ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەليۇلئەلا-پەخرىيە ئەشرەپ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەليۇلئەلا-پەخرىيە ئەشرەپ

[ تاغدىن-باغدىن ]



بۈگۈن رادىيو تىزىملىكىدىن بۇ يىللىق ئەليۇلائەلا ھەققىدىكى پىروگرامما ئۇقتۇرۇشىدىن خەۋەر تېپىپ، پىروگرامما ۋاقتىغا ئۇدۇللاپ ئىشتىن چۈشۈپ، رادىيو ئاڭلىغاچ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:00 دە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ياشلىق مېلودىيە » پىروگراممىسىدا بۇ يىللىق ئەليۇلئەلا-پەخرىيە ھەققىدىكى نەق مەيدان سۆھبىتى باشلاندى.

پەخرىيە ئەشرەپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەبىئىي پەن تۈرىدە 711 نومۇر ئېلىپ ش ئۇ ئا ر بۇيىچە ئەليۇلئەلا بولغان، ماتېماتىكا نەتىجىسى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولۇپ، تولۇق نومۇر يەنى 150 نومۇر ئالغان ئىدى.

بۇ پىروگراممىغا قىزىقىشىمدا تۆۋەندىكى ئىككى سەۋەب بار.
(1) مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغاچقا، ماتېماتىكىدىن تولۇق نومۇر ئالغان بۇ سىڭلىمىزنىڭ تالانتىغا ۋە تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتىم. شۇنداقلا ئۆگىنىش تەجرىبىسىنى ئاڭلاپ باققۇم كەلدى.

(2) بىزنىڭ ئۆيدىمۇ 1989-يىلى ش ئۇ ئا ر تەبىئىي پەن ئومۇمىي نومۇر ۋە فىزىكا (مەملىكەتلىك بىر تۇتاش) ئىمتىھانىدا ئەليۇلئەلا چىققان بولۇپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى خۇشاللىقىنى ئوبدان چۈشىنىمەن. ئۇلارنىڭمۇ تەسىراتلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم كەلدى.

رادىيو ئارقىلىق ئۆزىنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ خۇشاللىقىنى ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم، مېنىڭچىمۇ بۇ سىڭلىمىز شىنجاڭدىكى خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق،….ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. پەرىزىمچە، بۇ يىل ئىمتىھان بەرگەنلەر ئىچىدە بۇنداق تولۇق نومۇر ئالغانلار پۈتۈن جۇڭگودا 10-20 گىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز بالا تۇرۇپ بۇنداق تولۇق نومۇر ئالغىنى ھەقىقەتتۇر.

ئۆيگە كەلسەم قىزىممۇ رادىيو ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىكەن، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ماڭا تېلېفون ئېلىپ بەر دېگەن ئىدى، مەنمۇ ياق دېمىگەن ئىدىم، ئەمما، ئۇ رادىيودىن ئاڭلاپ تەسىرلىنىپتۇ، پەخرىيە ئاچاشمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ تېلېفون ئىشلەتمەي، ئىمتىھانىدا بىرىنچى بولۇپتۇ ھەم ماتېماتىكىدا 150 نومۇر ئېلىپتۇ. مەن ماتېماتىكىدا ئاران 100 نومۇر ئالغان تۇرسام، 50 نومۇرنى قانداق ئارتۇق ئالغاندۇ؟-دەپ ھەيران قېلىپ، مەنمۇ تېلېفون ئالماي ئەمىسە دەيدۇ. دېمەك، بۇ قىزنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر قىلدى. مېنىڭچە ئاتا-ئانىلارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىغىمۇ قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

نۇرغۇن ئاتا-ئانا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدىن ياخشى نومۇر ئالغىلى بولمايدۇ»-دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئۇلار يەنە بۇنى ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ سىڭدۈرۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ماتېماتىكا نومۇرۇم ئاساسىي ئۆلچەمگە يەتسىلا بولىدۇ دەپ سەل قارايدۇ. ماتېماتىكا ئۆگىنىشنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالغاچقا، ماتېماتىكىدىن ھەتتا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىدىنمۇ بىزار بولىدۇ. مېنىڭچە ھەممە ئادەم ماتېماتىكىغا قىزىقمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ماتېماتىكىغا ئۆچ قىلماسلىقى كېرەك ئىدى.

ئاخىرىدا، بۇ سىڭلىمىزنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىكى ئالىي مەكتەپكە بېرىپ، كەلگۈسىدىمۇ ئۆز ئىسمىغا لايىق پەخىرلىك ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن!

رادىيونى ۋاقتىدا ئاڭلىيالمىغانلار، ياشنا بىلوگىدىن كىرىپ ئاڭلىساڭلار بولىدۇ،
ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى «ياشلىق مىلودىيە» پىروگراممىسى
http://www.yashna.net/?p=368

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
23 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • بەك قالتىس

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:05
  • ھاھاھا… پەخىرىيە توغۇرلۇق تېما بۇ يەردىمۇ باركەنغۇ؟ ئۇ مېنىڭ ساۋاقدېشىم . بۇرۇن دادام دائىم ئاتا-ئانىلار يىغىنىدىن قايتىپ كەلسىلا (سىزمۇ پەخىرىيەدەك ئوقىسىڭىز بولمامدۇ؟!) دەپ قاقشاپ قوياتتى .ھى ھى…. پەخىرىيە تولۇقسىزدىمۇ بىرىنچى-ئىككىنچى بولۇپ ئوقۇيتتى . ئۇ چاغدىكى سىنىپ مەسئۇلىمىز ماتىماتىكا دەرىسى بېرىدىغان بولغاچقا ماتىماتىكىنى ھەممىدىن چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنەتتۇق . كېيىن تولۇققا چىقىپ ماتىماتىكا دەرسنى خەنزۇ مۇئەللىم ئۆتتى ( ئەدەبىيات ۋە بىئولوگىيەدىن باشقا ھەممە پەننى خەنزۇ ئۆگىتەتتى ) ھەم بەك تەسلىشىپ كەتتى ، مۇئەللىم چۇشەندۇرەلمىگەن يېرىنى پەخىرىيەنى چارقىرىپ دوسكىغا چىقىرىپ سۆزلىگۇزەتتى . ئۇ سۆزلىسە ئاسان چۇشىنەتتۇق ، چۇنكى ئۇ بىزنىڭ قايسى نۇقتىدا قىينىلىۋاتقىنىمىزنى ئاسان بايقىۋالالايتتى ھەم تولا دەرس سۆزلەپ ئۇستا بوپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ ياردىمىدە ماتىماتىكىغا خېلى ئۇستا بولۇپ قالغان ئىدىم .
    ھازىر ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ماتىماتىكىغا ئۆچمۇ بولۇپ كەتتىم ، مۇئەللىم سۆزلەپ-سۆزلەپلا چىقىپ كېتىدۇ، يا چۇشەندۇرۇپ قويىدىغان پەخىرىيەدەك بىرسى يوق …..ھەي، بوپتۇ باشقىلارغا ئارتماي، ئۆزەم ياخشى ئۆگەنسەم بولىدىغان نەرسە ئەسلى…….

    بۇ تېما بۇرۇنقى سىنىپىمنى ئېسىمگە سېلىپ قويدى، ھى ھى …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 17:51
باھا بېتى: 1 2