ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016 نى سېتىۋېلىش
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016»نىڭ يېڭى نەشرى تاماملاندى، پات يېقىندا (تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىچىدە) ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ لۇغەتتە ئۆزگىرىش كۆپ بولۇپ، سۆزلۈك مىقدارى تېخىمۇ كۆپەيتىلدى، ئىملا ۋە تەرجىمىدىكى خاتالىقلار ئاساسەن تۈگىتىلدى، ئەڭ يېڭى ئاتالغۇلارمۇ تولۇقلاپ كىرگۈزۈلدى، خېرىدارلارمۇ ئىشلىتىش ھەققىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىدۇ.
لۇغەتنىڭ سۆزلۈك مىقدارىنى ھېسابلاپ كۆرەيلى، بۇ لۇغەتكە جەمئىي 2 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق سۆز-ئىبارە كىرگۈزۈلگەن.
ھەر بىر بەتكە 3 ئىستون، ھەر بىر ئىستونغا 33 دىن سۆز تىزىپ، بېسىپ چىقارساق، بىر بەتكە تەخمىنەن 100 سۆز پاتىدۇ. بۇ A4 قەغىزىنىڭ بىر ۋارىقىدۇر.
ئەگەر ھەممە سۆزنى بېسىپ چىقارساق، تەخمىنەن 24,123 بەت بولىدۇ. بىر بولاق A4 قەغەز 500 بەت بولۇپ، جەمئىي 42 بولاق A4 قەغەز كېتىدۇ، تەخمىنەن 800 يۈەن ئەتراپىدا قەغەز كېتىدۇ.
ئەگەر بۇ 42 بولاق A4 قەغەزنى ئۈستىلەپ قويساق، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2 مېتىر 40 سانتامېتىر بولىدۇ. (ئەمەلىيەتتە قەغەزنى بېسىپ چىقارساق كۆپىدۇ، تېخىمۇ ئېگىز چىقىدۇ، ئۆيىڭىزنىڭ تۇرۇسىغا تاقىشىدۇ)
مۇشۇنداق قىممىتى بار لۇغەتنى 180 يۈەندىن بىر ئاي ئېتىبار باھادا ساتماقچى، بىر ئايدىن كېيىن ئەسلىدىكى باھاغا قايتىدۇ.
=======================================
تۆۋەندە ئۈندىدار ۋە ئەلى چىقىمدانىدا سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىمىز.
- يازما كۆرۈلۈشى: 2,300 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2016-يىلى 07-ئاينىڭ 18-كۈنى am 10:14
- ئالدىنقى يازما :How-to Stop a Research Paper
- كېيىنكى يازما :Critical Evaluation Document Topics
مەن لۇغەتنى چۈشۈرسەم ئاكتىپلاش نومۇرى كەلدى،قوزغاتسام ئاكتىپلاش نومۇرى تەلەپقىلماي ئېچىلدى بۇ نورمال ئېچىلغان ھىساپلىنامدۇ؟
ئەلۋەتتە، ھەقسىز 7 كۈن ئىشلىتەلەيسىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئالىمكا ، مەن ئۈندىدار ئارقىلىق بۇ لۇغەتنى سېتىۋالغانىدىم ، ئۆزۈم خىزمەت مۇناسۋىتى بىلەن چەتئەلدە ئىشلەيمەن، مۇشۇ ئاكتىپلاشتا مۇلازىمەت نومورىنى تېلفوندىن باشقا ئۇسۇلدا ئىرىشىشنىڭ ئامالى بارمۇ ؟ بولسا ئىلخەت ئارقىلىق ئاكتىپلاش نومورىغا ئىرىشكىلى بولغان بولسا بىزدەكلەرگە بەك قولايلىق بولاتتىكەن .
بۇرۇنقى لۇغەتنى سېتىۋالسىڭىز، مانا register.uighursoft.com
ئەمما يېڭى لۇغەتنى ئۇنداق قىلمايسىز، مەھسۇلات نومۇرىنى كىرگۈزۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ
ئاۋارە قىلدىم مۇئەللىم ،تېلفۇن قىلدىم ،ئۇلار بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى ،سىزنى كەلسە سوراپ باقايلى ،دەيدۇ ،ئەمما مەن لۇغەتنى ناھايىتى توغرا قاچىلىدىم ،ئاكتىپلىدىم،ھەرگىز ئىككى كومپىيوتىردا تەڭ ئاچمىدىم ،بۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايمەن ،سىز سۆزلىگەن سىن فىلىمى بويىچە قايتا-قايتا قىلدىم ،لېكىن لۇغەتنى زادىلا ئىشلىتەلمىدىم ،قانداق قىلسام بولا ،بولمىسا پۇلنى قايتۇرۇۋالسام بولامدۇ ؟قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئالدىم .
مەن ھازىر سەپەردە، مەن بۇ جايدىمۇ لۇغىتنى نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن، كومپيۇتېرىڭىز ئىنتېرنېتكە ئۇلانسىلا مەسىلە چىقمايدۇ، مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا قايتىمەن، ئەگەر قايتۇرۇپ بەر دېسىڭىز قايتۇرۇپ بېرىمىز، بىرنەچچە كۈن سەبىر قىلىپ تۇرۇڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ،مەن لۇغەتنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ،كۆرسەتمە بويىچە كومپىيوتىرىمغا قاچىلاپ ،ماڭا تەمىنلىگەن مۇلازىمەت نومۇرى بويىچە ئاكتىپلاشتۇردۇم ،لېكىن لۇغەتنى قەتئىي ئىشلىتەلمىدىم ،ئىككى كومپىيوتىردا تەڭ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ،دەپلا چىقىۋالدى ،قايتا-قايتا سىناق قىلساممۇ بولمىدى ،ياردەم قىلغايسىز ،رەھمەت !
ئاكتىپلاشقان بولسا ئىشلەيدۇ، ئەمما شۇ ىككى كومپيۇتېردا تەڭ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، مەن ھازىر يىراق سەپەردە بولۇپ قالدىم، مۇلازىمەت ئورنىمىزغا تېلېفون قىلىپ بىلىۋالسىڭىز، رەھمەت
0991-2813300