نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

مۇلازىمەتمۇ بەزىدە چۈشىنىشكە مۇھتاج

[ تاغدىن-باغدىن ]

يېقىندىن بېرى ئىقتىسادنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى، خىزمەت ۋە تۇرمۇش رېتىمىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئورنى ۋە ئۆيى يىراق بولغانلار چۈشتە ئۆيگە قايتىپ تاماق ئېتىپ يېيىش قۇلايسىز بىلىنىپ، سىرتلاردا غىزالىنىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. ئەمما، بەزىلەر ئۆينىڭ تامىقى ۋە مېھرىگە ئامراق بولغاچقا، ئۆيگە قايتىپ تاماق يېيىش ئۈچۈن ماشىنا سېتىۋالدى. لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ماشىنا تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، كوچىلاردا توسۇلۇش ئېغىرلاشتى. ئۇلار يەنىلا ئامال يوق سىرتلاردا تاماق يېيىشكە مەجبۇرىي بولدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە مەنمۇ بار.

بىز دائىم ئىستېمالچىلارنىڭ ئاغزىدىن «مۇلازىمەت ئىنتايىن مۇھىم»-دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، كۆپ ساندىكى تىجارەتچىلەرمۇ «خېرىدارلار بەك مۇھىم»-دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە مىليون مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان تاماقخانا خوجايىنلىرىمۇ خېرىدارلارنى جەزمەن ئەلا بىلىپ، تەملىك تاماق ۋە ئازادە مۇھىت يارىتىشقا تىرىشىدۇ.

بۈگۈنمۇ خىزمىتىم سەل ئالدىراش بولغاچقا، ئىشتىن كېچىكىپ چۈشتۈم، ئۆيدىكىلەرمۇ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن، بىز شەھىرىمىزدىكى بىر ئاۋات تېز تاماقخانىغا كەلدۇق. بىز تاماق بۇيرۇتۇپ ساقلاپ ئولتۇردۇق. يېنىمىزغىمۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى (ئەر-ئايال، بىر ئوغۇل بالا) كېلىپ ئولتۇردى. ئەمما، ئۇلار بەك ئۈنلۈك ئاۋازدا پاراڭلىشىدىكەن، بەلكىم، بەزىلەر ئۇلارنى ئۇرۇشۇپ قالدىمۇ؟-دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بىردەم بىزگە چاي ئەكەلمىدى؟-دېسە، يەنە بىردەم تاماق يازىدىغانلار قېنى؟ بۇ ئاشخانىمۇ ياكى قانداق يەر؟ -دەپ ئۇياق-بۇياققا قاراشقا باشلىدى. مەنمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەتراپىمغا نەزەر سالسام، مۇلازىمەتچى ئىسسىق چاي دەملەۋاتقان، تاماق يازىدىغان بالىمۇ ياندىكى ئۈستەلدە تاماق تىزىملاۋاتقان ئىدى، ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىشلار نورمال بولۇپ، بۇ مۇلازىمەتچىلەرمۇ بۇلارغا ئاللىبۇرۇن دىققەت قىلىپ بولغان ئىدى.

ھايال ئۆتمەي ئىسسىق چايمۇ كەلدى، تاماق يازىدىغان بالىمۇ كەلدى. ئەمما، بايا خۇددى خىزمەتكە بارىدىغاندەك جىلە بولۇپ ئالدىراپ كەتكەن بۇ ئۈستەلدىكىلەر، ئەمدى نېمە يېسەك بولار؟ پولۇ يەمدۇق ياكى لەڭمەن يەمدۇق؟ كەچتە لەڭمەن يېسەك سىڭمەيدۇ-ھە؟ دېسە، پولۇنىڭمۇ چوقۇم ياخشىسى قالمىدى؟ زادى نېمە يېسەك بولار؟-دەپ يىغىن ئېچىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە، ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەيمەن دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ نېمە تاماق يەيدىغانلىقىنى ئاساسەن پىلانلاپ بولىدۇ. ئەمما، بۇلار يەنە بىرلىككە كېلەلمەي، مۇلازىمەتچىدىن نېمە تاماق يېسەك بولار-سېنىڭچە؟ قايسى تاماق ئوخشايدۇ؟-دەپ سوئال قويدى. مۇلازىمەتچى ھەممە تاماق ئوخشايدۇ-دەپ ئۇنى دېسىمۇ ياق، بۇنى دېسىمۇ ياق-دەپ ئاخىرى يەنە لەڭمەن ۋە پولۇ بۇيرۇتتى . تاماق يازغان بالىمۇ تىزىملاپ بولۇپ پۇلنى ئېلىپ ماڭدى. لېكىن، ئۇلار يەنە «ۋوي! ئۇلار بۇ ئۈستەلنى پاكىز سۈرتۈشمەپتۇ، ماۋۇ شېكەرنىڭ ئاغزىنىمۇ ياپماپتىغۇ؟»-دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا غۇدۇراشقا باشلىدى. قىزىممۇ بۇلار لەڭمەنگە شېكەر سېلىپ يەمدىغانمىدۇ ياكى پولۇغىمۇ؟-دەپ ھاڭۋېقىپ قاراپ قالغان ئىدى. بىر چاغدا ھېلىقى ئەر كىشى بىزدىن خىجىل بولۇپ قالدىمۇ ياكى راستتىنلا بۇ ئۈستەلدىن نارازى بولدىمۇ؟ «بولدى، جۈرە بۇ يەردىن يۆتكىلەيلى»-دەپ، چايلىرىنى كۆتۈرۈپ كەينى تەرەپتىكى ئۈستەلگە كەتتى.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭمۇ تاماقلىرىمۇ چىقىشقا باشلىدى، لېكىن، مۇلازىمەتچىلەر دەسلەپتە تاماقنى ئۇدۇل ئەسلىدىكى ئۈستەلگە ئېلىپ كېلىشتى. ئەمما، بىز مۇلازىمەتچىگە ئىشارەت قىلىپ، ئۇ خېرىدار يۆتكەلگەن ئۈستەلنى كۆرسىتىپ قويدۇق. ئۇلار، «ۋوي، بىز ماۋۇ يەردە، قانداق گالۋاڭ نېمىسەن؟ ئۇلار لەڭمەن يەپ يەنە لەڭمەن يەمدا؟ ئۇ دېگەن بىز بۇيرۇتقان تاماق، بىز ماۋۇ يەردە»-دەپ ۋارقىراپ كەتتى. مۇلازىمەتچى كەچۈرۈڭ ئاكا، يۆتكەلگىنىڭلارنى بىلمەي قاپتىمەن-دەپ تاماقلىرىنى ئاپىرىپ بەردى. بىز يەنە نېمە دەيدۇكىن؟-دەپ قاراپ تۇرساق، ھېلىقى ئادەم يەنە چوكاڭ قېنى؟ لەڭمەننى قولۇمدا يەمدىم؟-دەپ قايناپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ چوكا-قوشۇقلىرى ئەسلىدىكى ئۈستەلدە قالغان ئىدى. يېڭى ئۈستەلگە ئۆزلىرى كېلىۋالغاچقا، ئايرىم چوكا قۇيۇلمىغان ئىدى. ئۇلار، سىلەرنىڭ مۇلازىمىتىڭلار نېمانداق ناچار؟ پىكىر بېرىمەن، ماڭ دىرېكتورنى چاقىر، بىز بۇ يەرگە شياڭشو قىلىمىز (享受ھۇزۇرلىنىمىز) دەپ كىرگەن، ھازىر دېگەن قايسى دەۋر؟ مۇلازىمەت ئەلا بولمىسا، تۆت كۈندە ۋەيران بولىسەن-دەپ، ئۆزلىرىنىڭ گېزىتتىن كۆرۈۋالغان، رادىيودىن ئاڭلىۋالغان گەپلىرىنى ئەتراپتىكىلەرمۇ ئاڭلىسۇن دېگەندەك ئۈنلۈك تەكرارلايتتى، ئەتراپتىكىلەردىن خېلە تېتىپ قويدىڭىز-دېگەننى تاما قىلغاچ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا پات-پات ئۇلارغا قاراپ قوياتتى. باياتىن ئالدىراپ كەتكەنلىرى قاياقتىندۇر بىر يەرلەرگە كەتكەن ئىدى. مەن ئىچىمدە «بۇلار يەنە تولا كوتۇلداپ تاماقلىرى سوۋۇپ قالسا، تاماقنى ئىسسىق ئېلىپ چىقماپسەنغۇ؟-دەپ يەنە كوتۇلدىشى مۇمكىن»-دەپ ئويلۇدۇم. ئەسلىدە بىز تاماق يەپ بولۇپ، كىنو كۆرۈپ كېلىشنى پىلانلىغان ئىدۇق، لېكىن، ئاشخانىدا ئىنتايىن تەبىئىي كىنو كۆرگەن بولغاچقا، ئۇدۇل ئۆيگە قايتتۇق.

ئەمەلىيەتتە بۇ بەك چوڭ ئىشمۇ ئەمەس ئىدى، ئازراق ئەپۇچان بولۇپ، قارشى تەرەپكە ئازراق يول قويسىلا تۈگەيدىغان گەپ. تاماقلىرىدا مەسىلە بولسا، بۇنى ئەلۋەتتە ئىنكاس قىلىش كېرەك. لېكىن، بۇ يەردىكى رەنجىش مۇلازىمەت ھەققىدە بولۇۋاتىدۇ. تاماقنىڭ سۈپىتى جەھەتتە نەچچە مىڭ ئادەم رازى بولۇپ كېلىۋاتقان بىر ئېسىل تاماقخانا، مۇشۇنداق بىر ئىككى كىشىنىڭ ئېگىز-پەس سۆزلىرى بىلەن سودىسىغا زور تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى، كىشىلەرمۇ كۆپىنچە ئەھۋالدا، باشقىلارنىڭ يامان گەپلىرىنى ئاڭلاشقا مايىل كېلىدۇ، يامان سۆزمۇ تېز تارقايدۇ. ئاڭلىغان ئادەممۇ چۈشكۈنلىشىپ، راست شۇنداقمىدۇ؟-دېگەندەك سوئاللارنى ئويلاپ تۇرۇۋېلىپ، بىر خىل بىئارامچىلىق ھېس قىلىدۇ. مېنىڭچە ھەر ۋاقىت خۇشال كەيپىياتنى ساقلاشقا، ئازراق كەڭ قورساق بولۇشقا تىرىشىپ بېقىش كېرەك، مەبلىغى نەچچە مىليونغا يەتكەن بۇنداق چوڭ تاماقخانا ياكى تەرەققىياتى 10 يىلغا يېقىنلاشقان كارخانىلار ھەرگىزمۇ خېرىدارلارنى ئالداپ پۇل تاپاي دېمەسلىكى مۇمكىن، قارىغاندا مۇلازىمەت كەسپى چۈشىنىشكە مۇھتاجمىدۇ؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
19 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ھازىرقى ئالى ئاشخانىلارمۇ بايلارغا مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىدىكەن، ئۆتكەندە مەن بىر ئاشخانىغا كىرىپ قالدىم، بىر لەغمەن، ئىككى زىق كاۋاپ بۇيرۇتۇپ مۇلازىمغا مەن لەغمەنگە بەك ئامراق قوشۇپ بېرىدىغان ئاق ئېشىنى(جامەن) بىللە ئەچىقىپ بېرىڭ دېسەم ماقۇل دىگەن ،ساق يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاكا ئاق ئاش يەنە يېرىم سائەتتىن كىيىن چىقىدۇ دەيدۇ(بۇنداق ئىشنى جىق ئۇچراتتىم )… بۇ شۇ جىقراق تاماق بۇيرۇت دېمەي نىمە؟ سىزدىغۇ ئىقساد بار ئالىم ئاكا يوقلار قانداق قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئالى ئاشخانىلارغا كىرىپ بىر تەخسە لەغمەن بىلەن چىقىشى خاتامۇ؟ مەن بىر تىجارەتچى ئۆزەمگە لايىق ئىقدىسادىم بار مەن كىرىپ خالىغاننى يېيەلەيمەن ، لېكىن بۇ ئىسراپخورلۇق، مەنمەنچىلىك، تەكەبۇرلۇققا باشلايدۇ.
    مۇلازىملارنى توغرا چۈشىنىمەن، ھەممىنى قىلغان، قىلغۇزغان ئاشۇ تويماس ۋىجدانىنى يوقاتقان ئاشخانا خوجايىنلىرى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى am 00:19
  • ياق ياق . . . ئۇلار ئەمەس خەقتىن كۆرمەرمىز ، ئۆزىمىزدىن باشلايمىز . . .
    مەنمۇ شۇ مانا . . . رېستۇراندا تاماق يەپ مۇلازىمەتچى تەخسە سەينى ماڭا تۆكىۋەتسە مەن ئالدىراش«خاپا بولماڭ » دەيمە تېخى . . .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:28
  • مەن بىر قانچە يازمىلاردىن ئالىمجاننىڭ قىزىغا بەكمۇ ئامراقلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم….
    مەنمۇ شۇنداق….
    ئەمدى ئاشخانىدىكى گەپلەرگە كەلسەك، بۇنداق ئىشلار بەكمۇ تولا…..
    ئەڭ مۇھىمى خېرىدارنىڭ ئاشخانىدىكى مۇئامىلىسى ئەمەس…
    ئاشخانىلاردىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ھازىر تاماق يېگەنگە پۇشايمان قىلدۇرۋېتىدىغان تاماق باھاسى بۇلۇپ قالدى. 3-4 ئادەم تاماق يېسىغۇ ئادەم يانچۇقىغا قاراپ ئىچى سېرىلىدۇ …….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:39
    • شۇنداق، تاماقنىڭ باھاسى تېز ئۆستى. لېكىن، ھەر ھالدا چاي ھەقسىز، مۇلازىمەتچىلەرگە تاپان ھەققى بەرمەيمىز، ناننى زورلاپ ساتمايدۇ. پولۇ ۋە لەڭمەنگە جياميەن(ئاقئاش)دېسەك بېرىدۇ. بۇنىڭغا شۈكرى.

      ئۆتكەن يىلى دەل مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە تاشكەنتتە ئىدىم، ئۇ يەردىمۇ ئۆزىمىزنىڭ تاماقلىرى بار ئىكەن، قىممەت بولسىمۇ مۇشۇنداق تاماقنىڭ تېپىلغانلىقىدىن شۈكرى دېگەن، لېكىن نۇرغۇن ئىشلارغا ھەيران قالغان.

      تاشكەنتتە ئاشخانىلارغا كىرىپ قالسىڭىز، كېلىڭ ئاكىجان دەپ ئۈستەلگە باشلايدۇ ۋە بىر تال نانى پارچىلاپ ئالدىمىزغا ئېلىپ كېلىدۇ، مۇلازىمەت فەچەتكەنغۇ؟-دەپ ئويلايسىز. ناندىن بىر چىشلەم يەپ تۇرۇشىڭىزغا، چاي ئىچەمسىز؟ ياكى كامپۇت(مېۋە سۈيى)مۇ؟-دەپ سورايدۇ، ئىسسىق تاماق يېگەندە مېۋە سۈيى ئىچەمدۇ كىشى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىممەت بولۇشى مۇمكىن، ھەقسىز بولغان چاي ئىچەيچۇ؟-دەپ بۇيرۇتىسىز، تاماققا يەنە بىر پولۇ دەپ بۇيرۇتسىڭىز، لەبەي-دەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ياخشى يېرى تاماق يەپ بولۇپ ئەڭ ئاخىرىدا پۇل تۆلەيدىكەنسىز.

