يېڭى دەرس نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

يېڭى دەرس نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

«ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالىنى ياساشنى ئۆگىتىش سىنىپىدىكى دەرس پىلان بويىچە 2-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلاندى، ھەركۈنى 1-2 دەرس سۆزلەۋاتىمەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھەركۈنى 1 دەرس ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، 399 يۈەن ئېتىبار باھادىن ئەسلىگە باھاسى 499 يۈەنگە قايتىدۇ. دەرس پىلان بويىچە 2-ئاينىڭ 29-كۈنى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ. QQ نومۇرىدا ھەق تاپشۇرغان بولسىڭىز، بۇ دەرسنىڭ QQ توپىغا ئاپتوماتىك قوشۇلىسىز. چاغان مەزگىلىدە تېڭشۈن شىركىتى دەم ئالىدىغان بولغاچقا، 1080p (Blue ray) ئېنىقلىقتىكى سىن دەرسنى توپقا يوللاۋاتىمەن. دەرسنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ.

lesson0

lesson2

lesson3

lesson4

lesson1

lesson5

sql3

sql2

sql1

sql1

sql2

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
72 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسالامۇ ئەليكۇم
    مەن ئالدىنقىى كۈنى ئۇندىدار ئارلىق دەرىسىڭىزنى سىتۋالغان ئىدىم
    يوللانغان 【录播】数据库通用模块的设计 بۇ دەرىسنى كۈرۈپ بولۇپ ئاخىرنى تاپالمىدىم
    دەرىس تۈگدىمۇ ياكى داۋاملىشۋاتامدۇ بىللمىدىم چچ غا خەت يازسام جاۋاپ يوق شۇڭا ئىنكاس يىزشىم
    مىنىڭ چچ نۇمۇرم 2978228032 بولسا توپقا قىتىپ قويسىڭىز ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولسام

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:36
  • مەن vb net دەرسلىكىنى يىڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان ئىدىم، تولۇق دەرسلىك بولسا سېتىپ بەرگەن بولسىلا

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:16
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، مەن VB.net دەرىسىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەرىسىنى يەنى 综合应用例子1 دىگەن دەرسنى ئاچالمايۋاتىمەن، بۇ توردىكى سەۋەبمۇ ياكى بىلەلمىدىم،، ئاندىن مېنى ئاشخانا باشقۇرۇش يېڭى دەرسىڭىزنىڭ چ چ توپىغا قوشۇپ قويغان بولسىڭىز، ئۇزۇندىن بېرى قوشالمايۋاتىمەن، رەھمەت مۇئەللىم. چ چ نومۇرۇم: 3247468732
    111- بولۇپ تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىڭىز …

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 17:34
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، مەن VB.net دەرىسىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەرىسىنى يەنى 综合应用例子1 دىگەن دەرسنى ئاچالمايۋاتىمەن، بۇ توردىكى سەۋەبمۇ ياكى بىلەلمىدىم،، ئاندىن مېنى ئاشخانا باشقۇرۇش يېڭى دەرسىڭىزنىڭ چ چ توپىغا قوشۇپ قويغان بولسىڭىز، ئۇزۇندىن بېرى قوشالمايۋاتىمەن، رەھمەت مۇئەللىم. چ چ نومۇرۇم: 3247468732
    117 بولۇپ تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىڭىز …

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 17:21
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ، مەن پروگرامما تۈزۈشنى( C#) يىڭىدىن ئۈگىنىۋاتقان دىسەممۇ بۇلىدۇ ، دەسلەپكى تىل قىسمىنى ئاساسەن كۈرۈپ بولدۇم . بۇنى ئۈگىنىش ئۈچۈن سېتىۋالغان كىتاپلىرىممۇ شۇنچە كۆپ . لىكىن ئۇيغۇرچە سۆزلەنگەن دەرستىن ئۈگەنسەم ۋە ھازىرچە بۇ بىر تىلغا بەك پۇختا بولسامكەن ، بۇ تىلنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن باشقا تىللارنى كۈرسەم ياخشى بۇلارمىكىن دەپ ئويلىغانتىم . بولمىسا دەسلەپ بىر تىلغا كىرىپلا ئۇنى ياخشى ئۈگىنىپ بولمايلا ھېلى ئۇنى ، ھېلى بۇنى كۈرۈپ يۈرسەم ھەم دىققەتلەر ئىككىگە بۈلىنىپ ھېچقايسىنى ياخشى ئۈگىنەلمەي قالارمەنمىكىن دەپ ئويلىدىم . ئۈمىدىم شۇكى ھەقلىق بەلكى قىممەترەك بولسىمۇ C# يۇقىرى باسقۇچلىرى ۋە ئەمەلىي تۈرلەرگە قەدەر بىر سۆزلىگەن بولسىڭىز ، ئۇنىڭدا بەك خۇرسەن بۇلار ئىدۇق !

