ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ يېڭىلانمىسى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تارقىتىلىدۇ
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ (ھەقسىز) ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
يېقىندا يەنە يېرىم يىللىق ئىشلىتىش جەريانىدا توپلانغان يېڭى سۆزلەر داۋاملىق قوشۇلۇپ، ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرى بىر ھەسسە كۆپەيتىلدى، ئاپتوماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارىمۇ كۆپ ياخشىلاندى، ئىملا تەكشۈرۈش سۈرئىتىمۇ يەنىمۇ تېزلەشتۈرۈلدى.
ئەڭ يېڭى نەشرىنىڭ نومۇرى 1.1.0.10 بولۇپ، 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى (دۈشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. كونا ئىشلەتكۈچىلەرگە يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىلىدۇ. يېڭىدىن ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت ئىملا تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىپ، ئەڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
ئادرېسى:
imla.uighursoft.com
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 2,454 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 08-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 14:31
- ئالدىنقى يازما :مىكروسوفت Windows 10 ئېلان قىلىندى.
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت ئىملا (ھەقسىز نەشرى) يېڭىلانمىسى تارقىتىلدى
تېخىمۇ كۆپ
16 پارچە باھا يېزىلدى
ۋىندوۋس 10 دا ئىملا تەكشۈرگۈچ ئىشلىمىدى
ۋىندوۋس10 غا يېڭىلىغانلار يېڭىلاش ئۇسسۇلۇڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار بىزمۇ 10 غا كۆتۈرۋاللى
مىڭ تەستە ۋىندوۋس10 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام ئاچقۇچ نى خاتا دەپ تۇرىۋالدى بۇنى ھەل قىلغانلار بارمۇ؟
مەنمۇ شۇنداق ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن بۇ دىتالنى ! رەھمەت سىزگە ئالىمكا !
بۇ قېتىملىق يېڭىلانمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولسا ئاپتوماتىك تۈزۈتۈش ئىقتىدارى ياخشىلانسا. مەن نەچچە پارچە ماقالە تۈزەتسەم ئالدىنقى نەشرىدە توغرا سۆزنى خاتا سۆزگە ياكى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ئەھۋاللار سادىر بولۇپ قالدى…
مەسىلەن قايسى سۆزنى شۇنداق قىلدى؟ ئېنىق دېسىڭىز، چۈنكى ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش ئامبىرىغا داۋاملىق يېڭى سۆزلەر قوشۇلدى، بۇرۇنقى سۆزلەر تەكشۈرۈلمىدى،
بۈگۈن يېرىم كۈن ھەپىلىشىش ئارقىلىق پەد كومپيۇتېرىمغا ۋىن 10 نى قاچىلىۋالدىم. شۇنىڭدا ئىنكاس يېزىۋاتىمەن
تىنىش بەلگىلىرىنى توغرىلاش ئىقتىدارىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولدىمۇ؟ بولۇپمۇ ئىنگىلىزچە قوش تىرناقنى توغرىلاش ئىقتىدارى…
ياق، ئاساسلىقى ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرى ۋە ئاپتوماتىك توغرىلاش ياخشىلاندى يەنىمۇ ياخشىلاندى
مەن مۇشۇ ئىملاچى بىلەن تەرجىماننى قاچلىساملا كومپىيوتېردىكى symantec ۋىروس دەپ ئۆچۈرۈۋىتىپ پەقەت ئىشلىتەمىدىم. symantec نى قاچلىمىسا كومپىيوتېر يا تورغا ئۇلانمىغان…
يۇمشاق دېتال دېگەن شۇ، تونۇمىسىلا ۋىرۇس دەيدۇ، بۇ ئىملاچىمۇ ئامبىرىغا كىرمىگەن سۆزنى خاتا دەۋالغاندەك نورمال ئىش،
دېمەك بۇ نەشرى ۋىن 10 نەشرىنى قوللايدىكەندە … رەھمەت ئالىم مۇئەللىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ئالدىنقى تىمىلىرىڭىزدىكى ئىككى خەت نۇسقىسىنى قوشۇپ قويىشىڭىزنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن .
ياخشى ئىش بوپتۇ، مۇئەللىم تىلفۇن نۇمۇرڭىزنى يوللاپ قويسىڭىز ئاز بوسىمۇ پۇل قاچلاپ قويسام. ۋىن 10 غا يېڭلىغان بەك خۇشال بۇپ كىتىپ بارمەن، ھى ھى …. ئۇيغۇرچە خېتنى چىرايلىق قىلىش توغرۇلۇق دەرىس يوللاپ قويغان بوسىڭىز خېتىنى تەخمۇ چىرايلىق قىلۋالساق.
ياخشى كۆڭلىڭىز تېگىل بولدى، رەھمەت.
خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىشنى بىرەيلەن مەن قىلىۋاتىمەن دېگەن ئىدى، شۇڭا ھازىرچە مەن ئارىلاشماي تۇردۇم، پۈتكەندە مۇشۇ جايدا خەۋەر قىلىمەن
ناھايتى ياخشى بولۇپتۇ. مەنمۇ ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ دىتالىنى ئىزچىل ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن. مۇمكىن بولسا ‹‹ ھۆججەت›› تىزىملىكى ئىچىگە ‹‹ بېسىپ چىقىرىش›› دىگەن تۈر قوشۇلۇپ كەتسە بەكمۇ ياخشى بولاتتى، بىز بەزى ماقالىلەرنى بىۋاستە ھالدا مۇشۇ دىتال ئىچىدە يىزىپلا پىرىنتىردا بىسىپ چىقىرالايتتۇق. يىزىپ بولغاندىن كىيىن word نىڭ ئىچىگە چاپلاپ ئاندىن پىرىنتىردا بىسىپ چىقارمىساقمۇ بولاتتى.
شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە ۋە ئالىم مۇئەللىمگە كۆپ رەھمەت.
ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز… رەھمەت سىزگە