قالماپتۇ)ئىشقىلىپ ئاشتاراق بىر جاۋاب بېرىپتىكەنسىز..
    شۇنىڭغا ئوخشاش سىز ئۇيغۇر يېزىقىغا سەل قاراۋاتقان يەدە ئاپتۇبانكىدىن خەنزۇچىنى تاللاپ ئىشلىتىدىغانلارنى توغرا چۈشەنسەك بولغىدەك دەپ قالدىم….
    ياغاچچى ئۆزىنىڭ ياسىغان ياغاچ ئورۇندۇقنى ياراتماي ياكى ياقتۇرماي،ئورۇندۇقتا ئولتۇرمايدۇ…يۇمشاق دەپ كىرىسلودا،پىششىق دەپ مېتال ئورۇندۇق ئىشلىتىدۇ دېگەن گەپ بۇلامدۇ؟؟ مەن تازا چۈشۈنۈپ بولالمىدىم؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 12:28
    • «ياغاچچىنىڭ ئورۇندۇقى يوق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى سىز راستىنلا چۈشىنىپ بولالمىدىڭىزمۇ؟ ياكى مەن بۇ ماقال-تەمسىلنى خاتا ئۆزلەشتۈرۈۋالدىممۇ؟ ئاخىرىقى چۈشەندۈرۈشىڭىزدىن سىزنىڭ بۇ ماقال-تەمسىلنى تازا جايىدا چۈشىنىپ بولالمىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، زادى توغرىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلار بارمۇ؟

      ئۇيغۇر يېزىقىغا قانداق قارايدىغانلىقىمنى توردىن ئىزدەپ بېقىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 14:25
  • ساۋاتسىزلىق ھەققىدە گەپ بوپتۇ مەنمۇ بىر قىزىق پاراڭنى قوشۇپ قوياي:
    ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقوغۇچى، يېزىدىكى بىر مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا بېرىپتۇ، بۇ ئوقوغۇچىنىڭ كومپيۇتېر بىلىمى ياخشى بولغاچقا، ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپنىڭ خەت ئۇرغۇچىسىغا ئايلىنىپ قاپتۇ، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ دەم ئالدۇرماي، بىر تالاي ھۆججەتلەرنى تۇتقۇزۇپ، ئىككى كۈن ئىچىدە جىددى ئۇرۇپ تەييار قىلىڭ دەيدىكەن. شۇنداق بىر جۈمە كۈنىدە، بۇ ئوقوغۇچى ھەپتە ئاخىرىنى دوستلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشكە دىيىشىپ تۇرۇشىغا، مەكتەپ مۇدىرى كېلىپ، يەنە بىر مۇنچە ھۆججەتلەرنى تۇتقۇزۇپ، جىددى تەييارلىق قىلىشنى ئېيتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇياقنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ، مەكتەپ مۇدىرىغا: «قاراڭ مۇدىر، مەنغۇ شۇندا قىلاي دېگەن، لېكىن ئىشخانىدىكى كومپيۇتېردا word تۈگەپ كېتىپتىكەن، ئۇرغىلى بولمايۋاتىدۇ، باشقا ئامال قىلالمىدىم» دېسە، مەكتەپ مۇدىرى بېشىنى تاتلاپ تۇرۇپ، يېنىدىن 200 كوينى چىقىرىپ، ئۇنداق بولسا ماۋۇ پۇلغا بىرەر يىل يەتكۈدەك ئوبدانراق word سېتىۋېلىڭ، يەنە جىددى ۋاقىتتا تۈگەپ كېتىپ ئادەم ئاۋارە قىلمىسۇن دىگۈدەك. بۇ بىچارە مۇئەللىم تا ھازىرغىچە خەت بېسىپ يۈرەرمىش …

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 14:35
  • مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،بىر كۈنى بىر ساۋاقدىشىم بارماق دېسكىسىدىكى بىر نەرسىنىڭ چىقمايۋاتقانلىقىنى بايا باشقا بىر كومپۇتېردا نورمال چىققانلىقىنى لېكىن باشقا كومپۇتېردا بولمىغانلىقىنى، مېنى ئوڭشاپ بەرسىڭىز دېدى،قارسام بىر دېتالنىڭ تىز قوزغۇتىش شەكلى(快捷方式)نىلا كۆچۈرۈپ قۇيۇپتۇ،مەن بىر بۇ دېتالنىڭ ئۆزى ئەمەس،باشقا بىر نەرسىسىكەن، دەپ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئازراق چۈشەنگەندەك بولدى،لېكىن ئۇ ساۋاقدىشىم دەرىسلەردە مەندىن ياخشى،كومپيۇتېر ئوينىغىمۇ ئۇستا.
    مىللىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ كومپيۇتېر سەۋيىسى ئانچە ياخشى ئەمەس،بەزى ئاسان،دائىم ئىشلىتىدىغان بىلىملەرنى بىلىپ كەتمەيدۇ،كومپيۇتېر بارلىرى كىنو،ناخشا،ئويۇندىن باشقىسىغا بەك ئېتۋار بېرىپ كەتمەيدۇ،ھەتتا كومپيۇتېرنىڭ سېستىمىسى بۇزلۇپ قالسا قىزىل بايراق يولغا ئاپرىپ 50يۈەنگە سېستىما قاچلىتىپ كېلدۇ،5يۈەنگە سېستىما دېسكىسىنى سېتۋېلىپ سىناپ باقمايدۇ.دېسەم گەپ تولا، بولدى……….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى am 08:25
    • مىللىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيەسى ئانچە ياخشى ئەمەس دېگىنىڭىز قانداق؟ بۇ يەردىكى مىللىي دېگىنىڭىز ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغانلارنى دېمەكچىما؟
      مەنمۇ كىچىكىدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇدۇم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئوقۇدۇم، ئۇنداقتا سىزمۇ مېنىمۇ بىر تاياقتا ھەيدەپسىزدە؟ مەن بۇ ماۋسۇمدە يەنە خەنزۇ بالىلارغا دەرس بېرىۋاتىمەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ تىرىشمايدىغانلار، ئىمتىھاندا چاندۇرماي كۆچۈرىدىغانلارمۇ ئالامەت كۆپ، لېكىن، بۇنىڭ بىلەن ھەممىسى شۇنداق دېسەك ئەلۋەتتە خاتا بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:47
  • قوش تىلدا ئوقۇپ ئالىي مەكتەپنى «خەنزۇ سىنىپى»دا ئۇقۇپ قالدىم، كۆپلىگەن خەنزۇلار بىلان ئارلاشتىم. كۆزۈتىشىمچە ئەڭ يېڭى تىپتىكى تېلفۇن، كومپيوتېر، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاساسەن ئۇلاردا تېپىلدىكەن. ئەمما «تېخنىكىلىق ساۋاتسىز»مەسلىسىنىڭ بىزگە قارىغاندا خېلىلا ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 13:35
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    بۇ ئىشلار، پەقەت بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭلا ئىچىلا بار ئەمەس،خەنزۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپ، بەزى كومپىيوتىر ۋە يۇمشاق دېتال كەسپىدە ئوقۇپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلارنىڭ ئىچىدىمۇ سېستىما قاچىلالمايدىغانلار كۆپ. شۇلاشقا ھازىر دۆلىتىمىزدە يەنىلا نۇرغۇن پروگىرامما ئاچقۇچىلارغا ئىھتىياجلىق بولىۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:07
    • شۇنداق، مەنمۇ بىر ئىنكاستا شۇنداق يازغان، ئىنگلىزلارنىڭ ھەممىسى پىروگراممېر ئەمەس،
      مەن تېخى لوندونغا بارغاندا كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان لوندونلۇق يەرلىك ئىنگلىزلارنىمۇ كۆرگەنمەن. ئىنگلىزلار ئىچىدىمۇ بۇنداق تېخنىكىلىق ساۋاتسىزلار بولغاچقا، ب د ت مۇ دۇنيادىكى ساۋاتسىزلارنى 3 كە ئايرىغان، ھازىرغا قەدەر لوندوندىكى داڭلىق تېز تاماقخانىلاردا، تاماق تىزىملىغاندا قەغەزگە يازىدىكەن، دىلشات ھېۋىزۇللا بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ ھەيران قالدى، ئۇيغۇرلار كومپيۇتېر بەك جايىدا قوللىنىپتۇ-دەپ.
      شۇڭا، تىرىشساق چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما، بۇ نەرسە بىزگە سەل كېچىكىپ ئومۇملاشتى، شۇڭا، باشقىلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە تىرىشمىساق بولمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:34
  • ئەخمەتجان مەخمۇت ناھايتى توغرا گەپ قىلىپتۇ، بىزدەك تۆۋەندە خىزمەت قىلىدىغان زىيالىيلارنىڭ «دەردىنى» بەلكىم ئالىم ئەھەت ئەپەندىملەر ئانچە چۈشەنمەيدىغاندۇ، ئالىم ئەھەت ئەپەندىم ئوتتۇرىغا قويغان ساۋاتسىزلىق ئۆلچىمى بويىچە بولغاندا بىزدىن «ساۋاتلىقلار» ناھايتى ئاز چىقىدۇ.بىزنىڭ خەلقىمىز ئىچىدە ATM ماشىنىسىنى كۆرۈپ «خۇدايا توۋا،ئاللا كارامەت» دەپ ياقا چىشلەيدىغانلار خېلى بار،دۆلەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلىدىغان «كادىرلار» ئىچىدىمۇ ATM دىن پۇل ئېلىشنى بىلمەيدىغانلار خېلى كۆپ.(مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە كۆرىۋاتقان ئىشلار).
    تۆۋەندە ئەۋىج ئالغان چىرىكلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق مېنى خىزمىتىمدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئازلا قويدى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 14:33
  • ئالىم مۇئەللىم مۇنداق بىر قىزىق ئىش بۇلۇپتىكەن ،سىزگە سۆزلەپ بېرەي ….ئىكى ئاساسەن تازا يوقرى پەيىتكە چىققان ۋاقىتتا مەلۇم بىر يېزىدىكى (بايدىكى)مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچنى ناھىيلىك مائارىپ ئىدارسىغا ماتىريال ئەۋەتىشكە كومپىيوتېرنى بىلدىغان بىرسى ئەۋەتىپتۇ ..ئەمىليەتە ئۇ ئاپرىپ بەرگۈچى كىشى شۇ مەكتەپنىڭ مەلۇم تۈردە ئوقوتقۇچى ئىكەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشگە دەپتۇ: كېرەكلىك ماتىرياللارنى قولڭىزدىكى ئاۋۇ بارماق دېسكىغا ئاغزىنى چىڭ ئىتىپ قاچلاپ قويدۇم، يولدا بارغۇچە بارماق دېسكىنى ھەرگىز تۆۋەن قىلماڭ ،بولمىسا ئىچىدىكى قىممەتلىك مۇھىم ئارخىپ تۆكلۈپ كەتسە ، ئىشڭىز چاتاق دەپ ،دەرھال ئۇنى يولغا سېلۋېتىپتۇ .ئۇ كىشى يولدا بارغىىچە ھىچكىم بىلەن پاراڭلاشماپتۇ ،پەقەت ‹ماتىرتالنىڭ › تۆكۆلۈپ كېتىشدىن ئەنسىرەپ ،ئۆرە قىلىپ تۇتۇپلا ئولتۇرۇپتۇ ..ماشىندىن چۈشۈپ ئۇدۇللا ئارخىپ ئىشخانسىغا كىرىپ ، ئارخىپ خادىمنىڭ قولىغا ئاۋايلاپ تۇتقۇزۇپتۇ .. ئارخىپ خادىمى پ س غا چېتىپ قارسا ،ئىىچىدە ھېچنەرسە يوق ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ خادىم ئچدە بىر نەرسە يوقكەن دەپتىكەن ،تاس قاپتۇ كەينىگە ئايلىنىپ چۈشۈپ كەتكىلى، مەن يولدا كەلگۈچە تۆۋەن قاراتمىسام ،قانداقسىگە تۆكلۈپ كېتىدۇ دەپ ،ئەمدى ئۇنى تاپقىلى بولمىسا تۈگىشدىغان بولدۇم دەپ نەچچە كۈن ئىشقا بارماي يۈرۈپتىكەن..مۇ شۇنىڭغا ئوخشاشچۇ ، بىلىملىك ساۋاتسىزلار ..ھا ھا ھا

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 18:52
    • ماۋۇ بەك كەپتۇ، بىلىملىك ساۋاتسىزلارغا، مەنمۇ ئۇنداقتا بىر سۆزلەپ بېرەي:
      بىز ئۇيغۇرسوفتنى يېڭى باشلىغاندا سەپلىمە كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇپ ساتاتتۇق، بىر خېرىدار بىزدىن كومپيۇتېر ئېلىپلا، ئەتىسى ئاساسىي ئاپپاراتنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. نېمە بولدى؟-دېسەم، بىزنىڭ ئىدارىدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ قاتتىق دىسكىسىدا C, D, E دەپ تۇرىدۇ، سىلەر ماڭا E دىسكىنى بەرمەپسىلەر، مېنىڭكىدە ئاران C, D دەپ چىقىدۇ، بولمىسا، مالنى قايتۇرىمەن دەيدۇ، بىز ماقۇل ئەمىسە دەپ چاي ئىچىپ ساقلاپ تۇرۇڭ دەپ، 40GB لىق بۇ قاتتىق دىسكىنى C, D, E, F,G غا بۆلۈپ بەرسەك، ۋوي بەك رەھمەت! يەنە پۇل قوشامدىم-دەيدۇ، ياق، بۇ بىزدىن سوۋغات بولۇپ قالسۇن دېسەم، كەينى-كەينىدىن رەھمەت ئۇكام، بولسا بىر مېھمان قىلسام بولاتتى-دەپ كەتتى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:18
      • ھا،ھا،ھا…، بۇنى ئالىم مۇئەللىم كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممىسىدا سۆزلەپ بەرگەنىدى. بۇغۇ ئەمدى كومپيوتېر تېخى ئەمدى ئومۇملاشقان ۋاقىتلار بولغاچقا، توغرا چۈشۈنىشكە بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى ۋاقىتتا……

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 18:34
  • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئېزىز قېرىنداشلار ، مەن مۇشۇ يىل 3-ئايدا خوتەن ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىغا بىر ماۋسۇملۇق پىراكتىكىغا كەلگەن ئىدىم. مەن كىلىشتىن ئىلگىرى كاللامدا : «دۆلىتىمىز مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ھىچ بولمىغاندا ئوقۇپ كادىر بولغاننىڭ پايدىسى كۆپ دەپ بولسىمۇ ئويلايدۇ ، شۇڭا مىنىڭچە ھازىرغە قەدەر شىنجاڭدا ساۋاتسىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قالمىغاندۇ ، ھېچ بولمىغاندا 2000-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ ئۇيغۇرتىلى يېزىقىنى ئوقۇپ يازالايدىغاندۇ » دەپ ئويلاپتىكەنمەن. لىكىن ئىش ھەرگىز بىز ئويلىغاندەك ئەمەسكەن ، بۇ يەردىكى پارىخورلۇق ، خىيانەتچىلىك ، مەنسەپپەرەسلىك ، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش ، باشقىلارغا ئورا كولاش، ھاراق سورىنىدا بىللە ئولتۇرۇشۇپ بەرمىگەنلەرگە باشقىچە نەزەردە قاراش ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ……………. بۇلارنى ئويلىسام كۆزۈمدىن ياش ئەمەس قان ئاقىدۇ. ئەگەر مەركەزنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىدىن ھەققانىي قىلىدىغان ئىش بىجىرىدىغانلاردىن مەخسۇس گورۇپپا تەشكىللەپ ، تۇيۇقسىز تەكشۇرۇش ئېلىپ بارسا نۇرغۇن ئىشلار ئاشكارلىنىدۇ ، بۇ يەردە شۇنى دىمەكچىمەنكى يەنى مۇتلەق كۆپ قىسمدىكى خەلىقىمىزنى ئېلىپ ئېيىتساق تېخى ھازىرغىچە ساۋاتسىز ، بۇ يېزىدىكى 7 مەكتەپتە جەمئىي 2000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار ، شۇنىڭ ئىچىدە 300 دىن 500 گىچە ئوقۇغۇچى ساۋادىسز ، دىمەك ئۇلار ئۇيغۇر يېزىقىنى تونۇمايدۇ ، ئوقۇيالمايدۇ ، ۋە يازالمايدۇ ، دىمەك ئۇلار دۇنيادا نەشىر قىلىنىۋاتقان ھەرقانداق كىتابنى ئوقۇيالمايدۇ دىگەن گەپ، ئانا تىلنى بىلمىگەن ئادەمگە باشقا تىلدىكى خەتلەرنى ئۆگەتكىلىمۇ بولمايدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 14:25
باھا بېتى: 1 2