ئەلكاتىپ ۋە ئۇيغۇرسوفت


مانا بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13 يىللىق خاتىرە كۈنى.
بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرى يەنى 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى (يەكشەنبە) ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىدا ئۇيغۇرسوفت رەسمىي تىجارەت باشلىغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۆزىمىزگە تەۋە يۇمشاق دېتال تېخى يوق ئىدى. ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ۋاكالىتەن سېتىپ چىقىراتتۇق. ئەسلەپ باقسام شۇ ۋاقىتلاردا، UTDOS (تيەنخۇي ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى)نىڭ باھاسى 2500 يۈەن، بېيدا فاڭجېڭ لازىر نۇرلۇق مەتبەئە سىستېمىسى 6500 يۈەن، بىر يۈرۈش (كومپيۇتېر، پىرىنتېر بىلەن) سېتىۋالغاندا 20,000 يۈەن ئىدى. خەت ئەمما، ھازىر ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ (ھەتتا بەزىلىرى ھەقسىز بولۇپ)، ئۆز ۋاقتىدىكى نەچچە مىڭ يۈەنلىك يۇمشاق دېتال قىلالمىغان ئىشلارنى قىلالايدىغان بولدى.

«ئەلكاتىپ» يۇمشاق دېتالىنىڭ تۇنجى نۇسخىسى 1998-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، Windows مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشتى. ئىلگىرى كومپيۇتېردا يېزىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلار خەت كىرگۈزگۈچىلەر، بەت ياسىغۇچىلار دەپ ۋەزىپىگە ئايرىلغان بولسا، مانا، ھازىر ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ ئۆزى خەت كىرگۈزۈپ، تەھرىرلەپ، بەت تىزىپ، كىتاب-ژۇرنال چىقىرالايدىغان بولدى. ئەمما، شۇ يېقىنغىچە نۇرغۇن كىشىلەر خەت نۇسخىلىرى قانچە كۆپ بولسا، كىرگۈزگۈچنىڭ نەشىرى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنى ياخشى دەپ قارايتتى. شۇڭا، بەزىلەر ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسخىسى ئاران ئون نەچچە خىل ئىكەن دېسە، بەزىلىرى نەشىرى تېخى 5.5 ئىكەن (تېخى پۈتۈن ئەمەس ئىكەن) دەپ قوياتتى. لېكىن، «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»نىڭ سېتىلىش مىقدارى بولسۇن ياكى توردىن چۈشۈرۈلگەن ھەقسىز نۇسخىسى بولسۇن ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئومۇملاشتى. كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلارغا نىسبەتەن، «ئەلكاتىپ» دېگەن سۆز ئەڭ تونۇش ئىسىمغا ئايلاندى. ھەتتا، بەزى دۇكان-ساراي، دوختۇرخانا،….قاتارلىقلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ «ئەل»دىن باشلىنىدىغان بولدى. مېنىڭچە بۇ بەلكىم ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكىلارنى (ئەلكاتىپ يۇمشاق دېتالى قاچىلانغان) كومپيۇتېردا لايىھىلەش ئېلىپ بارغانلىقنىڭ ئازىراق تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەر چاقچاق قىلىپ ئالىم مۇئەللىم قىزىڭىزنىڭ ئىسمى «ئەل»دىن باشلىنامدۇ؟ ئىسمى «ئەلفىرە»مۇ؟-دەپ قوياتتى. مېنىمۇ بەزىدە «ئەلكاتىپ»شىركىتىنىڭ باشلىقى دەپ تونۇشتۇراتتى. تېخى مۇشۇ يېقىنغىچە ئىشخانىغا تېلېفون كەلگەندە ئەلكاتىپ شىركىتىمۇ؟-دەپ قوياتتى. پەقەت تېلېفونغا ئۇيغۇرچە (ئاۋازلىق) قوڭغۇراق ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇنداق گەپلەر ئازىلاشقا باشلىدى.

خۇدايىم بۇيرىسا، كېلەركى قېتىملىق Windows تارقىتىلغاندا، «ئەلكاتىپ» يۇمشاق دېتالى پۈتۈنلەي دەم ئېلىشقا چىقىدۇ. لېكىن، مەن «ئەلكاتىپ» دېگەن بۇ ئىسىمنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇرىمەن. ھېچبولمىغاندا، بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرسوفت قۇرۇلغان خاتىرە كۈندە ئېسىمدىن چىقارمايمەن.

بۇ يازما خۇسۇسىي پاراڭ كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

ئەلكاتىپ ۋە ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن 68 ئىنكاس بار

  1. ئەيساجان مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرگە قوشقان توھپىسىنى ھەر بىر كومپيۇتىر ئىشلەتكۈچى ئۇيغۇر ھەرگىز ھەرگىز ئۇنۇتۇپ قالمايدۇ. ئۇيغۇر سوفت باشلامچىلىق قىلغاچقىلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر بۈگۈنكىدەك ھەقسىز بولۇپ كەتتى. ئاللا شىركىتىڭىزنى، ئۆزىڭىزنى، ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىقى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان ئۆتيۈرەكلەرنى ئامان قىلسۇن!

  2. مەمەتتوختى مۇنداق يازغان:

    كېلەركى قېتىملىق Windows توغرۇلۇق ئازراق بولسىمۇ ئۇچۇر بەرسىڭىزچۇ؟ ئادەمنى قىينىماي. كېلەركى قېتىملىق Windows دېگىنىڭىز Windows8 نى كۆرسىتەمدۇ ياكى ئۇنىدىنمۇ كېيىنكى نەشىرىنى كۆرسىتەمدۇ؟

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      ئەلۋەتتە بۇ يىل 9-ئايدا Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىنىدىغان، كېلەر يىلى رەسمىي بازارغا سېلىندىغان Windows 8 نى دېمەكچى.
      خۇدايىم بۇيرىسا، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى، كىرگۈزگۈچ، تور بېكەتلەردە EOT (قىستۇرما ئوبيېكتىپ تېخنىكىسى)نى ئىشلىتىش، تاختا كومپيۇتېر ۋە يانفوندا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش…. دېگەن ئىشلارغا ئەمدى خاتىمە بېرىلىدۇ.

