قۇتيار فونت قاچىلىغۇچ 2.0 ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

قۇتيار فونت قاچىلىغۇچ 2.0 ئېلان قىلىندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار
بىز ئالدىنقى قېتىم [ئۇيغۇرچە ئەپ] [Android] قۇتيار فونتلىغۇچ Samsung نۇسخىسى ئېلان قىلىندى دېگەن تېمىدا تىلغا ئالغان ھەرقانداق نەشردىكى (2.3دىن يۇقىرى بولغان) Android يانفونلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئەپچىسىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان ئىدۇق.
مانا ئەمدى شارائىتلار پىشىپ يېتىلگەچكە بۇنى ئېلان قىلدۇق. ئۇنداقتا ئارتۇق گەپنى قويۇپ نەق گەپكە كېلىپ ئەپكە قارايلى.
بۇ ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
1 . Android نەشرى 4.0 دىن 5.0 گىچە بولغان ھەرقانداق يانفونغا ماس كېلىدۇ. ئەمما شەرت چوقۇم ROOT ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. چالا ROOT ھوقۇقى ئېلىنىپ قالسا ئىشلىمەيدۇ.
2 . ئەپ ئىچدىكى مۇقىم تۈز خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە تونۇتالايسىز.
3 . ئۆزىڭىز خالىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى يانفونىڭىزنىڭ SD كارتىسى ئىچىدىكى Qutyar دېگەن ھۆججەت قىسقۇچقا كۆچۈرۈپ قويۇپ، SD كارتىدىن فونت تاللاپ قاچىلاش دېگەن ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
4 . قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى تۈزۈپ چىققان ھەقلىق ۋە ھەقسىز ئەپلەرنى چۈشۈرەلەيسىز.
5 . مۇشۇ ئەپكە قارىتا تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا بىۋاسىتە بېرەلەيسىز.

ئەپ كۆرۈنمە يۈزى:
001.png
002.png

004.png
005.png

ئەپنى چۈشۈرۈش
Qutyar-FontInstaller2.0.apk (648.41 KB) چۈشۈرۈش سانى: 0

ئەپ سىغىمى: 648KB

ئەسكەرتىش:
تېما مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا تور بېكەتلەرگە ۋە ئەپ بازارلىرىغا چىقىرىپ قويسىڭىز بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پايدىلانسۇن.
ئەمما بۇ ئەپنى ئىشلىتىپ تېلېفونىڭىز بۇزۇلۇپ قالسا ياكى كېسەك بولۇپ قالسا بىز مەسئۇل بولالمايمىز، شۇڭا ئامال بار Rootھوقۇقى تولۇق بولغان يانفونلاردا سىناڭ. بىز ئىچكى قىسىمدا 30-40 خىلغا يېقىن يانفونلاردا سىناپ سىناقتىن ئۆتكۈزدۇق ئەمما بىز سىنىمىغان يانفونلارمۇ بار.
ئەمدى بىز ياخشى ئىش قىلىمىز دەپ ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تىل ھاقارەتلىرىگە قالمايلى.

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
قۇتيار تور بېكتى

2015-يىلى 8-ئاپرېل

ئاخىرىدا ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بلوگىدىن مۇشۇ تېما ئۈچۈن بىر كىشلىك ئورۇن ئاجرىتىپ بەرگىنىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
7 پارچە باھا يېزىلدى
  • مەن خەيشىن 980 نى ئىشلىتىۋاتقان، رووت ھوقۇقىغىمۇ ئىرىشكەن .ئىلگىرى ئەيزىتى دىگەن ئەپتىن پايدىلىنىپ خەت نۇسخىسىنى ماسلاشتۇرغان . ‹ ە › ھەرپىدىن باشقىلىرى ئۆلچەملىك كۆرۈنگەن ئىدى . قۇتيار فونت قاچىلىغۇچىنى ئىشلەتسەم پۈتۈنلەي ئۆلچەملىك كۈرۈندى . بۇ ئەپني تارتقاتقۇچىغا چەكسىز تەشەككۈر ئېيتىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:01
  • ئەلىشىرگە:
    触宝输入法国际版 نى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ خەلقئارالىق نۇسخىسىدا ھەرخىل يېزىقلارنى بىر كونۇپكا بىلەنلا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. ھەم تېخى ئۇيغۇرچىنىمۇ ئاپتوماتىك كىرگۈزگىلى بولىدۇ. تېخى ئۆزنىڭ كۆپ ئىشلەتكەن سۆزلەرنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:14
  • سەرخىلغا جاۋاب:
    شۇ تېمىنى تولۇق ئوقىغان بولسىڭىز سەۋەبىنى بىلەتتىڭىز. سىناشقا ئالدىراپ تولۇق ئوقۇماپسىز.
    root ھوقۇقى يوق ئەھۋالدا ئۇ پەقەتلا سىستېما ئىچىدىكى خەتلەرنىلا ئۇيغۇرچە قىلىپ بېرىدۇ، سىستېما سىرتىدىكى بىلەن كارى يوق. بولسا قايتا تولۇق ئوقۇپ بېقىڭ شۇ تېمىنى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:36
  • كۈلكە بۇرادەر مەن سەنشىڭ تېلىفۇنغا سىلەر تارقاتقان مەخسۇس سەنشىڭ ئۈچۈن تەييارلىغان فونىتنى قاچىلىسام تېلىفۇننىو ئۈستەل يۈزىدىكى خەتلەر چىرايلىق بۇلىدىكەن…ئەمما ئۈندىدار ۋە باشقا ئەپلەردىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا تۇرىدىكەنغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:33
  • ئەلشىرگە جاۋاب:
    سەنشىڭ بولسا روتلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى سەنشىڭ نۇسخىسىنى ئىشلىتىسىز، باشقا تېلېفونلارغا چوقۇم روتلاپ ئىشلىتىسز. چۈنكى خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئالىي ھوقۇققا موھتاج بولىدۇ ئەمەسمۇ.
    كىرگۈزگۈچكە http://www.chubao.cn ماۋۇ يەرگە كىرىپ خەلقئارالىق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى چۈشۈرسىڭىز بىمالال ھالدا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە باشقا تىلدا يازالايسىز،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:32
  • تۈزۈك بىر كىرگۈزگۈچ بولسا بولاتتى. نۇرغۇن كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىپ باقتىم يەنىلا مۇلتى بولىدىكەنتۇق لېكىن ھازىر چۈشۈرەلمىدىم، ئامالسىز بىلكاننى ئىشلىتىۋاتىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى am 00:37
  • مۇشۇ روتنى ئالماي تۇرۇپ قىلىغىلى بولمامدۇ زادى بۇنى.
    روت ئالغاندىن كېيىنلا تېلفون زادى ئوبدان ئىشلىمەيدىكەن، ئەخلەت ئەپلەر تولا قاچىلىنىۋالىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى am 00:31