نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرچە سىممېتىرىك سۆزلەر

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، تاغدىن-باغدىن ]

يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار توپىدا مۇنداق تېپىشماق ئايلىنىپ يۈرمەكتە يەنى ئالدى-كەينىدىن ئوقۇسا ئوخشاش مەنا بېرىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزلەر بار، ئۇلار قايسىلار؟ 5 نى تاپالامسىز؟ دېگەندەك. مەنمۇ مۇنداق تېپىشماقنى بىرنەچچە قېتىم كۆرۈپ قالدىم، جاۋابىنى تاپقانلارمۇ شۇ ئاران بىرنەچچە سۆزنى دەپ توختاپ قاپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «تەلەي يۇلتۇزى» پىروگراممىسىنىڭ مەلۇم بىر سانىدا قەيسەر ھەبىبۇللامۇ مۇشۇنداق سوئاللارنى سورىغان ئىدى، لېكىن جاۋاب بەرگۈچىلەر مۇشۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بىرنەچچە سۆزنى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن 5 نى دېيەلمىگەن ئىدى. مەسىلەن: كىيىك (ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى خاتا، شۇڭا جاۋابى بولالمايدۇ)، قازاق، قاق،…دېگەندەك. بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىدىكى 15000 مىڭغا يېقىن تۈپ ئىسىملار ئامبىرىدىن بۇنداق قانۇنىيەتلىك سۆزلەرنى ئىزدەپ باقسام، جەمئىي 37 سۆز چىقتى، نەتىجىسى مۇنداق:

(بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىسىڭىز، ئىزاھلىق لۇغەتكە قاراپ بېقىڭ)
قارساق
قازاق
قاساق
قاق
قاماق
قاۋاق
قۇدۇق
قۇسۇق
قۇللۇق
قىچىق
قىلىق
كاۋاك
كەررەك
كەك
كۆك
كۈچۈك
كۈرۈك
كۈللۈك
موم
نان

بۇنى يەنە ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىمگە يوللاپ قويدۇم، لېكىن بەزىلەر «كىيىك» دېگەن سۆز چۈشۈپ قاپتۇ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە «كىيىك» ئەمەس، توغرا ئىملاسى «كېيىك» بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق خاتا نەتىجە چىقمايدۇ.

ئەمدى مەن مۇنداق تېپىشماق چىقىرىپ باقاي، سىلەر تېپىپ بېقىڭلار. كەينىدىن باشلاپ ئوقۇسا، ئۆز پېتى ئەمەس بەلكى باشقا مەنا ئاڭلىتىدىغان سۆزلەردىن نەچچىنى تاپالايسىلەر؟ مەسىلەن: «زامان» دېگەن سۆزنى كەينىدىن باشلاپ ئوقۇسىڭىز، «ناماز» بولىدۇ. «تامام» دېگەن سۆزنى كەينىدىن باشلاپ ئوقۇسىڭىز، «مامات» دېگەن سۆز بولىدۇ. قېنى تېپىپ بېقىڭلار، مەرھەمەت.
========================
جاۋابىنى بۈگۈن دەپ بېرەي:
بۇك=كۇب
پات=تاپ
پاس=ساپ
پەن=نەپ
پىت=تىپ
پىرىت=تىرىپ
تالاس=سالات
تامام=مامات
تام=مات
تەخ=خەت
تەل=لەت
تۇرىت=تىروت
تۇتاش=شاتۇت
تۆل=لۆت
تۈس=سۈت
چاغ=غاچ
چەك=كەچ
چۆك=كۆك
خۇم=مۇخ
رەت=تەر
روھ=ھور
زامان=ناماز
شەك=كەش
شوق=قۇش
قاتلام=ماتلاق
قارساق=قاسراق
كۈي=يۈك
كىي=يىك
لاپ=پال
لام=مال
لاي=يال
لەت=تەل
مات=تام
ماش=شام
مىس=سىم
مەي=يەم
ياۋان=ناۋاي

