يېڭى دەرس نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

يېڭى دەرس نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

«ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالىنى ياساشنى ئۆگىتىش سىنىپىدىكى دەرس پىلان بويىچە 2-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلاندى، ھەركۈنى 1-2 دەرس سۆزلەۋاتىمەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھەركۈنى 1 دەرس ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، 399 يۈەن ئېتىبار باھادىن ئەسلىگە باھاسى 499 يۈەنگە قايتىدۇ. دەرس پىلان بويىچە 2-ئاينىڭ 29-كۈنى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ. QQ نومۇرىدا ھەق تاپشۇرغان بولسىڭىز، بۇ دەرسنىڭ QQ توپىغا ئاپتوماتىك قوشۇلىسىز. چاغان مەزگىلىدە تېڭشۈن شىركىتى دەم ئالىدىغان بولغاچقا، 1080p (Blue ray) ئېنىقلىقتىكى سىن دەرسنى توپقا يوللاۋاتىمەن. دەرسنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ.

lesson0

lesson2

lesson3

lesson4

lesson1

lesson5

sql3

sql2

sql1

sql1

sql2

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
72 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مۇئەللىم مەن بۇ دەرسلىككە ئۈندىداردا ھەق تاپشۇرغاندىم.QQتوپغا نەچچە قېتىم ئىلتىماس قىلساممۇ تەستىقلانمىدى.بايام يەنە ئىلتىماس قىپ قويدۇم.ئۈندىدار ۋە QQنومرى 1660137895. مېنى توپقا قېتىپ قويغان بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 18:49
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ئالدى بىلەن بىلوگنىڭ نورمال ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن(ھازىرچە قۇرۇق بولسمۇ)….
    دەرسنىڭ ئاخىرىنى توپقا يوللاپ قويۇشقا ۋاقىتلىرى يەتمىدىمۇ ياكى ئالدىراش بولۇپ كەتلىمۇ؟ (مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى دىگەنتىلە)، ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ دەپ شۇڭا سورىشىم…. ساقلاپ ساقلاپ ساراڭ بولاي دىدىم…. (خىجىل بولۇپ يەرنىڭ تىگىگە كىرىپ كىتەي دەپ قالغان چىراي ئىپادىسى…)

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:27
  • رەھمەت مۇئەللىم، مەنمۇ ئەسلىدە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئاخىرغىچە كۆرەي دىگەن ئەمما تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئىشلىمىسەك بولمايدىكەن، شۇڭا دەرسلىكنى خىيالىمدا يەنە تۆت بەش ئاي بارغۇ دەپ ئويلاپ، سەل پەل بىكار بولغاندا كۆرەرمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن، رامزاندا ۋە روزا ھېيىتتا ئالدىراش ئەمەس، ۋاقىت كۆپ چىققان ئىدى، مۇشۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ دەرسنى داۋاملاشتۇتۇپ كۆرەي دەپ ئويلىغان، ئەپسۇس قويۇلمىدى…..
    خاپا بولماي ئاخىرنى توپقا يوللاپ بەرسىلە شۇ يەردىن چۈشۈرۈپ ئاڭلىۋالغان بولسام….

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 14:22
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم، مەن ئاشخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالىنى چۈشەندۈرۈلگەن دەرسىكە پۇل تۆلەپ تىزىملاتقان ئىدىم، ۋە شۇنداقلا 18 قىسىم دەرسنى شۇنداق تەپسىلى قايتا–قايتا ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئاخىرنى پەقەت كۆرەلمەيۋاتىمەن، توپقا ئىنكاس قىلاي دىسەم خەت يېزىش ھوقۇقۇم چەكلىنىپتۇ، دەرسنى كۆرۈپ ئۆگىنىپ يېرىمدىن ئاشقاندا توختاپ قالسام بولمايىتتى، قانداق قىلارمەن؟ قايتا ھەق تاپشۇرىدىغان ئىش بولسىمۇ مەيلىتى، مۇشۇ دەرسنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىۋالغان بولسام…
    دىگەن دەرسنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىيالمايۋاتىمەن数据库通用模块的设计

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 14:48
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
      دەرس 2-ئايدىلا تامام بولغان، ئاندىن يەنە 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە 2 ئاي توردا تۇرغان ئىدى، كۆرىدىغانلارمۇ ئاساسەن قالمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرسنى ئېلىۋېتىپ يېڭى دەرس سۆزلىدىم، توپتىمۇ قالايمىقان مەزمۇنلار يوللىنىدىغان بولۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ توپنىمۇ چەكلەپ قويدۇم. مەن ئۇنداقتا مۇشۇ ھەپتىدە ئاخىرقى دەرسلەرنى توپقا يوللاپ قوياي، شۇ يەردىن ئاڭلاڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 08:32
باھا بېتى: 1 2 3 4