مۇز چېلەك رىقابىتىنى قوبۇل قىلدىم | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

مۇز چېلەك رىقابىتىنى قوبۇل قىلدىم

[ تاغدىن-باغدىن ]

بىر ھەپتىدىن بۇيان مېنىڭ دوستلىرىم، كەسپداشلىرىم،…قاتارلىقلاردىن ئەنۋەر ئازاد ئەلچىن (داڭلىق سېھرىگەر)، نىزامىدىن ۋاھاپ (ئۇلىنىش، نۇر،…تورىنىڭ قۇرغۇچىسى)، ئابدۇرېشىت غۇپۇر (شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئىشلەيدۇ)، ئۆمەرجان (ھازىر ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ)، ئابدۇمىجىت (بېيجىڭدىكى مىللەتلەر كۈتۈپخانىدا ئىشلەيدۇ)،… مېنى كەينى-كەينىدىن مۇز چېلەك رىقابىتىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى، مېنى ئويلىغانلارغا ۋە بۇ ئويۇنغا تەكلىپ قىلغانلارغا كۆپ رەھمەت. بۈگۈن يەنە «ئىزدىنىش» تور بېكىتىدە Baqka (پەرھات) ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ يەنە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى كۆردۈم ( http://bbs.izdinix.com/thread-59570-14-1.html بۇ يەردىكى 261-قەۋەتتىكى ئىنكاسقا قاراڭ). مەن ھەقىقەتەنمۇ يالغۇز ئەمەسكەنمەن، مېنى ئويلاپ تۇرغانلارغا كۆپ رەھمەت. مەن ئىزدىنىشتىكى ئۇچۇرغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىش تورىغا AlimAhat دېگەن نامدا رەسمىي تىزىملاتتىم. لېكىن ھازىرچە يېڭى لەشكەر بولغاچقا، ۋاقتىدا ئىنكاس يازالمايدىكەنمەن، شۇڭا ئىنكاسنى مۇشۇ يەرگە يازاي دېدىم.

ئەمدى ئۆز گېپىمگە كەلسەم بۇنداق تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالساڭلار كارتامدىن پۇل چىقىۋەرمىسۇن، مەن بۇ يىل 7-ئايدا ھەر يىلدىكى يىللىق ئۆلچەم بويىچە ياردەمنى بېرىپ بولغاچقا، بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى بويىچە بۇ قېتىم بېخىللىق قىلىپ پۇل بەرمەي، مەنمۇ بىر ئوينايچۇ دەپ ئاستا كۆرۈنۈش تارتالايدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى SONY تېلېكامېرا ۋە يەككە نۇر قايتۇرغۇچ لېنزىلىق Canon رەسىم ئاپپاراتىمنى تەييار قىلدىم. ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىدە ھاۋا سوغۇق ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىر چېلەك سوغۇق سۇنى ئۆگزەمگە ئېلىپ چىقىپ، بىردەم قۇلۇمنى، يەنە بىردەم پۇتۇمنى تىقىپ سىناپ باقتىم. ئىلمان سۇ بىلەن مۇنچىدا ئويناپ باقاي دەپمۇ ئويلىدىم، ئەمما ساختىلىق بولۇپ قالغۇدەك، مەن ساختىلىقنى خالىمايمەن، شۇڭا ئۇنىڭدىنمۇ ۋاز كەچتىم. 2 كۈن ئاۋۋال ھاۋا تازا ئىسسىغاندا راۋرۇس قايتا غەيرەتكە كېلىپ، بىر ئويناي دەپ جابدۇق سايمانلىرىمنى ئېلىپ ئۆگزەمگە يەنە چىقتىم. لېكىن ئاتا-ئانام مېنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە يەنە كەلگەن ئىدى، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر چېلەك مۇز سېلىنغان سوغۇق سۇنى بېشىمغا تۆكسەم، ئۇلار كۆرۈپ قالسا (ياكى كېيىن توردىن كۆرۈپ قالسا) قان بېسىمى ئۆرلەپ قالمىسۇن دېدىم. شۇڭا ئاخىرقى قارارىم 2 كۈننىڭ ئالدىدا بېشىمغا سۇ تۆكۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئويۇن قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، بىر سوم پىلانىغا خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە كۆڭلۈمنى بىلدۈردۈم. ئەيساجان (ۋاپادارىم) تاپشۇرۇپ ئالدى.

مەن ئىشلارنى داۋراڭ قىلماسلىقنى خالايتتىم. ئەمما تورداشلار ھەركۈنى مېنى بۇ ئويۇنغا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. بەزىلەر تېز بولمامسەن، قاچان بېشىڭغا سۇ تۆكىسەن دەپ ئالدىرىتىۋاتىدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قوياي دېمەكچى، مەن بۇ ئويۇننى ئويناپ بولدۇم، ئويۇن قائىدىسى بويىچە خەيرى-ساخاۋەتنى ئەلا بىلدىم. شۇڭا مېنى ئەمدى تەكلىپ قىلمىغان بولساڭلار. زادى تەكلىپ قىلىمەن دېسەڭلار، ئامان بولساق كېلەر يىلى 7-ئايدا ئوينايلى، پۇرسەت بولسا يۇرتۇمغا بارغاندا تارىم دەريا بويىدا ئويناپ بېرىمەن، رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
25 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • رەھمەت مۇئەللىم ، مەن شېركىتىڭلارغا تېلفون ئارقىلىق تىزىملىتىپ قويدۇم . پىلاستىنكا قىلىپ ساتقان بولساڭلار نەچچە پۇل بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر سىتىۋالغان بولاتتىم .
    سەل بالدۇر بولسىمۇ ئالىم مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر سوفىت شېركىتىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن . سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارغا بەخىت ، تىنىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى am 11:00
  • ئالىم مۇئەللىم ، توردىكى كۇرۇسنى بۇ يىل يىلنىڭ ئاخىرىدىمۇ ئىچىشقا بولمامدۇ ؟ ماڭا ئوخشاش تەققەززارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلار بەك كۆپ ئىدى ، بىر جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:05
باھا بېتى: 1 2