  3. د.ئا.ئوغلان مۇنداق يازغان:

    ئالدى بىلەن ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ شانلىق 13 يىللىق مۇساپىنى بىسىپ ئۆتكەنلىكىنى تەبىرىكلەيمەن ! ئەلكاتىپ دىگەن بۇ ئىسىمنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلار يالغۇز ئالىم مۇئەللىم سىزلا بولمىسڭىز كىرەك . ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن تىنىم تاپماي تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ، شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق يۈكسىلىشىنى ۋە ئۆمىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .

  4. ئابدۇللا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
    ئۇيغۇرسوفت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13 يىللىقىغا قۇتلۇق بولسۇن!
    ئۇيغۇرسوفتنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتلىرىغا زور ئۇتۇق، شەرەپ تىلەيمەن!
    ئالىم مۇئەللىم ۋە شىركەت خىزمەتچىلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

  5. مەمەتتوختى مۇنداق يازغان:

    يېزىقىمىزنىڭ كومپيۇتېردا ئاخىرى %100 ھەل بولغانلىقىغا ئەجەپ خوش بولۇۋاتىمەن!

  6. ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇرسوفت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13 يىللىقىغا قۇتلۇق بولسۇن!
    مەن تېخى مۇشۇ خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇرسوفت لۇغىتنىڭ يېڭى نەشىرى تارقىتىلارمىكىن دەپ كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم.
    يېڭى نەشىرىدە قانداق يېڭىلىقلار باركىن.ئەگەر ماڭا لازىملىق ئىقتىدارلىرى بولسا بىرنى ئالماقچى ئىدىم.
    قاچانلىققا تارقىتىلىدىغاندۇ؟

  7. پەرھات مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر سوفىت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن . . . .
    ئەلكاتىپمۇ 13 ياشقا كىرەي دەپتۇ . . . .
    ئەڭ خوش بولغىنىم سىزنىڭ windows 8 نى تىلغا ئالغىنىڭىز بوپتۇ . . .
    بىلسەم تۇنجى windows vista چىققاندا سىزدەك خوش بولغان ئادەم بولمىسا كېرەك . . . .
    مۇشۇ ۋاققىچە پۇلغا windowsسېتىۋىلىپ ئىشلىتىپ باقمىغان . . . «ئاران بەش كوي خەشلەيتىم »
    windows 8 چىققاندا چۇقۇم سېتىۋالىمەن . . مەيلى قانچە بۇلىشىدىن قەتتىنەزەر . . . .
    رەخمەت ئالىم كا. . .

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      شۇنداق، كومپيۇتېر ساھەسىدە بىزگە ئازىراق پايدىسى بولسىلا، مەن ھەممىدىن بەكرەك خۇشال بولىمەن. چۈنكى، بۇ ئىشنىڭ جاپاسى ماڭا بەش قولدەك ئايان.
      ھازىرمۇ 270 يۈەنگە Windows 7 نىڭ ئائىلە نەشىرىنى بېرىدۇ ياكى ماركىلىق كومپيۇتېر ئالسىڭىز بىللە قوشۇپ بېرىدۇ.

  8. پەرھات مۇنداق يازغان:

    windows 8 قاچانمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىدا ئومۇملىشا . . . .
    مۇشتاپ بىزنىڭ ناھىيىدە windows 7 نى ئىشلىتىدىغانلار ئارانلا ساناقلىق نەچچەيلەن ئىدۇق . . ..
    تېخى باشقىلارغا windows 7 نى قاچىلاپ بەرسەك،كۈنەلمىدىم ئۇندىغى بۇندىغى دەپ ئىشلەتكىلى قويمىدى . . . شۇنچە چۇشەندۈرسەممۇ . . . بولسا xpنى يوقلا قىلىۋەتسە دەيمەندە ‹بۇغۇ چاقچاق›

  9. gilantir مۇنداق يازغان:

    ئالىم ئاكا رەھمەت سىزگە، ئۇيغۇرچە Windows … ھەجەپ خوشال بولدۇم.

  10. خەلىل ئابدۇللا مۇنداق يازغان:

    ئەلكاتىپ 6.0 تارقىتىلمايدىغان بولۇپتۇدە ئەمدى…

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      پۈتۈنلەي ئۇنداق دېگەن گەپمۇ ئەمەس. ئاساسلىق دېمەكچى بولغىنىم كىرگۈزگۈچ ۋە سىستېما خەت نۇسخىسى ياساش تولۇق ئەمەلدىن قالىدۇ، ئىلگىرى بۇ جەھەتتە يولۇققان بارلىق ئاۋارچىلىقلارغا پۈتۈنلەي خاتىمە بېرىلىشى مۇمكىن.

      ئەمما، ئەلكاتىپ دېگەن نامنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى تولۇق ھازىرلانغان ۋە باشقا خەت نۇسخىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەلكاتىپ بارلىققا كېلىشى مۇمكىن، خۇدايىم بۇيرىسا.

  11. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    ئەلكەتىپ راستىنلا كۇزۇر ئىسىم بۇلۇپ قاپتۇ. بۇمۇ ئالىم ئەپەندى باشچىلىقىدىكى زىيالىلارنىڭ تۆھپىسى.

  12. پەرھات مۇنداق يازغان:

    ھە ئالىمجان ئاكا . .شىنجاڭغا مىكروسوفىتنىڭ تارماق شېركىتىنىلا ئاچامسىز يە . . . ئۇيغۇرچە قىپلا . . . . ›‹
    بەك بىلگۈم كەلدى . . مىكروسوفت ھەرگىزمۇ بىزگە ئامراق بۇلۇپ قالغىنى يوقمىكىن دەيمەن . . . سىزگە ئامراق بۇلۇپ قالدىمىكىن . . . .
    ياكى سېستىمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشنى ئويلىغاندىمۇ . . .

    • ئو.تۇرپان مۇنداق يازغان:

      كىم بىلىدۇ؟ مىكروسوفتتىن پروگراممېرلىققا تەكلىپ قىلسا، «مېنىڭ قىلىدىغان باشقا نۇرغۇن ئىشلىرىم بار، يەنە كېلىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلمىسام بولمايدۇ» دېگەن بولىشىمۇ مۇمكىن جۇمۇ.

      • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

        بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار دەيمەن. چۈنكى، خەلقىمىز ئالدى بىلەن شىركەت قۇرغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دېگەن قالپاقنى چوڭ بىلىپ تۇرىۋالسا. ئىلگىرى تونۇش-بىلىشلەرمۇ ماڭا نەسىھەت قىلىپ، ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەشتىن، بىرەر شىركەت قۇرۇپ دېرىكتور بولۇشنى ئوڭاي-دەپ، دائىم مېنى ئالىم مۇئەللىم دەپ چاقىرىپ تۇرۇۋالسا، قانداق قىلمەن ئەمدى؟

        سىز دېگەن ئۇ جاۋاب – بۇنىڭدىن ئالتە يىل بۇرۇن بىخلاننىڭ بىلىكتە سورىغان سوئالىغا بېرىلگەن جاۋاب ئىدى، مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا شۇنداق ئويدا ئىدىم. لېكىن، ئويلاپ باقسام، خەلق مېنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئارقىلىق بىلدى ۋە قوللىدى، شۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن مەملىكەتلىك شەرەپلەرگىمۇ ئېرىشتىم (ھەرگىزمۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى دېگەن نامدا ئەمەس)، بۇنى مەن ئوبدان بىلىمەن. شۇڭا، ئۇ جاۋاب ھازىر پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.

  13. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،
    ئۇيغۇرسوفتنىڭ 13 ياشقا كىرگەنلىكىگە مۇبارەك بولسۇن!
    مەن مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈندە يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلارمىكىن دەپ ئويلىغان. ھېچ بولمىغاندا ئەلكوررىكتور دىتالى (يېڭى نەشىرى) پۈتۈپ قالغان بولسا مۇشۇ خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئېلان قىلىۋەتكەن بولسىڭىز دەپ بۇ خاتىرە كۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولاتتىكەن.
    يېڭى مەھسۇلاتلىرىڭىزنىڭ بۇرۇنراق ئاۋام بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىگە تىلەكداشمەن.

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      رەھمەت ! مېنىڭمۇ شۇنداق ئويۇم بار ئىدى، ئەمما، نەشرىياتتىن بېرىلىدىغان «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملىك بالداق كود(条形码bar code) تېخى چىقمىدى. شۇڭا، زورلاپ ئېلان قىلغىلى بولمايدىكەن.

  14. ئەزىز مۇنداق يازغان:

    شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13 يىللىقىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. مەن 2005-يىلى ئۇيغۇر سوفت لۇغىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن شىركەتكە بېرىپ (ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىغا)، بۇ شىركەتنى تونۇغىنىمدىن باشلاپ، بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ كومپيۇتېر بىلەن رەسمىي تونۇشۇشۇم، 2005-يىلى مۇشۇ شىركەتنىڭ لۇغىتىنى سېتىۋېلىشتىن باشلانغان دېسەممۇ بولىدۇ (ئالىي مەكتەپتەBASIC تىلى قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا)، مانا شىركەت قۇرۇلغىلىمۇ 13 يىل بوپتۇ، مانا شۇنىڭدىن تارتىپ مەنمۇ كومپيۇتېر، تور قاتارلىقلار ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگىمۇ ئىگە بولدۇم، ئۇيغۇر دىيارىمىزدا مۇشۇنداق شىركەتنىڭ بارلىقىدىن باشلاپ، دۇنيا دېگەن نېمە؟ ئۇچۇر ئىلمىي دېگەن نېمە؟ ئىنسانلارنىڭ ئالاقىسى دېگەن نېمە؟ دېگەندەك چوڭ-چوڭ تېمىلار ھەققىدە ئۆز كۈچۈمگە يارىشا ساددا-خىيالىي بولسىمۇ، ئاز-تولا ئويلىنىدىغان بولدۇم. مانا، تىرىشقان ئۇزار دېگەندەك ھۆرمەتلىك ئوغلان ئالىم ئەھەت، ئۇيغۇر سوفت شىركىتى، شۇنداقلا پەرقنىڭ چوڭلىقىدىن ئەيمىنىپ بىز ئىسمىنى ئاتاشقا تازا جۈرئەت قىلالمايدىغان مىروسوفت شىركىتى، مەشۇلات سىستېمىسى، ئېنتېرنېت تورى دېگەندەك بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئارىلىقىمۇ يېقىنلاپ قېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ، كونىلاردا كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس دېگەن گەپ بار، ئالىم ئۇستازدەك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، نۇرغۇن ئارزۇلىرىمىز ئىشقا ئاشقۇسى، ھەممەيلەننىڭ مەدىتى سىلەرنى كۈچلەندۈرۈپ تېخىمۇ يىراقلارغا ئۇزاتقۇسى…..

  15. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    ئالدى بىلەن ئۇيغۇرسوفىتنىڭ قۇتلۇق 13 يىلىنى تەبىرىكلەيمەن . ئاندىن ئەلئالىم مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ساھەسىگە قوشقان ۋە قوشۇپ كېلىۋاتقان بارلىق تىرىشچانلىقىغا تەشەككۈرلەر بىلدۈرىمەن . ئەلۋەتتە يىڭى نەشىردىكى ۋىندوۋسنىڭ بىۋاستە ئۇيغۇرچىنى تونىشىمۇ ئۇيغۇر سوفىتنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولدى،. سىزنىڭ بۇ ساھەدە توختاپ قالماي داۋاملىق بىزلەرنى يىڭى تېخىنىكىلار بىلەن تەمىن ئېتىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .

  16. دىلشات مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇرسوفتنىڭ 13 يىللىق تەۋەللۇتىغا مۇبارەك!
    ئۇيغۇرسوفتنىڭ مۇۋەپپىيەت پروگراممىسى:

    ‎public class Aqiwet{

    public String qedem,jeryan;

    Aqiwet(){
    qedem=“puxta“;
    jeryan=“izchilliq“;
    }

    public static void main(String[] argv)
    {
    String ghelibeUchunQedem=“puxta“;
    String ghelibeUchunJeryan=“izchilliq“;
    Aqiwet UyghurSoft=new Aqiwet();
    if(UyghurSoft.qedem==ghelibeUchunQedem&&UyghurSoft.jeryan==ghelibeUchunJeryan)
    System.out.println(”Ghelibe sizge mensup!“);
    else System.out.println(”meghlup boldingiz!“);
    }
    }

    • مۇرشىدى مۇنداق يازغان:

      بۇ پىروگىراممىغا ھەر قېتىم ئوخشىمىغان قىممەت ئالىدىغان ۋاقىت ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر ئۆزگەرگۈچى مىقدار قوشۇپ قويۇلسا تېخىمۇ ئوبرازلىق بولاركەن! بىر ھېسابتا ھازىرقىسىمۇ توغرا بوپتۇ: قاچانلا ئىجرا قىلسا «غەلىبە سىزگە مەنسۇپ!» دەپ ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدىكەن. (^_^)

  17. ئۇيۇشقاق مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر سوفتنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ! ھېلىمۇ بۇلارغا جىق قەرزدار بىز ، سىستىمىلىرىنى بەك جىق ئىشلىتىۋاتىمەن مەن ، ھەممىسى ھەقسىز ! رەھمەت !

  18. ئەنقەر مۇنداق يازغان:

    خەنزۇلارنىڭمۇ windowsنىڭ ئۆزىدە خەنزۇچە كىرگۈزۈشى خېلى بۇرۇنلا ئەمەلگە ئېشىپ بولغان، لېكىن بۇلار ھازىرغىچە يېزىق كىرگۈزگۈچ ياساۋاتىدۇ، سوگو، كىيۇ-كيۇ، گوگىللارنىڭ كىرگۈزگۈچى ئوتتۇرسىدا رىقابەت خېلى كەسكىن، سىزنىڭ كىرگۈزگۈچ ياسىشىمىز ئەمەلدىن قالىدۇ دېگىنىڭىز سەل يەڭگىلتەكلىك بىلەن چىقىرىلىپ قالغان قارارمۇ نېمە؟ بەلىكىم بىزنىڭ يېزىقىمىز بۇنىڭدىن تېخىىمۇ ئىلغار بولغان كىرگۈزگۈچلەرنى ياساشقا پۇرسەت بەرمەسلىكى مۇمكىن، بۇ جەھەتتە مېنىڭ چۈشەنچىم كامچىل، ئەمما راسلا ئاشۇنداق تېخىمۇ قولاي بولغان كىرگۈزگۈچ ياساپ چىققىلى بولسا، ھەمدە پۈتۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بازىرىنى مونۇپۇل قىلسا، مېنىڭچە بۇمۇ ئىنتايىن چوڭ بىر بازار(ئېلان ئارقىلىق خېلى چوڭ ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولۇشى مۇمكىن).

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەلىك يېزىق، ھەرپ ئىنتايىن چەكلىك، شۇڭا، تىل ئالاھىدىلىك جەھەتتە ھېچقانداق يېقىن كەلمەيدىغان خەنزۇچە كىرگۈزگۈچنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۇيغۇرچىغا يۈكلەشكە بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بۇنداق كىرگۈزگۈچكە ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ.
      سىز دېگەن كىرگۈزگۈچلەر كۇنۇپكا تاختىسىغا ھەرپلىرىنى(ئېنىق ئېيتقاندا خەتلىرىنى) پاتقۇزالمىغان خەنزۇ، ياپۇن، كورىيە، …دېگەندەك تەسۋىرىي يېزىق ئىشلىتىدىغانلارغا زۆرۈر. ناۋادا، ئېلىپبەلىك يېزىقلارغا مۇشۇنداق كىرگۈزگۈش ئىنتايىن زۆرۈر ۋە ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان ئىش بولسا، دۇنيادا ئەڭ ئاۋۋال ئىنگلىزچە مۇشۇنداق كىرگۈزگۈچلەر ۋۇجۇدقا كېلىپ بولاتتى. شۇڭا، بۇنداق ئارتۇق خىيالنى قىلمىغان ياخشى.

      مېنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىمدا ھازىر 50 مىليون تەكرارلانمىغان ئۇيغۇرچە تاق سۆز بار، «ئا» ھەرىپىدىن باشلانغان سۆزدىن 1 مىليۇن 800 مىڭ سۆز بار، «ئالىم» دېگەن سۆزدىن باشلانغان سۆزلەرنىڭ سانى 1200 بولۇپ، مەسىلەن: ئالىمجانغا تەكلىپ بېرىمەن دەپ يازماقچى، لېكىن، مەن ئالىم دەپ كىرگۈزۈپ بولغۇچە، ئالىم دىن باشلانغان 1200 سۆز ئاستىدا تىزىلىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر خەت كىرگۈزەمدۇ ياكى ئالىمدىن باشلانغان سۆزنىڭ ئالدىدىكى رەقەملەرنى بىر-بىرىدىن كۈزىتىپ، ماۋۇ 615-سۆز ئالىمجانغا ئىكەن دەپ شۇنى تاللاپ بېرەمدۇ؟

      مەن بۇ ئىشنى قايتا-قايتا سىناپ باقمىغان بولسام، ھەرگىز بۇنداق گەپنى قىلماس ئىدىم، چۈنكى بۇنىڭغا چاقچاق ئارىلاشسا بولمايدۇ.

      • ئەنقەر مۇنداق يازغان:

        باشتا دەپ ئۆتكەندەك بۇ ھەقتە مېنىڭ چۈشەنچىم كامچىل، بەلىكىم تەنتەكلەرچە سوئال سوراپ قويغاندىمەن، شۇنداق بولسىمۇ سىزنىڭ ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈش بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.