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى am 11:15
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ، مەن پروگرامما تۈزۈشنى( C#) يىڭىدىن ئۈگىنىۋاتقان دىسەممۇ بۇلىدۇ ، دەسلەپكى تىل قىسمىنى ئاساسەن كۈرۈپ بولدۇم . بۇنى ئۈگىنىش ئۈچۈن سېتىۋالغان كىتاپلىرىممۇ شۇنچە كۆپ . لىكىن ئۇيغۇرچە سۆزلەنگەن دەرستىن ئۈگەنگۈم ۋە ھازىرچە بۇ تىلغا بەك پۇختا بولسامكەن ، بۇ تىلنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن باشقا تىللارنى كۈرەيمىكىن دەپ ئويلىغانتىم . بولمىسا دەسلەپ بىر تىلغا سەل بىر ئاساس سېلىپلا ئۇنى ياخشى ئۈگىنىپ بولمايلا ھېلى ئۇنى ، ھېلى بۇنى كۈرۈپ يۈرسەم ھەم دىققەتلەر ئىككىگە بۈلىنىپ ھېچقايسىنى ياخشى ئۈگىنەلمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم . شۇڭا ھەقلىق بولسىمۇ C# نى بىر سۆزلىگەن بولسىڭىز مۇئەللىم . مەن ئاۋۋال C# قا پۇختا بولغاندىن كىيىن ئاندىن vb نى كۆرسەم . بەلكىم مەندەك ئويلايدىغانلارمۇ كۆپ بۇلىشى مۇمكىن ، شۇڭا ھەم شۇلارغا ھەم ئۈزۈمگە ۋەكالىتەن بۇنى يازدىم ، ئويلىشىپ باقسىڭىز مۇئەللىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى am 07:44
  • ئەسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەلىم
    قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن شۇنداق ياخشى دەرىسلەرنى سۆزلەپسىز كۆپ رەخمەت
    مەن ئاشخانا باشقۇرۇش دىتالى دىگەن دەرسلىكنى سىتۋالاي دىگەن
    ھازىرمۇ سىتۋالساق بولامدۇ مىنىڭ چچ نۇمۇرمۇم
    2978228032

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 18:30
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئىلگىرى بىلوگىڭىزدىن ۋوردپرېسسنىڭ ئۇيغۇرسوڧتنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە قويۇلغانلىقى ھەققىدىكى بىر تېمىنى كۆرگەنىدىم . شۇ چاغدا بۇ جەھەتتىكى ئوي-پىلانلىرىڭىزلارنىڭ تەپسىلاتلىرىدىن خەۋەر سوراپ ئىنكاسمۇ يازغانىدىم . شۇنىڭدىن كېيىن ۋوردپرېسسكە ئالاقىدار تېمىلار تەماسىدا بىلوگىڭىزنى پات-پات يوقلاپ تۇردۇم . ۋوردپرېسسكە قارىتا بۇنچىلىك دىققەتتە بولۇشۇم ۋوردپرېسسكە بولغان ئېھتىياجىم سەۋەبلىك ئىدى …
    ئىنكاس سەھىپىسىدە داۋاملىق يېزىشنى بىئەپ بىلدىم ، راۋا كۆرسىڭىز ئېلخەت ئادرېسىمغا ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى يوللاپ بەرسىڭىز ، قالغان گەپلەرنى سىز گە خاس ئېيتقان بولسام .
    ھۈرمەت بىلەن تاغلاش
    2016 . 3 . 4

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 18:22
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم
    vs 2013 تە ياسىغان يۇمشاق دىتالنىڭ قاچىلاش پىروگىراممىسىنى قانداق ياسايمىز ؟
    vs 2010 نىڭ ئۈزىنىڭ بارئىدى .
    توردىن شۇ توغرىلىق ماتىريال ئىزدىسەم InstallShield 2013 ئارقىلىق ياسايدۇ دەپتۇ بىراق ئورگان بېتى پەقەت نورمال ئەمەس چۈشۈرەلمىدىم ھەم ئاكتىپلىيالمىدىم ، ئامال بولسا كۆرسەتكەن بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 20:35
  • c# توغرىسىدىكى دەرىسىڭىزنى قاچان باشلايسىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 20:02
  • مۇئەللىم مەن ئەس چ ئەل دېگەن نەرسىنى بىر قېتىم قاچىلاپ ئۆچۈرىۋېتىپ قايتا قاچىلىسام دائىم مەغلۇب بولدى بۇنى قانداق ھەل قىلىمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:23
  • يەنە بىركۈن 399 قىلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، مەن پۇل تەيياترلاپ بۇلغىچە 500يۈەنگە چىقىپ بوپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 13:52
  • يەنە بىر سۇئالنى سوراشنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن ئالىم مۇئەللىم ،# C تىلىدىمۇ مۇشۇنداق دىتاللارنى ياساشنى دەرىسلىك قىلىپ ئۆتەمسىز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 20:28
    • ئەگەر مۇشۇنداق بىر دېتالنى VB.NET ياساپ چىقساڭلارمۇ رازى بولمامسىلەر؟ بۇنداق سانداق باشقۇرۇش قوللانما دېتالىنى VB.NET ياسىساڭلارمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە، قىلچە پەرقى يوق.
      قېنى قاراپ باقايلى، قىزغىنلىق يۇقىرى بولسا، مەن مۇشۇنداق دېتال ياساشنى داۋاملىق ئۆگىتىمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 13:33
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مەن دەرسىڭىزنى توردا ئاڭلاي دىسەم خىزمەت سەۋەبى بىلەن قاتنىشالمايدىكەنمەن ، مۇنكىن بولسا دەرىسلىكىڭىزنىڭ
    سىن ماتىريالىنى سېتىۋالاي دىگەنتىم . سىز بىلەن قانداق ئالاقىشىمەن .
    ئالاقىلشىش ئۇسۇنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 20:19
  • مۇئەللىم،بۇ دىتالنى سىمسىز تور ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق مەلۇم بىر تاماق يىزىش ئۈسكۈنىسى بىلەن باغلىغىلى بولامدۇ؟مەسلەن ئايپەد دىگەندەك؟ئەگەر بوپ قالسا شۇنىڭدىكى سىستىمىنىمۇ ياساشنى ئۈگۈنەمدۇق،مىسالى تاماقنى ئايپەدتە يىزىپ يوللايدىغان ئىش بولسا ،بىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتايىن ios دىتالىنى ياساشنى ئۈگىنەمدۇق؟ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 16:21