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
45 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئەتە =ئەتە
    مامۇت=تۇمام
    قازان=نازاق
    كور=روك
    ئالىم=مىلئا
    تىلفون=نوفلت
    كەش=شەك
    لىق=قىل
    مايمۇن=نۇميام
    شىر =رىش
    بالا=لئاب
    كالا=لئاك
    قۇش=شۇق
    قەيسەر=رەسيەق
    يولۋاس=ساۋلوي
    باغچا=ئاچغاب
    كەلمە=ئملكە
    چىرايلىق=قىليارىچ
    سۇ=ۇس
    تاغ=غات
    ئىنگلىز=زىلگىنىئ
    ئوباما=امابو
    تۇرغۇن=نۇغرۇت
    تۈرك=كرۈت
    تاماكا=اكامات
    چىنە=ئەنىچ
    ئاتۇش=شۇتا
    يەكەن=نەكەي
    ئۇيغۇر=رۇغيۇ
    قازاق=قازاق
    خەنزۇ=ئۇزنەخ
    تاتار=راتاقت
    ئۆزبىك=كىبزۆ
    مانجۇ=ئۇجنام
    قىرغىز=زىغرىق
    تاجىك=كىجات
    زاڭزۇ=ئۇزڭاز
    شىبە=ئەبىش
    موڭغۇل=لۇغڭوم

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:47
  • ئالدىدىن ياكى ئارقىسىدىن ئوقۇسا ئوخشاش بولىدىغان سۆزلەردىن «رېپېر»نىڭ ئىملاسى «رېپىرى»دەك ئېسىمدە.
    ئاندىن ھەمزە ھېسابقا ئېلىنمىسا «ئىككى»مۇ قايسى تەرەپتىن ئوقۇسا ئوخشاش بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:50
  • مەنمۇ تاپالىدىم، ھې ھې بەك قىززىق،قەتئي زاڭلىق قىلماڭلار، ئويلاپ باقسام بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنى تېپىش ئاسانراق تۇرىدۇ، شۇڭا ئاڭلىغان، بىلگەنلېرىمنىڭ ھەممىنى دەپ باقتىم.
    پوق–قوپ
    كۆت–تۆك
    كۈت–تۈك
    كەش–شەك
    ئاللا–ئاللا
    ياپ–پاي
    تۇغۇت–تۇغۇت
    چوققا–ئاققوچ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:16
  • كىيىك

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:47
  • ئاتا ،ئانا دىگەن سۆزلەمۇ قاپتۇ…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:24
  • يەنە نۇرغۇن بىر بۇغۇملۇق سۆزلەر چۈشۈپ قاپتۇمۇ قانداق؟
    مەسىلەن، چاچ، تۆت، كۆك، ياي، پوپ، باب، تات، داد، لال، شاش … دىگەندەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:20
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،ئۇستازلار ماڭا ھەقلىق بولسىمۇ بىر ياردەم قىلساڭلا،مەن ۋىن8نى بىر ئاي بولدى نۇرمال ئاكتىپلاپ ئشلىتىپ كىلۋاتقان،تۆت كۇن بولدى پەقەتلا ئاكتىپلىيالمىدىم،ھەممە ئامالنى قىپ باقتىم بولمىدى،ئەمدى شۇ مىكروسوفىتقا تىلفۇن قىلپ ئاكتىپلاپ بېردىغانلار بولسا بۇ كىيۇ كىيۇ نۇمۇرۇمنى1085128800 قۇشۇپ ،ئاكتىپلاپ بەرسەڭلا،مەن خەنزۇچىنى پەقەتلا بىلمەيمەن،مىنى قوشقاندا،ئاكتىپلاش دەپ قۇشۇڭلار،ئۇستازلا

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى am 01:10
  • مەن. نەم….سەن.نەس.،ئشىك،كىشى،،،مۇش،شۇم،،تاي،يات،ياق،قاي،،،،تىغ،غىت،،شىلىم. مىلىش. ،،،،نارات،تاران،،،زىق،قىز،،،ماۋۇلارمۇ بۇلامدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:23
  • مەن بىرنى دەي:نامان