      ئەمما، مۇشۇنداق بىر كاتتا بېزەلگەن ئاشخانىلاردا بىر كىشلىك پولۇ يېسىڭىز، تەخمىنەن جۇڭگو پۇلىدا بىر پولۇ 20 يۈەن، نان 2 يۈەن، چاي 5 يۈەن، مۇلازىمەت ھەققى 3 يۈەن، جەمئىي 30 يۈەنگە تاماق يەيدىكەنسىز، ئۇلارنىڭ پۇلىدا بۇ 9000 سوم. تېخى ئازىراق پولۇ قوشۇپ بېرىڭ دېسەك، ھەرگىز ئۇنىمايدىكەن.

      مېنىڭچە بۇ كۈنلەرمۇ يىراقتا ئەمەس، ھازىر ئۈرۈمچىدە بەزى ئاشخانىلاردا چايغا پۇل ئالىدىغان بولدى، ئەمدى مۇلازىمەتچىلىرىمىزگە ئايرىم تاپان ھەققى بەرسەڭ، ئۇلار ساڭا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ-دەپ ئاستا-ئاستا كۆندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا، خىزمەت ئورنى بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى يېقىن بولسا ئەڭ توغرا بولىدىكەن ياكى تاماقنى ئېلىۋېلىپ ئىشخانىدا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئىسسىتىپ يېسە ئەڭ توغرا بولىدىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى am 07:43
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،
    قارىغاندا ئاۋۇ «تەبىي كىنو»دىن يالغۇز ھوزۇرلىنىشنى توغرا كۆرمەي بىز بىلەن بىرگە بەھرلىنىشكە سۇنۇپسىزدە؟ مۇشۇنداق كۆپرەك جەمئىيەتتىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىپ قويساق ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئازدۇر-كۆپتۇر پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.
    شۇنداق، ھازىر مۇلازىمەت مۇھىم دەيمىز ھەم مۇشۇنداق تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ تۇرمۇش رېتىمى كۈنسېرى تىزلىشىۋاتقان ئۈرۈمچىدەك شەھەردە ھال كۈنىمىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ھەممىمىز مۇلازىمەتنى ئەلا بىلىمىز ھەم نېمە ئىش قىلساق شۇ مۇلازىمەتنى قوغلىشىمىز.
    بۇ يەردە مۇلازىمەت ھەققىدە سۆز ئېچىلىپ قاپتۇ، مەن ئەسلى مەخسۇس مۇشۇ مۇلازىمەت ھەققىدە مەخسۇس يازما تەييارلاشنى بۇرۇنلا كۆڭلۈمگە پۈككەن بولغاچقا، مۇشۇ تۈگىمەس «ئالدىراشچىلىق» سەۋەبىدىن زادىلا پۇرسەت چىقىرىپ بولالمىغان ئىدىم. ئەمدى مېنىڭ بۇ مۇلازىمەت ھەققىدىكى چۈشەنچەمنى ئېيتىپ ئۆتسەم، ھازىر مەيلى نېمىلا دېمەيلى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ مۇلازىمىتىدە يەنىلا يىتەرسىزلىكلەر بار. تازىلىقى ناچار، مۇلازىمەت سۈرئىتى ئاستا، ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن، مۇلازىمەتچىلەردە بىر خىل خۇش-خۇيلۇق كەمچىل…
    نېمە ئۈچۈن دېكېشى (Dokis مۇشۇنداققۇ دەيمەن ھە؟)، KFC، ماكدونالد قاتارلىقلار ۋە يولداشلارنىڭ ۋە خۇيزۇلارنىڭ بەزىبىر تاماقخانىلىرى شۇنچە تىز تەرەققىي قىلىدىيۇ ئەمما بىزنىڭ نۇرغۇنلىرىغا «ئېسىل تاماقخانىلىرىمىز» گەرچە تىجارەت قىلىغىلى نەچچە ئون يىل بولغان بولسىمۇ يەنىلا شۇ بىر خىللا؟ چۈنكى بىزنىڭ ئۇيغۇر تاماقخانىلىرىمىزنىڭ مۇلازىمىتى يىتەرسىز، كۆپۈنچە تاماقخانىلارنىڭ تازىلىقى ناچار، مۇلازىمەت سۈرئىتى ئاستا، ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن، مۇلازىمەتچىلەردە خۇش-خۇيلۇق كەمچىل. خېرىدارلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشتا بىزنىڭ مۇلازىمەتچىلىرىمىز بىرىنچى دەپ ئويلايمەن.
    سىز ئېيتقان ئاۋۇ تەبئىي كىنودىكى ئارتىسلار راستىنلا سەل ئاشۇرىۋەتكەندەكلا قىلىدۇ، ئەمما بىز بۇنىڭلىق بىلەن تاماقخانىلىرىمىزغا بولغان تەلەپنى بوشاتساق بولمايدۇ. سىز ئېيتقاندەك نەچچە مىليۇن مەبلەغنى ئايلاندۇرىۋاتقان تاماقخانا خوجايىنلىرىمۇ بەلكىم مۇلازىمەتنى ياخشى قىلسام دەپ ئويلايدىغاندۇ، ئەمما بىر بولسا ئۇلار ئۆزى بايقىمايدۇ ياكى شۇ ئاتالمىش «ئالدىراشچىلىق» سەۋەبىدىن «يىتىشىپ بولالالمايدۇ.» بۇنىڭلىق بىلەن بىز ئۇلارغا بولغان تەلەپنى بوشىتىشىمىز كېرەكمۇ؟ ياق. ھەرگىز بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. مۇلازىمەتكە بولغان تەلەپنى قانچە يۇقىرى قويساق ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پايلىقتۇر. بەلكىم بىز ھازىر تەلەپنى يۇقىرى قويساق ئۇلار دەماللىققا قۇبۇل قىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ھازىرقى دەۋر كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان ئىقتىساد دەۋرى، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ھەممە مۇلازىمەتكە ئېتىبار بېرىدىغان، مۇلازىمەت قوغلىشىدىغان دەۋر تېخى ئالدىمىزدا. مېنىڭچە چۈشەنچەم بويىچە ئېيتقاندا، بىزلەردە تېخى مۇلازىمەت ئېڭى (بۇ يەردىكى مۇلازىمەت ئېڭى يالغۇز تاماقخانا خوجايىلىرىدىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى ھەربىر خېرىدار، ئىستىمالچىدىمۇ بولۇشقا تىگىشلىك مۇلازىمەت ئېڭىدۇر. يەنى بىزدە نۇرغۇن كىشىلەر تېخى مۇلازىمەتنىڭ نېمىلىكىنى، مۇلازىمەتنىڭ زادى قانداق بولغاندا ياخشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.) كەمچىل. بەزىبىر ئاشخانىلارنىڭ مۇلازىمىتىنىڭ ناچارلىقىدىن ئادەم كىرگەنگە پۇشايمان قىلىپ قالىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلىرىمىز تاماقخانىغا كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ يېنىدىن 12 يۈەننى چىقىرىپ بىر قاچا لەغمەن يېمەكچى بولسا ئۆزى يەۋاتقان تاماقنىڭ 12 يۈەنگە كېلىشىدە بۇ 12 يۈەندە ئاشخانىنىڭ مۇلازىمىتىمۇ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. (ئەگەر ئادەتتىكى ئاشخانىلار بولسا لەغمەن ھېچ بولمىغاندا 10 يۈەنگە كېلىدۇ. دېمەك ئاۋۇ «ئېسىل تاماقخانلىرىمىزدا 12 يۈەن بولۇشى دەل 2 يۈەنلىك مۇلازىمەت ھەققى بار دېگەن گەپ.) مۇلازىمەتچىلەر سوغۇق مۇئامىلە قىلىسىمۇ، ۋارقىراپ-جارقىرىسىمۇ بۇ كىشىلەر جانلىق ھالدا: «ھەي، مەن ساڭا 12 يۈەننى بىكارغا بەرمەيمەن ماۋۇ مۇلازىمىتىڭنى ۋاقتىدا ياخشىلا.» دەپ دېيەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، ئىشلار شۇنداق بولىدىغۇ (理所当然) دەپ ئويلاپ، ئاشپەزنىڭ 12 يۈەنگە بىر قاچا لەغمەن ئېتىپ بەرگىنىگە شۈكرى قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئاشخانىدا مۇلازىمەت تەلەپ قىلىنمىغان بولغاچقا ئۇلار مەڭگۈ مۇلازىمەتنى ياخشىلىمايدۇ.
    ئەمما شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، دەۋر بۇنىڭلىق بىلەن ئۆتمەيدۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۈنسېرى ئۆسىدۇ، ئۇلارمۇ تەدرىجىي ھالدا مۇلازىمەت تەلەپ قىلىدىغان بولىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ تاماقخانىلىرىمىز ھازىردىن باشلاپ مۇلازىمەتكە ئەھمىيەت بېرىپ تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە كۈچىمىسە، كۈنلەرنىڭ بېرىدە كىشىلەر بىراقلا مۇلازىمەت تەلەپ قىلىشقا باشلىغاندا گاڭگىراپ، تەمتىرەپ قالىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەگەر بىز ھازىر ئۇلارغا تەلەپنى بوش قويساق، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز. ئۇلارنىڭ ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان مۇلازىمەت دەۋرىدە ئۇلارنىڭ رەھىمسىز بازار ئىگىلىكىدە شاللىنىپ كېتىشىگە ئاساس سېلىپ بەرگەن بولىمىز.
    شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بازار ئىگىلىكىدە بىزنىڭ تاماقخانىلىرىمىزدىن تاماق يەپ ئىستىمال قىلىۋاتقانلار يالغۇز بىزلا ئەمەس، يەنە يولداشلار، چەتئەللىكلەر قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر بار، ئەمما ئۇلارمۇ بىزدە مۇلازىمەت ئېڭى يىتىلمىگەن خەقلەر ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا مۇلازىمەت ئېڭى ئىنتايىن يۇقىرى. بىزنىڭ تاماقخانىلىرىمىز ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرىمەن دەيدىكەن بىزدىن باشقا ئىستىمالچىلاردىن كېلىدىغان بازارنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى كېرەك. ئۇلارنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەل مۇلازىمەتنى ئەلا قىلىش. شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت ئۆز مىللى تاماقخانىلىرىمىز (مىللى كارخانىلىرىمىز)غا ھەرۋاقىت تەلەپنى يۇقىرى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، رىقابەت كەسكىن بولىۋاتقان مۇلازىمەت دەۋرىگە تىزدىن ماسلىشىۋېلىشىغا كۈچىمىزنىڭ يېىتىشچە ياردەمدە بولۇشىمىز كېرەك. قىسىقىسى كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئۇلارنىڭ بازار ئىگىلىكىدىن چېكىنىپ چىقىشى (شاللىنىپ كېتىشى)نىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى am 08:41
  • مۇلازىمەت توغۇرلۇق گەپ بولۇپ قاپتۇ. ماقالىمۇ خىلى سالمىقى بار، يۇمۇرىستىك يېزىلىپتۇ. رەھمەت.
    مۇشۇنداق ئەتراپىغا ئەستايىدىل زەن سالالىغان ئادەم ئاندىن باشقىلارغا قانداق مۇلازىمەت قىلىشنى بىلىدىكەن.
    مەن ئۆتكەن يىلى ئىلقۇت ئەپەندى ئارقىلىق لۇغەت تېزىملاتقاندا خاتا تېزىملاش نومۇرى ئېلىپ سالغان،كىيىن باشقا نومۇردا ئوڭشالغان.مانا ئالدىنقى ئايدا باشقا قاتتىق دېسكا ئالماشتۇرۇپ ئالىم مۇئەللىمدىن ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى تېزىملاش نومۇرى تاپشۇرۇپ ئالدىم(بىرىنچىسى ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن بىكارچە بولدى).
    ئالدىنقى ھەپتە ئېھتىياج تۈپەيلى 64 بىتلىق سىسيتمىغا كۆچكەن. بۇ لۇغەت ئىشلىمىسە قانداق قىلارمەن دەپ بىر سىناش ئويىدا قاچىلىسام 32 بىتلىق سىستمىدىكى تېزىملاش نومۇرى ئىشلىدى(قاچىلىغاندا ۋە تېزىملىغاندا 管理员权限بېرىپ) . شۇنداق خوش بولدۇم. ئويلاپ باقسام، مۇشۇ نوقتىدىمۇ ئۇيغۇرسوفتنىڭ مۇلازىمەت ئىددىيسى، نىشانى چېقىپ تۇرۇپتۇ. كۆپ رەھمەتلەر دېدىم. شۇنداق قىلىپ يۈز نەچچە سومغا 4 قىتىم تېزىملاش نومۇرى ئېلىپ بولۇپتىمەن.
    گەپنى يىغسام،ھەممە ئادەم مۇلازىمەتچى، يەنە ھەممە ئادەم مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولغۇچى. جەمىئيەتكە مۇلازىمەت قىلىمىز، يەنە شۇ جەمىئيەتنىڭ مۇلازىمىتدىن بەھرىمان بولىمىز. بەزى گەپلەرنى دېمەك ئوڭاي، قىلماق بەك تەس. مۇلازىمەت سۈپىتى ئاددى-ئاددى ئىشلاردىن كۆرۈلىدىكەن. بىر لۇغەت يۈز نەچچە سوم، ھازىر چوڭ پۇل ئەمەس.لىكىن ئالىم مۇئەللىمنىڭ شەخسەن ئۆزى ئىككى قىتىم ئاكتىپ ھالدا ماڭا مۇلازىمەت-تېزىملاش نومۇرى تەمىنلەپ بەرگىنى ماڭا ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئىللىق مۇلازىمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۈلگۈرتتى.
    ئۇيغۇر سوفتنىڭ ئىشلرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن، يۇقاردا ئېيتىلغاندەك مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭمۇ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرلۈشىگە ئىشىنىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 17:03
  • مۇلازىمەت ياخشى بولماسلىقىدىكى سەۋەب مېنىڭچە، مۇلازىمەتچىلەرنىڭ مائاشى تۆۋەن، ھازىرقى نۇرغۇن ئاشخانىلارنىڭ مۇلازىمەتچىلىرىگە بېرىدىغان ئايلىقى مىڭ يۈەندىن ئاشمايدۇ. مۇكەممەل باشقۇرۇش سىستېمىسى ھاسىل قىلمىغان.
    مېنىڭ يەنە بىر ھېس قىلغىنىم، خوجايىنلاردا تىجارەت دائىرسىنى كىڭەيتىش خاھىشى يوقتەكلا. ئېچىلغان بىر ئاشخانا نەچچە يىل قارىسىمۇ يەنە شۇ بىرخىللا كۆلەمدە تۇرغان. كۆپلىگەن ئاشخانىلاردا ئەگەر خېرىدارلىرى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، يېتىشىپ بولالمىسا، مەسىلىنى كۆلەمنى چوڭايتىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئەمەس، باھانى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىغا ماڭىدىكەن. بۇ مېنىڭچى بىر ئىزىغا دەسسەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:21
  • ھازىر يەنئەن يولى شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ غالبىيەت يولى تەرەپتىكى 5 قەۋەتلىك بىناسىنى جىددىي زىننەتلەپ، بۇ يىل 9-ئايدا، شەھىرىمىز بۇيىچە ئەڭ ياخشى تېز تاماقخانا ئاچماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا تاماقلىرى تېخىمۇ قىممەت بولارمىش. قارىغاندا ئاشخانىلاردا مۇشۇنداق ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تاماق يەپ بەرسەك، بۇنداق ئاشخانىلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ ئەلۋەتتە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 20:41
  • ئىشقىلىپ ئادەم سەۋىرچان، ئەپۇچان بولۇشى كېرەك.
    بىز كىشىگە نېمە قىلساق بىزنىڭ بېشىمىزغا شۇ كېلىدۇ.
    خەقنىڭ ئالدىدا مەنىمەنلىك، چوڭچىلىق قىلىۋالغىنى بىلەن خەق يوق يەردە ھېچنىمە قىلالمايدۇدە.