      • ئو.تۇرپان مۇنداق يازغان:

        مېنىڭچە بۇخىل ئىشلىتىش ئورنى كۆپ ئەمەس، سۆزنى كۆرسۈتۈپ بېرەلىگەن تەقدىردىمۇ كېرەكلىك سۆزنى تاللاشقا كەتكەن ۋاقىتتا، قالغان قىسمىنىمۇ كىرگۈزۈپ بولۇش مۇمكىن. بىرقىسىم بوغۇم سانى ئۇزۇنراق، ئىشلىتىلىشى كۆپرەك سۆزلەرگە نىسبەتەن ئىشلىتىش ئورنى بولىشى مۇمكىن.

  19. تۇرسۇن ساۋۇت مۇنداق يازغان:

    خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ئالىم مۇئەللىمنىڭ 14-ئىيۇندىكى تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشنى ئۇنتۇپ قاپتۇق ئەمەسمۇ؟!
    كېچىككەن بولسىمۇ قوبۇل قىلارسىز، ئاۋۋال تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە، ئاندىن ئۇيغۇر سوفتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە مۇبارەك بولسۇن!!!!
    (ئۆزەممۇ 16-ئىيۇن ئەتىگەندە تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېسىمگە ئالغان ئىدىم.)

  20. دىلمۇرات مۇنداق يازغان:

    ئالىم مۇئەللىم بەزىلەر بىلىك كۇلۇبى ۋە باشقا مۇنبەرلەردە windowsنىڭ كېيىنكى نەشىرىدىن باشلاپ مىكروسوفت ئۇيغۇرچە نۇسقىسىنىمۇ تارتىقىدىكەن دەپ گەپلەر بولۇنغان بۇ تېمىڭىزغا قارىساممۇ شۇنداقراق گەپ بار تۇرىدۇ، بۇ گەپ راستمۇ؟ راستىنلا ئۇيغۇرچە نۇسقىسى چىقامدۇ؟ ئېنىق جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز…

  21. ئېرا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، 98-يىلى يىڭدا چىققان «كومپىيۇتېر دۇنياسى»دىگەن ژۇرنال چىققاندا سىزنىڭ «كومپىيۇتېر سېتىۋالغان دىھقان »ناملىق بىرقاتار ماقالىرىڭىزنى قېزىقىش بىلەن ئۇقۇغۇنىم تاھازىرغىچلىك ئىسىمدىن كەتمەيدۇ،شۇچاغلاردا مەن تولۇقسىزدا ئۇقۇۋاتقان چاغلرىم ئىدى ، شۇ چاغلاردا UTTئىشلتىپ قول مەشىقى قىلىىپ ناھايىتى تېزلا خەت بېسىشقا ئوستا بۇلۇپ كەتكەنىدىم ، بەلكىم ھازىر بۇنداق ئىشلار كۆپچىكنىڭ ئىسدە قالغمىغان بولۇشى مۇمكىن ، لكىن مىنىڭ تاھازىرغىچىلىك كومپىيۇتېرىنىڭ ئىكرانىغا ئويغۇر خەت كۇرىنگەن چاغدىكى خۇشلۇقۇمدىن ھەتتا كىچىسى كۆزۇمگىمۇ ئويقا كەلمىگەنىدى ! سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن 10يىلنىڭ ياقى مەن ۋە ئەتىراپىمدىكى نۇرغۇن بالىلار كومپىيۇتېرنىڭ نېنىنى يەۋاتىمىز ، گەرچە تا ھازىرغىچىلىك سىز بىلەن يۇز كۆرۇشۇپ باقمىغان بولساقمۇ ھەممىمىز سىزدىن بەك مىننەتدار!
    ئاللاھتىن ئائىلىڭىزگە خۇشاللىق ، خاتېرجەملىك تىلەيمىز!

  22. ئاقنىياز مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم
    ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقىسىز ئەمەستۇ ،مەن يۇقۇردىكى يازمىلارنى كورسەم ھەقسىز بوپكەتتى دەپ تۇرىدۇ .

  23. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇرسوفىتنىڭ 13يېشىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن . خىزمەت گورۇپپىڭىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن . جاپا چەكتىڭلار.
    WINDOWS8نىڭ WINDOWS7گە ئوخشاش ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىلا بارمۇ ياكى سېستىمىنى پۇتۇن ئۇيغۇرچە قىلىدىغان تىل بولىقىمۇ بارمۇ ؟
    ئالىمكا سىزنىڭ كۆزتىشىڭىزچە ئالما كومپىيوتۇرلىرىنىڭ تىل بولىقى جەھەتتىكى خىزمەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىقى بارمۇ ؟ ياكى كەلگۈسىدە قانداراق بولار ؟

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      بەزى ئىشلارنى سۆزلەش تېخى بالدۇر، لېكىن، ھامان شۇنداق كۈنلەرنىڭ كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەي قالماڭ.
      مەيلى ئالما بولسۇن ياكى ئانار بولسۇن(چاقچاق)، ئۇلارنى يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىدا بېسىلغان ھەر بىر قەدەمنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بار، چۈنكى، نۇرغۇن نەرسىلەر تېشىلىپ چىقىپ ئۆلچەملەر بېكىتىلىدۇ، ئاتالغۇلار قېلىپلىشىدۇ، قىلىدىغان ئىشلار چىقىپ تۇرىدۇ.

  24. نۇرلان ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    «ئەلكاتىپ» دېگەن ئىسىم ھەقىقەتەن ئىسىل قۇيۇلغان ئىسىم. يەنى «ئەل» دېگەن سۆزگە «كاتىپ» دېگەن سۆز قۇشۇلۇپ يېڭى بىر مەنىلىك ئىسىم ھاسىل قىلىنغان. «ئالما» شىركىتى «ئۇيغۇسوفت»شىركىتىنى دورىدىمۇ ياكى ئىلھام ئالدىمۇ، بارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا «ئاي» ھەرىپى قوشۇپ قويىدىغان بولىۋالدى. مەسلەن: ئايفون، ئايپەد، ئايمەك دېگەندەك…
    ئالىم مۇئەللىم پاتنىت ھوقۇقىڭىزنى قوغداپ، «ئالما» شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلسىڭىز ئاققىدەك جۇمۇڭ!!!ھى، ھى، ھى
    «ئەلكاتىپ» تارىخ بېتىگە مەڭگۈلۈك يېزىلىدۇ…

    بولسا بۇندىن كېيىنكى مەھسۇلاتلىرىڭىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا «ئەل» سۆزنى قوشۇپ ئىسىم قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلتەرجىمان، ئەلكوررېكتور…

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      مەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا ئالدىنقى ھەپتە يەنە تېلېۋىزورغا چىقتىم. ئالما مەھسۇلاتلىرىدىن iPad2 نى تونۇشتۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن I دىن باشلانغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم. بۇ پىروگراممىنى مۇشۇ ھەپتىدە قويامدىكىن؟

  25. تۇرسۇنجان مۇنداق يازغان:

    مەن ئالىم ئەھەت ئاكامغا بەك قايىل.. نىمشقىمۇ بالدۇرراق كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلەشمىگەن بولغىيتىم دەپ كىتىمەن. بولمىسا مەنمۇ كومپيۇتېر ئۇستىسى بولۇپ قالار ئىكەنمەن دەپ قالىمەن. (چاقچاق)، ئەمما مەن ئالىم ئاكىمىزنىڭ كومپيۇتېر بىلىمىگە بەك قايىل. ئىشلىرىڭىز تىخمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

  26. كۆك دېڭىز مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم! تولىمۇ ئەجىرلىك ئىشلارنى قىلدىڭىز ھەم قىلىۋاتىسىز،سىزدىن تولىمۇ سۆيىنىمىز! ئۇيغۇر سوفت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13يىللىقىنى قۇتلۇقلايمەن!ئىشلىرىڭىز تىخىمۇ روناق تاپسۇن،چۇنكى سىزنىڭ روناق تىپىشىڭىز بىلەن مىللىتىمىزمۇ روناق تاپىدۇ ئەمەسمۇ!
    ئەلكاتىپنى بولسا ئۆزىڭىز ئىيتىپ ئۆتكەندەك« ئەلكاتىپ دېگەن نامنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى تولۇق ھازىرلانغان ۋە باشقا خەت نۇسخىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەلكاتىپ بارلىققا كېلىشى مۇمكىن، خۇدايىم بۇيرىسا».مەنمۇ شەخسەن مۇشۇنداق بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.مەنمۇ تۇنجى قىتىم كومپېيۇتىردا ئۇيغۇرچە كۆرگەندە خۇشلۇقتا يىغلىۋىتەيلا دەپ قالغان. ئىمكان بار باشقا ئىقتىدار قوشۇش ئارقىلىق ئەلكاتىپنى ساقلاپ قالايلى،ئەلۋەتتە بۇ سىز ئۈچۈن تەس ئەمەسقۇ دەيمەن.
    كېيىنكى WINDOWSنى ساقلاۋاتىمىز،لىكىن بىر مەسىلىنى ئىنىق بىلەلمىدىم،ئۇ بولسىمۇ كېيىنكى WINDOWS ئۇيغۇرتىلى تىل بولىقى شەكلىدە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشەمدۇ ياكى مەخسۇس ئۇيغۇرچە WINDOWS تەگ سىستېمىسى شەكلىدىمۇ ؟

  27. تۇرسۇن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مېنىڭ كومپىيوتىرىمدا ئەسلىدە ئەلپىدا بار ئىدى، ئۇنى ئىشلەتمەي ، ئەلكاتىپنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى ئىشلەتمەكچى بولدۇم ، ئەلكاتىپنىڭ 5.0،5.5ھەقسىز نۇسخىلىرىنىڭ ئىككىلىسنى سىناپ باقتىم ، ئەمما قايسىنىلا قاچىلىماي ، ئەلكاتىپنىڭ يېزىق كىرگۈزۈش پىروگىراممىسى ۋىندوۋىسنىڭ يېزىق كىرگۈزۈش رامكىسىغا قېتىلمىدى ، بۇ نىمە ئىش

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      قارىغاندا، كومپيۇتېرىڭىزدىكى 360 دېگەندەك ۋىرۇسخور ياكى ئوتتام توسۇپ تۇرۇۋاپتۇ، ئاۋۋال مۇشۇنداق نەرسىلەرنى توختىتىپ قويۇپ، ئاندىن قاچىلىسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى سىز ئىلگىرى ئەلپىدانى نورمال ئىشلىتىپ كېلىۋېتىپسىز، شۇڭا، بۇ ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى قاچىلمىغاننىڭ ئىشى ئەمەس.

  28. ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    مەن 1999-يىللارغۇ دەيمەن، كومپىيوتېر دۇنياسى ژورنىلىغا تەكلىپ پىكىر يېزىپ، مۇنەۋۋەر باھالىنىپ، ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدە ئەلكاتىپ يۇمشاق دېتالىنى ھەقسىز ئالغان ئىدىم. شۇ چاغدا بۇ دېتال 50 يىۋەن ئىدى. كېيىن ئۇنى ئالىمجاندىن 30 يىۋەندىن ئېلىپ، 80 نەچچە ئوقۇتقۇچىغا ھەقسىز تارقاتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئاقسۇ قاراتالدا بۇ دېتال ئومۇملىشىپ كەتكەن ئىدى.
    يىللار بەك تېز ئۆتىدىكەن. ھەر قېتىم ئالىمجاننىڭ رەسىمىنى كۆرسەم، ئالىمجاننىڭ كۆزى قانداق چىداملىق كۆزدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن
    شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13 يىللىقىغا ئەمەس، سىزنىڭ ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىشلىرىغا تۆھپە قۇشقان 13 يىللىق ئەجرىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن….

