مىكروسوفت TechEd2012 يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

مىكروسوفت TechEd2012 يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۈگۈن يەنى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن مىكروسوفت TechEd2012 تېخنىكا تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. 2012-يىلى مىكروسوفت تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق مەھسۇلات تارقىتىش يىلى ھېسابلىنىدۇ. يىغىندا مىكروسوفتنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. Windows 8 قاچىلانغان كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر،…قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىندى.

Windows دۇكىنىدا ھەقلىق ئەپ يوللىسىڭىز، مىكروسوفت %30 نى تۇتۇپ قالىدۇ، سودا قىممىتى 25000 دوللارغا يەتسە، مىكروسوفت %20 نى ئالىدۇ، سىزگە %80 ى قالىدۇ. مىكروسوفت يەنە جۇڭگو كۆچمە، 支付宝 قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، خېرىدارلارنىڭ ئەپ سېتىۋېلىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرماقچى ئىكەن.
بۇ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە سىنلارنى بۇ يەردىن كۆرۈۋېلىڭ.
http://teched.zol.com.cn

ئالدىنقى ھەپتە مۇشۇ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك تېمىدىكى بىر ئىنكاسقا جاۋاب بەرگەندە، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى دېگەن ئىدىم، شۇڭا خەۋەردار بولۇپ قېلىڭلار. ئەمما 2-قېتىم (ياكى 3-قېتىم)دا تارقىتىلىدۇ. 1-قېتىمدا يەنى بىر ئاي ئىلگىرى 57 تىل بولىقىنى تارقاتقان ئىدى، كېيىنكى 50 نەچچە تىل بولىقىنى 2-قېتىمدا (ياكى 3-قېتىمدا) بۆلۈپ تارقىتىدۇ، ئۇيغۇرچە شۇنىڭ ئىچىدە بار، بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت قالمىدى، سەۋر قىلىڭلار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
66 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
باھا بېتى: 1 2 3