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:10
  • ئالدى كەينىدىن ئوقۇسا ئوخشاش مەنە ئاڭلىتىدىغان سۆزلەر ئاز ئەمەسكەن-جومۇ! بۇنى تېپىشماق قىلىپ باشقىلارغا يوللاپ بەرسەك ،قارشى تەرەپكە بىر ئويلىنىش ۋە ئۆگىنىش بولغىدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 17:54
  • قارساق دىگەن سۆز سىمىتىرىك ئەمەسكەنغۇ؟خاتا بوپ قالدىمۇ نىمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 15:01
  • ئالىم مۇئەللىم سىزدە سۆزلۈك ئامبىرى بولغاندىكىن بىر پىروگىرامما بىلەنلا تاپارسىز ھەقەچان. بىزنى ئويۇنغا سلىپ قويۇپ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:15
  • رەخمەت مۇئەللىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 10:02
  • ئالىم مۇئەللىم قارىسام windos phone 8سىستىمىلىق تىلفۇنلارغا ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىنگىلىسچە لۇغەت يوق ئىكەن ،ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز ياربىرىپ ۋاختىڭىز يەتسە ئۇيغۇر سوفىت لۇغىتىنىڭ windos phone 8نۇسخىسىنى ئىشلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن ،،،،windos phone 8نىڭ ئەپ بازىرىدا قانچە پۇل بولسا سىتىۋالاتتۇق،،،،ئالدىرش ئىكەنلىكىڭىزنى ھەممەيلەن بىلىمىز ،،،،،ھەم ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتىۋاتىسىز،windos phone 8نىڭ كىرگۈگۈچىسى بىلەن تىل بولىغى چىققۇچە كۆنگەچ تۇرايلى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:50
    • بولىدۇ، ياخشى تەكلىپ-پىكىر يوللاپسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:57
    • تۈنۈگۈن كەچتە windos phone دۇكىنىدا «uyghur»دەپ ئىزدىسەم يېڭى بىر ھەقلىق لوغەت كۆرۈندى،ئىسمى translator pro،چۈشەندۈرۈشكە قاراپ ئۆزئارا تەرجىمە قىلىدىغان تىللار قاتارىدا ئۇيغۇر تىلى بار ئىكەن،يا مەن خاتا چۈشۈنىۋالدىممۇ بىلمىدىم،شۇڭا دەرھال پۇل تۆلەپ سېتىۋالدىم،يۈرگۈزۈپ قارىسام ئۆزئارا تەرجىمە قىلىدىغان تىللار قاتارىدا ئۇيغۇر تىلى كۆرۈندى،لىكىن ھېچ قانداق ئىقتىدارى ئىشلىمىدى،تىل تىزىملىكىنى باشقا ئىككى خىل تىلغا تەڭشەپ سىنىسام،سۆزلۈكنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدىكەن،ئوقۇپ بېرىدىكەن.ئۇيغۇر تىلى تىزىملىكتە باركەن دەپ ئالسام (93خىل تىل بار)،ئۇيغۇر تىلى ئىشلىمىدى،.مىكروسوفت بىلەن دىيىشىپ باقمىسام بولمىدى،ئادەم ئالدىسا قانداق بولىدۇ،يا ئەتە ئۆگۈن ئالىم مۈئەللىم تەييار قىلىپ يوللامدۇ بىلمىدىم.
      ئىقتىدارى تەرجىمە ۋە ئوقۇش بولغان بىلەن 12سومغا قىممەت ھېس قىلمىدىم. راۋرۇس لوغەت بولسا بەك ياخشى بولاتتى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 23:48
  • قاق،تۆت،ئاكا، ئانا،ئاتا،ئىككى.
    ئالىم ئەپەندىم، قارىغاندا پىروگراممىغا تۈزىتىش كۈرگۈزسىڭىز بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:15
    • توغرا، ھەمزىلىك سۆزلەرنى ئويلىشىش كېرەك، مەسىلەن، ئەتە، ئاپا، ئاغا، ئاللا، ئارا دىگەندەك

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:29
باھا بېتى: 1 2