  29. بەگزادە مۇنداق يازغان:

    مەن «ئالىم ئەھەت » دىگەن ئىسىمنى ئەينى ۋاقىتتىكى DOSمەشغۇلات سىېستىمىسى ئاساسىدا ئىجرا بۇلىدىغان ئۇيغۇرچە windows3.1 دا ئۇچراتقان ئىدىم. كىيىن رەھمەتلىك ئاغىينەم ئابدىراخمان «ئۇيغۇر سوفىت» تا تەربىيىلىنىپ كەلگەندىن كىيىن ، «ئالىم مۇئەللىم ، ئۇيغۇر سوفىت» دىگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەريتتى. كىيىن« ئەلكاتىپ » بىلەن ئۇچراشتىم ئەلكاتىپ ھازىر غىچە ماڭا ھەمرا بۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. 2005- يىلى بىلىم ئاشۇرۇشقا چىققاندا ئالدى بىلەن خۇتەنلىك بالىلارغا دەپ قىزىل بايراق كومپىيوتىر بىناسىغا بېرىپ «ئۇيغۇر سوفىت»نى كۈرۈپ كەلگەن ئىدىم . ئۇيغۇر سوفىت قۇرۇلغانلىنىڭ 13 يىللىقىنى كىچىكىپ بولسىمۇ قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق تۈھپە قۇششنى ئۈمىت قىلىمەن.
    ( ھەراس! ئالىم مۇئەللىم ھازىر مۇ «سەنشىخاڭزا» دىكى «تىللا» تاماقخانىسىغا كىرىپ تۇرامسىز ؟ ئۇرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا سىز بىلەن پات-پات شۇيەردە ئۇچرىشىپ قالاتتىم ، نەچچە قېتىم سىز بىلەن بىر ئۈستەلدە قارىشىپ ئولتۇرۇپ غىزالانغان تېخى…………………. لەغمىنى بىلەن پۇلوسى بەك مەزىلىكتى)

  30. ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بۇ بىلوگدىن ۋىندوۋىس 7 ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى كۈرۈپ، بۇ يېڭى سېستىمىغا كۈچۈۋالدىم.
    مېنىڭچە يۇمشاق دېتالدا يەنىلا ئەڭ يېڭى نەشىرلىرىنى ئىشلەتكەن ياخشى ئىكەن.

  31. خيالى مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇسىز، پۇت-قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، بارلىق ئۇيغۇر قەلبىدە كومپىيۇتېردىكى ئۇيغۇرچە دىسە ئەڭ ئاۋۋال ئالىم ئەھەت بىرنىڭ ئىسىمىزگە كىلىدىغانلىقىنى ئەسلىگىنىڭىزدە، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىدا تەسىر دائىرىسى ئەڭ چوڭ شەخسلەرنىڭ بىرى ئالىم ئەھەت دىگەن سۆزلەر تارىخ بەتلىرىدە ئۆز ئىزناسىنى تاپقاندا، ھاردۇقلىرىڭىزنىڭ چىقىشىغا گەپ كەتمەيدۇ. رەھمەت ئالىمكا!

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      ئۇنداق ماختاپ كەتمەڭلار، بولمىسا، مەن راست شۇنداق ئوخشايمەن دەپ ئۆزۈمگە ئارتۇق روھىي بېسىم قىلىۋالماي يەنە بىر جەھەتتىن كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقالماي قالسام تاپا-تەنىگە كۆمۈلۈپ كەتمەي. مەن تېخى ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى قىلىپ بولالمىدىم. بۇنى قىلىش ئۈچۈن مەن يالغۇزلۇق قىلىمەن، بۇ جەھەتتە ئەتراپىمدىكىلەر بىلەن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمگە توغرا كېلىدۇ.

  32. ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    ناۋادا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساش ئەمەلدىن قالسا، تارىخى يېزىقلىرىمىزنى كىرگۈزىدىغان كىرگۈزگۈچلەرنى ياساپ باقمايمىزمۇ؟ ھە ئالىمجان؟
    مەسىلەن: ئۇرخۇن يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى دېگەندەك تارىخى يېزىقىمىزنى يازغىلى بولىدىغان قىلىپ…..
    تېخى قەلەم ئارقىلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى باشلىساق بولاتتى…..

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      بۇ بولىدىغان گەپ، ناۋاتتەك گەپ قىلىپسىز، مېنىڭمۇ ئۇ تېمىدا دېمەكچى بولغىنىم بۇرۇنقىدەك كىرگۈزگۈچ ۋە فونت ئۈچۈن ئەمدى كۆپ زېھنىمىزنى بەرمەيلى، باشقا ئىشلارنى كۆپرەك ئويلايلى

  33. مۇتەللىپ مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13 يىللقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئالىم ئاكا ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ياغسۇن.
    سىزنى نەنمىندىكى شىنخۇا كىتاپخانىسىدا كۆرۈپ تاكى سىز كۈلرەڭلىك ماشىنىڭزدا قايتقۇچە ‹‹ئىزىڭىزغا›› چۈشكەن( كۆرۈشەيمۇ كۆرۈشمەيمۇ دەپ) ئاخىرىدا كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالماي ماشىنىڭزنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالغان ئىدىم.

