نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows Phone 8.1 ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

Microsoft Build 2014 يىغىنى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 8:30 دا (ئۈرۈمچى ۋاقتى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ 9:30 دا) سان-فىرانسىسكو موسكون كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. Microsoft ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى Windows 8.1 Update 1 ۋە Windows Phone 8.1 نى ئېلان قىلدى.
rdn_533ccd3ae488a

(1) Windows Phone 8.1
Microsoft شىركىتى Windows Phone نى ئېلان قىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىشى بولۇپ، سىستېمىڭىزنى 8.1 گە يېڭىلىسىڭىز ئاۋاز ياردەمچىسى Cortana، يېڭىچە كونترول مەركىزى، ئىختىيارى بەلگىلەشكە بولىدىغان قۇلۇپ ئېكرانى ۋە تەگلىكى قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلىدۇ. Windows Phone 8.1 بۇ يىل 5-ئايدا بازارغا سېلىنىدىغان Lumia ئەقلىي تېلېفونلىرىغا سەپلەنمەكچى.
20140214_092559_430

(2) Windows 8.1
4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەڭ يېڭى يېڭىلانمىسى ئېلان قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا يېڭىدىن قوشۇلغان ۋەزىپە ئىستونى، ۋەزىپە ئارىسىدا ئالمىشىش، باشلاش بېتى قاتارلىقلار بار. ئاممىباب Windows ئەپلىرىنى كومپيۇتېردا، تېلېفوندا، تاختا كومپيۇتېردا ۋە XBox One قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
rdn_533ccd3b3119a

(3) سەزمە ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان Office
بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا iPad نۇسخىدىكى Office ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن يەنە work in progress (جەرياندا خىزمەت قىلىش)نەشرىدىكى بولاقچە ئېلان قىلىندى. بۇ بولاقچە مەخسۇس Windows سەزمە ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەرگە لايىھەلەنگەن.

(4) Internet of Things Windows
ئىنتېرنېت نەشرىدىكى Windows نى ئېلان قىلدى، قاتتىق دېتال ئاچقۇچىلار پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلىتىدۇ.
rdn_533ccd3b9b0db
(5) قىممەت باھالىق ئەقلىي تېلېفون
نوكىيا شىركىتىنىڭ بايراقدار تېلېفونى Lumia 930 بولۇپ، 5 دىيوملۇق ئېكران سەپلەنگەن، Windows Phone 8.1 بىلەن ماسلىشىدۇ، سىمسىز زەرەتلەش(توك قاچىلاش)نى قوللايدۇ، ئوپتىكىلىك مۇقىملاشتۇرغۇچ قوللىنىلغان 20 مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ.
rdn_533ccd3bdfa3d

(6) ئەرزان باھالىق Lumia 630 ۋە Lumia635
4.5 دىيوملۇق ئېكران سەپلەنگەن، 3G تورىنى قوللايدىغان تېلېفون بولۇپ، باھاسى 159 دوللاردىن 189 دوللارغىچە بولىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
64 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆزنەك سىستىمىلىق تاختا كومپىيوتېرغا ئەپ دوكىنىدىن باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق ئەپ چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا بۇلامدۇ؟ كۆزنەك سىستىمىلىق تىفۇنغا قاچىلىغان ئەپنى تاختا كومپىيوتىرغا قاچىلاشقا بۇلامدۇ؟ قانداق قاچىلايمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 21:40
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم ئەخەت مۇئەللىم،مۇمكىن بولسا مۇشۇ تور بېتىڭىزنىڭ يانفۇن نۇسخسى ئىشلەنسە ياخشى بولاتتى.يېڭى يېڭى ئۇچۇر خەۋەرلەرنى تېلفۇندىمۇ كۆرۈش ئىمكانىيتى بار بولسا بەك ياخشى بولاتتى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى am 01:35
  • بۇ سېستىمىغا ئۇيغۇر تىل بولىقى قاچان قۇشۇلا يەنە ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق كۆرسىتىدىغان خەت شەكلىنىمۇ مىكروسۇپىت شىركىتى بۇ سېستىمىغا قۇشۇپ قويغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى
    ئۇ چاغدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخا قاچىلايمەن قۇلۇپ يىشىمەن دىمەيتۇق
    بولسا يانفۇن ۋە كومپىيوتېر سېستىمىغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىنى شۇلارغا دەپ قاتتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:07
  • كەچۈرۈڭ مۇئەللىم بىلوگىڭىزنى بۇلغاپ قويدىغان بولدۇم،مۇشۇنىڭغا زادى بولماي مۇشۇ يەرگە چىقاردىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى am 10:59
  • ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم ،ئۆتكەن يىلى ئاخىرىدا office2013دىن بىرنى سىتىۋىلىپ ئىشلەتكەن ئىدىم.قىشلىق تەتىلدە ئۆيدە ھەپىلىشىپ ئولتۇرۇپ word تا ئۇيغۇرچىنى نورمال ئۇرغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويدۇم!ئۇيغۇرچە خەت باسسام ھەرپلەر ئۈزۈك ھالاتتە چىقىۋالدى.بۇ مەسىلە پەقەت word تىلا كۆرۈنىدۇ.قالغان excel,powerpoint,access قاتارلىقلاردا بۇ مەسىلە يوق.خاپا بولماي بىلدىغانلار بولسا ،ئىنىڭلارغا ياردەم قىلغان بولساڭلار!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى am 10:58
  • بۇتىمىدا بار http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=28987

