Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدۇ
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]Microsoft Office كوللېكتىپى 2012-يىلى 10-ئايدا Office 2013 RTM نەشرىنى تاماملىغان بولۇپ، 2013-يىلى 1-پەسىلدە Office 2013 نى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ. Office 2013 گە يەنە 13 يېڭىدىن تىل ئارايۈزى قوشۇلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئانا تىلدا مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ. بەلكىم بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.
ئالدىنقى يىلى مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشكەن بولسا، بۇ يىل نۇرغۇن قوللىنىشچان دېتاللار ئۇيغۇرچە يەرلىكلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر يېزىقى كومپيۇتېرنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە تەلتۈكۈس قوللاشقا ئېرىشىدۇ.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 25,971 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 01-ئاينىڭ 9-كۈنى am 9:17
- ئالدىنقى يازما :«ئۇيغۇرسوفت كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- كېيىنكى يازما :ئالىم ئەھەت «ئاتلان»دا لېكسىيە سۆزلەيدۇ
تېخىمۇ كۆپ
ئاجان …… ما … ئويغان دىگەن ئاداشنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يامان ھەسەل يىگەندەك بۇلاپكەتىميا ، ۋېي ئادوش ما بۇدۇنيادا ئۈزەملام با دەپ ئويلامسە يا ؟ھەقانچە …..بۇلاپ كەتسەڭمۇ قايلا ما ئاناڭ -داداڭنى ئويلاپقوي جۇما ! يا ئاناڭ -داداڭ مۇ خەنزۇتىلدا سۆزلەمدۇ يا ؟ئۇلامۇ شۇندا سۆزلىسە قايلا بوۋاڭنى موماڭنى ئويلاپ باق ، ئەگەردە ئۇلامۇ شۇندا سۆزلەپ قالسا ، ما ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان ئالىم مۇتەپەككۇر ،دۇنيانى زىلزىلگە سالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،مەخمۇد كەشقىرى ،نەۋائىي، شۆھرەت مۇتەللىپ،قاتارلىق …………. ئىشقىلىپ ناھايىتى كۆپ شۇلانى ئىسىڭگە ئەپقوي ماقۇلما بالاڭزا ؟
office2013نىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ دېگىنى 7-8ئايلار بولۇپ قالدى. قاچان چىقىدۇ،زادى؟
بىلىشىمچە سۈپەت تەكشۈرۈش يېقىندا تاماملاندى، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشىدا ئۈمىد زور.
بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ بەكخۇش بۇلىۋاتىمەن جۇمۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورايدىغان بىرمەسىلە بار ئىدى خاپا بولماي جاۋاپ بەرسىڭىز ، سىزنىڭ بىلوگىڭىزغا تىزىملىتىپ كىرەي دېسەم ھېچ كىرەلمىدىم سەۋەبى ‹‹ ئېلخەت يوللانمىدى.
سەۋەب: mail() فۇنكسىيىسى مۇلازىمېتىر تەرىپىدىن چەكلىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.›› دەپ چىقىۋالدى.