    ئالىمكا، بلوگىڭىز ئېچىلغاندىن بېرى بارلىق يازما-ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. مەزمۇن ئاز بولغىنى بىلەن ساز بلوگ بۇ. بلوگ يېزىشنى توختىتىپ قويمىغايسىز.

    ئىشلىرىڭىزغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 21:25
  • ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلار قېرىنداشلار، ما يەدە مەندەك مۇلازىمەتچى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ بار.ھى..ھى…
    مەن ئۆتكەن يىلى ۋاقتىنچە ئالمكامنىڭ شايارلىق ئوقۇغۇچىسى(ئۆيىدە تەربىيلىگەن) قۇربانجان بىلەن بىللە ئۈرۈمچى ئانايۇرت رېستۇرانىدا بىللەن مۇلازىمتچى بولغان ئىدۇق. ئاددى كىشىلەرغۇ مەيلى قەيسەر ھەبىبۇللالارمۇ مۇلازىمەتتىن سۆيۈنۈپ كەتكىنىچۇ… ھەر قېتىم مېھمانلارنىڭ رەھمەت ئۇكام دېيىشلىرىنى ئاڭلسام بەكمۇ خۇشال بولاتتىم.
    تېخى چولپانلارنىڭ كەمسۆز، مۇلايىملىقى دىلىمنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرەتتى… (ئابدۇللا قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ….)

    شۇڭا ھەممە مۇلازىمەتچى ئۇنداق بولۇۋەرمەيدۇ دە…. توغرا چۈشەنگەيسىلەر.. (ھازىرغۇ ئۆز كەسپىم بىلەن)

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:16
  • مېنىڭمۇ ئوقۇغان كەسپىم مۇلازىمەت خاراكتىرلىق كەسىپ ئالىي دەرجىلىك مېھمانسارايدا ئىشلەپ باقتىم،ئالىي دەرجىلىك تاماقلارنى يەپ باقتىم،ئاددى ئۇيغۇرچە ئااشخانىلاردىمۇ تاماق يەپ باقتىم، ئۆينىڭ تامقىغا ھېچقانداق يەرنىڭ تاماقى يەتمەيدىكەن.بۇلۇپمۇ تازلىق جەھەتتە. تاماقنىڭ تەمى سۈپىتى جەھەتتە يەنلا بىزنىڭ ياخشىكەن،لېكىن مۇلازىمەتكە كەلسەك مۇلازىمەت سۈپىتى ناچار،مۇلازىمەتچىلەرنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن نۇرغۇنلىغان مۇلازىمەتچىلەر مەخسۇس تەربىيىلەنمىگەن. مۇلازىمەتچىلەرنىڭ مائاشى تۆۋەن.
    مېھمانلارغا قارساق،ئالي دەرجىلىك يەرگە ئاساسەن ساپاسى بار،پۇلى كۆپ ئادەملەر باردىكەن. .ئادەتتىكى ئاشخانىلارغا كىرىمى تۆۋەنراق،تۇرمۇش سەۋىيىسى ئوتتۇرھاك كىشلەر باردىكەن‹مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدا›.
    مەنچە مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ياخشى تەربىلىشى ۋە مائاشىنى ئۆستۈرىشى كېرەك،

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 16:21
  • بىزنىڭ ما يەردەقىززىق! ئاشخانىغا كىرسىڭىز، خېلى ئۇزاققىچە ئىلىمان چاينىمۇ ئەكەلمەيدۇ. بىر ئىككى قېتىم سۈيلىسىڭىز ئاندىن ئەكېلىدۇ. تاماقنىمۇ سورىماي، سىز پالانى تاماق يەيمەن دېسىڭىز ئاندىن – ھە دەيدۇ. خېرىدارلارمۇ قىززىق! ئەگەر نېمە يەيسىز؟ دەپ سوراپ سالسا، ھېلى ئالىم مۇئەللىم دىگەندەك، ئۈستەلگە كېلىپ بولغاندىن كېيىن « نېمە يىسەك بولار؟» دەپ ئويلىشىدۇ. ئەگەر «لەغمەن يەيمەن» دەپ قېلىپ، ئاشخانىدا لەغمەن تۈگەپ قالسا، «نېمە بولسا مەيلى يەۋېرىلى» دەپ ئولتۇرىشىدۇ. ئەكسىنچە بۇ يەرنىڭ ئاشخانىللىرى ھەر ۋاقىت باس باس! بۇ يەردە تۇرمۇش رېتىمى ئەنە شۇنداق ئاستا. مۇلازىمەت دىگەن نەرسىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس! لېكىن مەن ئۆزەمچە مۇشۇنداق سەرانىڭ لەغمىنىنى ياقتۇرىمەن. شۇنىڭغا قارىغاندا، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ، مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياج تۇغۇلىدىغان ئوخشايدۇ…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:17
  • ئۇيۈۇرلارغا خاس بولغان مۇلازىمەت ئىلمىنى تەتقىق قىلىدىغان كىشىدىن بىرەرسى چىقسا بولاتتى، بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا بىر سىياسەت ئوقۇتقۇچىمىز بولىدىغان، مەملىكەتلىك 10 داڭلىق ئەخلاق-تەربىيە يىتەكچىسىنىڭ بىرى، بۇ ئايال كىتابتىكىسى قۇرۇق گەپ دەپ كىتاب سۆزلىمەيتى. كىشىلىك مۇناسىۋەت، كارخانا تۇتۇش، سورۇندارچىلىق،مۇلازىمەت…ھەتتاكى مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئەدەپلىرىگىچە ئۆگەتكەن. 30 ئۇيغۇر ئۈچۈن ئايرىم ئېچىلغان بۇ دەرىسنى بىزمۇ دەششەت تولۇق چىقىپ ئاڭلىۋەتكەن، شۇ چاغدا مەن بىزنىڭ قائىدە يۇسۇن، مۇلازىمەت ئىلمى قۇپقۇرۇقكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. بۇ ئىلىمنىڭ ئاجىزلىقى بىزدە بەك جېق يەردە چېنىپ تۇرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 23:19
  • ھا ھا ھا پولوغا مەنم بىر قېتىم شېكەر سېلىپ يەپ باققان ، بەك لاۋزا بۇلۇپ قالىدىكەن ، بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن قىېرتاق تەمگە كىرىپ قالىدىكەن … (ئەسلى قەستەن ئەمەس ئىدى ، پولو بىلەن بىللە ئەكىلىپ بەرگەن قېتىققا شىكەر سالماقچى بولغاندا قۇلۇمدىكى شىكەر قۇتىسى پولوغا ئۆرىلىپ كىتىپ … )

    مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ناچارلىقىنى :
    . بۇ خىزمەتنى قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان، نىكاھتىن ئاجراشقان، يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تېخى توي قىلمىغان (يېزىلاردىكى 9يىللىق مائارىپ)لار بۇلۇپ بۇ كەسىپكە نىسبەتەن ھېچقانداق قىزىقىش يوق . قىزىقىش بولمىغاچقا ھەر ئالغان قەدىمىدە ھارغىنلىق ھىس قىلىدۇ ، بالدۇرراق كەچ بۇلىشىنى تىلەيدۇ ، ئىشلەۋاتقانلارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك قاچان مۇئاشىم ئۆسەر دەيدۇ ، بىراق ھېچقاندىقى مەن قانداقراق ئىشلەۋاتىمەن دىمەيدۇ .
    ئومومەن ئىشلەۋاتقانلارنىڭ مەدەبىيەت سەۋىيىسى سەل تۈۋەنرەك بولغاچقا ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈش ئىددىيىسىدە بولمايدۇ . ئۇيغۇر خوجايىنلار باشقىلارنى كۆزىتىشكە ماھىر بولسىمۇ ، ياخشى ئىشلەۋاتقانلار بىلەن ناچار ئىشلەۋاتقان ، كۈن ئۆتكۈزىۋاتقانلارغا بولغان ئىش ھەققى تۈزىمى بىردەك بۇلىدۇ . ياخشى ئىشلەۋاتقانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش كەمچىل .
    باشقۇرۇش ئۇسۇلى قالماق شۇڭا مۇشۇنداق …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى am 00:41
  • مەن ئاشخانىغا كىرسەم بىرىنچى بۇلۇپ تاماق تىزىملىكىگە قارايمەن ،مەن ئىشىنىمەن سىلەرمۇ شۇنداق قىلىسىلەر ،بىراق مەن كۆڭۈل بۈلىدىغان نەرسە تاماق تۈرلىرى ئەمەس ،بەلكى تاماقنىڭ ناملىرى ، يەنى ئۈيغۇرچە ناملىرى ،مەن مۇشنىڭغا قاراپ ئاشخانا ئىگىسىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىنى دەسلەپ قەدەمدە باھا بېرىمەن .بەزى ئاشخانىلاردا تاماق تىزىملىكىگە قارايدىغان بولسىڭىز خەنزۇچە ئاتالغۇنى ئەينەن ئۆزگەرتمەي ئۇيغۇرچىغا يىزىپ قويغان ،مەسىلەن :گۇڭباۋجىدىڭ ،تۇدۇسىر دىگەندەك ،ئۇرۇمچىدە تاماق تىزىملىكى ئەڭ ئىسىل يىزىلغان ئاشخانا «باغۋەن » !ئۈرۈمچىگە كىلىپ قالسام تۇلا مۇشۇ يەرگە بارىمەن !~~~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 12:59
  • تېمىلىرى بىر-بىرىدىن ياخشىكەن مۇئەللىم ، بۇرۇن ھەجەپ بىلمەي يۈرۈپتىكەنمەن بۇ يەرنى . ئاللاھ خالىسا كۈندە كېلىپ تۇرارمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 15:30
باھا بېتى: 1 2