نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8.1 تاماملاندى، OEM غا تەمىنلەش باشلاندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۈگۈن Microsoft شىركىتى Windows 8.1 نى تاماملىغانلىقىنى، شۇنداقلا كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارغا تەمىنلەشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. نەشىر نومۇرى 9600. بۇ مەھسۇلات 10-ئاينىڭ 17-كۈنى بازارغا سېلىنىدۇ. Windows 8 نى (سېتىۋېلىپ) ئىشلىتىۋاتقانلار Windows دۇكىنىدىن ھەقسىز يېڭىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.

Microsoft شىركىتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر يىلدىن بۇيان كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئازىيىشى بىلەن OEM (مۇنداقچە ئېيتقاندا كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار)نىڭ Windows نى سېتىۋېلىپ قاچىلىشىمۇ ئازلىغان. ئەگەر Windows نى ئېتىبار باھادا سېتىپ 540 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلمىغان بولسا، كىرىمى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10 ئازىلاپ كەتكەن بولاتتى. Windows 7 دىن Windows 8 گە سەكرەش بەك چوڭ بولغاچقا، نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىغا كۆنەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن OEM زاۋۇتلارنىڭ Windows 8 نى قاچىلاش ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يەتكەن.

باش ئىجرائىيە مۇدىرى ستىۋى.بالمېرنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىش خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، Microsoft نىڭ پاي چېكى %10 ئۆرلەپ كەتتى. ئەمما ئۇ يەنىلا مىكروسوفتنىڭ يىللىق سېتىش كىرىمىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرغان ئىقتىدارلىق رەھبەر، شۇنداقلا مال ساتقۇچى. ئۇ 10 يىلدىن بۇيان پەقەت Windows Vista نىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئۆزىگە زور بېسىم يۈكلىۋالدى. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر Windows XP نىڭ تېخىچە دەم ئېلىشقا چىقمىغانلىقى، شۇنداقلا Windows 7 نىڭ ناھايىتى ياخشى لايىھەلەنگەنلىكى، Windows 8 نىڭ ئومۇملىشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم تۆھپىسى Windows نىڭ %90 كومپيۇتېردا ئومۇملىشىشىنى ساقلاپ قالالىدى، بۇمۇ زور نەتىجە ئەلۋەتتە. نۇرغۇن كىشىلەر Windows 8.1 نىڭ Windows XP دەك شانلىق نەتىجە يارىتىشىغا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ.

تورداشلارنىڭ Windows نىڭ ھەرقايسى نەشرلىرىگە بەرگەن رەسىملىك باھاسى:

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
56 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەت ئەپەندى wn8.1 نى يېڭىلاپ قاچىلىغى بىر ئاي بۇلاي دەپمۇ قالدى .ئەمما ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئانا تىل بۇلىقى يامىقى تېخى چىقمىدى ….مەن بەكمۇ تەقەززا بۇلۇپ كىتىۋاتىمەن …ئانا تىل بۇلىقى يامىقى ئېلان قىلىنارمۇ ياكى ئېلان قىلىنماسمۇ ؟ بەكمۇ بىلگۈم بار ئىدى .جاۋابىڭىزغا تەشنا بىز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 17:16
  • مانا، Windows 8.1 نىڭ رەسمىي نەشرى ئېلان قىلىنىشقا بىركۈنلا ۋاقىت قالدى………. ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن، Windows 8.1قا كۆنەلمىسەك Windows 8 قا يېنىۋالغىلى بولا- ھە؟ مەن ئالما يانفۇنۇمنىڭ نەشرىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ يانالمىغانتىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:20
  • بۈگۈنكى نۇر تورىدىكى خەۋەردە ۋىندوۋىس 8.1 نىڭ باھاسى 120 دوللار دەپ يزىلىپتۇ.. قارىغاندا، بۇ نەشرى خېلى ئەرزان چىققۇدەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:26
  • Windows 8.1 بىلەن Windows 8 قوش سىسيېما قىلىپ قاچىلىغانتىم. قاچىلاش جەريانىدا ئاكتىپلاش ئاچقۇچ نومۇرنى سورىدى، يازدىم، قاچىلاندى. كېيىن قارىسام ئېكران ئوڭ تەرەپ ئاستىدا چىقىدىغان نەشىر نومۇرى 9600 يوقىدى. بۇ دېمەك Windows 8.1 ھەقىقىي سىستېما بولدى دېگەن گەپمۇ ياكى قۇربان ھېيتقىچە ساقلايدىغان گەپمۇ كەسپىي نەشرىنى؟
    بۇرۇن ئىشلەتكەن Windows 8 بولسا 32 بېتلىق ئىدى، بۇ قېتىم Windows 8.1 نىڭ 64 بېتلىقىنى قاچىلىدىم. قارىغاندا بولىۋېرىدىغان ئوخشايدۇ- ھە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:16
  • مەن يۇقارقى سۈرەتتكى سېستىملارنى ئازراقتىن بولسىمۇ ئىشلەتتىم.ماڭا بەكراق تەسىر قالدۇرغىنى يەنىلا ۋىندوس7 . ۋىندوس 8.1 شانلىق تارىخ يارىتالامدۇ_يوق؟ قېنى قاراپ باقايلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 21:11
باھا بېتى: 1 2 3