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:39
  • ئالىم مۇئەللىم، Windows 8.1 نىڭ يېڭىلانمىسى ئاپتۇماتىك يېڭىلىنامدۇ ياكى دۇكاندىن چۈشۈرىۋالىمىزمۇ؟ ئىككى كۈندىن بىرى ھېچبىر يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى كۆرمىدىم، ياكى باشقا يېڭىلىنىش ئادىرىسى بارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:03
  • ئۇيغۇرتىلى ‘ ئارزۇ تىزىملىكى’ گە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلار بېلەت تاشلاۋاتقان لۇغەتنى ئاساسى ئىقتىدا قىلغان توربەت ھەققىدە ئازراق ئۇچۇر: بۇ بىر گېرمانىيەلىك ياساپ چىققان گېرمان تىلى بىلەن ئېنگلىزتىلى لوغۇتىنى ئاساس ئىقتىدار قىلغان تور بەتكەن. تور سىستاستېكىسى (يەنى alexa) دا كۆرسىتىلىشچە بۇ توربەت گېرمانىيىدە 39چى، پۈتۈن ئىنتېرنېت دۇنياسىدا 668چى ئورۇندا تۇرىدىكەن. توربەت نوپۇسىنىڭ % 64.8 سى گېرمانىيىدە بولۇپ google ئارقىلىق( يەنىgoogle.de ) بۇ توربەتنى زىيارەت قىلىدىغانلار % 37 ئەتراپتا بولۇپ مەن بۇنىڭدىن بۇ توربەتنىڭ گوگۇل شىركىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېگەن قاراشنى ساقىت قىلىمەن. ئەمدى ئۇيغۇرتىلنى قوشۇش دېگەن تۈرگە كەلسەك بۇ بىر ‘ ئارزۇ تىزىملىكى’ يەنى قوللايدىغانلار كۆپ بولسا توربەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بىر ئىقتىدار لېكىن ئاشۇ ‘ ئارزۇ تىزىملىكى’ نىڭ ئاستىدا مۇنداق بىر گەپ بار ، If you would be able to contribute to the vocabulary and want to be notified as soon as the language gets added, please enter your e-mail address here ، بۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى ئەگەر سىز مۇشۇ توربەتكە سۆزلۈك قوشۇش ئارقىلىق تۆھپە قوشقىڭىز ھەم مۇشۇ تىل قوشۇلغان ۋاقىتتا ئېلىكترونلۇق يوللانما ئارقىلىق خەۋەردار بولۇشنى خالىسىڭىز ئاستىغا ئېلىكترونلۇق پوچتا ئادرسىڭىزنى قالدۇرۇڭ دېمەكچى. قوللاشنىغۇ قوللايمىز لېكىن سۆزلۈك قوشىدىغان ئىشقا كەلگەندە مېنڭچە كۆپ ئادەم چىقمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 14:04
باھا بېتى: 1 2 3