  34. ئابدۇرېشىت ئېلى مۇنداق يازغان:

    مەن ئەلكاتىپنى 2000-يىللاردىن باشلاپ تونۇشقا باشلىغان. خاتالاشمىسام شۇ ۋاقىتتىكى نەشر نومۇرى 3.1 ئىدى (Windows2000 نى قوللايتتى)… شۇندىن بىرى مەن ئەلكاتىپنىلا ئىشلەتتىم. ھەر قانداق ئەھۋالدا باشقا كىرگۈزگۈچلەرنى ئىشلىتىپ بېقىش خىيالىدا بولۇپ باقمىدىم ھەتتا ئەتراپىمدىكىلەرنىمۇ ئەلكاتىپقا سۆرەپ كىردىم. بۇنداق بولۇشى ئەلكاتىپنىڭ ئەڭ ياخشىلىقىدىن (ئەمەلىيەتتىمۇ ئەلكاتىپ ئوخشاش كىرگۈزگۈچلەر ئىچىدە ئەڭ ياخشى) بولۇشى ناتايىن. ئەمما مېنى مۇشۇنداق مۇھەببەت بىلەن ئۆزىگە تارتىپ كېلىشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەب: ئەلكاتىپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ شىركىتى ــــــــ ئۇيغۇرسوفت تەرىپىدىن ياسالغان تۇنجى يۇمشاق دېتال ھەم ماسلىشىشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى، مۇقىملىقى جەھەتتىن ئادەمنى ئەڭ رازى قىلىدىغان، نەشرى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتال!
    مېنىڭ يۇمشاق دېتال ئىشكاۋىمدا ئەلكاتىپنىڭ 3.1 دىن باشلانغان بارلىق ھەقلىق ۋە ھەقسىز نۇسخىلىرى تولۇق ساقلانغان، ئۆيگە تور تارتقاندىن باشلاپ يۇمشاق دېتال ساقلىمايدىغان بولساممۇ ئەمما ئەلكاتىپنى تولۇق ساقلاپ كەلدىم، ئەسلى ئىشلىتىشتىن قالغان نەرسىلەرنى تاشلىۋەتسەممۇ بولاتتى، بىراق قانداقتۇر بىر خىل مۇھەببەت مېنى بۇنداق «تاشلىۋېتىش» تىن ساقلاپ كەلدى!
    ئەلكاتىپ مەڭگۈ بىزگە ھەمراھ بولسۇن!
    ئۇيغۇرسوفتنىڭ 13 يىللىقىنى كېچىكىپ بولسىمۇ مۇبارەكلەيمەن!

  35. راخمانجان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئەپەندى، سالامەت تۇرغايسىز!
    Microsoft Word 2010نى قاچىلاپ ئەلكاتىپنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن (ھەقلىق نۇسخسى) ئىدىم، لېكىن بۇنىڭدا ئەلكاتىپنىڭ كورىكتورىنى ئىشلىتەلمىدىم، شىركەت تور بىكىتىگە كىرسەم ئىنگىلىزچە بولۇپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېچنىمە بىلەلمەي يېنىپ چىقتىم. قانداق قىلسام ئىشلىتەلەرمەن؟

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      ئەلكاتىپ ئىچىدە تەمىنلەنگەن كوررېكتور ( گۇمانلىق سۆزلەرگە قىزىل سىزىق سىزىپ بېرىدىغان ) نۇسخىسى Word 2010 دە ئىشلەيدۇ، لېكىن، تەكلىپ سۆزنى كۆرسىتەلمەيدىكەن، ھازىر بۇ مەسىلە ھەل بولۇپ، يېڭى ئىملا قائىدىسدىكى كوررېكتورمۇ ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، شىركىتىمىزنىڭ تور بېكىتىمۇ مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ئالدى بىلەن ئىنگلىزچە ياساش زۆرۈر بولۇپ قالدى، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نۇسخىسىمۇ يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ تۇرغايسىز.

  36. راخمان مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇ سىز ئالىم مۇئەللىم!
    مەن سىلەرنىڭ ئۇيغۇرسوفىت كوررىكتورنى سېتىۋالغان ئىدىم. نورمال قاچىلىدىم، Word قىمۇ نورمال يۈكلەندى. لىكىن، تىزىملىتىش (注册) كۇنۇپكىسىنى چەكسەملا word تىن چېكىنىپ كېتىدۇ. بولمىسا Word نىڭ 选项-信任中心-宏设置-启用所有红 دېگەن يېرىنى تاللىغان ئىدىم. باشقا ھەل قىلىش چارىسى بارمىدۇ؟
    ئىشلىتىۋاتقىنىم ئۇنى WIndows7 64 بىتلىق سېتىمىدىكى Word2007 ئىدى.

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      ئىلگىرىكى نۇسخىسى Windows7 ۋە Office2007 دە ئىشلىمىگەچكە ھەم كونا ئىملا قائىدىسى بولغاچقا، ئۇنى ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ سېتىشنى توختاتقان ئىدۇق، 9-ئايلاردا بازارغا سېلىنىدىغان يېڭى نۇسخىسىدا بۇ مەسىلە پۈتۈنلەي ھەل بولدى، 64 بىتلىق سىستېمىدىمۇ نورمال ئىشلەيدۇ. Office2007/Office2010 دىمۇ نورمال ئىشلەيدۇ. ھازىر ماكرونىمۇ تەڭشىمىسىمۇ بولىدۇ

  37. راخمان مۇنداق يازغان:

    مەن 9-ئايغىچە ئىشلىتەلمەيمەنمۇ ئەمدى؟ ئالغىلى نەچچە كۈن بولغان ئىدى تېخى

  38. راخمان مۇنداق يازغان:

    قىزىل بايراق كومپيۇتىر بازىرى 2-قەۋەتتىكى بىر پۇكەيدىن، قازاق بالىلارغۇ دەيمەن

  39. ئىلى ئوغلى مۇنداق يازغان:

    ئامما 11يىللىقىنى بىللە ئۆتكۈزۈپ بەك خۇش بولغانتىم ، جەنۇبى تاغدا. مانا بىردەمدە 13 ياشقا كىرىپ كېتىپتۇ! ئەلئالىم مالىم باشچىلىقىدىكى ئەلئۇيغۇر سوفت شېركىتى يەنە قانداق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىكىن؟ مالىم ئۇنچىۋالا ئەنسىرەپ كەتمەڭ! ئەلنىڭ دۇئاسى سىزگە يار، نې نې ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز ھەم تىلەيمىز! ‹‹ياخشى كىشىلەر باغچىسى›› دىن كېلىۋاتقان ساۋابلارمۇ ئاز ئەمەستۇ سىزگە! شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپ بۇ ماقالىلەرگە قانداق ۋاقىت چىقىرىۋاتىسىز ۋوي؟

راخمان ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: