خوتەنگە سەپەر (رەسىملەر يېڭىلاندى)
[ تاغدىن-باغدىن ]ئۆتكەن يىلى قۇربان ھېيتتا يۇرتۇمغا بارغاندىن بۇيان سەپەرگە چىقىپ باقماپتىمەن، مانا بۈگۈن يەنە سەپەرگە چىقىش پۇرسىتى كەلدى. ئەمما بۇ سەپەر خوتەن ئىدى. مەن كېچىكىپ قالماي دەپ 2 سائەت بۇرۇن ئايرودرومغا كېلىپ بولدۇم، تەكشۈرۈش بۇرۇنقى سەپىرىمگە قارىغاندا سەل چىڭىپتۇ. يان سومكامنى ھاۋالىلىك توشۇشقا بەرگەندىمۇ ئايرىم تەكشۈردى، ئۆزۈم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىمۇ خىزمەتچى خادىملار ئايىغىڭنى، چاپىنىڭنى سال، كەمىرىڭ (ئىشتانباغ)نىمۇ يەش دېدى. ئىشتاننىمۇ سالىمەنمۇ دېسەم، ياق ئۇنى سالمىساڭمۇ بولىدۇ، كومپيۇتېرنىمۇ ئايرىم تەكشۈردى، ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق چىڭ تەكشۈرمىسىمۇ بولمايدۇ. ئايرۇپىلانغا چىقىشقا يەنە 1 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت بار ئىكەن. ئالىم مۇئەللىم مۇشۇنداق ۋاقىتتا زېرىكىپ قالسا تورغا چىقىدۇ، ئانچە-مۇنچە ئۈندىدار ئويناپ قويىدۇ، بۇ يەردىكى ماگزىنلارنى ئايلىنىشقا رايى يوق. شۇنداق قىلىپ بىر بولۇڭدا ئولتۇرغاچ كومپيۇتېرىمنى ئېچىپ تورغا چىقىپ، بۇ بىلوگىمدا ئۇچۇر بېرىۋاتىمەن. خوتەنگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلار ئىكەن، ئەمما كۇچاغا بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ 4-5 ى ئۇيغۇرلار بولاتتى. خوتەنگەن تۇنجى قېتىم بۇنىڭدىن دەل 4 يىل بۇرۇن بارغان ئىدىم. بۇ قېتىمقى سەپىرىم ئوڭۇشلۇق بولسا 2-قېتىم بارغان بولىمەن. ئايرودرومدا ئايروپىلان ساقلاپ زېرىكىپ يازغان بىلوگ قانداق چىقىپتۇ؟
ھازىرچە رەسىملەرنى كۆرگەچ تۇرۇڭلار
- يازما كۆرۈلۈشى: 7,771 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 03-ئاينىڭ 29-كۈنى am 9:13
- ئالدىنقى يازما :دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە خۇشخەۋەر
- كېيىنكى يازما :Windows Phone 8.1 ئېلان قىلىندى
مۇشۇ قەشقەر مەكىت ناھىيسى تەرەپكىمۇ بىر كەپ قويىسىلا بۇلاتتى جۇمۇ مۇئەللىم
خوتەندىكى خانىم قىـزلارنىڭ بىرەرسىمۇ ياغلىق تاقىمىغان ھالەتتە كوچىغا چىقمايدىغان ئوخشايدۇ، نېمىدىگەن ئېسىل مىللىي روھ بۇ؟
تۇغۇلغان ئانا يۇرتىڭىز شايارغا بۇلتۇر كەلگەننى كۆرگەن ئىدىم لىكىن سىزگە گەپ قىلىشقا پۇرسەت بولمىدى سىز ماشىنا ھەيدەپ مېڭىپتىكەنسىز
پات پات كەپ تۇرسىڭىز بولاتتى
مۇئەللىم مىنى كۇرسىڭىزغا قارشى ئالاسىزمۇ؟سىز نىڭ دەرىسىڭىزنى بەكمۇ ئاڭلىغۇم باتتى!
تىزىملىتىپ قويدىڭىزمۇ؟ بۈگۈن خېلە كۆپ ئادەم تىزىملاتتى دەيدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم موئەللىم؟ مەن كومپيۇتېرنى ئۆزلىكىمدىن ئۆگەنگەن ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى:
سىزنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن ھېسابسىز ئەجىر سىڭدۈرۋاتقانلىقىڭىزغا چەكسىز قايىلمەن، 2005_يىلى يازدا شىركىتىڭىزدە قىسقىغىنە ھەمسۆھبەتتە بولغان شۇ ۋاقىت ھازىرقىدەك ئېسىمدە. ئالدىنقى يىلى ۋىندوۋس8 دىن بىرقانچىنى ئېلىپ، ئۆزۈم بىرنى ئىشلەتتىم ھەم باشقا تونۇشلۇرۇمغىمۇ بەردىم. يېقىندا تور ئارقىلىق مىكروسوفتنىڭ ۋىندوۋس 8.1 قاچىلاغلىق تاختا كومپيۇتېرىدىن بىرنى ئالغان ئىدىم، ھازىرچە بۇ سىستېمىغا ئانچە بەك كۆنۈپ بولالمىغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ياكى بۇ نەرسە سەل ئالاھىدە بولغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ، ئىشقىلىپ بەزىبىر تەڭشەشلەرنى قىلالماي قالدىم. مۇمكىن بولسا مۇۋاپىق شەكىلدە ياردەم قىلالارسىزمۇ؟
پەيزى ئويناپ كەپسىلەر جۇما!ئاۋۇ ئوتتا قاقلاپ پىشۇرغان بېلىق بەك ئاغزىمدا قالغان،رەسىمىنى كۆرۈپ ئاغزىمغا سېرىق سۇ كەپ كەتتى.
تور ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قۇيسىڭىز بوپتىكەن ، رەھمەت ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم
ئالىم مۇئەللىم wp8.1مۇ ئېلان قىلنىپتۇ ،ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قۇشۇلغانمىدۇ؟
مۇھەممەد توختى :مىنىڭ يۇرتۇمغا بېرىپتىكەنسىزيا ئالىمكا، ھەي ئىست مەن لوپتا بولماي قاپتىمەن. بولمىغان بولسا … !
ئالىم ئەھەت:بولمىغان بولسا قانداق قىلاتتىڭىز؟ مۇشت بىلەن بىرنى سالامتىڭىز ياكى قۇملۇققا بېرىپ، ئوۋ ئوۋلاپ كېلەمتۇق؟
كۈلۈپ ئارقامغا يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم ما گەپنى كۈرۈپ . ئالىم مۇئەللىم بارغانسىرى كەپسىزلىشىپ كېتىپ بارىدۇ جۇمۇ !