ليەنشياڭ IBM نىڭ x86 مۇلازىمىتېر كەسپىنى سېتىۋالدى
[ IT خەۋەرلىرى ]IBM شىركىتى ئامېرىكا چەتئەل مەبلەغ سېلىش كومىتېتى(CFIUS)نىڭ تۆۋەن سەپلىمىلىك مۇلازىمىتېر كەسپىنى ليەنشياڭ شىركىتىگە 2 مىليارد 300 مىڭ دوللارغا سېتىپ بەرگەنلىكىنى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يىل 1-ئايدا ليەنشياڭ شىركىتى 2 مىليارد 300 مىليۇن دوللارلىق باھا بىلەن IBM نىڭ x86 مۇلازىمىتېر كەسپىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
IBM شىركىتى باياناتىدا «CFIUS نىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى IBM ۋە ليەنشياڭ شىركىتى شۇنداقلا خېرىدارلار ۋە خىزمەتچىلىرىمىز ئۈچۈن خۇشخەۋەر» دېدى. ئەمما بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى. IBM شىركىتى زىيان تارتىۋاتقان ياكى تۆۋەن كىرىملىك قاتتىق دېتال ياساش كەسپىدىن ۋاز كېچىۋاتقان بولۇپ، يۇقىرى كىرىملىك يۇمشاق دېتال ۋە بۇلۇت ھېسابلاش، مەلۇمات ئانالىز قاتارلىق كەسپلەرگە ئالمىشىۋاتىدۇ. ئىلگىرىكى 10 يىل ئىچىدە يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 16 مىليارد دوللارلىق كومپيۇتېر، پىرىنتېر ۋە باشقا قاتتىق دېتاللار كەسپىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى. ليەنشياڭ شىركىتى بۇ يىل يەنە 2 مىليارد 910 مىليۇن باھا بىلەن موتورولا كۆچمە ئالاقىسىنى سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,034 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 08-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:10
- ئالدىنقى يازما :Windows 9 كېچىكتۈرۈلدى
- كېيىنكى يازما :مۇز چېلەك رىقابىتىنى قوبۇل قىلدىم
ئالىم ئەھەت بىلوگىنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ھەقىقەتەن بەك ئاستا.
ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بىر ئوڭشاپ قويسىڭىز.
ئامرىكىنىڭ تور مۇلازىمىتىرىگە يۆتكىسىڭىزمۇ، ھازىرقىدىن تىز ئىچىلار ئىدى.
بەزى خەت نۇسخىلىرىنى Google دىن چۈشۈرىدىغان ئوخشايدۇ، شۇڭا ئاستىلاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەسلىي كودىغا قاراپ باقىدىغانغا ھېچ ۋاقىت يەتمىدى. ھازىر WordPress 4.0 نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قىلىۋاتىمەن، سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم.
يېقىندىن بېرى مەيلى تېلېفوندا ياكى كومپيۇتېردا ئاچاي، بۇ بىلوگنىڭ ئېچىلىشى تازا ئىتتىك ئەمەس، بىرەر مەسىلە بارمۇ قانداق؟ باشقىلارنىڭكىدە ئېچىلىشى قانداق؟
مەن مۇشۇ بىلوگ ئۈچۈن مەخسۇس بۇلۇت مۇلازىمىتېرى سېتىۋالغان ئىدىم. مەن تەكشۈرۈپ باقاي، قارىغاندا يەنىلا بوشلۇقتا تۇرسا بولغۇدەك،
بۇلار تېخى ئايبىئەمنى تۇلۇق سېتۋېلىپ بۇلالمىدى دەڭلار.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم !
يېڭى مۇلازىمىتىرغا كۆچكەندىن بۇيان،بىلوگىڭىزنى تىلىفۇن ئارقىلىق ئاساسەن زىيارەت قىلغىلى بولماس بوپقالدى.كومپىيوتىردىمۇ ئېچىلىشى شۇنداق ئاستا.بەلكىم زىيارەتچىلەر سانىدىن سىزمۇ ھىس قىلغانسىز.بىز بۇ بىلوگسىز نۇرغۇن خەۋەرلەردىن خەۋەرسىز قالدىكەنمىز،شۇڭا….(سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
مەخسۇس بىر مۇلازىمىتېر مۇشۇ بىلوگ ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. مەن يەنە تەكشۈرۈپ باقاي
بىچارە موتورولا موتورولا بوپ كەتتى ھە. ھې ھې
بۇ لىيەنشاڭ دېگەن گۇيلا يامان نېمىلەركەن. ھۆكۈمەتنىڭ قولى بار بولغاندىن كېيىن تەرەققىياتىمۇ تېز بولدى مانا. دۇنياغا داڭلىق ماركا بولغان IBM نىمۇ سېتىۋېلىپ مانا ئۇنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ بۇزۇۋەتتى.
مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئەخلەت ماركا بۇ لىيەنشىياڭ.
ibmنى سېتۋالدىغانغا ئايلى با تىخى …
ibmنىڭ ئەسلى ماھىيىتى تېخنا ۋە پاتنىت سېتىش …
ھەيران قالغۇچىلىكى يوق … ھازىر 500 كۈچلۈك كارخاننىڭ ئىچىدە ئامىركا ۋە جوڭگودىن ئوخشاشلا 100 دىن ئېشىپ كەتتى … ئوخشمىايدىغنى جوڭگودا شەخسى ئىگىلكتىكى كارخاندىن بىرمۇ يوق ، ئامىركىدا بولسا ھەممىسى خۇسۇسى ئىگىلىك … ليەنشاڭ دىگەن كارخانلارغا ھە دەپ قۇيمەن … ھەممىسى مۇستەبىت ، مۇنۇپۇل ….
تېىخنا ئەمەس تېخنىكا …
مەن كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشقاندىن بۇيان ليەنشاڭ كومپيۇتېرنى كۆرۈپ باقتىم، لېكىن ئىشلىتىپ باققانلىقىمنى بىلمەيمەن.
Android ياكى iOS تا ئەپ تۈزۈشنى ئۈگەنمەكچى بولسا، بۇ يەردە سىنىپ ئۇچۇرى باركەن. ئىنىم Android سىنىپىغا تىزىملاتتى. ئۈگەنمەكچى بوغانلار پايدىلانسا دەپ يولللاپ قويدۇم.
http://bbs.xjcfan.com/thread-4111-1-1.html
http://bbs.xjcfan.com/thread-4112-1-1.html
بۇ تەربىيلەشنىڭ ھەققى بەك قىممەتكەنغۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى كەچۈرسىلە، مېنىڭ بىر ئوقۇغۇچۇم( تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن) كومپىيوتىرغا بەك قىزىقاتتى ھەم ئاساسىمۇ ياخشى ئىدى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇمايلا كومپىيوتىرنى تېخىمۇ پىششىقلاپ ئۆگەنگۈسى بار ئىدى ، شۇڭا سىلىدىن سورايدىغىنىم بۇندىن كېيىن پۈتۈن كۈنلۈك كۇرۇس ئاچاملا ؟ بولسا تېلىفۇندا ئالاقىلەشكەن بولساق تېلىفۇن نومۇرۇم 18699720401
ھازىرغىچە 4 قارار تەربىيەلەپتىمەن، يېقىندا ئۇنداق پىلانىم يوق.
موتورولانى گوگىل سېتىۋالدىمۇ لىيەنشىياڭ مۇ!
دەسلەپ گۇگىل سېتىۋېلىپ، ئالىدىغاننى ئېلىپ شۇپۇرداپ قالغان نەرسىلىرىنى لىيەنشىياڭغا بىرىپتۇ.
مىنىڭ قارىشىمچە ibm نىڭ بازار ئىستىراتىگىيەسى بىلەن لىيەنشاڭنىڭ باشقا چوڭ كارخانلارنىڭ ئىشىنچە شىركەتلىرىنى سىتىۋىلىشى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش بولماستىن بەلكى ئىشلەپ چىقىرىش ساھەسىدە ئۇلىنى تىخىمۇ موقىملاش.
بۇ ئىشلارنىڭ كومپىيۇتىر ساھەسىگە قانچلىك تەسىرى باردۇ؟
لىيەنشىياڭ شىركىتى جۇڭگۇدىكى كومپىيوتېېر شىركەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان شىركەت ئوخشايدۇ-ھە.
نەچچە تىرلىيۇن دوللار پۇلۇم بولغان بولسا ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىگە مەبلەغ سىلىپ، ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىگە يۇقىرى مائاش بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن يۇقىرى سەۋيىلىك يۇمشاق دىتال ئىنژىنىرلىرىنى كۆپلەپ جەلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنى جۇڭگۇدىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى كۈچلۈك كومپىيوتېر شىركىتىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشقان بولاتتىم. ئەپسۇس، پۇلۇم يوق. لىكىن ئۇيغۇر بايلىرىمىز ئىچىدىن مۇشۇ ساھەگە مەبلەغ سالىدىغان كىشىلەر ھامان چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن.