Windows 8 بۈگۈن كەچ 9:15 دا رەسمىي تارقىتىلدى
[ IT خەۋەرلىرى ]بۈگۈن يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى (پەيشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:15 دە، مىكروسوفت شىركىتى ئامېرىكا نىيويورك شەھىرىدە Windows 8 نى رەسمىي تارقاتتى. نەچچە كۈن ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى جۇڭگودا Windows 8 تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۈگۈن كەچتە Windows 8 نىڭ سېتىلىش باھاسى، نەشرى نامى، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى(OEM ياكى زاۋۇت)لارنىڭ Windows 8 قاچىلانغان ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلىنىدۇ.
Windows 8 نىڭ پۈتۈن دۇنياغا ماس قەدەملىك تارقىتىش ۋاقىتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
نۆۋەتتە جۇڭگو رايونىدا سېتىلىدىغان باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىدى. لېكىن، ئەتە قۇربان ھېيت كۈنى چوقۇم ئاشكارلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغايسىز.
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، Windows 8 نى بەس-بەستە ئىشلىتىشكە نېسىپ قىلسۇن!
قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى ئەتە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما، تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيدۇ.
نەق مەيداندىن تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئادرېسى
http://www.microsoft.com/en-us/news/presskits/windows/
============
باشلانغىلى 15 مىنۇت بولدى
======
Windows ۋە Windows Live ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش لېدىرى Steven Sinofsky ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق، جانلىق چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ…،
لېكىن باشقا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە بۇ توغرىسىدا تۈزۈك خەۋەرمۇ يوق، ھەي!
- يازما كۆرۈلۈشى: 18,641 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 14:29
- ئالدىنقى يازما :بۈگۈن Surface قا زاكاز باشلاندى
- كېيىنكى يازما :بۈگۈن كەچتىكى رادىيو سۆھبىتى ھەققىدە
ئۈرۈمچىگە قاچان كىلە؟ نەدىن سېتۋالمىز؟
http://www.microsoft.com/en-us/news/presskits/windows/
نەخ مەيدان . .
قىستۇرمىسىنى چۈشۈرىسىز . ..
ھازىر چە starting دەپ تۇرۇپتۇ . .
قارىغاندا شۇ ۋاقىتتا چىقىدىغان دەك قىلىدۇ ھازىردن باشلاپ فىلىم قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈپ تۇرۇڭلار ..ھاياجان . .
تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش ئۈچۈن قايسى ئادرىستىن كۆرىمىز … شۇنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز
قېنى ئەزمەتلەر Win8 نى ئىلىشقا تەييارلىنىپ بولدۇڭلارمۇ؟ نەچچە ئايدىن بىرى ئالىمىز ئالىمىز دىگەنلەر باشتا ئىلىپ تۇرسۇن. ئىقسادىم يار بەرگەندە مەنمۇ چوقۇم ئالىمەن.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم……….
كۈتكەن مىنۇتلار ئاخىرى يىتىپ كەلدى. تارقىتىش مۇراسىمىنى تېلېۋوزوردىن كۆرسەك بولارمۇ ياكى توردىنمۇ.
سىزنىڭ تېلىۋىزوردىن كۆرگىلى بولامدا !!!
ئۇزۇن ساقلاپ كەتتىم ماۋۇ بايقۇشنى! ئەجەبمۇ بىر تەس چىقتى!
ئالىم مۇئەللىم ، ھېيتىڭىزغا ۋە مۇۋاپپەقىيەتلىرىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !
تارقىتىش مۇراسىمىنى نەقمەيداندىن قانداق كۆرىمىز ؟
win8 نى بۇ يىلىق قۇربان ھېيىتىلىق ئەڭ ياخشى سوۋغا دەپ بىلسەك بولىدۇ !!
ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ بىرگە ئېلان قىلنامدۇ؟
قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئالىمكا ، كۆزنەك 8 نىڭ نەخ مەيدان تارقىتىلغىننى قايسى ئورۇندىن كۆرەلەيمىز ؟ بولسا مۇشۇ توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز .
يەنە شۇ كونا سوئالنى يەنە تەكرار سوراپ باقسام. ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ بىرلا ۋاقىتتا تارتقىتىلامدۇ؟ ياكى كىيىنگە سۈرۈلدىمۇ؟
قۇربان ھېيتلىق سوۋغا بۇلىدىكەندە . ئايەم مۇبارەك.
ئالىمكا ، مۇنداق ئىشتى، windows phone 8 سېستىمىدىكى lumia 920گە بەك كۆزۈم چۈشكەن. لېكىن بەزىلەر دەيدۇ، بۇ بىر ئۆتكۈنچى مەھسۇلات، ياخشى چىقمايدۇ، دەپ ، ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ پىكىر قارىشىنى بىر ئاڭلاپ باقاي دەپتىم.
ھەرگىز مۇ ئۆتكۈنچى مەسسۇلات ئەمەس . . .
ھازىر پۈتۈن تىلىفۇن ساھاسىدىكىلەر بۇ مەسسۇلاتقا قاراپ قالدى … سىزنىڭ چە ئۆتكۈنچە بۇلارمۇ . . .
سىزمۇ قۇربان ھېيتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ ! يۇرتىڭىزغا بارسىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ قۇربانلىق گۆشتىن ئېغىز تىگىپ كەتسىڭىز بۇلتتى . ئويغۇرچە نۇسقىسىمۇ چىقامدىكەن؟
مەن چوقۇم كومپىيوتىرىمغا قاچىلىۋىلمەن .بۇ كۇن ئانا تىلىمىز ئۇچۇنمۇ بايرام. مەن بىر تولۇق ئۇتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلىمىم يىتەرلىك كۆپ ئەمەس .مۇمكىن بولسا بىزدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشتە قىينىلىپ قالماسلىق ئۇچۇن بۇ سېسىتىمېنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا كوپرەك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگەيسىز ئالىم مۇئەللىم.
كۈتكەن ۋاقىتلار ئاخىرى كەلدى.
نەق مەيدان تارقىتىشنى نەدىن كۆرىمىز؟
ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئاخىرى كەلدى بۇكۈنلەر!7دىن تېخى زېرىكمىگەنتىم،شۇنداق بولسىمۇ يېڭىنىڭ يېڭىلىقى بار ،ئىشلىتىپ باقايلى.