يېڭى دەرس نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

يېڭى دەرس نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

«ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالىنى ياساشنى ئۆگىتىش سىنىپىدىكى دەرس پىلان بويىچە 2-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلاندى، ھەركۈنى 1-2 دەرس سۆزلەۋاتىمەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھەركۈنى 1 دەرس ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، 399 يۈەن ئېتىبار باھادىن ئەسلىگە باھاسى 499 يۈەنگە قايتىدۇ. دەرس پىلان بويىچە 2-ئاينىڭ 29-كۈنى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ. QQ نومۇرىدا ھەق تاپشۇرغان بولسىڭىز، بۇ دەرسنىڭ QQ توپىغا ئاپتوماتىك قوشۇلىسىز. چاغان مەزگىلىدە تېڭشۈن شىركىتى دەم ئالىدىغان بولغاچقا، 1080p (Blue ray) ئېنىقلىقتىكى سىن دەرسنى توپقا يوللاۋاتىمەن. دەرسنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ.

lesson0

lesson2

lesson3

lesson4

lesson1

lesson5

sql3

sql2

sql1

sql1

sql2

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
72 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز ، ئاشخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دىتالى تۈزۈش دەرسىڭىزنى سېتىۋالماقچى ئىدىم، تېڭشۈن دەرسخانىسىدىن سېتىۋالغىلى بولمىدى(سېتىۋىېلىش كۇنۇپكىسى يۇرۇمىدى)، ھازىر قايسى ئۇسۇلدا سېتىۋالالايمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 14:45
  • ئاشخانا باشقۇرۇش دېتالىنىڭ دەرسلىكلىرىنى چۈشىرىۋالسام بەك ياخشى بولاتتى،پۇلنى تۆلەپ قويۇپ دەرسلىكنى ئاڭلىيالمىدىم ،ئالىم مۇئەللىم دەرسلىكنى چۈشۈرىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولارمۇ ياردەم قىلغان بولسىڭىز .سىرتتا خىزمەت قىلىش سەۋەبلىك دەرسنى ۋاقتىدا ئاڭلىيالمىدىم،ئەمدى ئاڭلاي دىسەم دەرس توختىلىپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:54
  • ئاشخانا باشقۇرۇش سېستىمىسى سىنلىق دەرسىنى ئاڭلاپ بولالمىغان ئىدىم،ئاچسام ھىچ تاپالمايۋاتىمەن .خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى ئەمدى ۋاقتىم چىققان ئىدى،مۇئەللىم قالغان قىسىملىرىنى قەيەردىن ئاڭلايمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:07
  • مۇئەللىم ، مۇشۇ دىتالنىڭ ئەپ دىتالىنى يوللاپ بەگەن بولسىلا بەك ئوبدان بولاتتى ، چۈنكى ھېچقانداق ئاشخانىدا پۇكەيدە تۇرۇپ تاماق بۇيرۇتمايدىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:36
  • مۇئەللىم ، مۇشۇ دىتالنىڭ ئەپ دىتالىنى يوللاپ بەگەن بولسىلا بەك ئوبدان بولاتتى ، چۈنكى ھېچقانداق ئاشخانىدا پۇكەيدە تۇرۇپ تاماق بۇيرۇتمايدىكەن ، توپقا يوللاپ بەگەن بولسىلا، رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:35
  • ئالىم مۇئەللىم ، يۇقارقى دەرىسلىكنىڭ ئەسلى كودىنى چۈشۈرىۋالدىم كۆپ رەھمەت سىزگە لىكىن بىر يىرى كامدەكلا، سىمسىز تاماق بۇيرۇيدىغانغا ئەپ دىتالىنى چ چ توپىغا تەمىىنلىسڭىز بوپىكەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 14:11
  • ئالىم مۇئەللىم،مۇمكىن بولسا ئاشخانا باشقۇرۇش دىتالىنىڭ نورمال ئەپ نۇىخىلىرىنى تەمىنلەپ قويسىڭىز بولاتتى. چۇنكى بۇ دىتالدا ئەپتە تاماق يوللايدىغان ئىغىزى باركەن ئەمەسمۇ؟،چچ توپىمىزغا يوللاپ قويسىڭىزكەن،رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 13:31
  • ئەسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا ، بۇ دەرىسلىكنى سېتىۋالدىم ، لىكىن vb.netدەرىسلىكنى تېخى تولۇق كۆرۈپ بولالمىغان ، ماڭا دەرىسلىكلىرىڭىزنى كۆرۈشكە باشلىغىلى ئەمدى تېخى 20 كۈن بولدى ، لىكىن ئەپسۇس 4- ئاي كىرىپ بولغاچقا vb.net ھەقسىز دەرىسلىك ۋاقتى توشۇپ كۆرگىلى بولماس بولۇپ قېلىپتۇ ، مەن تولۇق كۆرۈۋېتىپ ئۇنىڭدىن كىيىن سېتىۋالغان بۇ دەرىسلىكنى كۆرەي دىگەن ئىدىم ، مۇمكىن بولغان بولسا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بەكمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم،
    چ چ : 406979428

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 16:50
    • شۇنداق، ئۇ دەرسنى قايتا يوللاشقا بولمايدىكەن، ۋاقتى توشۇپ قاپتۇ. مەن بەلكىم ۋاقتىم يەتكەندە قايتا ئېلان قىلىشىم مۇمكىن، لېكىن ھازىر مۇشۇ ئاي ئىچىدە #C نى سۆزلىمىسەم، بۇ سىنىپتا 4000 غا يېقىن ئادەم مېنى ساقلاۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر سىز 1 ئادەمنى ئويلاشقا پەقەت ئىمكانىيەت يار بەرمەيۋاتىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى am 11:06
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مەن دەرىسخانىڭىزغا كىرىپ vp.netدەرىسىنى كۆرۈپ باقاي دەپ 报名 نى باسقاندىن كىيىنكى بەت شۇنداق ئۇزۇندا ئېچىلىپ ئىچىدىكى مەزمۇنلار قالايمىقان تىزىلغان ھالەتتە كۆرۈلۈپ دەرىسنى كۆرۈش ئورنىنى پەقەت تاپالمىدىم ، مىنىڭ توردىكى مەسىلىمۇ ياكى قانداق پەقەت بىلمىدىم ، مۇمكىن بولسا مىنى vp.netدەرىسى يوللىنىدىغان توپقا قوشۇپ قويسىڭىز دەرىسلەرنى توپتىن كۆرىۋالغان بولسام سىزدىن بەكمۇ رازى بولغان بولاتتىم ، رەخمەت
    چ چ : 406979428

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 23:21
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم .
    مەن ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلەپتىكەنمەن QQ توپىغا كىرەلمىدىم . قوشۇپ قويالارسىزمۇ …؟
    تىزىملاتقان ئۈندىدار نۇمۇرۇم : 377977353
    QQ نۇمۇرۇممۇ ئوخشاش .

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:07
  • vb توغرىسىدىكى ھەقسىز سۆزلىگەن دەرىسىڭىزنى توپلام قىلىپ بىرەر بوشلۇققا يوللاپ تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز

    c# توغرىسىدىكى دەرىسىڭزنىڭ ئاخىرىنى قاچان باشلايسىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:47
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ياخشىمۇ سىز مۇئەللىم. بىز ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى چىكىۋاتىسىز. سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
    مەن ئۆزۈم خوتەندىن بولىمەن. بىزنىڭ بۇ تەرەپتە تور تازا نورمال ئەمەس. بىلوگىڭىزدىكى يىڭىلىقلاردىن خەۋەرسى قاپتىمەن. مەن مۇشۇ دەرىسكە تىزىملىتاي دېگەن ئىمدى. لېكىن دەرىس تۈگەپتۇ. ھازىر پۇل تۆلىسەكمۇ نورمال كۈرەلەمدۇق. پىلاستىنكا نۇسقىسى ياكى پۈتۈن دەرىسلىكنىڭ تەپسىلىي چۈشۈرۈش ئادرىسى بېلەن تەمىنلەپ بېرەلەمسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 18:16
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، دەرس مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى تۈگەيدۇ، ئەمما دەرسخانامدا بىرنەچچە ئاي ساقلىنىدۇ، بۇ سىنغا ئېلىپ سۆزلىگەن دەرس بولغاچقا، ئۈلگۈرەلمەيدىغان ئىش بولمايدۇ، قاچان ۋاقتىڭىز بولسا، شۇ چاغدا ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:36
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشمۇ سىلى ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تىڭشۈن دەرسخانىسىدا يېڭى دەرس چىقمغاندىن كىيىن مەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ ۋاقتى چىقماي دەرس سۆزلىمىگەن ئوخشايدۇ دەپقاپتىمەن . بۇگۈنۈ بلوگلىرىنى كۆرگەندىن ئاندىن دەرسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىغى ،ۋە باشقا توپقا ئەۋەتىلۋاتقانلىغىنى بىلىدىم . شۇڭلاشقا خاپا بولماي مېنمۇ ئاشۇ توپقا قوشۇپ قويغان بولسىلا . چ چ نومۇرۇم ۋە ئۇندىدار نومۇرۇم . 858351524 .ئىسمىم mamataili110 . پۇلنى ئۈندىداردا تۆلىگەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:07
    • مەن پەقەت 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تازىلىغان ئىدىم، قارىغاندا سىز شۇنىڭدىن بۇيان دەرسكە كەلمەپسىز، قايتا ئىلتىماس قىلىڭ قوشۇپ قوياي، لېكىن دەرس ئاخىرلىشاي دېدى، پۇل تۆلىگەن بولسىڭىزلا، ھەقلىق دەرسنى يەنىلا alim.ke.qq.com دىن ئاڭلاڭ

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:38
  • مەن توپتىنمۇ چىقرۋىتىلىپتىمەن يېڭى دەرسمۇ كۆرەلمەيۋتىمەن بۇ قانداق ئ‍ەھۋال

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 13:01
  • ئالىم مۇئەللىم، java نىڭ ئۇيغۇرچە سىنلىق دەرسلىكى بولسا سېتىۋالاي دېگەنتىم، مۇمكىن بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:04