20-چېسلا تۆتىنچى نۆۋەتلىك «ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى» ئۆتكۈزۈلىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

20-چېسلا تۆتىنچى نۆۋەتلىك «ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى» ئۆتكۈزۈلىدۇ

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

شىنجاڭدىكى ئون بىر IT شىركىتىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى دىيارىمىزدا «ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى (ئىنگلىزچە قىسقارتىلما نامى ICTEF)» قۇرۇلغان بولۇپ، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇمشاق دېتال ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغان.

ICTEF نىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2015-يىلى12-ئاينىڭ 20-كۈنى (يەكشەنبە) ئۈرۈمچى يەلتاپان ئېلېكتىرون پەن– تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى.

يىغىن پۈتۈن بىر كۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن ئىلمىي ماقالە ئوقۇش ۋە ئوقۇغان ماقالىلەر توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈشتىن كېيىن دىيارىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پىروگراممىرلار بىلەن پىروگرامما ھەۋەسكارلىرى سوئال جاۋاب شەكلىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ.

چۈشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان ئىلىمى ماقالىلەر تىزىملىكى:

1. iOS ئۈسكۈنىلىرىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ

iOS سىستېما ئۆزى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تەمىنلىمىگەن بولغاچقا ھەرقايسى شىركەت ۋە ئەپ ئاچقۇچىلار ھەر بىر ئەپ ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئېچىش ھالىتى شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇنىڭلىق بىلەن نۇرغۇن ۋاقىت، زېھىن، ئىقتىساد ئىسراپ بولۇپ كەتمەكتە، ھەرقايسى شىركەت ۋە ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ بۇ ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىپ باشقا ساھەلەردە يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، كىرگۈزگۈچنىڭ SDK سى ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، ھەمدە كىرگۈزگۈچنىڭ ياسىلىش پىرىنسىپى ۋە SDK دىن پايدىلىنىش ئۇسۇلى سۆزلىنىدۇ.

2. iOS,Android مۇھىتىدا 3- تەرەپ SDK نى ئاپتوماتىك ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسى

3- تەرەپ تەمىنلىگەن SDKلار ئادەتتە خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئەپلەردە ئىشلەتكەندە بىز ياسىغان قىسمى ئۇيغۇرچە، 3- تەرەپنىڭSDK بۆلىكى باشقا تىلدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ تېخنىكىنى قوللانغاندا3- تەرەپ SDK سىنىڭ پۈتۈن جەرياننى ئۇيغۇرچە قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرچە تور سودا ئەپلىرىدە مەھسۇلات سېتىۋېلىش قىسمى ئۇيغۇرچە، بانكا بىرلەشمىسىنىڭ ھەق تۇتۇش ئېغىزى خەنزۇچە بولۇپ، بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ھەق تۇتۇش جەريانىنى ئۇيغۇرچە قىلىشقا بولىدۇ. بۇ تېخنىكا ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا كېلىشىم تۈزگەن ئاساستا ھەقسىز SDK تەمىنلىنىدۇ، ھەمدە بۇ تېخنىكىنىڭ تەپسىلىي ياسىلىش جەريانى سۆزلىنىدۇ.

3. تېز سۈرئەتتە ئىزدەش تېخنىكىسى __ Yئىندېكس

بۇ تېخنىكىنى شىركىتىمىز خادىملىرى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئىزدەش سۈرئىتى تىز،بىخەتەرلىكى يۇقىرى،مەشغۇلات سىستېمىسى تاللىماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، لۇغەت تۈزۈش، OCR، ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ ياساش، كورېكتورلۇق ۋە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرىنى تۈزۈشتە يۇقىرى ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە. بۇ تېخنىكىنىڭ ئىزدەش پىرىنسىپى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە Webpack قورالىنى ئىشلىتىش، بۇلۇت سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى شۇنداقلا «تۈر مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش جەريانى»… قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ. يۇقىرىقىلارغا قىزىقسىڭىز ۋەSDK ھۆججىتىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ياكى بۇ تېخنىكلار توغرىسىدا چۈشەنمىگەن، ھەل قىلالمىغان سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى يىغىنىمىزغا قاتنىشىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

چۈشتىن كىيىن مۇنازىرە قىلىنىدىغان تېمىلار ۋە يېتەكچى ئۇستازلار :

مۇنازىرە تېمىسى يېتەكچى ئۇستاز شىركەت

 (1) ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئۇيغۇرسوفت
چوڭ مەلۇمات (大数据)، مەلۇمات قېزىش (数据挖掘)، ماشىنىغا ئۆگىتىش (机器学习)

(2) تۇرسۇن قۇربان مۇئەللىم ئالماس يۇمشاق دېتال شىركىتى
1.يۇمشاق دېتال ئېچىش جەريانىنى قانداق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك؟ 2.كۆپ تىللىق يۇمشاق دېتال ئېچىش جەريانىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى

(3) ئۆمەرجان شىنجاڭ قارلۇق ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى
ئۇچۇر سىستېمىسى توپلاشتۇرۇش توغرىسىدا (信息系统集成)

(4) ئەمەتجان رۇسۇل كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى
IDC 互联网数据中心 ئىنتېرنېت سانلىق مەلۇمات مەركىزى

(5) ئۆتكۈر ئەركىن شىنجاڭ ئۆلچەم يۇمشاق دېتال تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
ئاۋاز بىرىكتۈرۈش ، ئاۋاز تونۇش تېخنىكىسى توغرىسىدا ئاساسىي ساۋات

ئەگەر ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى ئالاھىدە تېخنىكىلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان، ياكى پىروگرامما تۈزۈش جەريانىدا ھەل قىلالمىغان سوئاللارنى نەق مەيداندا سوراپ جاۋابىغا ئېرىشمەكچى بولغان كەڭ پىروگرامما ھەۋەسكارلىرى ۋە پىروگرامما كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشتىن كېيىنلىك پائالىيىتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

مۇنبەر ھەيئىتى ئېتىراپ قىلغان ئالاھىدە تېخنىكىسى بار بولۇپ بىز بىلەن ئورتاقلىشىش ئارزۇسى بار، ئەمما ئۈرۈمچىدىن باشقا رايونلاردىن كېلىدىغان پىروگراممىرلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ – كېتىش ماشىنا كىرا ھەققى ۋە 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋە 20-كۈنىدىكى ياتاق ھەققىنى مۇنبىرىمىز ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئالاھىدە بولسا مۇكاپاتلىنىدۇ.(كەلمەكچى بولغانلار 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇرۇن بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ)

يىغىننىڭ نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىش ئادېرىسى:

ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تېڭشۇن دەرسخانىسى: http://alim.ke.qq.com

بىلىگ تور دەرسخانىسى: http://www.bilig.biz

بىۋاستە تارقىتىش ۋاقتى: 8:00-12:00(شىنجاڭ ۋاقتى)

ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 13899994277، ئىشخانا:2865373-0991

يىغىن ۋاقتى: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى

يىغىن ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق يولى 393-نومۇر شىنروڭ سارىيى 9-قەۋەت يىغىن زالى

ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى

ITCEF ئورگان توربېتى http://ictef.net

ئۈرۈمچى يەلتاپان ئېلېكترون پەن– تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

مەنبەسى http://ictef4.yaltapan.com/

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
15 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
    مەن خاككىرلىققا قىزىقىپ قالدىم، سىزنىڭچە مۇشۇ خاككىرلىق ياخشى ئىشمىدۇ، بۇنىغا قىزىقىشقا، شۇغۇللىنىشقا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ مۇشۇنىڭغا
    بىز چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:11
  • ئالىم مۇئەللىم يىل ئاخىرى خىزمەتلىرىڭىز كۆپىيىپ قالدىمۇ ؟ توردا دەرىس توختاپ قالدى شۇسەۋەپ ئەھۋالنى بىلىپ باقاي دىگەن ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:13
    • شۇنداق، يىل ئاخىرى بولغاچقا سەل توختاپ تۇردى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ھازىر مەۋسۇملۇك ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما مەن ئاز-ئازدىن سۆزلەۋاتىمەن، تەتىل باشلانغاندا ئېلان قىلىشىم مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 17:38
  • ئالىم مالىم دەپ يازسام مالىم چىقماي قاپتۇ ئەيىپكە بۇيرىمىغايلا):

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 22:56
  • ئالىم مىكروسوفىت جوڭگودا بىر شىركەت بىلەن ئورتاقلىشىپ ھۈكۈمەت ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئۈچۈن ۋىندوۋس ئوننى ئىشلەپ چىقىرىدۇ دىگەن خەۋەر چىقتى،بۇنىڭ سىزگە تەسىرى قانداق بولا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 22:33
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ۋىندوۋس فۇننىڭ ئۇيغۇرچىلىشىش توغرىسىدا بىرەر خەۋەر يوقمۇ؟
    windows 10 PC ئۈسكۈنىلىرىدىكى بۇرۇن ئۇيغۇرچە تىل بۇلۇقى بىلەن ئۇيغۇرچە تارقىتىلغان ئەپلەرمۇ بارغان سىرى ئازلاپ مېڭىۋاتىدۇ ئادەمنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ ، ئىلخەت ، خەرىتە ، دىگەنگە ئوخشاش بىرقانچە ئەپلەر خەنزۇچە بولۇپ قاپتۇ يەنە………………..

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:58
    • مەن شۇنداق بولۇشقا كۈچەپ كەلدىم، ھەم قول تۇتۇپ ئىشلىدىم. لېكىن ئومۇملىشىشىنى مەن بېكىتەلمەيمەن. ئىشلىتىش سانى ھەددىدىن بەك ئاز بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئويلاشمايدۇ. ھازىر بىرەر تال ئەپ چىقسا بەك خۇشال بولىدىغان، مەشغۇلات سىستېمىسى ياكى باشقا مۇھىم دېتاللار ئۇيغۇرچىلاشسا كارى يوق ئەھۋاللار شەكىللىنىپ قالغان ئوخشايدۇ. بۇ قېتىممۇ ئۇلار بىلەن بىكار كۆرۈشمىدىم، ئۇلار ئىنتايىن قىزغىن بۇ ئىشلارغا، لېكىن ماسلىشىپ بېرىدىغانلار ئاز بولسا، مەنمۇ ئامال قىلالمايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 17:37
  • بۇپائالىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 12:08
  • ناھايىتى ئەھمىيەتلىك يىغىلىش ئىكەن ، ئۇتۇق تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:40
  • مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك يىغىنلار قانچە كۆپ ئىچىلسا شۇنچە ياخشى. يىغىننىڭ مۇاپىقيەتلىك ئىچىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:22
  • ياشاپ كېتىڭ مۇئەللىم ، ئاخىرى سىنغا ئېلىپ تارقىتىدىغان بوپسىلەردە . تېخى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىدىكەنسىلەر،ياخشى ئىشلار بولىۋاتىدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 14:53
  • مىنىڭ بۇنداق يىغلىشلارغا نەخ مەيداندا تۇرۇپ قاتناشقۇم بەكمۇ بار ئىدى ، ئەپسۇس ،يول يىراق بولۇپ قالدى . تور ئارقىلىق قاتناشقىلى بولغانلىقىدن ناھايتىمۇ خۇرسەن بولدۇم ، بۇندىن كىيىنمۇ ھەمكارلىقىڭلارنىڭ تىخىمۇ ياخشى بولىشنى ئۈمىد قىلىمەن !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى am 10:02
  • بىزدەك پىرۇگىراممىر ئەمەسلەرمۇ قاتنىشالايمىزمۇئ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 22:32
  • ئەھمىيەتلىك يىغىلىش بوپتۇ، سېپىڭلارنىڭ يەنىمۇ زورىيىشىنى، ھەمكارلىقىڭلارنىڭ ئۇزاققىچە داۋام ئېتىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:46