ئۆزبېكىستانغا زىيارەت | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئۆزبېكىستانغا زىيارەت

[ تاغدىن-باغدىن ]

«بىلىك تورى»دا ئېلان قىلىنغان «ئۆزبېكىستانغا زىيارەت» دېگەن تېما بۇ يەرگىمۇ يۆتكەپ كېلىندى، ئىنكاسلىق كۆرەي دېسىڭىز، ئەسلىدىكى تېمىنى كۆرۈڭ. ئۇلانما:
«ئۆزبېكىستانغا زىيارەت»
(يېڭى ئىملاغا تۈزىتىلىپ، قايتا ئېلان قىلىندى)

«پىروگراممىچىلار ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش»دېگەن تېما مەن بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بولغاچقا، بۇ تېمىغا ئانچە-مۇنچە ئارىلىشىپ باقتىم. ئىنكاسلاردا ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىش دېگەن مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنىپ قالدى. مەن ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شىنجاڭ تاۋارلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈش پىلانى بويىچە 2010-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە يەرمەنكىگە قاتنىشىپ كەلدىم. ئۆمەك ئەزالىرى بىلەن سودا ساھەسىدە تەشكىللىك تەكشۈرۈش ۋە بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرىدا زىيارەتتە بولدۇق. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مېنىڭمۇ سەپەر خاتىرىسى يېزىپ بېقىش ئويۇم بار ئىدى. لېكىن، خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بولالمىغان ئىدىم. ئەمما، مەن يازغۇچىلىرىمىزدەك «پالانى يەردىن ئانا يۇرتىمىزغا سالام»، «پالانى يەر روجەكلىرىدىن دىيارىمىزغا نەزەر»، «پالانى يەردە ياشايدىكەن ئۇيغۇر بالىلىرى» دېگەندەك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ بولالمايمەن.

قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دەم ئېلىپ ئۆيدە سەل بىكار بولۇپ قالغاچقا، ئەمما، قىسقارتىپ تېز-تېز يازاي دېگەن مەقسەتتە، مەن جېكنىڭ شېئىر يېزىش بىرىنچى قانۇنىنى ئۆگەندىم(جېكنىڭ نۆلىنچى قانۇنى). ئۇنىڭ يەنە ئەسەر يېزىشتا ئېلان قىلمىغان نۆلىنچى قانۇنىمۇ بار دەپ پەرەز قىلىپ، تاشكەنت سەپىرىنى جېكنىڭ نۆلىنچى قانۇنىدا يېزىپ باقاي دېدىم. قېنى ئەمىسە باشلىدۇق.


ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان 海航 شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى


ئۈستىدىكى كىچىك تېلېۋىزوردىن قۇمۇلدىن ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلدۇق.
ئالىم مۇئەللىم ئۆزبېكىستان تاشكەنتكە باردىم دېگەن ئىدى، ئەسلىدە پايتەخت بېيجىڭغا مېڭىپتۇ، پو دېگەننى مۇشۇنداقمۇ ئاتامدۇ-ھە؟


بۇ ئايروپىلاندا مەن بار دەيمەن، ئەمدىغۇ بىر يەرگە ماڭغانلىقىمغا ئىشەنگەنسىلەر؟


ئۈچ يېرىم سائەتتىن كېيىن، پايتەخت بېيجىڭغا يېتىپ كەلدۇق.
دۆلىتىمىز نېمانداق چوڭ ھە؟! ئايروپىلاندا پايتەختكە بېرىش ئۈچۈن، ئۈچ سائەتمۇ ئۇچامدۇ-دەيمەن؟ ياۋروپاغا بارغانلارنىڭ دېيىشىچە ۋېلىسىپىت بىلەن ئۇ دۆلەتكە ئوينىغىلى بېرىپ، كەچلىكى ۋېلىسىپىت بىلەن يەنە بىر دۆلەتكە بېرىپ قونۇپ كېلىدىكەن.


ئالىم مۇئەللىم، پايتەخت ئايرودۇرۇمىدا ئاشخانىلاردا تاماق يېيىشكە ئۇنىماي، سەپەرداشلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى بېقىپ يۈرۈيدۇ. ئاچ قالدىمىكىن دەپ قالماڭلار، ئارماندىن ئېلىۋالغان تەييار چۆپ ۋە پېچىنە-پىرەنىكلەر بار دەيمەن.


ئەمدىغۇ، ئىشەنگەنسىلەر؟ چەتئەللەردىن دۆلىتىمىزگە كەلگەن ۋە كەلمەكچى بولغان ئايروپىلاننىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، ئەسلىدە تاشكەنت(塔什干)دىن ئۇچقان ئايروپىلان ئەسلىدىكى پىلانىدا بېيجىڭغا 22:40 دا كەلمەكچى ئىكەن، ئەمما، جۇڭگودىن كەلمەكچى بولغان سودا ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى تاشكەنتكە تېز ئېلىپ قايتىمىز دەپ ئويلىدىمۇ؟ بۇ ئۇچقۇچى بوشلۇقتا قىزىل چىراغ ۋە چاۋسۇ(超速)دىن قورقماي، ئايروپىلاننى تېز ھەيدەپتىكەن، بىز تەرەپتىكىلەرمۇ يامان، ئۇنىڭ 16 مىنۇت بۇرۇن يەنى 22:24 كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ بولۇپتۇ.

مانا، ئۆزبېك ئايروپىلانىغىمۇ چىقىپ، ئايروپىلان قوللانمىسىنى كۆرۈشكە باشلىدىم.
ئۇلارنى نامرات دۆلەت دەۋاتقان ئىدى، ئايروپىلانى تېخى BOEING-767 ئىكەن كاساپەت. خەلقئارا قاتناش بولغاچقا، بۇلارمۇ ئىناۋەتكە دىققەت قىلغان چېغى بار. ئۈستىدىكى لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان ئۆزبېكچە خەتلەرنى كۆردىڭىزما؟ بىدار قۇتلان ئاكىمىز بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال ئوقۇپ چۈشەندى. لاتىن يېزىقىنى قوللانسا، مانا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قولاي ئەمەسمۇ دېدى(چاقچاق). مەنغۇ رۇسچىدىن باشقىسىنى ئۇقۇپ چۈشەندىم.


ئايروپىلان ئىچى،
ئۈستىدە ئۆزبېكچە كىنو قويۇلماقتا، تىڭشىغۇچتا ھەر قايسى ئاۋاز قاناللارنى ئېچىپ باقسام، بىردەم ئاتابېك، بىردەم يەنە بىرسىنىڭ ناخشىلىرى. ۋاي، پېچەت زېرىكمەي ماڭىدىكەنمىز.


ئۆزبېك ئايروپىلاندىكى تاماق.
بۇ تاماقلارنىڭ بەزىلىرىنى پايتەخت بېيجىڭدىن ئالغاندەك قىلاتتى. ئەمما، قورساق توق، ئارمان چۆپلىرى بىلەن پىشۇرۇقلىرىنى راسا يەپ، تۇيۇپ بولغان تۇرسام، يېرىم كېچىدىمۇ تاماق يەمدۇ؟ بوپتۇ، دۆلىتىمىزنىڭ مېۋىلىرىنىمۇ بولسىمۇ تېتىپ قوياي.


ماۋۇ ئايروپىلاندىكى تېلېۋىزوردىمۇ تاشكەنتكە باراي دەپ قالغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇمۇ ئىلغار ئىكەن ھە!


مانا، 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى(جۈمە) سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 4:19 دا، تاشكەنت ۋاقتى 3:19 دا سالامەت يېتىپ كەلدۇق. ئايروپىلان دېگەن نەرسىدىغۇ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئۇچسىلا زېرىكىدۇ، يا بۇنىڭ ۋوپوسى(يېتىپ ماڭىدىغان كارىۋات )بولمىسا، كىم بىلىدۇ تېخى؟ چىقىمنى تېجەيمىز دەيمىز، ئايروپىلاننىڭ ۋوپوسىنى قىممەت كۆرۈپ، مۇشۇنى ئېلىپ بەردىمۇ؟ مەيلى، بىكارغا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، تەشكىلگە كۆپ رەھمەت!


مانا تاشكەنت ئايرودۇرۇمى .
كۇچا ئايرودۇرۇمدىن سەل چوڭ ئىكەن، ئەمما، قەشقەر ئايرودۇرۇمىدىن كىچىك ئىكەن. ماڭا، خوتەن ئايرودۇرۇمىچىلىك بىلىندى. قېنى بىدار-قۇتلان ئاكا ئۈستىدىكى لاتىنچە ئۆزبېكچىنى بىر ئوقۇۋېتىڭە. پاتاڭدا ئېسىقلىق تۇرغىنى جۇڭگو-ئۆزبېكىستان سودا ۋەكىللىرىنىڭ كىنىشكىسى ، ئىشتان باغدىكى دوللارمىكىن دەپ قالماڭلار، ئۇ رەسىم تارتىدىغان ئاپپارات، ئۇنىڭ كارامىتىنى سەل تۇرۇپ كۆرىسىلەر. ياندا ئېسىۋالغىنىم خاتىرە كومپيۇتېرىم، ئەمما، ئەتىسىدىن باشلاپ كومپيۇتېر دېگەننى ياتاقتا تاشلىۋېتىپ، ئۇنىڭ سومكىسىغا لىق-لىق پۇل قاچىلاپ، بازارغا بارىدىغان بولدۇق. ياتاقتا كۈندە شۇ پاراڭ. بۈگۈن مەن 150 مىڭ سوم خەجلىدىم، سەنچۇ؟ نېمانداق راھەت، پۇل دېگەننى خەجلەپ، ھەتتا، ساناشقا ھۇرۇنلۇق قىلىپ، ئاشقىنىنى قايتۇرۇپ بەر دەيدىغان بولدۇق.


2010-يىللىق ئۆزبېكىستان تاشكەنت جۇڭگو شىنجاڭ تاۋارلىرى يەرمەنكىسى ئېچىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. قاراڭلار ئىختىيارى مۇخبىرلارمۇ ئاپپاراتلىرىنى چاراسلىتىپ رەسىمگە ئېلىۋاتىدۇ.


ئىككى تەرەپنىڭ يەرمەنكىگە كەلگەن رەھبەرلىرى ھەر بىر يايما ئورۇنىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە ئوخشامدىكەن؟ ئوپېراتورلار بۇنداق پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ-جۇما.


دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى جانابلىرى(ئوڭ تەرەپ)، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر كومىتېتىنىڭ باشلىقى(ئوتتۇرىدا)، ئۆزبېكىستان سودا نازارىتىنىڭ باشلىقى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلدى. ئۆزبېكلەر جۇڭگوغا بارىمىز دېسە، ئاۋۇ قۇلىنى كەينىگە تۇتۇپ ماڭا گەپ قىلىۋاتقان باش ئەلچى جانابلىرىمىز ۋىزا بەرمىسە بارالمايدۇ.


ئۆزبېكىستان سودا نازارىتىنىڭ باشلىقى بىز تەرەپتىن كەلگەن تەرجىمان قىزنىڭ رۇسچە چۈشەندۈرۈشى بىلەن بىزگە قىزىقىپ قالدىمۇ-قانداق؟ ئۆزىنىڭ ئىسىم-كارتوچكىسىنى بەردى (مەنغۇ سورىمىغان بولمىسا). ئۇيغۇرچە سوفت ياساپلا يۈرمەي، تاشكەنتكە كېلىپ تارماق شىركەت قۇرۇپ ئۆزبېكچە سوفتمۇ ياساڭلار، ئىپار شىركىتىنى قارشى ئالغاندەك سىلەرنىمۇ قارشى ئالىمىز دەۋاتقان بولسىچۇ؟ (ئاخىرىنى ئۆزۈم قوشۇۋالدىم). سەپەرداشلارمۇ بۇ كارتوچكىنى تالىشىپ تېلېفون نومۇرىنى يېزىۋالايلى دېيىشىپ كەتتى. باشقا 100 شىركەتلەرگە بىر دوللاردىن ساتساممۇ 100 دوللار تاپاركەنمەن، بولدىلا، كەڭ قورساق بولاي. ھەممىمىز بىر يەردىن كەلگەن سەپەرداش تۇرساق.


شۇ كۈنى كەچتە دۆلىتىمىزنىڭ باش ئەلچى جانابلىرى Hilton (بەش يۇلتۇزلۇق) مېھمانخانىدا ئالاھىدە زىياپەت تەييارلاپتۇ. چەتئەل دېگەن يەرگە مۇشۇنداق تەشكىل بىلەن بارساق ئالاھىدە ھۆرمىتىمىز بولىدۇ. ماۋۇ تۈركمەن ساكس دېگەننى ئۆلتۈرىدىكەن، ئەلچى جانابلىرىدىن ئەيمىنىپ قالمىغان بولساق، ئاتلوشكىغا چۈشكىلى تاس قالغانتۇق.


قاراڭلار، بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز مەھسۇلاتلىرىمىزنى ياخشى تەشۋىق قىلايلى، ئۆزبېكىستاننى دۆلىتىمىزنىڭ ماللىرى بىلەن كۆمۈۋېتىشىمىز كېرەك، ناۋادا، سودا توختام تۈزسەڭلار، كېلەر يىلى ھەممىڭلارنى يەنە ئېلىپ چىقىمەن، تولۇقلىما پۇل بېرىمەن تېخى؟-دېدى.
ۋوي سىلەرنىڭ ئۈستەل ھەممىسى 清真 ئىكەن، قېنى كولا دېگەن ئىچىملىك، خوشە.
ئالىم مۇئەللىم كولاغا ئامراق بولغاچقا، باشلىقنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا ئىچىپ بولدى. كېلەر يىلى بارالامدۇ-ئەمدى؟ زادى مۇشۇنداق ئىشتا ئېپى يوق. شىركەتكە بىر باشقۇرغۇچى لازىم دېگەن ئىدى تورداشلار، يە بىرەرسى كېلىپلا مەن باشقۇرۇپ بېرەي، نەچچە پۇل بېرىسەن دېمىگەن؟


ئارقا تەرەپتىكى ھەيكەل ئۆزبېكلەرنىڭ ئاتامانى ئەمىر تۆمۈرنىڭ (AMIR TEMUR) ھەيكىلى بولۇپ، «يولدىن ئېزىپ قالدىڭما؟ سەن چۈشكەن مېھمانخانا (Uzbekistan Hotel) ئاۋۇ تەرەپتە»-دەيدۇ. بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، بىز ئۆمەك ئەزالىرى ھەر دائىم بىللە تۇرساق، بولمىسا، بۇ رەسىمنى كىم تارتىپ قويالايدۇ.


ئاكىجان، بۇ نەرسىلەرنى ئالسام بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېلىڭ ئۇكىجان، سومكا دېگەن كۆپ مەندە، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى كىچىك دوستلارغىمۇ تەشۋىق قىلىۋېتىڭ. ئۆزبېكچە-ئىنگلىزچە لۇغەت ئىشلىسەكمۇ بولامدۇ-نېمە؟ ھۆكۈمەت مەبلەغ بېرەمدىغاندۇ؟ قاراڭ، كەينى تەرەپتىكى يايما ئورنىدىن بىزنىڭ يايما ئورنىمىزدا ئادەم كۆپ.


تۈنۈگۈن لەڭمەن يېگەن ئىدۇق، ئەمما، چوكا بولمىغاچقا ۋىلكا-پىچاقتا يۆگەپ يەپ سۇن مايمۇن لەڭمەن يېگەندەك قاملاشتۇرالماي تەمىنى تازا ھېس قىلالمىدۇق. بەرىبىرغۇ، ئۇلار لەڭمەن ئېتىشتە بىزگە يېتەمتى؟ پولۇغا بەك ئۇستىمىش، قېنى ئۇنداقتا، مۇشۇ دۆلەتتىكى ئەڭ كاتتا تاماقخانىغا بېرىپ، بىر پولۇ يەپ كېلەيلى.


تاشكەنت دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېنىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا پولۇ مەركىزى دېگەن مۇشۇ ئىكەندە. بىدار ئاكا ئۈستىدىكى ئۆزبېكچە لاتىن يېزىقىنى بىر ئوقۇۋېتىڭە. O نى «ئا» دەپ ئۇقۇسىڭىز، A دېگەننى «ئە» دەپ ئوقۇسىڭىز، ئەمما، ئارقىسىدا بىر ئۈستى پەش كەلسە ئۆز پېتى ئوقۇسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. قاراڭلار، ماۋۇ ئۇستاملار، سولدىن-ئوڭغا تاشكەنت پولۇسى ، سەمەرقەنت پولۇسى ، بۇخارا پولۇسى ، خارازىم پولۇسى ، نەمەنگان پولۇسى يەمسىز دېيىشىۋاتىدۇ. ئالدى بىلەن پايتەخت تاشكەنت پولۇسى يەپ باقمايمىزمۇ؟


مانا تاشكەنت پولۇسى دېگەن، ئۇلار پولۇغا بىز ئۇستا، لەڭمەنگە سىلەر ئۇستا دەيدۇ. قۇرۇق گەپنى قۇيۇپ بىر يەپ باقمايلىمۇ؟ نېمە نەچچە پۇل دەمسىز؟ ئاۋۇ پولۇ 5100 سوم، تۇخۇم 500 سوم، چاي 1500 سوم، سەي 900 سوم، بىر كىشىلىك تاماق جەمئىي 8000 سوم (4 دوللار ياكى 26.6 يۈەن)، نېمە بىر كىشىلىك تاماق شۇنداق قىممەتمىكەن دەمسىلەر؟ تېخى تاماق توشۇپ كەلگەن مۇلازىملارغا بېرىلىدىغان تاپان ھەققىنى ھېسابلىمىدىم-جۇمۇ؟ شۈكرى، ھېلىمۇ مۇشۇنداق تاماق بار ئىكەن. ئىككى كىشىلىك پولۇنى بىرلا تەخسىگە ئېلىپ كېلىدىكەن، قاچا يۇيۇدىغانلار يېتىشمەيدىغان چېغى بار.
مەن: مۇلازىم، ئاشتىن ئازراق جامەن (加米) قىلىپ بېرىڭ،
مۇلازىم: نېمە ئۈچۈن؟ ياكى يەنە بىر كىشىلىك سېتىۋالامسىز؟ ئاكىجان.
مەن: ياق، ئىككى ئادەم بۇنداق تەملىك پولۇغا قانداق تويىمىز؟ يېرىم چۆمۈچ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
مۇلازىم: كەچۈرۈڭ، ئاكىجان، ئارتۇق ئاش بېرىلمەيدۇ. ئايرىم سېتىۋېلىڭ.
مەن ئىچىمدە ئۈرۈمچىدىكى مۇھاجىرلار مېھمانخانىسىنىڭ يېنىدىكى مەرۋە تېز تاماقخانىسىنىڭ پولۇسىنى بەك سېغىندىم، ئۇلار پولۇدىن خالىغانچە جامەن قىلىپ بېرەتتى-ئەمەسمۇ؟ بولدى بەك تويۇپ كەتسەك، كەچتە يەنە باشقا تەملىك تاماقلارنى تېتىيالمايمىز. بولدى، تاماققا دۇئا قىلايلى.


ئارقا تەرەپتىكى مۇنار تاشكەنت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇنارى، نېمە، ئالىم مۇئەللىم ئۆزبېكىستانغا بېرىپ، ئۆزبېكلەردەك ئالا-بالداق كۆينەك كىيىۋاپتۇ-دەمسىلەر؟ كىيسەك نېمە بولۇپتۇ؟ يەكچەشمىنىڭ يۇرتىغا بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال-دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟
ناۋادا، بۇ شەھەرگە كېلىش پۇرسىتى بولۇپ قالسا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئاش مەركىزىگە كېلىپ پولۇ يەپ بېقىڭلار. بۇ كوچىنىڭ ئىسمى IFTIXOR (ئىپتىخار)، مېترو (يەر ئاستى پويىز) بىلەن كەلسەڭلار تېخىمۇ قولايلىق .


قاراڭلار، تاشكەنت كوچىسىدىكى ماشىنىلارغا، %90 ماشىنا مۇشۇنداق ئىكەن. نېمە؟ ھەممىسى QQ مىكەن-دەپ قالماڭلار؟ بۇ دېگەن ئامېرىكىنىڭ ماركىسىدىكى ماشىنا بولۇپ CHEVROLET SPARK (دۆلىتىمىزدە 乐驰-雪佛兰 مۇ دەپ قويىمىز)، كورېيەنىڭ ۋە گېرمانىيەنىڭ ماشىنىلىرى ئەڭ كۆپ ئىكەن. ياپونىيەنىڭ ماشىنىلىرى پەقەت يوق ئىكەن. ئالىم مۇئەللىمنىڭ تۇنجى ماشىنىسى مۇشۇنداق ئىدى، ئەمما، ھازىر 2009-يىللىق يېڭى پاسوندىكى NISSAN Bluebird جۇما. بۇ يەردە TAXI غا چۈشىمىز دەپ يۈرۈپتۇق، ئەگەر بىرسى دېمىگەن بولسا كەچ بولغۇچە تۇراركەنمىز. سەككىز كۈنلۈك سەپەردە TAXI دەپ بەلگىسى بار بىرەر ماشىنىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، ئەمما، كوچىدا قاتناۋاتقان ماشىنىنىڭ ھەممىسى كىرا قىلىدىكەن. بىز بۇ يەردە ئۇنداق ماشىنىنى(黑车) دەپ قويىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ جەرىمانە ئالىمىز دېگەندۇ-ھە؟ ئەمما، ساقچى يېتىشمىگەندەك قىلىدۇ.


كىتاب دېگەننى مۇشۇنداق ساتىدىكەن، ئاۋۇ قىزغا قاراپ قالماي، كىتابلارغا ئوبدان قاراپ بېقىڭلار. ئۇ دېگەن رۇس قىزى، تېخى ئۆزبېك قىزلارنى ئاخىرىدا كۆرىسىلەر. بولمىسا، بۇ تېما قانداق ئاۋات بولىدۇ؟


يەرمەنكىنىڭ ئىككىنچى كۈنى تاشكەنت شەھەرلىك سودىگەرلەر بىرلەشمىسى داڭلىق كارخانىچىلارنى يىغىپتۇ، بىر تەرەپمۇ يىغىلىپ يۈزمۇ-يۈز سۆھبەتلەشتۇق. ئىككى تەرەپنىڭ باشلىقلىرى كارخانىچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۆزبېكىستانغا كېلىپ تارماق شىركەت قۇرساق نەچچە پۇل كېتىدۇ؟ قانداق ئېتىبار سىياسەتلەر بار؟ 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئىشخانىنىڭ يىللىق ئىجارىسى نەچچە دوللار؟ تاپقان پۇلىمىزنى دوللارغا ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزگە ئېلىپ كېتىشكە قوشۇلامسىلەر؟ ماۋۇ، شىنجاڭدىكىلەر بىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا يۈرۈش قىل دەۋاتىدۇ. بىلىكتىكى تورداشلارمۇ نېمە ئۈچۈن ئاستا تەرەققىي قىلىسەن، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنمەمسەن-دەپ بىزنى ھەيدەۋاتىدۇ (خۇددى مەن پەقەت ئويلاپ باقمىغاندەك؟) ئەپەندىم، ئۇنداق قىلماي بىر جاۋاب بېرىۋەتسىڭىز.

بىزنىڭ بۇ يەردە يېزا ئىگىلىك خېلى تەرەققىي قىلغان. ئاشلىق، ئۇن، ماي، گۈرۈچ، مېۋە-چېۋىلەردە ئېھتىياجىمىز يوق. بۇنداق نەرسىلەرنى بىز باشقىلاردىن ئىمپورت قىلمايمىز. ئەمما، قوشۇمچە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈسكۈنىلىرىمىز سەل قالاق. مەسىلەن: ئانار سۈيى، ئالما سۈيى،….. ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىدىن ھازىرچە تېلېفون ۋە كومپيۇتېرنىڭ زاپچاسلىرىغا ئېھتىياجلىق، لېكىن، %20 باج تاپشۇرۇسىلەر. بۇ يەردە پۇل تاپساڭلار، مۇشۇ يەردە خەجلىۋېتىڭلار، چېگرادىن نەچچە دوللار بىلەن كىرگەن بولساڭلار، شۇنچە دوللار بىلەن قايتىسىلەر، ئارتۇق ئېلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئىشەنمىسەڭلار، قايتىشىڭلاردا يېنىڭلارنى ئاختۇرۇپ، دوللارنى ساناپ باقىمىز. يەنە سوئال بارمۇ؟


شۇ كۈنى كەچتە بىز چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە توي مۇراسىمى بار ئىكەن. سەپەرداشلار قىز-يىگىت بىلەن بەس-بەستە رەسىمگە چۈشۈشتى. نېمە رەسىمدە ئۇلارنىڭ يۈزى نېمانداق تۇتۇق دېدىڭلارما؟ ئالىم مۇئەللىم تاشكەنت بارىمەن دەپ رەسىم ئاپپاراتتىن بىرنى يېڭىدىن سېتىۋالغان، بۇ ئاپپارات تېخى رەسىم تارتىپ كۆنمىگەچكە، خىجىل بولۇپ شۇنداق تارتىپتۇ. كېيىن، ئاپپاراتىمنى تىللاپ كەتسەم، تۇيۇقسىز زۇۋانغا كېلىپ نېمە دەيدۇ-دېمەمسىلەر؟ بۇ رەسىملەرنى توردا ئېلان قىلساڭ، ئاۋۇ ئۆزبېك قىزىنى ئىزدەيمىز، بىلىكتىكى تورداشلار پاسپورت ئىلتىماس قىلىمىز دەپ تۇرۇۋالسام، قانداق قىلىسەن دەيدۇ؟
تويى بولۇش ئالدىدا تۇرغان قىزلارغا تەكلىپ: ئاۋۇ تويى بولۇۋاتقان ئۆزبېك قىزغا قاراپ، ئۆزبېكىستاندا ئاق توي كۆينەك كىيىدىكەن دەپ، تويدا ئاران كىيىشكە كۆندۈرگەن بىر چىرايلىق ئەتلەس توي كۆينىكىنى كەيمەيمىز دېمەڭلار.
بۇ مېھمانخانىدا كۈندە كەچتە توي بولىدىكەن، ھەممىسى مۇشۇنداق ئاق كۆينەك كىيىدىكەن. كېيىن، بىزنىڭ سەپەرداشلار بالدۇر مېھمانخانىغا كېلىپ، بىرىنچى قەۋەتتىكى زالدا ساقلايدىغان بولدى. تويغا كەلگەنلەر كۆرىمىز دەپ.
بىر چاغلاردا پەستە خاتىرە كومپيۇتېردا سىمسىز تورغا چىقىپ ئولتۇرساق، توي بولۇۋاتقان زالدا I am a disco dancer (مەن بىر دىسكو چولپىنى) دەپ ناخشا ئېيتقىلى تۇرۇپتۇ. كېيىن، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، زىيادەنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ناخشا كېچىلىكىنىڭ پىلاستىنكىسىنى كۆرۈپ باقسام، شۇ ناخشىنى ئېيتقان قىز ئەسلىدە تويلاردىمۇ ناخشا ئېيتىدىكەن.


رەسىم ئاپپاراتىم ماۋۇ رەسىمگە ئەمدى قارا، تويغا ماڭغان چوڭلارنى ئۆز پېتى تارتىمىز، بۇ مەندىكى چاتاق ئەمەس دەيدۇ؟ مەن ئاۋۇ چوڭ ئايالنىڭ ئەتلەس كۆينىكىنى كۆرۈپ، ئاپام ۋە قېيىنئانامغا كۆينەكلىك ئەتلەس رەخت ئالدىم. ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىۋالدىم. چوڭلارنى خۇشال قىلىش بەك ئوڭاي دەيمەن.
ئەمما، قاراڭلار كەينىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرلار توختىماي ياش قىزلارنى رەسىمگە تارتىپ يۈرۈيدۇ. ھەتتا، ئۇلارغا ئەگىشىپ زالغا كىرىپ كەتكۈسى بار. بەزىلەر تاس قالدى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بەزى سەپەرداشلار بۇ يەردە ئۆيلەنسەك نەچچە پۇل؟ بۇ يەردە كۆپ خوتۇنلۇققا يول قويامدۇ؟ ئېلىپ كەتسەكچۇ؟ خەلقئارالىق توي خېتىنى نەدىن بېجىرىمىز-دەپ سورىغىلى.

=================
ئەمىسە يەنە كەتتى.

بۇ قەيەر ئەمدى؟ ھە تاپتىم، ئۈستىدە ئۆزبېكىستان مىللىي ئوپېرا-دىراما تىياتىرى دەپ تۇرمامدۇ؟ بىزنىڭ مۆمىنجان ئابلىكىم، شىرئەلى ئەلتېكىن(مۇقام) ئۆزبېكىستاندا ئويۇن قويۇپ كەلدىم دەۋاتقان ئىدى. مۇشۇ تىياتىر شۇ بولۇپ قالمىسۇن؟
بۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ (ئەمەلىيەتتە مۇشۇ دۆلەتتىكى) ئەڭ چوڭ كىتابخانا ئۈرۈمچىدىكى مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى شەخسلەر ئاچقان «دوستلۇق كىتابخانىسى»دىنمۇ كىچىك، نەۋائىي كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئازراق بىر يەرلەردە رۇس قىزلىرى ھارۋا سۆرەپ كىتاب سېتىپ يۈرگەن. ئەمما، مۇشۇنداق پېچەت تىياتىرخانا، كىنوخانا، دىسكوخانا ماڭدامدا بىر بولۇپ، ئۆزبېكلەرنىڭ ھەپتىدە بىر كونسېرت، ئويۇن-تاماشا،…دېگەندەكلەرنىڭ ئېلانى چېلىقىپ تۇراتتى. ياشاپ كېتىڭلار، ھازىرچە سەنئەت ساھەسى سىلەرنىڭ. شۇڭا، بۇياققا كەلسەڭلار، ئالقىشلاپ سىلەرنى كۆمۈۋېتىمىز. ئەمما، بەك پو ئېتىپمۇ كەتمەڭلار، چوڭ تىپتىكى سانائەت كارخاناڭلار ئۇياقتا تۇرسۇن، يېنىك تىپتىكى سانائەت كارخاناڭلارمۇ ئانچە تەرەققىي قىلمىغان. شۇڭا، قول يۇيىدىغان داس-چېلەك، يۈز سۈرۈتىدىغان لۆڭگە، تاراق-تۇرۇقلارنى ئۈرۈمچى خۇالىڭدىن ئېلىپ كېلىسىلەر، چۈنكى بىزنىڭ مال ئەرزان ۋە سىلەرگە ياقىدۇ. رۇسىيە ۋە تۈركىيەنىڭ ماللىرىنى ئالىمىز دېسەڭلار، مۇئاشىڭلار يەتمەيۋاتسا، يە بۇ يەردىكىدەك مۇئاشىڭلارنى ئۆستۈرۈپ تۇرمىسا.


كورېيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ماشىنىلىرىدىن باشقا يەنە سابىق سوۋېت دەۋرىدىن قېلىپ قالغان لاتتا دەمدۇق؟ لادا دەمدۇق؟ ئىشقىلىپ مۇشۇنداق ماشىنىلارمۇ بار ئىكەن ھازىر. پەرىزىمچە بۇنداق ماشىنىلارغا 20 يىل بولاي دېدىمىكىن؟ بەزىلىرى شۇ دەرىجىدە كونا ئىكەنكىن ھەتتا، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا رۇسلارنىڭ نېمىسلاردىن ئولجا ئالغان ماشىنىلارمىكىن دەپ قالىسىز.


ئەمما، كوچا ئاپتوبۇسلىرى ھازىر مۇنداق گېرمانىيەنىڭ مېرسىدېس ئاپتوبۇسلىرى ئىكەن. كوچا ئاپتوبۇسلىرىدا ئادەم شالاڭ (بىزدەك جۇڭگودىن بارغانلار شۇنداق بىلىندى). قارىغاندا ھەممىسى ھېلىقى كىراسىنى كېلىشىپ تۇرۇپ چىقىدىغان، ھەر ۋاقىت قول كۆتۈرسە توختايدىغان QQ دەك ماشىنىلاردا ماڭىدىغان چېغى بار.


مانى تېببىي ئىنستىتۇتىمىكىن دەپ قالماڭ، تېببىي كىتابلارنى ساتىمىز دەيدۇ. بۇمۇ بىر كىچىك كىتابخانا ئىكەن. ھېلىقى چوڭ كىتابخانا بۇ ئەمەس تېخى. بىر كۈنى چۈشتە بىز چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بۇ ئەڭ چوڭ كىتابخانىغا كەلدىم.
ئۇ يەردىن مەن «ئۆزبېك تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»نى سېتىۋالىمەن دېسەم، 1943-يىل تاشكەنت دېگەن يىلنامىسى بار ئۆزبېك سىلاۋىيان يېزىقىدا يېزىلغان كىتابنى كۆرسەتتى. مەن ئەڭ يېڭىسىنى ئالىمەن دېسەم، مانا بۇ يېڭىغۇ. 43-يىلى تۈزۈلگەن بىلەن يېقىندا يەنە ئۆز پېتى نەشر قىلىندى دەيدۇ. بىزدە ھەر ئون يىلدا ئىملا ئۆزگەرتىپ، ئىملا لۇغىتىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ نەشردىن قىلىمىز. نەدە ئۇنداق ئىش بار-دەيدۇ. بوپتۇ بۇ گېپىڭىزگە ئىشەنگەنمۇ بولاي ئۇنداقتا، مەن لاتىن يېزىقىدىكى ئىملا لۇغىتىنى ئالىمەن-دېسەم، يوق دەيدۇ.
لاتىن يېزىقىدىكى كىتابلار بەك ئاز ئىكەن، يەنىلا %80 كىتابلار رۇسچە ياكى رۇس يېزىقىدىكى ئۆزبېك تىلىدا ئىكەن. كومپيۇتېرغا ئائىت كىتابلاردىن بىر-ئىككىنى ئېلىپ قوياي دەپ قارىسام VISUAL Basic 6.0 دەيدىغان بىرلا كىتاب تۇرىدۇ. بىخلانجان سوۋغا قىلاي بولدى-دەپ ۋاراقلىسام، ھەممىسى يەنە رۇسچە ئىكەن. رۇس يېزىقىدىكى ئۆزبېك تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنماپتۇ. مەن شۇنىڭ بىلەن پو دېگەننى زەي سالماي ئاتتىم، مۇشۇ كىتابخانىدىكى كومپيۇتېرغا ئائىت، ئەمما، ئۆزبېك لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان كىتاب بولسا ھەممىنى سېتىۋالىمەن دېسەم، كەچۈرۈڭ، ئاكىجان بۇنداق كىتابلار پەقەت يوق دەيدۇ. نېمىشقا دېسەم، بۇنداق پەن-تېخنىكىغا ئائىت كىتابلارنىڭ ئۆزبېك تىلىدا يېزىلغانلىرى پەقەت يوق. ئىلگىرى بىر-ئىككىسىنى نەشر قىلىپ باققان، ئەمما، ياخشى بازار تاپمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلارنىڭ ھەممىسى رۇسچىنى بىلىدۇ. ياشلارنىڭ ئىچىدە رۇسچە مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغانلار يەنىلا كۆپ. پەن-تېخنىكا ۋە سانائەتكە مۇناسىۋەتلىك كىتابلار يەنىلا رۇس تىلىدا. ئەمما، ئەدەبىي تىلدىكى كىتابلار ئىچىدە ئاز-پاز ئۆزبېك لاتىن يېزىقىدا چىقىۋاتقانلىرى بار. ئالامسىز؟-دەيدۇ. مەن، ياق. لېكىن، ئاۋۇ ئۆزبېك سىلاۋىيان ۋە ئۆزبېك لاتىن ئېلىپبەسىنى سېتىۋالاي دېدىم.


تاشكەنتتىكى ئەڭ ئاۋات كوچا- ئەلشىر نەۋايى كوچىسىنىڭ بويىدىكى ئېلېكتىرون بۇيۇملىرى بازىرى. پۈتۈن تېلېفونچى، كومپيۇتېرچى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مۇشۇ بازاردىن تېپىلىدۇ. دېمىسەممۇ بىلىپ بولدۇڭلار، سامسۇڭ تۇرىدۇ-ئاينا دەپ. شۇنداق بۇ يەردە كورېيەنىڭ ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ماللىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، IBM, DELL دېگەندەك ماركىلارنى تاپالمايسىز. بۇ ئۈرۈمچى سەنشىخاڭزىدا بىر بازار بولىدىغان، شۇ بازاردىن سەل-پەل چوڭدەك قىلاتتى. چۈنكى، بۇ يەردە ئاساسەن نىمكەش ماللار بەك كۆپ بولۇپ، تېلېفوننىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دۆلىتىمىز شىنجېندىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن، ئاندىن ئوغرى-يانچۇقچىلارنىڭ قوللىرىدىن قايتا يىغىۋېلىنىپ، ئۈرۈمچىدە قايتا پىششىقلىنىپ ئىشلىنىپ، بۇ يەرگە ھەر خىل يوللار بىلەن كىرگەن يانفونلاردەك قىلاتتى. چۈنكى، تىزىپ ساتىدىغان يېڭى يانفون ئاساسەن يوقكەن. يېنىغا بېرىپ كۆرۈپ باقاي دېسەم، تالىباندەك بومبا ساقال ئادەملەر تېلېفون سېتىپ ئولتۇرىدۇ. پاراس-پۇرۇس رەسىم تارتىپ قويسام، پالتا-پىچاق، كالتەك-توقماق يەپ كېتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى، دېپلوماتلىرىنى ئالدىراش قىلىپ قويماي دەپ ئاستا بۇ يەردىن چېكىندۇق. ئەمما، ئۆمەك ئەزالىرى بىلەن رەسىم تارتماي ئايلاندۇق. كومپيۇتېر شىركەتلىرى داۋامىدا يەنە بار جۇمۇ.


بۇ نېمە دېدىڭىزما؟ بۇ ئۆزبېكلەرنىڭ پۇلى، ئۇنىڭ نامى سوم. ئەڭ كىچىك پۇلى 100 سوم، ئەڭ چوڭى 1000 سوم. ھاجەتخانىغا كىرسىڭىز 300 سوم(جۇڭگو پۇلىغا دەل 1 يۈەن بولىدۇ). ئەمما، يول بويىدىكى ھارۋا سۆرەيدىغان رۇس قىزلىرىدىن تالىشىپ تۇرۇپ بەش-ئالتە ئىنگلىزچە-ئۆزبېكچە لۇغەت، رۇسچە-ئۆزبېكچە لۇغەت سېتىۋالسىڭىز، بىردەمدە تۈگەيدۇ. بۇ ھەممىسى نەچچە پۇل دەمسىز؟ ئېسىمدە قالماپتۇ، ئىشقىلىپ 50 مىڭ سومغا بارمايدۇ. تۆت ئادەم بىلەن كەچلىك تاماقنى تۈركىيە ئاشخانىسىدا يېسىڭىز، بۇ پۇل يەتمەيدۇ. ئالدىرىماي تۇرۇڭ، بىر دەم ئارام ئالايلى، داۋامىنى بۈگۈن كەچتە يەنە يازارمەن.
=====================


چوڭ-چوڭ بازارلاردا، ھۆكۈمەتنىڭ بىنالىرىدا، مۇھىم تەشۋىقات جازىلىرىدا بۇ ئادەمنىڭ كۈلۈپ تۇرغان رەسىملىرىنى كۆپ ئۇچراتتۇق. مەنغۇ ئۆزبېك كىنوسىنى كۆپ كۆرمەيمەن، ئەمما، بۇ ئادەم گېزىتلەردىمۇ تۇرىدۇ، ئاخشىمى ياتاقتا تېلېۋىزورنى ئاچساقمۇ يەنە شۇ. قارىغاندا بۇ بىر داڭلىق چولپاندەك قىلاتتى. بىر رەسىمگە چۈشۈپ قوياي-جۇما.
ۋاي، نېمە دەيدىغانسىز؟ بۇ بىزنىڭ پىرېزىدېنتىمىز، ئىسلام كېرىموف.
ھە، مۇنداق دەڭ، سىلەر بىزگە جىق تەبىئىي گاز سېتىپ بېرىمىز دەپ توختام ئىمزالىغاندا، بۇ ئادەمنى بىزنىڭ دۆلەتتە تېلېۋىزوردا كۆرگەن. سىلەر ئەمدى بېيىپ كېتىدىغان بولدۇڭلار-جۇمۇ. بىزنىڭ دۆلەتتە ئامېرىكا دوللىرى بەك كۆپ. ئاۋۇ Jeck ئوقۇۋاتقان ئامېرىكىمۇ ئۆزى دوللار باسقان بىلەن تايىنلىق، قەرزى كۆپ دۆلەت ئۇ. يەنە قورقماي، ئوباما ئۆتكەن يىلى جۇڭگوغا كېلىپ نۇرغۇن دوللار قەرز ئالدى. بۇ پۇلنى قانداقمۇ-قايتۇرار. Jeck ۋاقىت چىققاندا، ئوباماغا تېلېفون قىلىپ، سەن چۈشۈپ كەتكۈچە ئاۋۇ پۇلنى بېرىۋەت-دەپ قويامسىزيە.


ۋوي، ئالىم مۇئەللىم ئەمدى يوللايدىغان رەسىم تاپالماي، ئۈرۈمچى نەنمېن خانتەڭرى سودا سارىيىدىكى ئەتىرلەرنى رەسىمگە ئېلىپ يوللاپتۇ-دەپ قالماڭلار. بۇ نەۋائىي كوچىسىدىكى بىر كىچىك دۇكان، لېكىن، ھالىغا باقماي، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن، تۈركىيەدىن، ئىراندىن، كورېيەدىن كەلتۈرۈلگەن دەمدۇ؟ ئىشقىلىپ مەن بىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى بىلەن باشلاپ سۆزلەپلا كەتتى. ئەتىرلەرنىڭ تۈرلىرى ھەقىقەتەنمۇ بەك كۆپ ئىكەن.
ساياھەت يېتەكچىسى قىزچاق: ئايالىڭىزغا ئەتىر ئېلىۋالمامسىز؟
مەن: -ۋاي، بولدىلا، مۇشۇ ئايال خەق دېگەن خۇشپۇراق بولىمىز دەپ بېنزىندىن باشقا ھەممە نەرسىلەرنى ئۆزىگە چاچارمىش، مېنىڭ ئايالىمغا ئەتىر لازىم ئەمەس، ئۆزى خۇشپۇراق تۇرسا. ئىچىمدە مەن گىرامى 2 دوللاردىن 20 دوللارغىچە بولىدىكەن. يا-پاناھ!! ئەمەلىيەتتە مەن قانداق چىدايمەن!- ماشىنامغىمۇ ماي قاچىلىساممۇ، ۋوي بولدىلا-دېدىم. ماۋۇ ئۈن-سىن دۇكىنىغا كىرىپ باقايلى.


ئۈن-سىن دۇكىنىغا كىردۇق. دۇكاندار ئۆزبېكىستان ياشلىرىنىڭ MTV پىلاستىنكىسىنى كۆرسەتتى. ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئويۇن قويغانلارنىڭ پىلاستىنكىلىرىدىن بىرەر قۇر ئېلىپ قويدۇم. چۈنكى، مەن بۇلارنىڭ ئويۇنىغا كىرىپ باقمىغان. شۇنداق قىلىپ، ئۈستىدىكى پىلاستىنكىلارنى ئالدىم. نېمە؟! ھەممىسى قىزلارنىڭ دەمسىلەر؟ ئۇنداق ئەمەس، مانا ئاتابېگنىڭ پىلاستىنكىسى.


ئاندىن يەنە مەن : «مۇرات ناسىروفنىڭ پىلاستىنكىسى»-دېسەم، ۋاي سىز خارازىمدىن كەلدىڭىزمۇ-دەيدۇ؟ دۇكاندار ئۇنىمۇ بىردەمدە تېپىپ بەردى. ئاندىن يەنە يۇلتۇز ئوسمان دېسەم، ئۇنىمۇ تېپىپ بەردى.

مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يۇلتۇز ئوسماننىڭ تىياتىرلاردا كونسېرتى بارمۇ-دېسەم، يوق، ئەمدى، مۇمكىن ئەمەس-دەپ سەل ئاچچىقلىنىپ قالدى. ماۋۇ ئاداشنى، مەن شۇنچە كۆپ پىلاستىنكا ئالسام، ھەر بىرى تېخى 14000 سوم(دەل 7 دوللار)دەڭلار. جەمئىي 98 مىڭ سوم سودا قىلىپ (بەش باغلام پۇلنى بېرىپ، ئارىسىدىن ئىككى مىڭ سومنى ئېلىۋېلىپ) بەرسەم، نېمە سەۋەبتىن ئاچچىقلىنىدۇ؟! ساياھەت يېتەكچىسى قىزچاق تۆۋەن ئاۋازدا، پىرېزىدېنتنىڭ قىزى بىلەن يۇلتۇز ئوسمانوف سەھنە تالىشىپ قېلىپ پېتىشمىدى. شۇڭا، يۇلتۇز ئۆزبېكىستاننى تاشلاپ تۈركىيە كەتتى. شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قاپتىمىش-دەيدۇ. (لېكىنزە، ماۋۇ ئۈرۈمچىدىكى دەيچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ دەي ئىشلەيدىغان بولسا، بېيىپ كەتكۈدەك، بۇلار بىر تال پىلاستىنكىنى جۇڭگو پۇلىدا 50 يۈەنگە ساتىدىكەن، ئەمما، چارسۇ بازىرىدا ئۆزى كۆچۈرۈۋالغاننى دەستىخانغا يېيىپ ساتىدىكەن، ھەر بىرى 2000 سوم دەيدۇ، تەخمىنەن 1 دوللار، يەنە قىممەت)

ۋوي بولدىلا، خوتۇن خەقنىڭ جېدىلىگە ئارىلاشماي. بولدى، بۇ يەردىن چىقىپ كېتەيلى-دېسەم. پۈتۈنلەي MTV ئالدىڭىز، ئۆزبېك ھازىرقى زامان كىنولىرىنى ئالمامسىز؟-دەيدۇ. ھە راست ئالساممۇ ئالاي دەپ «SUPER KELINCHEK» (ئالاھىدە كېلىنچەك) ۋە «O’SHIQLAR»(ئاشىقلەر)نىڭ پىلاستىنكىسىنى تاللىدىم. ئارقىدىن ئۇ قىز يەنە:
ساياھەت يېتەكچىسى: ئالىم ئاكا، ئۆزبېكچە ئەسكى پىلاستىنكىلاردىن ئېلىپ قويمامسىز-دەيدۇ. ۋاي، چاقماق-چاققاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى. ھىندىستان يېڭى دېھلىدا كومپيۇتېر كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇشنى تاماملاپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى ھەققىدە دېگەن تېمىنى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى قىلغان، سودا ئۆمىكىدىكى كارخانىلارغا پىدائىي بولۇپ ئىشلەۋاتقان ساياھەت يېتەكچىمىز كامولا(ئۇيغۇرچە كامىلەگە يېقىن) قىزچاقنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپ قانداق چىقىپ قالدى. يېنىمدىكى سەپەردىشىممۇ ھەيران قالدى.
ساياھەت يېتەكچىمىز: نېمە؟ ئالىم ئاكا، تۇرۇپ قالدىڭىزغۇ؟ نېمە ئويلىغان بولسىڭىز، شۇنى دەڭ.
مەن: ھەي، بولدى، ئالمايمەن، ئۇنداق پىلاستىنكىلارنى-دېدىم.
ئەمما، يېنىمدىكى سەپەردىشىم: «بولدى مەن ئالاي، لېكىن، تاموژنىدىن ئۆتكۈزەرمۇ؟ سېنىڭ كومپيۇتېرىڭ بولغاندىن كېيىن، ئىچىگە قاچىلاپ،….»
مەن: بولدى، قىلىڭا ، نېمە دېگەن سەت ئىش بۇ.
ساياھەت يېتەكچىمىز: ۋاي نېمە بولدى؟-سىلەرگە. ئاچچىقلىنىپ قالدىڭلارغۇ؟ «ئۆزبېكچە ئەسكى كىنو»لارنى بىز بەك ياخشى كۆرىمىز. ھېيتتا چوڭلار بىلەنمۇ ئولتۇرۇپمۇ كۆرىمىز.
مەن: ئەمدى، سىز ئارتۇق سۆزلىمەڭ. مەن ئۆزۈمنى بېسىۋالالمىدىم.
سەپەردىشىم: ئەمىسە، بۇ يەردە بىر كۆرۈپلا، ياتاقتا سۇندۇرۇۋېتەيلى-ماقۇلمۇ؟ ئۇ يەنىلا ئۆزبېكچە ئەسكى فىلىمنىڭ دەردىدە.
مەن: ھۆكۈمەت بىزنى تەشكىللەپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى، بىزنىڭ چەتئەلدىكى ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىمىز جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مەن بۇنداق سەت بولىدىغان ئىشقا يۇرتۇمدىمۇ، بۇ يەردىمۇ ئارىلاشمايمەن، بولمىسا، بۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز پوق بولىدۇ-ئاكا.
بۇ چاغدا، ھېلىقى ئۆزبېك قىزچاق، گېپىمىزنى تولۇق چۈشىنىپ بولالمىدىمۇ؟ ياكى ئېلىپلا تۇتقۇزۇپ قوياي دەپ پەس ئولتۇرۇپ پىلاستىنكا تاللاۋاتاتتى. مەن ئارقامغا قاراپ بايىقى ئىككى پىلاستىنكىنىڭ پۇلىنى تۆلىگىلى ماڭدىم، ئاۋۇ قىزمۇ دەرھال بۇ يەرگە كېلىپ، «ئىلتىماس، ئالىم ئاكا، ئۆزبېك ئەسكى كىنولىرىدىن بىر تال بولسىمۇ ئېلىۋېلىڭ»-دەپ ئالدىمغا تاراققىدە قويدى. كۆزۈمنى يېرىم ئېچىپ قاراپ باقسام، مۇقاۋىسى رەڭسىز تۇرىدۇ، ئىسمىغا قارىسام «ئۆتكەن كۈنلەر» دېگەن فىلىم ئىكەن. مەن، بۇ قانداق گەپ؟-دېسەم. بۇ بىزنىڭ داڭلىق ئەسكى كىنويىمىز-دەيدۇ. مەن، ھە مۇنداق دەڭ. كىلاسسىك دېمەكچىمۇ؟ ياكى سوۋېت دەۋرىدە ئىشلەنگەن رەڭسىز كونا فىلىم دېمەكچىمۇ؟ ئۇنداق بولسا، ئالاي. مەنمۇ شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە ئەسكى فىلىملەرنى ۋوي ياق(ھا..ھا…) كونا فىلىملەرنى مەسىلەن: «يولباشلىغۇچى»، «كۆۋرۈك»…دېگەندەك فىلىملەرنى ياخشى كۆرىمەن. كىچىك ۋاقىتنى ئەسلىتىدۇ. بولدى، بۇنىمۇ ئالاي-دېدىم.
دۇكاندىن چىققاندا، ھېلىقى ئۆزبېك ساياھەت يېتەكچىسى قىز: ئالىم ئاكا، دۇكاندا سىلەر نېمە دەپ گەپ تەگىشىپ قالدىڭلار-دەيدۇ. مەن بولغان ئىشلارنى ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈپ، بىز «ئەسكى» دېگەن سۆزنى ئادەتتە باشقا جايلاردا ئىشلىتىمىز، ئۇيغۇر تىلىدا بىز بۇنداق فىلىملەرنى «كونا فىلىم» دەيمىز. «ئۆزبېكچە ئەسكى فىلىم» دېسىڭىز، بالىلار كۆرۈشكە بولمايدىغان، «مەينەت كىنو» دەپ ئويلاپ قاپتۇق-دېسەم، ۋاي خۇدايىمەي، دەپ بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى. بىر نەچچە كۈنگىچە يۈزىمىزگە قاراپ جىق گەپ قىلالمىدى. ئەمما، يوللاردا، ئەسكى تىراكتورلار مېڭىپ ئۆتكەندە، قاراڭ، ئاۋۇ ئەسكى تىراكتورلارغا دېسەك، ئىتتىكلا، ياق، ئۇ دېگەن كونا تىراكتور-دەيدىغان بولۇۋالدى.
ئۆزبېك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەر مۇشۇنداق ئوخشاش ئەمەس، مەن يەنە ئايرىم توختىلىمەن.
==================
مەن ئۆزبېكىستاندا بىر ھەپتە تۇردۇم، تاشكەنت ۋە سەمەرقەنت شەھەرلىرىگە ئاپاردى. ئۆزبېكلەر بىلەن سۆزلىشىش جەھەتتە دەسلەپتە 3 كۈنگىچە سەل قىينالدۇق. ئادەتتىكى گەپلەر ئاساسەن ئوخشاش دېگەن بىلەن ئوخشىمايدىغان گەپلەرمۇ بار ئاز ئەمەس ئىكەن. مەسىلەن: «مەن تېلېفون ئۇرسام تىڭجىكەن»-دېسەم، «تېلېفوننىمۇ ئۇرامدۇ؟ قانداق ئۇردىڭىز، مۇشت بىلەنمۇ ياكى پۇتىڭىز بىلەن ئۇردىڭىزمۇ؟»-دەيدۇ. «سىلەر نېمە دەيسىلەر»-دېسەم «قوڭغۇراق قىلسام **** ئىكەن» دەيمىز-دەيدۇ، ئاخىرىنى ئىشقىلىپ رۇسچە بىر نەرسىلەر بىلەن دېدىغۇ. دېمەك، بىز بەزى سۆزلەرگە خەنزۇچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىسەك، ئۇلار بەزى سۆزلىرىگە رۇسچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىز پولۇ دەيمىز، ئۇلار ئاش دەيدىكەن. بىز قوي گۆشى دەيمىز، ئۇلار مال گۆشى دەيدىكەن. بىز ئاپا دېسەك، ئۇلار ماما دەيدىكەن. بىز كونا فىلىم دېسەك، ئۇلار ئەسكى فىلىم دەيدىكەن. بىز خەنزۇچە ياڭيۇ دېسەك، ئۇلار رۇسچە كارتوچكا دەيدىكەن.

دېمەك، مۇشۇنداق، پەرقلەرمۇ يەنىلا زور. ئەمما، 3 كۈندىن كېيىن ئادەتتىكى تۇرمۇش دىيالوگلىرىدا قەتئىي مەسىلە كۆرۈلمىدى. بىر نەرسە ئېلىش جەريانىدا، باھادا ئازراق تالىشىپ، ئۆزبېكچە-ئۇيغۇرچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ قويساق، «سىز خارازىمدىن كەلدىڭىزمۇ»-دەپ قالىدۇ بەزىدە. ئۇلارمۇ بىلەلمەيدۇ-مانا

مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم ئەدەبىي تىلىمىزدىكى ئوخشاشلىقلار ئىنتايىن يۇقىرى، مەن ئۆزبېكچە-ئىنگلىزچە لۇغەت سېتىۋالدىم. بىر باشتىن ئۆزبېكچە سۆزلەرگە قاراپ باقسام، تەخمىنەن ھەر 10 سۆز ئىچىدە بىر ياكى ئىككى سۆزنى بىلەلمىدىم، ئەمما، ئىنگلىزچە مەنىسىگە قاراپ ھېس قىلدىمكىن، بۇنداق سۆزلەر ئاساسەن سوۋېت دەۋرىدە قېلىپ قالغان سۆزلەر ئىكەن يەنى سانائەت پەنلىرىدىكى سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئاساسەن رۇسچە ئىكەن.
ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ئائىت سۆزلۈكلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە ئىكەن ھەم شۇ پېتى قوللىنىدىكەن. مەسىلەن: پىرىنتېر ، مائۇس، مېمورىي،…دېگەندەك. ئۇلارنىڭ چەت تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىش قائىدىسى ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىكەن. ئەمما، بىز ئىشلىتىشنى ئۇنتۇپ كەتكەن سۆزلەرنى ئۇ يەردە كۆپ ئاڭلىدىم. بۇنداق سۆزلەرنى مەن كىچىك ۋاقىتلاردا چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە

ماۋۇ بىزدەك چوڭ دۆلەتتە 56 مىللەت بار ئىدى، ئەمما، ئۇلار ئۆزبېكىستاندا 70 دىن ئارتۇق مىللەت بار دەيدۇ. تاشكەنتتە يەنە ئۆزبېكچە مەكتەپتىن سىرت رۇسچە ۋە ئەنگلىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىنگلىزچە مەكتەپلەرمۇ بار ئىكەن. رۇسچە مەكتەپلەرنىڭ نىسبىتىمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن. چوڭلارنىڭ ھەممىسى رۇسچە بىلىدىكەن، شۇڭا، بەزى چوڭلار يەنىلا بالىلىرىنى رۇسچە مەكتەپكە بېرىدىكەن. رۇسىيەگە بېرىپ تەرەققىي قىلىشتا پايدىلىق دەپ قارايدىكەن. ھازىرغا قەدەر پەن-تېخنىكا كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى رۇسچە ئىكەن، ئاز بىر قىسمى رۇسچە يېزىقتىكى(سىلاۋىيانچە) ئۆزبېك يېزىقىدا ئىكەن. يېڭىدىن چىقىۋاتقان ئەدەبىي كىتابلار لاتىن ئۆزبېك يېزىقىدا چىقىۋېتىپتۇ، ئەمما، سانى بەك ئاز ئىكەن. دۇكان سارايلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىغا قارىسىڭىز رۇسچە يېزىق يەنىلا كۆپ. ئاممىۋى ئەسلىھەلەردە رۇس يېزىقى ۋە سىلاۋىيانچە ئۆزبېك يېزىقى ۋە لاتىن يېزىقىدىكى ئۆزبېك يېزىقى تەڭ قوللىنىدىكەن.
تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىن بىلىشىمىزچە ياشلارنىڭ ئىچىدە ئىنگلىز تىلى ۋە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلاپتۇ. چوڭلار يەنىلا رۇس تىلى ۋە يېزىقى ياخشى دەپ قارايدىكەن. شۇڭا، تېلېۋىزىيەدە سىلاۋىيانچە ۋە لاتىنچە ئۆزبېك يېزىقى تەڭ قوللىنىدىكەن. يازمامنىڭ ئاخىرىدا، يەرمەنكىدە ئولتۇرغاچ ئۇيغۇرسوفت كود ئالماشتۇرۇشنى سىلاۋىيانچە ۋە لاتىنچە ئۆزبېك ئارىسىدا ئالماشتۇرىدىغان ئىقتىدار قوشۇپ قويغان ئىدىم، ھەممىسى شۇ نەرسىگە ھەيران قالدى ۋە قىزىقىپ قالدى. تاشكەنتتە كۇڭزى ئىنستىتۇتى بار ئىكەن. ئۆزبېك بالىلىرى ھەقسىز خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنەلەيدىكەن. ئۆزبېك ياشلىرى ھازىر قاتتىق تىرىشىپ ئىلىم-پەن تېخنىكىلىرى ئىگىلەشكە ئاتلىنىپتۇ. ياشلار ئارىسىدا دوكتور، ماگىستىر دېگەندەكلەر كۆپ ئىكەن. ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى ئۆزبېكچە يازسىمۇ بولىدىكەن. دوكتور ۋە ماگىستىر يېتەكچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن سوۋېت دەۋرىدە ياكى شۇ يېقىنغىچە رۇسچە مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر بولغاچقا، رۇسچە يازسا تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىدىكەن. خىزمەتچىلەر ئارىسىدا كۆپ تىللىق ۋە كۆپ يەردە خىزمىتى بولۇش ئادەتتىكى ئىشلار ئىكەن. لېكىن، 20 نەچچە مىليون ئۆزبېكنىڭ ھەممىسى سەنئەتچى دەيدىغان چاقچاق پاراڭلىرىمۇ بار ئىكەن.
ناۋادا، بىر مەھەللىدە ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرنى ئارىلاش ياشايدۇ-دېسەك، ئاندىن قايسىسى ئۇيغۇر، قايسىسى ئۆزبېك دېسە پەرق ئەتمەك تەس بولغۇدەك. بۇ خۇددى شىنجاڭنىڭ قەشقەر تەرەپتە ئاز ساندىكى ئۆزبېكلەر بار دەپ ئاڭلىغان، لېكىن، نۇرغۇن ئادەم ئۇلارنى ئۇيغۇر دەپ قالغاندەكلا
========================
تورداشلار ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبېك تىلىنىڭ پەرقىگە بەك قىزىقىدىكەن، مەن ئۇنداقتا يەنە تۆۋەندىكى دىيالوگنى سۇناي.

ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبېك تىلى ئارىسىدىكى دىيالوگ (3)

ئىزاھات: كومپيۇتېر كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇشنى تاماملاپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى ھەققىدە دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىۋاتقان، سودا ئۆمىكىدىكى كارخانىچىلارغا پىدائىي بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ساياھەت يېتەكچىمىز (تەرجىمانىمىز) كامولا (ئۇيغۇرچە كامىلەگە يېقىن) قىزچاق بىلەن بولغان يەنە بىر سۆھبەت خاتىرىسى

كامولا: ئالىم ئاكا، خوجايىن قوڭغۇراق قىلىپتۇ، قايتىشىمنى ئايتتى(ئېيتتى).
مەن: مەن، ئەلۋەتتە، بەمالال(ئۇيغۇرچە بىمالال، بۇلار بۇنداق سۆزنى كۆپ ئىشلىتىدىكەن)، مېڭىۋېرىڭ.

كامولا: خوجايىن ئۆينىڭ ئالدىدا ئىكەن، بالامنى ئويناتقاچ مېنى ساقلاۋېتىپتۇ. ماڭا رۇخسەت بەرسىڭىز، مەن ھازىرلا قايتاي.
مەن: مەن، نېمە؟ سىزنىڭ خوجايىنىڭىزما؟ بالىڭىزنى بېقىۋاتامدا؟

كامولا: شۇنداق، خوجايىنىم، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئاچقۇچىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ، ئۆيگە كىرەلمەپتۇ.
مەن: ھەجەپ ياخشى خوجايىن ئىكەن، مەن 12 يىل خوجايىن بولغاندىن بېرى خىزمەتچىلەرنىڭ بالىسىنى تېخى بېقىپ باقمىدىم. قارىغاندا، شىنجاڭدا شىركەت ئېچىۋاتقان بارلىق خوجايىنلار بۇ يەرگە بىلىم ئاشۇرسا بولغۇدەك. ئاخىرىدا يەنە نېمە دېدىڭىز؟ ئۇ ئۆيگە كىرەلمەپتۇما؟

كامولا: ئەلۋەتتە، بۇ يەردە بىز خوجايىنلارنى بەك ھۆرمەتلەيمىز، خوجايىنلارمۇ بىزگە بەك كۆيۈنىدۇ، تاماق ئەتسەك ئانچە-مۇنچە ياردەملىشىدۇ.
مەن: ۋاي. پېچەتقۇ! (تاس قالدىم ھوشۇمدىن كەتكىلى) مەن ئالدىراشلىقىمدا ئۆزۈمنىڭ بالىسىنى كۈندە ئوينىتىپ بولالمايمەن. ئائىلىدە چاي دەملەشتىن باشقىسىنى قىلىپ بولالمايمەن. خىزمەتچىلىرىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بالىسىنى بېقىپ ئاش-تاماق ئېتىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن. سىلەرنىڭ خوجايىن نېمە دېگەن ياخشى-ھە، مەن مۇنداقلا سوراپ باقسام، سىزنىڭ خوجايىنىڭىز ئۆيىڭىزدىمۇ قونۇپمۇ قالىدىغان چېغى بارمۇ؟(ھا…ھا…)

كامولا: ئەلۋەتتە، ئۇ دېگەن مېنىڭ خوجايىنىم تۇرسا، بولمىسا، ما بىزنىڭ بالىمىز قانداق قىلىپ…؟ ئاخىرىنى دېيەلمىدى.
مەن: ئىككىڭلارنىڭ بالىسى؟ (ئەمدى بۇ قېتىم ھوشۇمدىن كېتىشكە چەكسىز يېقىنلاشتىم). ئالە شەھرىڭنى! ئاڭلاپ باقمىغان ئىش ئىكەن بۇ. مۇنداقمۇ خوجايىنلار بار ئىكەن دۇنيادا ! قارىغاندا بىز يەنىلا ئىنگلىزچە سۆزلىشەيلى.

مەن ئىنگلىزچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇ قىز يەنە ۋاي خۇدايىمەي، ئاللاھ -توۋا! ماۋۇ سەتچىلىكنى!!! نېمە دەيدىغانسىز؟ ئۇ دېگەن My Husband (مېنىڭ ئېرىم)، بىز Husband (ئېرىمىز)نى خوجايىن دەپ چاقىرىمىز. ئايالىڭىز سىزنى قانداق چاقىرىدۇ؟
مەن: ۋاي، كەچۈرۈڭ! يەنە ئۇقۇشماسلىق بولۇپتۇ. مەن 12 يىل شىركەت ئاچسام، خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا بېرىپ كېلىۋاتساممۇ، ماۋۇ بالىلار چېغىدا مېنى بىرەر قېتىم خوجايىن دەپ چاقىرىپ باقمىدى، يەنىلا «ئالىم مۇئەللىم» دەپ چاقىرىدۇ. ئۆيدىكى ئايالىممۇ مېنىڭ ئىسمىمنى بىۋاسىتە چاقىرىدۇ. مەن يەنە سىلەر، ئېرىڭلارغا «خوجايىن تاماق پىشتى، تاماق يەڭ دەمسىلەر»-دېسەم. ئۇ قىز «ئەلۋەتتە، بۇ بىزنىڭ كۈندە دەيدىغان سۆزىمىزغۇ». مەن ماڭاي، خوش ئەمىسە.

مەن ئويلىدىم، بىزنىڭ ئاياللىرىمىزمۇ بىزنى بىرەر قېتىم «خوجايىن تاماق پىشتى»، «خوجايىن قولىڭىزنى يۇيۇۋېلىڭ»، «خوجايىن ئىشتىن قايتىپ كەلدىڭىزمۇ»-دەپ مۇشۇنداق يېقىشلىق، يېقىملىق چاقىرىپ تۇرسا، يۈرەكلىرىمىز ئويناپ كەتمەسمىدى؟!! كۈندە خوجايىن دەپ تۇرسا، تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماي، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئائىلىنى تېخىمۇ ئوبدان باقمامدۇق؟ ئۇيغۇر تىلىمۇ بىر گۈزەل تىل ئىدىغۇ!!
========================
بۈگۈن سەھەردىن باشلاپلا ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. قوشقارنىمۇ چۈشتە ئاران قۇربانلىق قىلىپ، جەننەتكە يولغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن، گۆشلىرىنىمۇ پارچىلاپ قازانغا سېلىپ بولدۇم، ئۆزبېكلەرنىڭ خوجايىنلىرىدەك قازان بېشىغا كېلىپ گۆش پىشۇرۇشقا ياردەملەشتىم. بۇ چاغلاردا، تېلېفونۇمغا ھېيتلىق تەبرىك ئۇچۇرلار توختىماي كېلىۋاتاتتى. چۈشتىن كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ بىر باشتىن ئوقۇشقا باشلىدىم، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھېلىقى ساياھەت يېتەكچىسى تاشكەنتتىكى كامولا (قىزچاق) ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرمۇ بار ئىكەن. سىلەرمۇ نېمە دەپ يازغاندۇ دەپ ئالدىراۋاتىسىلەر ھەقاچان؟ ئايالىمغا كۆرسىتىشكە تېخى پېتىنالمىدىم-جۇمۇ، تېلېفونۇمدىن ئۆچۈرۈۋېتىشتىن ئىلگىرى سىلەر بىر كۆرۈپ بېقىڭلار، لېكىن، تونۇش -بىلىشلەر ئايالىمغا دەپ قويماڭلار. بولمىسا، ماۋۇ تېمىنىڭ ئاخىرى چىقماي قالىدۇ.

ئەسكەرتىش: ماۋۇ قىسقا ئۇچۇرنىڭ نەشرى ھوقۇقى بار جۇمۇ، مەزمۇنى بولىدىكەن دەپ ئۆز-ئارا ئەۋەتىپ ۋاشاڭ قىلىۋېتىپ، بۇ ئۇچۇرنىمۇ ئەسكى (كونا) قىلىۋەتمەڭلار.
بىدار-قۇتلان ئاكا سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. ئۆزبېك كىنولىرىنى تولا كۆرۈپ، ئۆزبېكچىدە مەندىنمۇ ئۇستىدەك قىلىسىز، بۇ گەپ زادى راستمۇ ياكى يالغانمۇ؟ ھازىرلا بىلىپ قالىمىز. ئۇنداقتا، ماۋۇ ئۆزبېكچە لاتىن يېزىقىدىكى ئۇچۇرنى ئۇيغۇرچىغا بىر تەرجىمە قىلىۋېتىڭە. باشقىلارمۇ زادى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبېك تىلىنىڭ پەرقىنى ھېس قىلىپ باقسۇن. لاتىن يېزىقىنى قوشۇمچە ئۆگەنسەڭلار ئۆزبېك قىزلارغا قىسقا ئۇچۇر، ئېلخەت ئەۋەتىشكە ئەسقاتىدۇ-دەپ تەشۋىق قىلىدىغان بولسىڭىز، ماۋۇ مۇنبەردىكىلەر ھەممىسى ئەتىدىن باشلاپلا لاتىن يېزىقىغا كۆچۈۋالىدۇ.
=======================
بىز ئەمدى بازار ئايلىنىپ باقايلى، تېلېكامېرادا تارتىلغان رەسىملەرنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
كامولانىڭ يېتەكلىشى بىلەن سەپەرداشلار چارسۇ بازىرىغا باردۇق. چارسۇدىكى چار دېگەن سۆز چارشەنبىدىكى چار شۇ(يەنى ئۈچ دېگەن گەپ)، شۇڭا، ئۇنى ئۈچ سۇ(ياكى ئۈچ ئۆستەڭ)دەپ چۈشەنسەڭلار بولىدۇ. ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتە كۆۋرۈك كۆرگىلى بولمىغاندەك، بۇ يەردە ھېچ ئۆستەڭ كۆرمىدۇق. ئەمما، بۇ ئۈچ ئاچال يولنىڭ كېسىشمىسىگە (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ)جايلاشقان بازار بولۇپ، چارسۇ بازىرىنى تاشكەنتنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بازىرى دەپ چۈشەنسەڭلار بولىدىكەن.

بۇ قېتىم بىز كىرا ماشىنىلىرىغا چىقماستىن، يەر ئاستى پويىز(مېترو)غا ئولتۇرۇپ باردۇق. چۈنكى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە پەقەت تاشكەنت شەھىرىدىلا مېترو بار دېگەننى بۇرۇنلا ئاڭلىغان. مېترو ھازىرقى زامان شەھەرلىرىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ، مىڭ يىللىق تارىخى بار بۇ شەھەرگە ئىنتايىن ياراشقان ئىدى. ئەمما، تولىمۇ ئەپسۇس، خەۋپسىزلىك ئۈچۈن مېترودا رەسىمگە تارتىش چەكلەنگەن بولۇپ، باشقا رەسىملەر يوق. ئەمما، بېلەت سېتىش ئورنىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

ئاۋۇ خەت KASSA دېگەن گەپ بولۇپ، بېلەت سېتىش ئورنى (كاسسىر دەپ چۈشەنسەڭلارمۇ)دېگەن مەنىدە بولىدۇ. ھەرگىزمۇ كاسسىمىزنى قويۇپ ئولتۇرۇپ، پويىز ساقلايدىغان جايمىكەن دەپ قالماڭلار.


بىر بېلەت 500 سوم (تەخمىنەن 1.5 يۈەن)، ئەرزان ئىكەن. قاتناش راستتىنلا قولاي بولۇپ، بىردەمدە چارسۇ بازىرىغا كەلدۇق. ئۈستىدىكى Charsu Plaza (چارسۇ بازىرى) دېگەن خەتنى كۆردۈڭلارمۇ، كامولامۇ بۇ بازارنى سەپەرداشلارغا تونۇشتۇرماقتا.


ماۋۇ شاپتۇل سېتىپ ئولتۇرغانلارنى كۆرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىرەر بازارنىڭ رەسىم خاتا يوللىنىپ قالغانمىدۇ-دەپ قالماڭلار.


ماۋۇ رەسىممۇ شۇ، لېكىن، ئاۋۇ ئوڭ تەرەپتىكى ۋىۋىسكىدىن كۆرۈپ ھېس قىلىشقا بولىدىكىن، بۇ ھەرگىزمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بازار ئەمەس.


قاراڭلار، ماۋۇ ئاياللارغا. پاتەمخان نەچچە پۇللۇق سودا قىلدىڭلار؟ بالىلارنىڭ دادىسىغا نېمە ئالساق بولار دېيىشىۋاتىدۇ.


ماۋۇ خوجايىندىن (ياق سودىگەردىن) 10 مېتىر ئەتلەس رەخ ئالدىم. مەن بەرگەن ئاۋۇ پۇلنى ساناۋاتىدۇ. جەمئىي 55 مىڭ سوم( تەخمىنەن 183 يۈەن). بۇلارمۇ كېلىشىپ سودا قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ قولۇمدىكى ئاپپاراتنى كۆرۈپ، باشقا يۇرتلۇق ئىكەن بۇ-دەپ، ماللىرىنى ماختاشقا باشلىدى. بۇ دېگەن نەمانگاننىڭ ئەتلىسى، ئۇنىڭ يىپى فەرغانىدىن كەلتۈرۈلگەن دەپ ھەر مېتىرى ئۈچۈن 10 مىڭ سوم(5 دوللار) باھا قويدى. ئەمما، ئاۋۇ قىزچاق باھانى تەڭ يېرىمىغا چۈشۈردى.
ئايالىڭىزغا ئەتلەس ئالدىڭىز، ئەمدى زىبۇ-زىننەتلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ دېدى. بىز شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە زەرگەرخانىغا كىرىپ كۆرۈپ باقتۇق.

قاراڭلار، ماۋۇ ئالتۇنلارغا، بۇلار مۇشۇنداق پىرسەنتى تۆۋەن 18K كاراتلىق (%75 ئالتۇن، %25 كۈمۈش ۋە مىس) ئالتۇنلارنى تاقايدىكەن. تويلۇق ئۈچۈن مۇشۇنداق ئالتۇنلارنى سالىدىكەن. ئادەتتە 20 گىرام تويلۇق ئالتۇن سالىدىكەن (مۇنداق دوكتور قىزلار ئۈچۈن تېخى). ئەمما، بىز بۇ يەردە %99.99 دىن كەم بولسا ساختا ئالتۇن دەپ سېتىۋالمايمىز. تويلۇق ئۈچۈن 50 گىرامدىن يۇقىرى ئالتۇن سېلىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، بەزى قىزلار خۇددى زەرگەرخانا ئاچىدىغاندەك 100 گىرام ئالتۇن تويلۇق سالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. بۇ ئەلۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. بىز بۇنداق ئىشلارغا ئارىلاشمايلى بولدى.

ئەمما، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوغۇللار 25 ياشتىن بۇرۇن، قىزلار 23 ياشتىن بۇرۇن ئۆيلىنىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەن. ئۇ يەردە كېلىن-قېيىنئانا مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ، بەك دىققەت قىلىدىكەن. توي قىلىشتىن ئىلگىرى 15-20 كۈنلۈك قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلىنىشكە بارىدۇ-دېگەندەك گەپنىمۇ غىل-پال ئاڭلاپ قالدىم. تويدىن كېيىن، مەيلى ئۇ قىز دوكتور بولۇپ كەتسىمۇ، تاشكەنتتەك شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلارمۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىشىدىن باشقا يەنە قېيىنئانىسىنىڭ ئىشلىرىغىمۇ ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىم مۇنتىزىم ياردەملىشىدىكەن. قىزلارنىڭ ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ياخشى قېيىنئانىغا ئىگە بولۇش ئىكەن. بۇنى مەن SUPER KELINCHEK نى كۆرگەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. بەزىلىرى ھەتتا تاشكەنت شەھىرىدىن بۇخارىيغا (ئارىلىق بەك يىراق بولسىمۇ) بېرىپ دۇئا قىلىپ كېلىدىكەن.


كىچىك تىپتىكى خۇالىڭمۇ بار ئىكەن مانا، ئەمما، بۇ يەردىكى ئۆي جاھازىلىرى ئىچىدە تۈركىيە، گېرمانىيەنىڭ بىر قەدەر كۆپ ئىكەن.


بۇ چارسۇ بازىرىنىڭ دوقمۇشىدىكى مەسچىتنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان تاختا بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ھەر يىلى ئۆزبېكلەرنىڭ ئوخشىمىغان داڭلىق تارىخىي شەخسلىرىنى تاللاپ خاتىرىلەيدىكەن، پۈتۈن بىر يىل مۇشۇ تارىخىي شەخسكە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.


چارسۇ بازىرىنىڭ دوقمۇشىدىكى كوماندىرلار، قاتناش بېكەت، مۇھىم بازار ئېغىزلىرىدا، چوڭ يوللاردا بۇنداق ساقچى-كوماندىرلار خېلى كۆپ ئىكەن.


چارسۇ بازىرىدىكى بانان سېتىۋاتقان ئاياللار.


چارسۇ بازىرىدىكى نان سېتىۋاتقان ئاياللار. ماۋۇ نانلار دۇخوپكىدىن چىققان نانلار بولۇپ، رەسمىي تونۇردىن چىقىدىغان نانلارنىڭ ئىچىدە سەمەرقەنت شەھىرىنىڭ نانلىرى ئەڭ داڭلىقمىش. كېيىن، سەمەرقەنت شەھىرىگە بارغاندا، شۇ ناندىنمۇ سېتىۋالدۇق. باھاسى 1000 سوم(3.3 يۈەن).


چوڭلارغا تېلېفون قىلسام، گىرىپ ئەتلەسنى بۇيرۇتتى. ئەمما، گىرىپ دېگەن بۇ سۆزنى ئاۋۇ ئۆزبېكلەرگە چۈشەندۈرەلمەي بەك قىينىلىپ كەتتىم. يانفوندىكى ئىنگلىزچە لۇغەتتىنمۇ تاپالمىدىم. ئۇلار يىپەك ئەتلەسمۇ؟ دەيدۇ، مەن گىرىپ ئەتلەس دەيمەن. ئاخىرى ئاپپاراتتىكى ھېلىقى چوڭ ئايالنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ مۇشۇنداق ئەتلەس دەپ بىلدۈردۈم. يۇقىرىدا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكەن كامولا دېگەن قىزچاق ئاپامغا ئەتلەس تاللاپ بېرىۋاتىدۇ. ئاۋۇ قىزچاققا قاراپ قالماي، ئەتلەسكە كۆپرەك قاراڭلار-جۇمۇ.


چارسۇ بازىرىدىكى مېترو بېكىتى. كىرىش ئېغىزلىرىدا ئاساسەن LG نىڭ ئېلانلىرى. قارىغاندا بۇلار LG ئېكران ۋە تېلېۋىزورلارنى كۆپ سېتىۋالىدىغان ئوخشايدۇ. بىلىشىمچە، ئاپتوموبىل ۋە ئېلېكتىرون سانائىتىدە ئاساسەن كورېيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ياردىمىگە تايىنىۋېتىپتۇ. ئاندىن يەنە دۆلىتىمىزنىڭ تېلېۋىزورلىرىمۇ كۆپ ئىكەن(مەسىلەن: Haier, TCL, Konka). يېنىك سانائەت بۇيۇملىرىدا پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى. ئىلگىرى خۇرۇم ئاياق، پەلتو،…دېگەندەك نەرسىلەرنى تۈركىيەدىن كىرگۈزەتتىكەن، ئەمما، ئىقتىسادنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ماللىرى قىممەت بىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ماللىرىنى كۆپرەك سېتىۋالىدىكەن. شۇڭا، ئۆزبېكىستاندا بىزگە نىسبەتەن ئەتلەس، دوپپا، ناخشا-مۇزىكا DVD پىلاستىنكىسىدىن باشقا ئالاھىدە سوۋغاتلىق مەھسۇلات تاپماق تەس ئىكەن. ئەمما، بىزنىڭ سەپەرداشلار رۇسىيەنىڭ تاماكا-ھاراقلىرى، سۈت-پاراشوكلىرى ۋە شاكىلاتلىرىنى سېتىۋالدى.
=================

چارسۇ بازىرىدىكى مېترو بېكىتى. كىرىش ئېغىزلىرىدا ئاساسەن LG نىڭ ئېلانلىرى. ئۈستىدىكى M كۆرۈپ، موتورولا دەپ قالماڭ، ئۇ دېگەن مېترودىكى دېگەن سۆزدىكى M ھەرپى(بۇ يەردە مېترو بېكىتى بار دېمەكچى). قارىغاندا بۇلار LG ئېكران ۋە تېلېۋىزورلارنى كۆپ سېتىۋالىدىغان ئوخشايدۇ. بىلىشىمچە، ئاپتوموبىل ۋە ئېلېكتىرون سانائىتىدە ئاساسەن كورېيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ياردىمىگە تايىنىۋېتىپتۇ. ئاندىن يەنە دۆلىتىمىزنىڭ تېلېۋىزورلىرىمۇ كۆپ ئىكەن(مەسىلەن: Haier, TCL, Konka). يېنىك سانائەت بۇيۇملىرىدا پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى. ئىلگىرى خۇرۇم ئاياق، پەلتو،…دېگەندەك نەرسىلەرنى تۈركىيەدىن كىرگۈزەتتىكەن، ئەمما، ئىقتىسادنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ماللىرى قىممەت بىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ماللىرىنى كۆپرەك سېتىۋالىدىكەن. شۇڭا، ئۆزبېكىستاندا بىزگە نىسبەتەن ئەتلەس، دوپپا، ناخشا-مۇزىكا DVD پىلاستىنكىسىدىن باشقا ئالاھىدە سوۋغاتلىق مەھسۇلات تاپماق تەس ئىكەن. ئەمما، بىزنىڭ سەپەرداشلار رۇسىيەنىڭ تاماكا-ھاراقلىرى، سۈت-پاراشوكلىرى ۋە شاكىلاتلىرىنى سېتىۋالدى.


چارسۇ بازىرىنىڭ يېنىدىكى سېرك مەيدانى، گۈمبەزنىڭ ئۈستىدىكى SIRK دېگەن خەتنى كۆرەلىدىڭىزمۇ؟ بۇ ئۈرۈمچى چوڭ بازارنىڭ يېنىدىكى ئادىل سېرك مەيدانىدىن سەل چوڭدەك قىلىدۇ. يول بويىدىكى ئېلان تاختىلىرىدا رۇسچە يېزىق يەنىلا كۆپ. مۇشۇنداق سودا-سېتىق ساھەسىدە يەنىلا رۇسچە يېزىق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن، دۇكان-سارايلارنىڭ ۋىۋىسكىسى بولسۇن، تاماقخانىلارنىڭ تاماق تىزىملىكى بولسۇن، پۈتۈنلەي رۇسچە ياكى سىلاۋىيانچە ئۆزبېكچە، ئەمما، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ بىنالىرى پۈتۈنلەي ئۆزبېك لاتىن يېزىقى. قارىغاندا بۇلارنىڭمۇ تىل-يېزىق كومىتېتى ۋىۋىسكىلارنى باشقۇرۇپ بولالمىغان ئوخشايدۇ ياكى بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىق تەڭ قوللىنىدۇ-دېگەن دانا تەدبىرلەر يوق ئوخشايدۇ.


ھېلىقى مەن سىلەرگە ئېيتقان ئۆزبېكىستان مېھمانخانىسى(Uzbeksitan Hotel)نىڭ ئەتراپى، دۆلەت مۇستەقىللىق مەيدانى يېنىدىكى چوڭ كىتابخانا. قاراڭ، بۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ كىتابخانىدا، بىر قىسىم كىتابلارنى ئۆزىمىز تاللاپ سېتىۋالغان بىلەن يەنە بىر قىسىم كىتابلارنى بىز كۆرسەتسەك خىزمەتچى خادىملار جاھازىدىن بىزگە ئېلىپ بېرىدۇ. 10-15 يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى كىتابخانىلارمۇ شۇنداق ئىدى. كىتاب جاھازىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى رەسىملەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەمدى سېتىلىدىغىنى سىتالىن ياكى لېنىنىنىڭ رەسىمى ئەمەس. بۇ ئادەمنىڭ رەسىمى كوچا بويلىرىدىمۇ خېلى كۆپ. ئۆزىدىن باشقا چولپانلارنىڭ رەسىملىرىنى ئېسىشقا سەل نارازىدەك بىلىندى.


بۇ يول بويىدىكى ئېلان تاختىسى، بۇنى مەن تەرجىمە قىلىۋېتەي: «كەيپىيات بىلەن ياشا». مۇنداق لاتىن يېزىقىدىكى ئۆزبېكچىگە مەنمۇ ئۇستا دەيمەن.


ئەڭ ئاساسىي كوچىسى بولغان نەۋائىي كوچىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. يولنىڭ ئوتتۇرىدا تىراللىبۇس ماڭىدىكەن. ئىككى چەتتىكى ماشىنا يولىدا يولنىڭ سىزىقلىرى سىزىلمىغان. ئالىم مۇئەللىم يەنە بۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تۆۋەن دېدى-دەپ قاقشاپ كەتمەڭلار يەنە. ئەمەلىيەتتە، تاشكەنتتىكى شوپۇرلار يولدا ئادەم ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ماشىنىنى ئاستىلىتىدىكەن ياكى توختاپ يول بېرىدىكەن. شوپۇرلار مۇشۇنداق ئاڭلىق بولسا، يولغا سىزىق سىزىشنىڭ ھاجىتى قالمىغۇدەك. بىزنىڭ بۇ يەردە يولغا سىزىق سىزىپ قويغان بىلەن رىئايە قىلىدىغان شوپۇرلار بەكلا ئاز، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بەزىدە ماشىنا توسۇلۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، يولدا سىزىق يوقتەكلا ماڭىمەن.


نەۋائىي كوچىسىغا جايلاشقان تۈركۇئاز(ئاغزىمىزغا كەلتۈرۈپ تۈركۋاز دەپ ئاتىدۇق) تاللا بازىرى، بۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ تاللا بازىرى مۇشۇدەك قىلىدۇ. كوچىلاردا قاتناۋاتقان كورېيەنىڭ كىچىك ماشىنىلىرى ۋە گېرمانىيەنىڭ كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟


بايىقى چارسۇ بازىرىنىڭ دوقمۇشى، بۇ كوچا دەل نەۋائىي كوچىسى. ئوتتۇرىدىكى تىراللىبۇس يولى.


كوچا دوقمۇشلىرىدا بىرەرمۇ كۆزىتىش كامېراسىنى كۆرمىدۇق، لېكىن، ساقچىلىرىمۇ بوش ئەمەسكەن-جۇمۇ؟ بەزىدە قائىدىگە رىئايە قىلمىسىڭىز، ماۋۇ شوپۇردەك جەرىمانە تۆلەيسىز. مانا بىر قېتىملىق ئەڭ ئاز جەرىمانە 20 مىڭ سوم(10 دوللار).


سەپەرداشلار بىلەن چارسۇ بازىرىنى چۆرگۈلەپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتوبۇس بىلەن قايتىپ بىردەمنىڭ ئىچىدە يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سارايغا كېلىپ قاپتۇق.


ئۈستىدىكى خەتنىڭ تەرجىمىسى «كۆرگەزمە سودا مەركىزى»


«كۆرگەزمە سودا مەركىزى» يېنىدا تېلېفون كارتىسى ساتىدىغان كىچىك دۇكانلار. ئەمما، بۇ يەردە يول بويلىرىدا تېلېفون كارتىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ساتىدىغانلارنى كۆرمىدۇق. پاسپورت بىلەن IP كارتىسى سېتىۋالىدىكەنسىز. 5000 سوم(2.5 دوللار)غا بىر كارتا بېرىدىكەن، ئەمما، خەلقئارالىق تېلېفون قىلسىڭىز، 3 مىنۇت يېتىدىكەن. خەلقئارالىق قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىز، 300 سوم (1 يۈەن) بولىدىكەن.
سۆزلىشىپ تېلېفون پۇلى ئاز قالغاندا، رۇسچە سۆزلەپ ئەسكەرتىدىكەن. كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈڭ،… دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنىمۇ ئوخشاشلا رۇسچە ئەسكەرتىدىكەن، بىزگىمۇ قولايسىز بىلىندى. مەنغۇ ئەزىمەتخان فىلىمىدىكى باخشودەك پەرەز قىلىپ چۈشىنىپ، ئالدى بىلەن كارتا نومۇرىنى سورايدۇ، ئاندىن مەخپىي نومۇرىنى دەپ پەرەز قىلىپ ئىشلىتەلىدىم. مۇشۇنچىلىك ئاددىي ئىشنىمۇ ئۆزبېك تىلىدا قىلماپتۇ، كارتا كەينىدىكى چۈشەندۈرۈشمۇ رۇسچە ئىكەن.
======================

ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈچىلەر، ئاكادېمىك لېكسىيە ۋە كەسىپ -ھۈنەر كولېجلار(ئىنستىتۇتلار) ھەمدە ئومۇمىي ئورتا تەلىم مەكتەپلەر(بەلكىم دارىلمۇئەللىمىن) ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن قىسقىچە مەلۇماتنامە.
«ئۆزبېك تىلى ۋە ئەدەبىياتى»دەرسلىك كىتابى.
(بىدار ئاكا، تەرجىمىدە خاتا جاي بولسا، تەكلىپ-پىكىر بەرگەيسىز)

ئىچىدىكى بىرىنچى بەت

ئىچىدىن ئۈچىنچى بەت، فونېتىكا قىسمى


ئۆزبېك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەرقىنى قانچىلىك ھېس قىلدىڭلار؟ قانچە پىرسەنت چۈشىنەلىدىڭلار؟
ئەمدى بىز تىل-يېزىق ھەققىدىكى مەزمۇنلاردىن باشقا ساھەگە يۆتكىلەيلى.
================
ئەمىسە يەنە كەتتى، چۈشەندۈرۈشلىرىنى كېيىن يازاي.


تاشكەنت كوچىلىرىدىكى قوغۇن-تاۋۇز ساتىدىغان باققاللار


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش، ئاپتوموبىل مۇلازىمەت مەركىزى


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش: ئاۋۇ خەتتە قادىربەگ كافېخانىسى، ئوڭ تەرەپتىكى ئاشخانىدا يەنە كاۋاپ ، لەڭمەن ، توخۇ گۆشى ساتىمىز دەپتۇ.


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش: ئەسكى (ۋوي راست كونا) ئەخلەت ماشىنىسىنى كۆردۈڭلارمۇ؟


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


تاشكەنت كوچىلىرىدىن كۆرۈنۈش
=====================
ئۈچ كۈنلۈك يەرمەنكە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرەپتىن يەنە 12 ئەزانى تاللاپ پۈتۈن خىراجەتنى يەنە كۆتۈرۈپ، سەمەرقەنت شەھىرىگە ئاپاردى. بىز بىلەن بارغانلارنىڭ ھەممىسى بارالمىدى دېگەن گەپ، شۇڭا، سىلەرمۇ مۇشۇ باھانىدا ئوبدان كۆرۈۋېلىڭلار.
شىنجاڭغا كېلىپ قەشقەرنى ساياھەت قىلمىسا شىنجاڭغا كەلمىگەندەك، ئۆزبېكىستانغا كېلىپ سەمەرقەنتكە بىر بارمىسا بولماسمىش. سەمەرقەنت قەدىمىي شەھەر بولۇپ، تارىخىي 2000 يىلدىن ئاشارمىش. قېنى ئەمىسە ماڭمامدۇق.


بىزنىڭ بىر كۈنلۈك سەپىرىمىز ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەخسۇس ئاجرىتىلغان گېرمانىيەنىڭ مېرسىدېس ماشىنىسى سەھەر سائەت 5:45 دە بىزنى ئېلىش ئۈچۈن، مېھمانخانا ئالدىغا كەپتۇ. ئىچىگە 12 ئادەم ئاران سىغدۇق.


ئاۋۇ يول بەلگىسىدە مارجان بۇلاققا ماڭسىڭىز ئوڭغا، سەمەرقەنتكە ماڭسىڭىز ئۇدۇل دەيدۇ.


ماۋۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە تۆۋەن دېگەن ئىدى، ئەمما، شەھەر ئەتراپىدىكى ھويلا-ئاراملىق ئۆيلەردىمۇ تەبىئىي گاز تۇرىدۇ-يا؟


ۋاي، بۇ كاساپەت يېزىلاردىمۇ بار ئىكەنغۇ؟ يوتامدەك چوڭلۇقتىكى گاز تۇرۇبىلىرى يېزا-كەنتلەرنى قاپلاپتۇ-ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىمىز، سەمەرقەنت ئۈچۈن مەخسۇس ئاجرىتىلغان رۇسچە ۋە خەنزۇچە بىلىدىغان يېڭى ساياھەت يېتەكچىمىزدىن سوئال سورىدى.
– سىلەرنىڭ بۇ نەرسىنى قاچان ئورناتتىڭلار؟
– مەن چوڭ بولسام بار ئىكەن بۇ نەرسە.
– ئۇنداقتا سەن ھازىر قانچە ياش؟
– مەن ھازىر 43 ياش
ھەممەيلەن ھەيران قالدۇق، دېمەك، 40 يىلدىن بۇيان بۇ گۇيلار گاز كۆيدۈرۈپ تاماق ئەتتى دېگەن گەپ، ھازىرمۇ ئىشلىتىپ بولالماي بىزگە ساتتى تېخى.


ماۋۇ يول بەلگىسىمۇ سەمەرقەنتكە ئۇدۇل ماڭ دەيدۇ.


يول بويىدىكى گاز ۋە ماي قاچىلاش پونكىتى، بىزنىڭ باشلىق يەنە سوئال سورىدى:
– سىلەردە بىر لىتىر بېنزىن نەچچە سوم؟
– 93 نومۇرلۇق بېنزىن 1100 سوم (تەخمىنەن 3.6 يۈەن)
– نېمە؟ قىممەت ئەمەس ئىكەن. بىر بوتۇلكا (500 گىراملىق) مىنېرال سۇ 600 سوم، 1000 گىرام سۇ 1200 سوم دېگەن گەپ، ئۇنداقتا، سۇ تېخى سەل ئەرزان ئىكەن-ھە؟


بىزنىڭ باشلىق يەنە سوئال سوراشقا باشلىدى.
– ئاۋۇ قەيەر؟ سەمەرقەنتكە مۇشۇنداق تېزلا كەلدۇقما؟
– ياق، تاشكەنت بىلەن سەمەرقەنت ئارىلىقى 350 كىلومېتىر.
– ئۇنداقتا، تېز سۈرئەتلىك يولدا ماڭساق، ئۈچ سائەتتە بارغۇدەكمىز.
– بىزنىڭ دۆلەتتە تېخى بىرمۇ تېز سۈرئەتلىك يول يوق، شۇڭا، ئاز دېگەندە تۆت يېرىم سائەتتە بارىمىز.
-ۋاي، شۇنداق يىراقما؟


بىزنىڭ باشلىقىمىز ئەمدى مەندىن سوئال سورىدى، ئالىم، ئاۋۇ ئىنگلىزچە خەت ئىكەن، نېمە دەپتۇ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزبېكچە لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان خەت تۇرسا، پوچىلىق بىلەن «ئۇ تەرەپتە ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ بىرلىشىپ ئاچقان تاماكا شىركىتى بارمىش، سىلەرنى قارشى ئالىمىز دەيدۇ؟»-دېدىم.
بىزنىڭ باشلىق: بۇلار تېخى تاماكىنىمۇ ئۆزى ئىشلەپچىقىرالمايدىكەن-دە؟


ۋوي، Jeck بۇلارنى كۆرۈپ، ئامېرىكىدىكى ھوللىۋودقا كەلدۇقمىكىن دەپ قالماڭلار. بۇ دېگەن سەمەرقەنت، بىز ھازىر ئۆزبېكىستاندا.


ماشىنىدىكلەر بۇنى كۆرۈپ، «قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى يول بويىغا خەت يازىدىغان ئىش بۇ يەردىمۇ بار ئىكەن؟-ھە». مەن: ھېلىقى مەسچىتكە يېزىلغان بۇ خەتنى كۆرگەن تۇرسام، ئۇنداق ئەمەس، 2010-يىلى ئۆزبېكلەرنىڭ بەركەمال ئەۋلادى يىلى ئىكەن، ئۇلار ھەر بىر يىلدا مۇشۇنداق مۇھىم تارىخىي شەخسلەرنى خاتىرىلەيدىكەن-دېدىم.


«قەدىمىي ۋە ھەمىشە نەۋقىران سەمەرقەنت سىزنى قۇتلايدۇ». شۇنداق قىلىپ بىز تۆت يېرىم سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، قەدىمىي شەھەر سەمەرقەنتكە سالامەت يېتىپ كەلدۇق.


سەمەرقەنت قەدىمىي شەھەر بولغاچقا داڭلىق ئىدى، ئەمما، ماۋۇ يىگىتلەر تامچىلىق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كونىرىغان ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىنى قايتىدىن يېڭىلاپ ئاقارتىۋېتىپتۇ، بۇنداق يېڭى قىلىۋاتسا، سەمەرقەنتكە كىم كېلىدۇ؟



سەمەرقەنت شەھىرىگە كىرىش ئېغىزىدىكى تۇنجى قەدىمىي قۇرۇلۇش. قارىغاندا بۇ بىر مەسچىت ۋە مەقبەرىدەك قىلاتتى.


ئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرى ھاۋا دەھشەت ئىسسىق بولۇپ، تېمپېراتۇرا 40 ئەتراپىدا ئىدى. تاشكەنتتە بولسا، دەل-دەرەخ، چىملىق ۋە فونتان كۆپ بولغاچقا، ئانچە ھېس قىلمىغان ئىدۇق. ئەمما، بىز پىلاننى ياخشى قىلمىساق بولمايدۇ، كەچتە يەنە تاشكەنتكە قايتىپ كېتىمىز. شۇڭا، باشلىقىمىز نەچچىلىك ۋاقىت ساياھەت قىلىشىمىزنى مۇزاكىرە قىلىۋاتاتتى.


سەمەرقەنت شەھىرىدە بىز تۇنجى بولۇپ كىرگەن زىيارەت نۇقتىسى -قەدىمىي مەسچىت ئىدى.


مەسچىتلەرنى بۇنداق ئۇسلۇبتا چىرايلىق بېزەش ئۆزبېكىستاندىكى مەسچىتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىكەن.


مەسچىت ئەتراپىدىكى قەبرىگاھ


بىز شۇنداق قىلىپ بىز بۇ يەرنى زىيارەت قىلىشقا باشلىدۇق.


گۈمبەزلەردىمۇ مۇشۇنداق لايىھە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن بىردەك ئىدى.


ئالىم مۇئەللىم پۈتۈن زېھنى بىلەن سۈرەتكە ئېلىۋاتاتتى. ئوپېراتور دېگەن شۇنداق بولىدىكەن، ئۆزى تېلېۋىزورغا چىقالمايدىكەن. ماۋۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ SONY HDR-XR520E, FULL HD, 240GB Hard disk دىن كەلگەن


ئەمدى بۇنى تەپسىلىي كۆرۈپ بېقىڭلار.
شاھى زىندا، 11-12-ئەسىرلەردە ئاساس سالغان ئىسلام ئابىدەلەر مەقبەرىسى


مەسچىتنىڭ ياغاچ ئىشىكى ئۈستىدىكى نەقىش بولۇپ، بۇ ھازىرقى زامانغا تەۋە ئىدى.


بۇنى دېمىسەممۇ چۈشەندىڭلارغۇ دەيمەن. مەسچىت ئىچىدىكى بەش ۋاقىت.


چەتئەلدىن كەلگەنلەر چوقۇم بېلەت ئېلىشى شەرت ئىكەن، ماۋۇ ئايال بىزنىڭ ئۆمەكتىكى ئەزالارنى توسۇپ بېلەت ئېلىڭلار دەيدۇ. لېكىن، ساياھەت يېتەكچىسى ۋە مەندىن بېلەت ئالمىدى. ئۆزبېكچە بىلسەڭلار ۋە ئالا-بالداق كۆينەك بىلەن يۈرسەڭلار، سىلەردىنمۇ بېلەت ئالمايدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەن 100 يۈەنگە سېتىۋالغان بۇ كۆينەك بىلەن ھۆكۈمەت ئۈچۈن ھەر بىر ساياھەت نۇقتىسىدا 2000 سوم (2 دوللار)دىن پۇل تېجەپ بەردىم.


ئەسلىدە تارىختا بۇ جاي دۆلەت قۇشبېگى مەدرىسى بولغان ئىكەن.



ئۇنداقتا، بۇ مەدرىسكە قايتىدىن نەزەر سېلىڭلار.







تۈگلى تېكىن(ئەمىر ھۈسەيىن) مەقبەرىسى، بۇ 1376-يىلى ئەمىر تۆمۈر سەركەردىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەمىر ھۈسەيىننىڭ ئانىسى شەرىپىگە قۇرۇلغان. بىنا قۇرۇلۇشىدا، كاشىنپازلىقنىڭ يۇقارى نەمۇنىلىرى ئىشلىتىلگەن. كېيىنچە بۇ يەرگە ئەمىر ھۈسەيىننىڭ ئۆزى دەپنە ئېتىلگەن.
=======================






تۈگلى تېكىن(ئەمىر ھۈسەيىن) مەقبەرىسى، بۇ 1376-يىلى ئەمىر تۆمۈر سەركەردىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەمىر ھۈسەيىننىڭ ئانىسى شەرىپىگە قۇرۇلغان. بىنا قۇرۇلۇشىدا، كاشىنپازلىقنىڭ يۇقارى نەمۇنىلىرى ئىشلىتىلگەن. كېيىنچە بۇ يەرگە ئەمىر ھۈسەيىننىڭ ئۆزى دەپنە ئېتىلگەن.


بىزنىڭ سەمەرقەنت ساياھىتىمىز ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان ساياھەت يېتەكچىمىز ئەزالارغا بۇ يەرنىڭ تارىخىنى خەنزۇچە چۈشەندۈرمەكتە.


ئۆمەك ئەزالىرىمىز بۇ يەرنى تەپسىلىي كۆرمەكتە. توۋا، مەسچىت بولار مۇشۇنداق بولا-جۇما. نېمە دېگەن كۆپ نەقىش بۇ. بىزنىڭ قەشقەرنىڭ ھۈنەرۋەنلىرىدەك ئىشلەپ قويۇپتۇ، ئەمما، قەشقەرنىڭ ئۇستىلىرىغا يەتمەيدىكەن، قانداق دېدىم؟


بىز يەنە داۋاملىق ئىچكىرلەپ ماڭدۇق، بەزى ئەزالار داۋاملىق مېڭىشتىن يالتىيىپ، سالقىن جايدا دەم ئېلىۋاتىدۇ.


ماۋۇ ئاكىمىزنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن دەپ قالماڭلار، بۇ دېگەن ئۆزبېك، ئۇيغۇر ئەمەس. خاتىرە بويۇم سېتىپ ئولتۇرىدۇ، قارىغاندا سودا ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ. مەن بۇ رەسىمنى قايتا كۆرۈپ شۇنداق ھېس قىلدىم. ئەسلىدە 2000 سوم خەجلەپ ئاۋۇ ئاتكرىتكىلاردىن بىر يۈرۈش ئېلىپ قويىدىغان گەپ ئىكەنتۇق.


مەسچىت ئىچىدىكى كونا ياغاچ ئويما



مەسچىت ئارقا ھويلىسىدىكى قەبرىگاھ


مەسچىت گۈمبەزىسىدىكى نەقىشلەرمۇ ئاجايىپ چىرايلىق ئىكەن. بۇلارنى قولدا ياساپ چىققانلىقىغا ھەيران قالىدىكەن ئادەم.



مەسچىت ئىچىدىن كىرىش ئېغىزىغا بىر نەزەر


مەسچىت پەشتاقلىرىدىن ئالدى تەرەپتىكى يولغا يەنە بىر نەزەر. ئاۋۇ يىراقتا بولسا، ئۆزبېكلەرنىڭ ئاتامنى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئاياللىرىنىڭ مەقبەرىسى ئىكەن.



مەسچىت سىرتىدىن ئۇنىڭغا قايتا بىر نەزەر


مەسچىت ئالدىدىكى يولدا ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقانلار. سەمەرقەنت كوچىلىرىدا گېرمانىيەنىڭ مېرسىدىس كوچا ئاپتوبۇسلىرى كۆرۈنمەيتتى. قارىغاندا، بۇلار ئۇستىلىق قىلىپ پايتەختكە ئېسىل كوچا ئاپتوبۇسلىرىنى سېلىپتۇ-دە.


بايىقى مەسچىت ئەتراپىدىكى شېھىتلىك مەيدانى. ساياھەت يېتەكچىمىزنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە، بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار بۇرۇن بۇ يەردە قانلىق ھايات-ماماتلىق ئۇرۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار شېھىت بولۇپتىكەن


سەمەرقەنت شەھىرى ئىچىدىكى ئاكادېمىك (ئىلمىي) لېكسىيە زالى


سەمەرقەنت شەھىرىدىكى تۇنجى تۆت دوقمۇش، بۇ يەردىمۇ ئەسكى (ۋاي راست كونا) ماشىنىلارنى كۆرۈشكە بولاتتى.


بۇ يەردىمۇ ئۆي چېقىش باردەك قىلىدۇ.


سەمەرقەنت شەھىرىدىكى پىرېزىدېنت مېھمانخانىسى. بەلكىم، بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلگەن ھەر قايسى ئەل دۆلەت رەھبەرلىرى مۇشۇ يەردە دەم ئالىدىغان ئوخشايدۇ.


ۋوي، بۇ يەردە تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتى دەيدىغۇ؟ قارىغاندا بىز بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىدىكى كوچىدا مېڭىۋېتىپتىمىز. تاشكەنتتىمۇ شۇ، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پاسىل تېمى بولمايدىكەن. دەرۋازا تۈۋىدە ئىشىك مۇئەككەللىرىنى كۆرمىدۇق. قارىغاندا، قارىغاندا پاسىل تام سېلىشقا پۇل يەتمىگەن ئوخشايدۇ ياكى بۇ يەردە كۆزىتىش كامېراسى بولمىسىمۇ ئوغرى-يالغان يوق ئوخشايدۇ.


سەمەرقەنت شەھىرىدىن بىر كۆرۈنۈش
===================


ئەمىر تۆمۈرنىڭ ھەيكىلى تاشكەنتكە قارىغاندا، سەمەرقەنت شەھىرىدە تېخىمۇ كۆپ ئىكەن. چۈنكى، بۇ باھادىرنى دەپنە قىلغان جاي مۇشۇ يەردە ئىكەن، بىز ھازىرلا شۇ يەرگە بارىمىز. ئۆزبېكلەرنىڭ ئاتامانى ئەمىر تۆمۈر تارىختا نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى قىلىپ، ئۆزبېكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزبېك دۆلىتىنى قۇرۇپتىمىش. بۇ جەرياندا، مىرزا ئۇلۇغبەگ(ئاسترونوم) پادىشاھنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىسىمىش.


ئەمىر تۆمۈر مەقبەرىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى مەسچىت


ئەمىر تۆمۈر مەقبەرىسىنىڭ ئالدىدىكى چۈشەندۈرۈش


بۇ يەردىمۇ باشقىلار بېلەت ئېلىش بىلەن ئاۋارە، مەن بۇ يەردە يەنە 3000 سوم(10 يۈەن) تېجەپ بەردىم. ئالا-بالداق ئۆزبېكچە كۆينىكىمگە رەھمەت!


ئەمىر تۆمۈر مەقبەرىسىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى


ئەزالار بۇ يەرنى كۆرۈشكە ئالدىرىماقتا. بەزى يولداشلار سىرتتا يەنە ئارام ئېلىۋاتىدۇ.


ئەمىر تۆمۈر دۆلىتىنىڭ خەرىتىسى ۋە ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلارنىڭ كۆرسەتمىسى.


بۇ قوماندان 1365-يىلى ھەربىي يۈرۈشنى باشلاپتىكەن. نۇرغۇن جايلارنى ئۇرۇشتا يېڭىپ بېسىۋاپتىكەنمىش.


بۇ خەرىتىدىن ئۇلار ھۇجۇم قىلىپ، كۇچا، ئۈچتۇرپان ۋە قەشقەرگە كەلگەندەك سىزىپتۇ.


يەنە بىر چوڭايتىپ كۆرۈپ باقايلى. كۇچا تەرەپلەرگە يېشىل سىزىق سىزىپ قويۇپتۇ، ئالدىنقى رەسىمدىن يېشىل سىزىقنىڭ مەنىسىنى كۆرۈپ بېقىڭلار ئەمىسە.


ئەمىر تۆمۈرنىڭ قەبرىسىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسى. 1-نومۇرلۇق قەبرە ئەمىر تۆمۈرنىڭ، 2-نومۇرلۇق قەبرە مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ، 3-نومۇرلۇق قەبرە مۇھەممەد سۇلتاننىڭ،… باشقىلىرىنى ئاۋۇ ئوڭ تەرەپتىن كۆرۈڭ. سىلەرمۇ ئۆزبېكچىنى بىلگەندىن كېيىن ھازىر.


بايىقى خەرىتە بويىچە كۆرگەندە، مۇشۇ قارا رەڭلىك قەبرە ئەمىر تۆمۈرنىڭ قەبرىسى.



ئەمىر تۆمۈر مەقبەرىسىنىڭ ئىچىدىن كۆرۈنۈشى، بۇ ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئەسلىدە بۇ سېرىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ساپ ئالتۇن ئىكەنتۇق. ئەمما، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى مالىمانچىلىقتا قەبرە ئۈستىدىكى ئالتۇنلارنى باشقىلار ساندۇق-ساندۇقلاپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپتىكەن. ھازىر سىمۋول ئۈچۈن سېرىق رەڭدە بويالدى. پۇل تاپقاندا، يەنە ئالتۇندىن قىلىشىمىز مۇمكىن دەيدۇ. ئۇنداقتا، تەبىئىي گازنى جىق سېتىڭلار دېدۇق.

ئەمىر تۆمۈرنىڭ قەبرىسىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسى.


ئەمىر تۆمۈرنىڭ قەبرىسىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسىگە يەنە بىر نەزەر.


مەقبەرە ئىچىدىكى كىچىك دۇكاندا خاتىرە ئۈچۈن خېلى كۆپ نەرسىلەر سېتىلىدىكەن.


ئەمىر تۆمۈر مەقبەرىسى ئىچىدىكى ھويلىدىن كىرىش ئېغىزىغا بىر نەزەر


ئەمىر تۆمۈر مەقبەرىسى ئۈستىدىكى نەقىشلەرگە بىر نەزەر


ئەمىر تۆمۈر مەقبەرىسىگە سىرتىدىن يەنە بىر نەزەر
============================

سەمەرقەنت كوچىسىدىكى ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقانلار. ئاپتوبۇس بۇ يەردە خېلى ئۇزۇندا كېلەمدۇ-نېمە؟


ئۈستىدىكى ئۇزۇن سېرىق رەڭلىك گاز تۇرۇبىلىرىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ بۇ يەردىمۇ گاز تۇرۇبىلىرى بەك كۆپ ئىكەن. گاز دېگەن پاتمايۋاتسا، مۇشۇنداق ئىشلەتمىسە بولامتى-ئەمىسە.


سەمەرقەنت شەھىرىدىكى بىر داڭلىق تېز تاماقخانا. ھازىر بۇ يەردە 184 مىڭ سومغا تاماق يەيمىز. قېنى زادى قانداق تاماق ئۇ؟ پۇل ساناشقا قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ-ھە؟


ۋوي، ماۋۇ چىراغنى ئۈرۈمچى خۇالىڭدا كۆرگەندەك قىلىمەن، چۈنكى، مېنىڭ ئۆيۈمدىكى بۇرۇنقى چىراغقا بەك ئوخشايدىكەن. ئەمما، ئاۋۇ بورا بىلەن ئەتلەس، ئاۋۇ چىراغقا قارىغاندا تېخىمۇ بەك يارىشىپتۇ.


مەن سىلەرگە تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئاش مەركىزىدىكى ھېلىقى ئېلاندىن بىلىشىمچە، ئۆزبېكىستاندا ھەر قايسى ۋىلايەتنىڭ پولۇسى ئوخشاش ئەمەسكەن دېگەن ئىدىمغۇ؟ مانا بۇ يەردە سەمەرقەنت پولۇسى يېدۇق.


ماۋۇ تونۇر كاۋاپمۇ خېلى ئوخشايدىغاندەك قىلىدۇ. قىنى ئېغىز تەگمىسەڭلەرمۇ، بىر مەززىلىك تەمىنى پۇراپ بېقىڭلار.


ئاۋۇ ھېلىقى بىر ئاي ساقلاشقا بولىدىغان داڭلىق سەمەرقەنت نېنى. ھەر بىر 1000 سوم(3.3 يۈەن ياكى 0.5 دوللار).


ئاللاھ كارامەت، ماۋۇ بىزنىڭ باشلىقىمىز بانكا بۇلاپ كەلمىگەندۇ-ھە؟! ئۇنىڭ سومكىسىدىكى خاتىرە كومپيۇتېرمىكىن دېسەم، ئەسلىدە بىر سومكا پۇل ئىكەن ئەمەسمۇ؟ بىز 20 مىڭ سوم (10 دوللار)دىن بىر باغلام قىلساق، ماۋۇ بىزنىڭ باشلىق 200 مىڭ(100 دوللار)دىن بىر باغلام قىلدىمۇ-نېمە؟ پۇل دېگەن يەنىلا باشلىقتا كۆپ.
مەن سەل تۇرۇپ 12 ئادەمنىڭ تاماق تىزىملىكىنى كۆرسىتىمەن، پۇلنى يېرىم سائەت ساناپ ئۆتكۈزۈپ بولغۇچە، ئاشخانا ئىچىنى ئايلىنىپ باقمايلىمۇ؟


ئۈستىدىكى سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۆزبېك يېزىقىنى ئوقۇيالماي، ئۆزبېك قىزلارنىڭ تېلېفون نومۇرى ئوخشايدۇ-دەپ تېلېفون ئۇرۇپ سالماڭلار، بولمىسا، ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپنىڭ كود ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كۆرۈپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ.


بۇ تېز تاماقخانا خېلى چىرايلىق ئىكەن-ھە؟! تۈۋرۈكلەر ۋە كىچىك فونتانلار،…


مانا ماۋۇ ئۆزبېكىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان كوكا-كولا ئىچىملىكى. ئۆزبېكىستاندا يازدا چايدىن كۆپرەك مۇشۇنداق گازلىق ئىچىملىك ياكى مېۋە سۈيىنى كۆپ ئىچىدىكەن. نېمىشقا دېدىڭلارما؟ يازدا بەك ئىسسىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاي بىلەن بۇ ئىچىملىكنىڭ پۇلى ئوخشاش تۇرسا.


ماۋۇ ئاشخانىلارنىڭ ئىچىمۇ پەچەت ئىكەنغۇ؟ ئايرىمخانىلاردا رەڭلىك ئولتۇرىدىغان ئىش ئىكەن ئەسلى، ۋاي ئىسىت!


ئاشخانا چۈشەندۈرۈشى، بەلكىم، بۇنىڭدا يەنە تاماق تىزىملىكى بولۇشى مۇمكىن.


شۇنچە ئايلىنىپ كەلسەممۇ، تېخىچە ماۋۇ بىزنىڭ باشلىق پۇلنى ساناپ ئۆتكۈزۈپ بولالماپتۇ-دېسە؟ قورساق يەنە ئېچىۋاتىدۇ-نېمە؟(ھا…ھا…)
قارىغاندا، بۇنداق يەردە ئالدى بىلەن سوفت ساتىمەن دېمەي، پۇل ساناش ماشىنىسى ساتساق بولغۇدەك. مۇشۇنداق چوڭ ئاشخانىلاردىمۇ پۇل ساناش ماشىنىسى بولمىسا، ئىقتىساد قانداق تەرەققىي قىلىدۇ-دەيمەن؟


12 ئادەمنىڭ تاماق تىزىملىكىگە قاراڭ. 184 مىڭ 200 يۈەن (614 يۈەن ياكى 92.1 دوللار). نېمە يېگەن دېدىڭلارما؟ ھۆكۈمەت پۇلىنى چەتئەلدە بۇزۇپ چاچمايلى دەپ، 6 تەخسە پولۇ ، 12 كىچىك قاچا قېتىق، 4 چوڭ بوتۇلكا كوكا-كولا، 12 زىق تونۇر كاۋاپ يېدۇق، ئۈرۈمچىدە 12 ئادەم ھۆكۈمەت پۇلىدا تاماق يەيدىغان بولسا، بىر ئولتۇرۇشتا ئاۋۇ 614 نى يەنە 10 غا كۆپەيتىڭ، ماقۇل-ما؟


ماۋۇنى كۆرۈپ Mr Bean (ئۇيغۇرلار ئۇنى پۇرچاق ئەپەندىم) كەلدىمىكىن دەپ قالماڭلار، ماشىنا دېگەننى مۇشۇنداق پايدىلانسىمۇ بولىدىكەن-مانا. سەمەرقەنت تېخى تۈگىمىدى-جۇما.
قانداق؟ سەمەرقەنتكە بارغاندەك بولدۇڭلارمۇ-يا؟ بىرەر ئىنكاسمۇ يوققۇ؟ ياكى سەمەرقەنتمۇ 1-2 كۈن توختاپ تۇرسۇنمۇيە؟
============================

سەمەرقەنت كوچىلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش


بۇ نېمە ئەمدى؟ چۈشەنمىدىم؟ ساياھەت يېتەكچىسى قېنى؟


ۋوي، ماۋۇلارنى جىق كۆرگەنمەن. قەشقەر دېسە ھېيتگاھ ئېسىمىزگە كەلگەندەك، سەمەرقەنت (ياكى ئۆزبېكىستان) دېسە ماۋۇ داڭلىق ئۈچ مەسچىت ئېسىگە كېلىدۇ، بۇنى ئۆزبېكلەرنىڭ بىر كېلىن ئىزدەش دەپ كىنوسى بولىدىغان، شۇنىڭدىمۇ چىقىدۇ بۇ. بۇنىڭ ئىسمى رېگىستان (Registan)، گوگېلغا كىرىپ، ماۋۇ Registan نى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ بېقىڭلار، ئاندىن بىلەلەيسىلەر.


مانا يەنە بىر چوڭ كۆرۈنۈشى، ئالدىغا رەسىمىڭلارنى Photoshop كىرىشتۈرۈپ، مەنمۇ ئالىم مۇئەللىم بىلەن بارغان دەپ يۈرمەڭلار يەنە.


ۋوي، بۇ يەردە ساپلا خوتۇن خەققۇ؟ قىنى بىزنىڭ ئەزالار؟


ئەگەر ماۋۇ مۇنار رەڭگارەڭ بولمىغان بولسا، بۇنى ئۈرۈمچى چوڭ بازاردىكى مۇنار دەپ قېلىشىڭلار مۇمكىن-ھە. ھازىر ئۈرۈمچى چوڭ بازاردىكى مۇنارنى سىرلاپ سەت قىلىپ قويۇپتۇ. بۇرۇنقىسى چىرايلىق ئىدى.


بىزنىڭ ئەزالار بۇ يەردە كىچىك بالىلاردەك مۇزكالتەك يېگىلى تۇرۇپتۇ. لېكىنزە شۇ كۈنى ھاۋا سەت ئىسسىپ قويدى.


ماۋۇ يەردە Internet 24 دەپ يېزىپ قويۇپتۇ، تورخانا بار ئىكەن، لېكىن تورغا چىقىمەن دەپ ئەخمەق بولماڭلار، تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ تور سۈرئىتى كالا ھارۋىسىدەك مېڭىۋاتسا، بۇ يەردىكى كىچىك تورخانا قانداق بولماقچىدى؟


بۇ يەردە سەمەرقەنت بانكا كولىج(ئىنستىتۇتى) بار ئىكەن. بۇ پىرېزىدېنت ئەپەندىم ئۆزى رۇسىيەدە ئىقتىساد كەسپىدە دوكتور بولغاچقا، بانكا مەكتەپلىرىنىمۇ كۆپلەپ قۇرۇپتۇ، قايتىدىن يېڭى يۈرۈش پۇل بېسىپ، ئىلگىرىكى 100 سومنى 1 سومغا تېگىشىپ قايتىدىن تارقاتسا ياكى 50 مىڭ سوم ۋە 100 مىڭ سوملۇق يېڭىدىن پۇل بېسىپ تارقاتمىسا، تاماق يېگەندە بەك ئاۋارە بولىدىكەن، بانكا كارتىسى سىيرىش (شۇاكا قىلىش) يا ئومۇملاشماپتۇ.


ماۋۇ بالىلارنى خاشو گىلەم سېتىپ ئولتۇرىدۇ، ھەممە يەرگە قارىسا شۇ خاشو گىلەم ، تۈركىيەنىڭ جىڭ گىلەملىرىنى ياكى بىزنىڭ خوتەننىڭ ئېكسپورت گىلەملىرىنى ئېلىپ ساتساڭلارمۇ بولمامدۇ-دەيمەن زوڭزىيىپ، بېشىڭلارنى تاتىلاپ ئولتۇرغۇچە.


سەمەرقەنت شەھىرىدىن پايتەخت تاشكەنت بارىدىغان قاتناش بېكىتى. ئۈرۈمچىدىكى ئۈچتاش(سەندۇڭبېي) بېكەتكە ئوخشاپ قالىدىكەن-ھە.


تولىمۇ ئەپسۇس، مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ رەسەتخانىسى شۇ كۈنى دەم ئالىدىكەن. كىرەلمىدۇق. ئەمما، بەزىلەر دەم ئالغان بولسىمۇ 5000 سوم پۇل تاپشۇرۇپلا كىرىپتىكەن-ئەمەسمۇ؟ ھەتتا، مىرزا ئۇلۇغبەگ كوپېرنېكتىن نەچچە يۈز يىل بۇرۇنلا تېلېسكوپ ئىجاد قىلىپ ئاسمان ۋە يەر-جاھاننى كۆزىتىپ خەرىتە سىزىپتىكەن. ئەمىر تۆمۈر ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپتىكەن. شۇڭا، ئۆزبېكلەرنى ئۇنىمۇ بەك چوڭ بىلىدىكەن، بىزنىڭ مىرزا ئۇلۇغبەگ دەپ. ماۋۇ ساندۇقتا MADE IN GERMANY (گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن) دەپ تۇرىدۇ، بەلكىم، گېرمانىيەمۇ ئوپتىكىدا لىنزا ياساشتا يامان بولغاچقا، شۇلاردىنمۇ ئازراق ئۈسكۈنە ئالغان ئوخشايدۇ.


ئامال يوق، مىرزا ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسىنىڭ تېمىدا بولسىمۇ رەسىمگە چۈشۈپ قوياي، ئەپسۇس.


سەمەرقەنت شەھىرىدىن قايتىپ ماڭدۇق، لېكىن، بىر كۈنلۈك سەپەر تولىمۇ قىسقا بولۇپ قالدى.


ماۋۇ يەردىمۇ، ھېلىقى چولپاننىڭ شوئارلىرى بار ئىكەن. ئوڭ تەرەپ ئاخىرىدا I KARIMOV دەپ تۇرىدۇ.


سەمەرقەنت شەھىرىدىن چىقىش ئېغىزىدىكى ئاچال.


بۇنى ئۈرۈمچى خوڭيەنچى كۈلى دەپ قالماڭ، ئۇلار ئىسسىپ كەتسە، مۇشۇ يەرگە كېلىپ چۆمۈلىدىكەن.


ئاپپاراتنى يېقىنلىتىپ باقايچۇ؟ ۋوي، ماۋۇلارنى راستتىنلا سۇ ئۈزۈۋېتىپتۇ.


يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان پويىز يولى، ئاڭلىشىمىزچە كېلەر يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى(ئۇلارنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى)دە قاتناش باشلارمىش.


تاشكەنتكە بېرىش ئۈچۈن بىر-ئىككى ۋىلايەتتىن ئۆتىدىكەنمىز، ئۇدۇل ماڭسىڭىز، چىلانزار دەيدۇ.


ۋوي، كەچ بولاي دېسىمۇ تاشكەنتكە سالامەت يېتىپ كەلدۇق، شۈكرى.


غەفۇر غۇلام (G ھەرپىنىڭ كەينىدە ئۈستى پەش كەلسە، غ دەپ ئوقۇيمىز) باغى(باغچىسى)غا كەپ قاپتۇق. مانا تاشكەنت شەھەر ئىچىگە كىردۇق دېگەن گەپ.


ماۋۇ قايسى تېلېگراف شىركىتىدۇر؟ قايسىڭلار ئوقۇپ باقىسىلەر؟ ياكى بۇنىمۇ مەن ئوقۇپ بېرىمەنمۇ؟


ۋوي، شۇنداق قىلىپ، مۇستەقىللىق مەيدانى (Independence Square)غىمۇ كېلىپ قاپتۇ، بىز چۈشكەن مېھمانخانىمۇ مۇشۇ يېقىن ئەتراپتا. ئاۋۋال كۆپچىلىك بىلەن ئالمىزارغا بېرىپ، ئوخشىغان تاماق يەپ، ئاندىن مېھمانخانىغا قايتىدىكەنمىز، بۇ يەرلەرنى ئەتە ئايلىنارمىز. شۇنداق قىلىپ سەمەرقەنت سەپىرى تامام.
====================
Jeckئەپەندىم ئۈچۈن، ھېلىقى نەرسىنى پىرېسلاۋاتقان ئىدىم، بۈگۈنكى پىروگرامما سەل كېچىكىپ قالدى، كەچۈرۈڭلار. تۈنۈگۈن سۆزلەپ قەيەرگە كەلگەن ئىدۇق؟
ھە تاپتىم، مانا، كۆپ قىسىملىق كىنو-تىياتىردەك سەل بېشىدىن باشلاي.


بۇ مۇستەقىللىق مەيدانى بويىدىكى پارلامېنت بىناسى، قارىغاندا بۇمۇ ئاقساراي ئوخشايدۇ. ياخشى قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاڭلار-ھە.


يول يۈرۈپ، مول يۈرۈپ، ئاخىرى نەۋائىي باغچىسىغىمۇ كەپقالدۇق.
ئاۋۇ بىنادىكى خەتنى كۆردۈڭلارمۇ؟ UZBEK TELECOM (ئۆزبېك تېلېگراف شىركىتى) بىناسى دەيدۇ، قارىغاندا ئۆيگە تېلېفون قىلساق، پۇل دېگەن مۇشۇلارغا ئاقىدىكەن.


ئەلشىر نەۋائىي باغچىسىدا يەنە كۆرگەزمە بار ئىكەن، قېنى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى ياكى بارماق دىسكىلارنى ئۇلارغا سېتىپ باقمايمەنمۇ؟ يۈرۈڭلار، ئەزالار كىرىپ باقايلى.


ماۋۇ خەتنى مەندىن باشقىڭلار ئالدىراپ ئوقۇپ بولالمايسىلەرغۇ-دەيمەن. بولدى، بىدار ئاكا سىزنى ئاۋارە قىلماي، مەن ئاۋۋال ئۆزبېكچە ئوقۇپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ بېرەي:
===ئۆزبېكچە=====(قۇرمۇ-قۇر ئۇدۇل كەلتۈرۈپ تەرجىمە قىلدىم)
ھۆرمەتلىك يۇرۇتداشلەر ۋە
پايتەختىمىز مېھمانلىرى
«قۇلى گۈلدۇر ئۆزبېك ئايالىم….»
ئۆز مېھنىتى ئاساسىدا ئاياللار تاماملىغان
ياراتىلگەن مەھسۇلاتلارنى
كۆرگەزمە-سەۋداسىغا
تەكلىپ ئېتەمىز!
====ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى======(قۇرمۇ-قۇر ئۇدۇل كەلتۈرۈپ تەرجىمە قىلدىم)
ھۆرمەتلىك يۇرتداشلار ۋە
پايتەختىمىز مېھمانلىرى
«قۇلى گۈلدۈر ئۆزبېك ئايالىم…»
ئۆز مېھنىتى ئاساسىدا ئاياللار تاماملاپ
ياراتقان مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە ۋە سودىسىغا
تەكلىپ قىلىمىز!



ۋوي، ماۋۇ دوپپىلارنى خېلى چىرايلىق ئىكەن. قىزىمغا بىرنى ئالايچۇ؟! 100 دوللارنى شارتتىدە چىقاردىم، ھېلىقى ئىش يۈز بەردى(بېشىدىن باشلاپ تەپسىلىي ئوقۇغان بولسىڭىز چۈشىنەلەيسىز). شۇنىڭ بىلەن ئەزالاردىن 100 دوللارنى ئالماشتۇرۇپ، بۇ گىلەم دوپپىنى 4000 سوم (13.3 يۈەن ياكى ئىككى دوللار)غا سېتىۋالدىم. بۇنداق ئەرزان ساتسا، ئىقتىساد قانداق تەرەققىي قىلىدۇ-دەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى قولدا تىكىش ئۈچۈنمۇ نەچچە كۈن كېتەر؟ زادى سانائەت بۇيۇملىرىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك ئىدى. قاراڭلار، ئاۋۇ بادام دوپپىغا. دوپپا دېگەننىمۇ قولدا تىكىدىغان زامانمۇ ھازىر. بىزنىڭ دۆلەتتە دوپپا دېگەننى كومپيۇتېردا تىكىپ، گۈللىرىنى Photoshop تا لايىھەلەپ ياساپ سېتىۋاتساق، شۇڭا، تويدا تۇنجى بولۇپ ئۇسۇلغا چۈشكەندە بۇنداق 3 يۈەنلىك دوپپىلىرىمىزنى بولۇشىغا تارقىتىپ بېرىمىز. تەرەققىيات دېگەن مانا شۇ.


Kokkaptar ئەپەندىم بىلەن FinalFantasy ئەپەندىلەر ئۆزبېك قىزچاقنى بىر كۆرسەك دېگەن ئىدى، ئەنە كامىلە قىزچاق بىزگە بىر نەرسىلەرنى تاللاپ بېرىۋاتىدۇ. ئاخىرىدا يەنە نۇرغۇن ئۆزبېك قىزلار چىقىدۇ. داۋامىغا دىققەت قىلىڭلار.


مانى كۆرۈپ، قەشقەر خوتەندىكى بازار دەپ قالماڭلار. بىز ھازىر ئەلشىر نەۋائىي باغچىسىدىكى كۆرگەزمىدە.


قاراڭلار، ماۋۇ ئايال: «جۇڭگودىن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر كېلىپتۇ، مەن سەل تۇرۇپ قوڭغۇراق قىلاي»-دەپ تېلېفوننى قويۇشقا ئالدىراۋاتىدۇ. ئاۋۇ ئۈستى تەرەپتە يېزىپ قويۇپتۇ، بۇ ئايالنىڭ ئەتلەسلىرى فەرغانەدىن كەلتۈرۈلۈپتۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇ ئەتلەس ئەمەس ئەدرەس ئىكەن، ئەتلەسنى بىرلا قېتىم كىيىپ قايتا يۇيۇشقا بولمايدۇ. ئەمما، بۇ ئەدرەسنى ئىسسىق سۇدىمۇ يۇيۇشقا بولىدىكەن، ياشاپ كېتىڭلار.


ماۋۇ، بۇخارانىڭ ماللىرى ئىكەن، ئىمام بۇخارىي دەپ ئاڭلىغانمۇ-يا؟ مەنغۇ ھازىرغا قەدەر سەككىز ياشلىق قىزىمغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن، ئەمما، ئۇ ئاڭلا-ئاڭلىمايلا بۇخاراغا كېتىدۇ. لېكىن، ئۇ كىچىك تۇرۇپ سەمەرقەنت تەكلىپى قىلىشنى ئۆگىنىۋالدى.
====================

مەن: بۇ تۈۋرۈكلەردىكى نەقىشلەر چىرايلىق ئىكەن-دېدىم
كامىلە: شۇنداق، بۇنى بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئۇستاملار زىننەتلىگەن.
مەن: ئەمما، بىزنىڭ قەشقەردىكى ئۇستاملارغا يەتمەيدىكەن جۇمۇ يەنىلا-دېدىم
كامىلە: قەشقەردىكى ئۆيلەردە تۈۋرۈكلەرمۇ مۇشۇنداق زىننەتلەمدۇ؟
مەن: ئەلۋەتتە، ھەممىسى شۇنداق. زىننەتلەنمىگەن تۈۋرۈكلەرنى قەشقەردە كۆرمىدىم تېخى (ھا…ھا…)
ئەمەلىيەتتە، مەن 2001-يىلى يەكەنگە بارغاندا، بىدار-قۇتلان ئاكىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ قايتىشىمدا، قەشقەردىن ئايروپىلانغا چىقىش ئۈچۈن ئاران 2 سائەت تۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قەشقەرگە قايتا بېرىپ باقمىغان تۇرسام. يا بىرەرسى بۇياققا كەلسەڭ بىز بار دەپ باقمىدى؟ قەشقەردىمۇ مۇشۇنداق ساياھەت يېتەكچىسىنى تاپقىلى بولارمۇ؟


نەچچە كۈندىن بېرى، سىلەرمۇ مەن ۋە ۋەكىللەر بىلەن ئۆزبېكىستاندا تەتقىق ۋە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ماۋۇ خەتنى ئوقۇيدىغان بولغانسىلەر؟ ئۆزۈڭلار ئوقۇڭلار، بۇنداق ئاسان خەتنى.


مەن: بۇ كىمنىڭ ھەيكىلى؟ پىرېزىدېنتنىڭما؟
كامىلە: ياق، بۇ دېگەن ئۆزبېك ھازىرقى زامان داڭلىق يازغۇچىسى ئابدۇللا قاھار، ئۇ 1907-يىلى تۇغۇلۇپ، 1968-يىلى ۋاپات بولغان.
مەن: مەرھۇمنىڭ روھى جەننەتتە بولغاي، بۇ ھېلىقى داڭلىق ئۆزبېكچە ئەسكى كىنو «ئۆتكەن كۈنلەر»نىڭ ئاپتورى شۇكەندە؟
كامىلە: ياق، بۇ ئەمەس. ئۆزبېكچە ھېلىقى كونا كىنونىڭ ئاپتورى ئابدۇللا قادىرى(ھى…ھى…)، بۇنداق گەپلەرنى دېمەيمەن دېگەن ئىدىڭىزغۇ؟ ئالىم ئاكا، ئىلتىماس، بۇنداق گەپلەرنى دېمىسىڭىز؟
مەن: مېنى كەچۈرۈڭ، ئەمما، مەن ئۆزبېكچە سۆزلەشنى مەشىق قىلىۋالاي دېگەن؟ بۇ يامان ئىش ئەمەستۇ؟
كامىلە: ئۇنداقتا، مەيلى.


بۇ نەۋائىي باغچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆل بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدىكى كۆلدىن خېلى چوڭ ئىدى.


مەن: ۋاي، خۇدايىمەي، كۈپكۈندۈزدە بۇ كۆلدە سۇغا چۈشىدىكەنغۇ؟ تېخى ھەممىسى قىز-ئاياللار دەڭە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسكى قىزلار ئوخشايدۇ.
كامىلە: شۇنداق، بۇلارنىڭ ھەممىسى رۇس قىزلىرى، ئاپپاراتنى يېقىنلاتماڭ جۇمۇ؟
مەن: نېمىشقا؟ كېيىن، ماۋۇ بىلىكتىكىلەر كۆرىمىز دەپ غەلۋە قىلسا قانداق قىلىمەن؟
كامىلە: ئۇلارغا دەپ قويۇڭ، ياخشى جايلارنى كۆپرەك كۆرسۇن.
مەن: بولىدۇ-ئەمىسە، ماقۇل.
ئوبدان بولدىمۇ؟ بىلىكداشلار! بۇنداق كۆرۈنۈشلەر ئاپپاراتقا چۈشمىسۇن-دېسەم، ماۋۇ نەچچىسى قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، ھېچقىسى يوق، كۆزىمىزنى قۇلىمىز بىلەن ئېتىۋېلىپ، بارماقلىرىمىز ئارىسىدىن كۆرىمىز-دەيدۇ. يىلدا بىر كېلىدىغان چوڭ ھېيتتىمۇ سەۋرى قىلالمامسىلەر؟ بىز بۇ باغچىغا قىزلارنى دەپ ئەمەس، داڭلىق شائىر ئەلشىر نەۋائىينى كۆرىمىز-دەپ كىردۇق.


ئەلشىر نەۋائىينىڭ ھەيكىلىگە يېزىلغان شېئىر. قېنى بىدار-ئاكا بۇنى تەرجىمە قىلىش سىزدىن ئايلانسۇن، مەن كۆپرەك نەرسىلەرنى يازاي. مەن تېخى ئەمىر تۆمۈر مۇزېيىدىن ئەلشىر نەۋائىينىڭ قول يازمىسىنىمۇ رەسىمگە ئېلىپ كەلدىم. قېنى ئۇنى سىلەر ئوقۇيالامسىلەر؟


ئەلشىر نەۋائىي دېگەن مۇشۇ ئىكەندە؟
مەن ئىچىمدە ھەي، ماۋۇ تەبىئىي گاز ساتقان پۇلنىڭ ھەممىسىنى بانكىغا قويىۋەرمەي، ئۈرۈمچىگە بېرىپ داڭلىق رەسسام غازى ئەمەتكە 10 مىڭ يۈەن(10 مىڭ سوم ئەمەس) بەرگەن بولسا، بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق سىزىپ چىقاتتى-ئەمەسمۇ؟


بۇ يەرگە كېلىدىغانلارمۇ كۆپ ئىكەن، ھەر يىلى نەۋرۇز بايرىمىدا بۇ يەر تېخىمۇ قىزىپ كېتەرمىش.


ئەلشىر نەۋائىي ھەيكىلىنىڭ يىراقتىن كۆرۈنۈشى


ئاۋۇ «نەۋرۇز»-دېگەن خەتنى كۆردۈڭلارمۇ؟ بۇ خېلى داڭلىق رېستورانمىش. توي قىلغان قىز-يىگىتلەر ئالدى بىلەن بۇ چىرايلىق ئەلشىر نەۋائىي باغچىسىغا كېلىپ رەسىمگە چۈشۈپ، ئاندىن ئاۋۇ رېستوراندا توي زىياپىتى بېرەرمىش. تېخىمۇ بايلىرى بىز چۈشكەن تۆت يۇلتۇزلۇق ئۆزبېكىستان مېھمانخانىسىنىڭ زالىدا مەرىكە قىلارمىش.
كامىلە: ھەر يىلى 3-ئايدا، نەۋرۇز بايرىمىدا بۇ يەر ئاجايىپ قىزىپ كېتىدۇ. ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىن كەلگەن داڭلىق سەنئەتكارلارمۇ مۇشۇ يەرگە توپلىنىدۇ. پىرېزىدىنتمۇ قاتنىشىدۇ. ئەمما، پىرېزىدېنت قىزى ھەر قېتىم ئۆزى بىرىنچى بولۇپ قوشاق ئېيتىپ، يۇلتۇز ئوسمانوۋغا سەھنە بەرمىگەچكە، يۇلتۇز بۇ يەرنى تاشلاپ تۈركىيەگە كېتىپ ئولتۇراقلىشىپ قالدى. ئاڭلىساق، ھەج تاۋاپ قىلىپ ھاجىم بولۇپ، قوشاقنى كۆپ ئېيتماسمىش.
ئەسلىدە بۇ ئىش بۇنداق ئىكەندە؟ شۇڭا، ھېلىقى دۇكاندارمۇ بۇ ئىشتىن سەل نارازى بولغاچقا، قايسى كۈنى بىزگە ئاچچىقلىنىپ قاپتىكەندە؟.
===================

بۇ يول بويىدىكى مەسچىت بولۇپ، خېلى چوڭدەك قىلاتتى. يېنىدىكىسى سۇ مۇنارى ئەمەس جۇمۇ، ئۆز ۋاقتىدا بىزنىڭ يولداشلارمۇ نېمە دېگەن چوڭ 水塔 (سۇ مۇنارى) دېگەن ئىدى. ئۇ دېگەن مەزىن ئاخۇن چىقىپ، ئەزان توۋلايدىغان جاي.


قاراڭ، مانا بۇ مەسچىتنىڭ ئىسمى. ھەزەرتى ئىمام مەسچىتى، بۇ مەسچىتنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى دۇكانلاردا سوۋغاتلىق نەرسىلەرنى ساتارمىش، قېنى ئەمىسە شۇ يەرگە بېرىپ باقايلى.


بىز: ئارقىسىدىمۇ يەنە بىر مەسچىت بار ئىكەنغۇ؟
كامىلە: ياق، بۇ مەسچىت ئەمەس، ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ساتىدۇ.


ماۋۇ ئۇستاملار ھۈنەرگە خېلى ماھىردەك قىلاتتى. مۇشۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىسە، ئەجرىنى چوقۇم كۆرەلەيدۇ. ئىشلىرى بەرىكەت تاپىدۇ.


ماۋۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئىككى ئۇستاملار ياساپ چىقتىما؟ نېمە دېگەن ماھىر ئۇستىلار بۇ!


ماۋۇ چاچقا تاقايدىغان چازىلارمۇ خېلى چىرايلىق ئىكەن، لېكىنزە مۇشۇ خوتۇن خەقنىڭ جالدۇر-جۇلدۇرلىرىنى ئانچە بىلمەيمەن. بۇ دۇكاندىن چىقىپ كېتەيلى!


ماۋۇ بالىنى سودا قىلماي، تاپشۇرۇپ ئىشلەۋاتامدىكىن دەپ قالماڭلار يەنە؟ تاشكەنتتىكى مەكتەپلەردە تاپشۇرۇق ئېغىر ئەمەس. بۇ بالا كىچىكىدىن باشلاپلا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھۈنەرگە كىرىشىپ كېتىپتۇ. تېخى نۇرغۇن نەقىشلەرنى لايىھەلەپتۇ.


مەن: ماۋۇ ئەتلەس بەك چىرايلىق ئىكەنغۇ؟
دۇكاندار: شۇنداق بۇ دېگەن مەرغۇلاننىڭ ئەتلىسى
مەن: بىزنىڭ يۇرتتا، شىرئەلى ئەلتېكىن نەمەنگاننىڭ ئەتلىسى دەپ ناخشا ئېيتسا، مەن تېخى داڭلىق ئوخشايدۇ-دەپتىمەن.
دۇكاندار: نەمەنگاننىڭ ئەتلىسىمۇ داڭلىق، لېكىن، ئۇ تەرەپ چېگراغا يېقىن، قىرغىزىستان بىلەن پاراڭ چىققاندىن بېرى، ئۇ يەردىن كېلىدىغان مال مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالدى. لېكىن، ماۋۇ مەرغۇلاننىڭ ئەتلىسى ئەسلىدىكى نەمەنگاننىڭ ئەتلىسىدىنمۇ داڭلىق.
مەن: مەرغۇلان دېگەن «ئۆتكەن كۈنلەر» رومانىدا ئاتابېگ ئاتلىق ئالتە ئايدا بارغان يەر شۇمۇ؟
دۇكاندار: جۈدە توغرا تاپتىڭىز، دەل شۇ.
مەن: ئۇنداقتا، 10 مېتىر ئالاي.
دۇكاندار: ماقۇل، ئەمىسە، جەمئىي 60 مىڭ سوم (200 يۈەن) بولدى.
مەن: قىممەت ئەمەس ئىكەن، بولىدىكەن. ئۈرۈمچىدە ھەر مېتىرى 30-40 يۈەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئاۋۇ پۇلنى ساناپ بېقىڭلار، 9000 سوممۇ ئەمەس، جىق بېرىۋەتكەن بولسام، بېرىپ ياندۇرۇۋالاي.


يولداشلار، سوۋغاتلارنى ئېلىپ بولغان بولساڭلار، تاماق يەيلى. لەڭمەن يەيدىغان يەرگە بارايلى. قېنى ھېلىقىدەك كىرا ماشىنىلىرى؟
ۋوي، بۇ تار كوچىدىكى ھويلا-ئاراملىق ئۆيلەردىمۇ بىلىكىمدەك گاز تۇرۇبىلىرى بار ئىكەن-ھە؟


ۋوي، بۇ يەردە ئىخلاس تاللا بازىرى بار ئىكەنغۇ؟ لېكىن، ماركىسىغا قاراپ باقسام روزى ھاجىمكامنىڭ ئەمەستەك قىلاتتى.


مانا تاماق تىزىملىكى
1. ئايرىمسەي (لەڭمەن ) 3500 سوم (11.6 يۈەن) يەنى ئايرىم سەي بىلەن چىقىدىغان لەڭمەن
2. لەڭمەن 3000 سوم (10 يۈەن)، كىچىكى 2500 سوم (8.3 يۈەن).
3. گاڭپەن 3000 سوم (10 يۈەن)، كىچىكى 2500 سوم (8.3 يۈەن).
بۇ يەردە تاماق قىممەت ئەمەسكەنغۇ؟ ئۈرۈمچىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن. ئالدىرىماي تۇرۇڭ، بۇ يەردىمۇ چاي ۋە نانغا ھەق ئالىدۇ يەنە تېخى مۇلازىملارنىڭ تاپان ھەققىمۇ بار.


1. ئاش (يەنى پولۇ ) 3000 سوم (10 يۈەن)، كىچىكى 2500 سوم (8.3 يۈەن).
2. شورپا 2000 سوم (6.6 يۈەن)، كىچىكى 1500 سوم (5 يۈەن).
3. چاشلىق (يەنى كاۋاپ ) ھەر زىقى 1200 سوم (4 يۈەن)


چايغىمۇ ئايرىم پۇل ئالىدىكەن دېسەم ئىشەنمىگەن ئىدىڭلار، ماۋۇ باھاسىغا قاراپ بېقىڭلار، بۇ يەردە چاي سەل تېخى ئەرزان ئىكەن.


بۇ يەردە چاي ئىچمەي، كەمپۈت (مېۋە سۈيى) ئىچتۇق. لېكىن، بۇنىڭ تەمى راستتىنلا ئۆز مېۋە تەمى ئىكەن، بىزنىڭ بۇ يەردىكىدەك شېكەر قوشۇلغان رەڭلىك سۇ ئەمەس ئىكەن.
كۆردۈڭلارمۇ، ئاۋۇ ناننى. تاماق ئۈستەلگە كېلىپ بولغۇچە، ئەكېلىپ بولىدىكەن. بىكارلىق ئوخشايدۇ-دېسىڭىز، ھەقسىز ئەمەس. بۇ جەھەتتە ئىقتىسادنى خېلى تەرەققىي قىلدۇرۇپتۇ.


مانا ئۆي لەڭمەن دېگەن. ئالىم مۇئەللىم ئۆيىدىكى لەڭمەننى رەسىمگە ئېلىپلا كىرىشتۈرۈپتۇ-دەپ قالماڭلار. ھازىر دېگەن ھېيت كۈندە گۆش، پولۇ ، ئۆپكە-ھېسىپ يەۋاتىمىز.
مەنمۇ ئەقىللىك يولداشلاردىن ئۆگىنىپ، تاللا بازىرىغا بارغاندا، سۇن مايمۇننىڭ كالتىكىدەك ھەم ئۇزىرايدىغان ھەم قىسقىرايدىغان ئاليۇمىن چوكا سېتىۋالغان ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ئۆزبېكىستاندا لەڭمەننى چوكا بىلەن بەھۇزۇر يېدىم.
مەن: تەمى بولىدىكەن، لېكىن، ….
كامىلە: يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارغا يەتمەيدىكەن-دېمەكچى، شۇنداقمۇ؟
مەن: ئەلۋەتتە. بىزدە تەملىك قىلغاندىن سىرت يەنە جامەن(加面) بېرىدۇ.


تاماق تىزىملىكىنى كۆرۈپ بېقىڭلار
قېتىق (1 چىنە) 800 سوم (2.6 يۈەن).
كەمپۈت (1 بوتۇلكا مېۋە سۈيى) 1600 سوم (5.3 يۈەن).
نان (1 دانە) 300 سوم (1 يۈەن).
ئاش (يەنى لەڭمەن ) 2 تەخسە 6000 سوم (20 يۈەن).
جەمئىي 8700 سوم (29 يۈەن)
قوشۇلغان (تاماق توشۇش ھەققى) 900 سوم (3 يۈەن)
============جەمئىي 9600 سوم (32 يۈەن).
ئاۋۇ مەن بەرگەن 10 مىڭ سوم پۇل يېتەمدىكەن؟ ساناپ بېقىڭلار. بۈگۈن تاشكەنتكە كېلىپ ئەڭ ئەرزان تاماق يېگەن بولدۇق.
=====================

ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېتىشىمىزگە يەنە 2-3 كۈن ۋاقىت قالغان ئىدى، شۇڭا، تاللا بازىرىغا بېرىپ ئازراق نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشنى ئاندىن يەنە خاتىرجەم ئايلىنىشنى ئويلاشتۇق، ساياھەت يېتەكچىمىز كامىلە بىر قانچە كىرا ماشىنىلىرىنى توسۇپ باھاسىنى سۆزلەشتى. ئۈرۈمچىگە نىسبەتەن كىرا ھەققى ئەرزان بولۇپ، 5 كىلومېتىرغا يولغا 1500-2000 سوم (5 يۈەن-6.6 يۈەن ئارىلىقىدا) پۇل ئالىدىكەن. بۇ ئەلۋەتتە، سىزنىڭ سۆزلىشىشىڭىزگە باغلىق ئىكەن.
نىشانغا كەلدۇق، مەندىن باشقا ھەممىسى ماشىنىدىن چۈشۈپ بولدى، مەن كامىلەگە قاراپ نەچچە پۇل؟-دەپ ئىشارەت قىلدىم. بۇ چاغدا ئۇ خوجايىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان بولۇپ، ماڭا قول ئارقىلىق 1 ۋە 5 نى كۆرسىتىپ ئىشارەت قىلدى. مەن 1000 سومغا ئۇنىمىدى، 5000 سوم بېرىمىز دېگەن ئوخشايدۇ-دەپ، شاراققىدە 5000 سومنى شوپۇرغا بەردىم. شوپۇرمۇ رەھمەت! دەپلا مېڭىشقا تەمشەلدى. كامىلە بۇ چاغدا خوجايىنىغا «كەچۈرۈڭ، سەل تۇرۇپ قوڭغۇراق قىلاي»-دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئازراق مېڭىپ بولغان بۇ ماشىنىنى توستى.
كامىلە: -ئاكىجان، نېمە دەپ ئارتۇق پۇل ئالىسىز؟
شوپۇر: -بۇ يىگىت ئۆزى بەردىلەر، مەن بۇلاپ ئالمىدىم.
كامىلە: -مەن سىز بىلەن 1500 سومغا سۆزلەشكەن، شۇڭا، ئارتۇق 3500 سومنى قايتۇرۇڭ.
شوپۇر: -مەن ئايتىمغۇ(ئېيتىمغۇ)، بۇلاپ ئالمىدىم، بۇ يىگىت ئۆزى رازى بولۇپ بەردىلەر.
كامىلە: -مەن سىز بىلەن دېيىشكەندە بۇلار يىراقتا ئىدى، بۇلار باھانى بىلمەيدۇ، ئۆزىڭىزگە رازى بولغان باھادا پۇل ئېلىڭ.
شوپۇر: -قارىسام سىز ئۆزبېك قىز ئىكەنسىز؟ سىز ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماڭ؟
كامىلە: -سىز بۇلارنى چەتئەللىك دەپ ئارتۇق پۇل ئالماقچىمۇ؟ ناۋادا، بۇلار بۇ ئىشنى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن بىلىپ قالسا، ئۆزبېكىستانغا قايتا كېلەرمۇ؟ ئۆزبېكلەرنى ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ-دەپ دوستلىرىغا ئېيتسا، ماۋۇ ئالىم ئاكا، بىلىك تورىدىكى تورداشلارغا يېيىۋەتسە، بىزگە ياخشى تەسىرى بولارمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە،… ئۇ بىر نەرسىلەرنى دېمەكچى ئىدى.
ئەمما، مەن: «كامىلە بولدى قىلىڭ، ئۇرۇشۇپ قالماڭلار، (مەن پوچىلىق بىلەن) ئۇنچىلىك پۇل دېگەن مەيلى، يۈرۈڭ»، باشقىلارمۇ كامىلەگە: «بولدى، ئاچچىقلانماڭ، ھېچقىسى يوق، بىز ئۇرۇشۇپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمىز، يەنە خۇشال -خۇرام ئايلىنىشنى خالايمىز».
كامىلە: -ياق، مەن ئۇرۇشمىدىم، گېپىمنى دەۋالاي، مەن بىلەن سۆزلەشكەندە 1500 سوم دېيىشكەن، ئارتۇق ئېلىۋالغان 3500 سوم پۇلنىڭ ھارام بولىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟
شوپۇر: «ھارام»-دېگەن بۇ گەپنى ئاڭلاپمۇ ياكى يەنە گەپ ئاڭلاشتىن ئەنسىرەپ قالدىمۇ؟ 3500 سومنى كامىلەگە قايتۇرۇپ بەردى ۋە دەرھاللا ماشىنىسىغا كۈچەپ ماي دەسسەپ، غوڭڭىدە قىلىپ ئۇچقاندەك كېتىپ قالدى.


بىز شۇنداق قىلىپ يەنە turkuaz (تۈركۇئاز) تاللا بازىرىغا كەلدۇق، بۇ يەردە ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئېلىپ باقتۇق. تۈركىيەنىڭ يىپەك روماللىرى (ياغلىقلىرى) نىمۇ ئالدۇق (ئاپلا، بۇنى تېخى ئايالىمغا كۆرسەتمىگەن ئىدىم، تورغا چىقىپ قالسا بىلىپ قالىدىغان بولدى-دە). ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاياللىرىمىزغا چۆچۈرە ۋە جۇۋاۋا ئېتىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئاۋۇ نەرسىلەرنىمۇ سېتىۋالدۇق. ماۋۇ تاللا بازىرىدا، ھەر ھالدا «پۇل ساناش ماشىنىسى» ۋە كارتا سىيرىش ئۈسكۈنىسى بار ئىكەن. ئاۋۇ ھېساباتقا ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللىرىمۇ رۇسچە ئىكەن.


بۇ بازارنى چۆرگۈلەپ كەچ بولدى، ئەمدى قايتىپ تاماق يەيلى. شۇنداق قىلىپ بىز يەنە بىر تاماقخانىغا كەلدۇق. بۇ يەردىمۇ مۇلازىمەت پەچەت ئىكەن. ئولتۇرۇپ بولغۇچە ئىككى ناننى ئەكېلىپ ، نېمە تاماق يەيسىلەر-دەپ سوراشقا باشلىدى. مۇشۇنداق مۇلازىمەت قىلىپ بەرسە، بىزمۇ تاپان ھەققى بېرىشكە ئەلۋەتتە رازى.


قورساق بەك ئېچىپ كەتكەچكە، ئۆزبېكىستان دېگەن يەردە نان دېگەننىمۇ مۇشۇنداق ئارا-پىچاق ۋە ۋىلكىدا يەيدىكەنمىز. كېيىن، قولىمىزنى يۇيۇپ كەلگەندىن كېيىن، تاماق چىققۇچە پاراڭلاشقاچ، ھېلىقى شوپۇرنىڭ ئىشىنى قايتا تىلغا ئالغاچ، ناننى قولىمىزدا تۇتۇپ يېدۇق.


ماۋۇ كاۋاپلار(شاشلىق)نىڭ تۈرلىرى خېلى كۆپ ئىكەن، قايسىنى يېسەك بولار؟


تاماقتىن كېيىن، كامىلە ئۆيىگە قايتتى. بىزمۇ ئۆزبېكىستان مېھمانخانىسىغا قايتتۇق. تېلېۋىزورنى ئېچىپ، ئۆزبېكچە چۈشەندۈرۈلگەن دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە باشلىدۇق.
=================
ئەسلىدىنلا، باشتىن باشلاپ مۇشۇ SONY HDR-X520 FULL HD, 240GB Hard Disk تېلېكامېرادا تارتىلغان سىن ھۆججەتلىرىدىن رەسىملەرنى كېسىپ يوللايدىغان گەپ ئىكەن. سەپەر تەرتىپى بويىچە ھەممە نەرسىلەر تولۇق بايان قىلىنار ئىكەنتۇق. بۇنىڭغا لېنتا سالمىغاچقا، ئۈرۈمچىدىكى ئۆيدىن يولغا چىققاندىن باشلاپلا، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئۆيگە قايتقانغا قەدەر تولۇق تارتىشقا باشلىغان ئىدىم. تاشكەنت ئايرودۇرۇمىدىكى ئىشلار، تاموژنىدىن ئۆتۈپ ئۆزبېكىستان مېھمانخانىسىغا بارغۇچە تۇنجى تەسىراتلار، ئۈچ كۈنلۈك يەرمەنكە ۋە بەش كۈنلۈك زىيارەتلەر ئىنتايىن تولۇق خاتىرىلەنگەن ئىدى. تېما ئوتتۇرىدا Jeck نىڭ سەپەر تەرتىپى دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ، 14 مىليون پىكسېللىق CANON POWER SHOT SX 210 IS رەسىم ئاپپاراتىمدىكى رەسىملەرنى شاگاڭ (下岗) قىلىۋېتىپ، تېلېكامېرادىكى سىن ھۆججىتىنى بىر باشتىن كۆرگەچ، سەمەرقەنت سەپىرىدىن باشلاپ يوللاشقا باشلىغان ئىدىم.
ئەمما، بۈگۈن ھېيتلىق دەم ئېلىشىمنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى، ئەتىدىن باشلاپ يەنە جىددىي ئىشلەپ كېتىدىغان گەپ. ماۋۇ تېمىنى ھېيتلىق دەم ئېلىشتا يېزىپ تۈگىتىۋېتىمەن-دېگەن ئىدىم. يەنە بەش-ئالتە پارچە رەسىم يوللاپ، بىز تاشكەنت ئايرودۇرۇمغا كەلدۇق، تاموژنىدىن ئۆتتۇق، بېيجىڭغا كەلدۇق. ئۈرۈمچىگە چۈشتۈم-دەپلا تۈگىتىۋېتىدىغان گەپمىكىن. بولمىسا، ھېيتلىق دەم ئېلىشتا يوللايمەن-دەپ ۋەدىسىدە تۇرمىدى دېيىشكە ئارانلا تۇرامدىكىن بەزى تورداشلار.
=======================
ئۇنداقتا، مەن ئاز-ئازدىن بولسىمۇ يېزىشقا تىرىشاي.


بۈگۈنكى زىيارەت يەنە باشلاندى. قېنى تېپىشماق تېپىپ بېقىڭلار؟ ئالىم مۇئەللىم چۈشكەن ياتاق زادى قايسى؟ تاپالامسىلەر؟ مەن ئازراق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەي، مېنىڭ ياتىقىم 10-قەۋەتتە، ئۇنداقتا قايسىسى مېنىڭ ياتىقىمنىڭ دېرىزىسى؟ ناۋادا، بىر ھەپتە ئىچىدە تاپالىساڭلار، يېڭىدىن چىقماقچى بولغان «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» ياكى 8 گېگابايتلىق بارماق دىسكا مۇكاپات بېرىلىدۇ. جىڭ گەپ.


يەرمەنكىگە كەلگەن بارلىق خادىملار ئۆزبېكىستان دۆلەت نامى بىلەن ئاتالغان بۇ داڭلىق مېھمانخانىغا چۈشكەن ئىدۇق. بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى ئۇزۇن قۇلاق يولداشلاردىن ئاڭلىشىمىزچە بۇ يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلەت باشلىقلىرىمىز تاشكەنتكە كەلگەندىمۇ مۇشۇ مېھمانخانىغا چۈشكەنمىش. بۇنىڭ ئاڭلىغان بەزى ئەزالىرىمىز «ۋوي، بىزنىمۇ چوڭ باشلىقلار چۈشكەن مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ-ھە»-دەپ ئىنتايىن خۇشال ھالدا زاللاردا ماڭسىمۇ، لىفىتقا چىقسىمۇ ئالچاڭشىپ مېڭىشاتتى. تەشكىلگە ھەقىقەتەنمۇ كۆپ رەھمەت!
بۇ مېھمانخانا تاشكەنت شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئالدىدا ئەمىر تۆمۈرنىڭ ھەيكىلى، يان تەرەپتە ئەمەر تۆمۈر موزىيى بار ئىدى. بۇ يەنە تاشكەنتنىڭ ئەڭ ئاساسىي كوچىسى-ئەلشىر نەۋائىي كوچىسىنىڭ باشلىنىش ئېغىزىدا بولۇپ، مۇستەقىللىق مەيدانىغىمۇ ئىنتايىن يېقىن ئىدى.


يانچۇقۇمىزدىكى ئۆزبېك پۇلىدىمۇ بۇنىڭ سۈرىتى باردەك قىلاتتى، بۇ قەيەر ئەمدى؟ ھە تاپتۇق، بۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ داڭلىق مۇزېي -ئەمىر تۆمۈر موزىيى ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدا ئەلشىر نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرى ساقلانغانمىش. ھەر قايسى ئەل رەھبەرلىرى تاشكەنتكە كەلسىمۇ، ئۇلارنى مۇشۇ مۇزېيغا باشلاپ كېلەرمىش. ئەمما، بىزنىڭ بۈگۈنكى پىلانىمىز باشقا جاي بولغاچقا، ئەزالار بىلەن بۇ يەردىن ئايلىنىپ ئۆتتۇق.


ئازراق پىيادە يول يۈرۈپ، مۇستەقىللىق مەيدانىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ خۇددى دۆلىتىمىزنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئوخشاش دۆلەت قۇرۇلغاندا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن جاي ئىدى. فونتان، دەل-دەرەخ، چىملىق ۋە يېنىدىكى دۆلەت مالىيە بىناسى بۇ يەرگە تېخىمۇ چىرايلىق تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى. مۇھىت ئاسرىغۇچى خادىملارنى ئەتراپتىكى چىملىق ۋە گۈللەرنى توختىماي پەرۋىش قىلىپ تۇراتتى. ئاۋۇ سول تەرەپتىكى ئەسكى تىراكتورنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئەخلەتلىرىنى مۇشۇ تىراكتوردا ئېلىپ كېتىدىكەن.


مەيدان ئوتتۇرىسىدا بىر بالىنى قۇچىقىدا ئەركىلىتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ يەردە رەسىمگە چۈشۈۋاتاتتى. قارىغاندا مەيداندىكى ئەڭ مۇھىم جاي مۇشۇ ئوخشايدۇ. بىزمۇ يېنىغا بېرىپ كۆرۈپ باقمامدۇق؟


بىز ھەيكەلنىڭ يېنىغا بېرىپ رەسىمگە چۈشتۇق. ئۈستىدە ئۆزبېكىستاننىڭ خەرىتىسى بار ئىكەن.


مەيداننىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، ئەتراپتا دەل-دەرەخ، قارىغاي، گۈل، چىملىق دېگەنلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى. بۇ يەرنى تېز-تېز كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەزالار يەنە تاشكەنتتىكى ياپونىيە باغچىسىغا بېرىپ كۆرۈپ كەلمەكچى بولدۇق. قېنى ياپونىيە باغچىسىدىكى دەل-دەرەخلەر راستتىنلا پاكارمۇ-ئېگىزمۇ؟ ئۇ يەردىكى غاز-ئۆردەكلەر ياپونچە غاقىلدامدۇ ياكى ئۆزبېكچىمۇ؟ بىر كۆرۈپ باقايلى-ئەمىسە.
===================

ئەزالار ئۈچۈن مەخسۇس ئاجرىتىلغان ئاپتوبۇس بىلەن ياپونىيە باغچىسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ماڭدۇق.


ئاپتوبۇس يۇنۇس ئاباد رايونىدىكى باغچىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختىدى. بۇ يەردە زامانىۋى ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئېگىز قەۋەتلىك بىنادىن بىر نەچچىنى كۆردۇق. بىنانىڭ ئۈستىدە NBU (National Bank of UZBEKISTAN ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك بانكىسى) دېگەن خەت بار ئىدى. ياندىكىسى بولسا تاشكەنت سودا مەركىزى بولۇپ، بۇ يەردە داڭلىق تاۋارلار باردەك قىلاتتى. بىز سوۋغاتلارنى چارسۇ بازىرى، تۈركۇئاز تاللا بازىرى ۋە ھەزىرىتى ئىمام جۈمە مەسچىتى ئارقىسىدىكى خاتىرە بۇيۇم بازىرىدىن ئېلىپ بولغاچقا، بۇ يەرگە كىرمىدۇق.


بىز دەرۋازىدىن ئۇدۇل مېڭىپ كۆل بويىغا كەلدۇق. بىز «ياپونىيە باغچىسى نېمە دېگەن چوڭ» دەپ ئويلاپتىكەنمىز. ئەمما، بۇ يەردە بىر نەچچە باغچە گىرەلىشىپ كەتكەن ئىكەن.


بىز كۆل بويىدىن ئۆتۈپ، بۇ كىچىك باغچىغا كەلدۇق، ئەمما، بۇ يەردە ئالا-بالداق كۆينىكىم ئەسقاتمىدى، قولۇمدىكى SONY تېلېكامېرانى كۆرۈپ تېخىمۇ ئىشەنمىدى. شۇڭا، بۇ يەردە تۇنجى قېتىم كىرىش بېلىتى ئالدى. بىز تاشكەنت سودا مەركىزى (Tashkent Business Center) بىناسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ رەسىمگە چۈشتۇق.


بۇ باغچىدا كەپتەر، ئاققۇ، غاز،…دېگەندەك ئۇچار قۇشلار كۆپ ئىدى. قاراڭ ماۋۇ ياپون باغچىسىدىكى كەپتەرلەرگە ئۇلار ياپونچە ياكى ئۆزبېكچە سايرىمايدىكەن. قارىغاندا، ھايۋانلارنىڭ ۋە قۇشلارنىڭ تىلى ھەقىقەتەنمۇ خەلقئارالىق تىل ئوخشايدۇ. بىزگە ئوخشاش جاپا تارتىپ، چەتئەل تىلى ئۆگىنىپمۇ يۈرمىگۈدەك.


ئەمما، بۇ باغچىدا يول بويىدىكى ئاۋۇ دەل-دەرخلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا پاكار گۈل-گىياھلار بىر قەدەر كۆپ ئىدى. قارىغاندا ھەقىقەتەنمۇ ياپونىيە مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەرگەن باغچە ئىكەن. بىز ئاساسلىقى نورۇز گۈلىنى كۆرۈپ باقايلى دېيىشكەنىدۇق.


قاراڭ، ئاۋۇ غازغا، ۋوي بۇ ئۆردەكمۇ يا؟ ھە تاپتىم غازنىڭ يېنىدا تۇرغىنى ئۆردەك ، ئۆردەكنىڭ يېنىدا تۇرغىنى غاز. بۇلار بىزنىمۇ رەسىمگە ئېلىپ يۈرۈيدىغۇ-دەپ ئويلاپ قالدىغۇ-دەيمەن. بۇ دېگەن سىپىرلىق ئاپپارات تۇرسا، ئارتۇق چىقىپ قالغانلىرىنى يۇيۇۋېتىشكە بولىدۇ-ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ماۋۇ تورداشلار چەتئەلنىڭ ئۇچار-قۇشلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقايلى-دېگەن تۇرسا.


ماۋۇ ئېگىز مۇنارنى كۆرگەنسىلەر؟ بۇ ھېلىقى تېلېۋىزىيە مۇنارى ئەمەسمۇ؟ ئوتتۇرا ئاسىيا ئاش (پولۇ ) مەركىزى دەل مۇشۇ يەردە. قارىغاندا بۈگۈن چۈشتە پولۇ يەيدىكەنمىز. تاشكەنت پولۇسىنى يېدۇق، سەمەرقەنتكە بارغاندا سەمەرقەنت پولۇسىنى يېدۇق، بۈگۈن ئەڭ ياخشىسى بۇخارا پولۇسىنى يەپ كۆرەيلى.


مانا، ئاخىرى نورۇز گۈلىنى كۆردۇق، ئەمما، باھار پەسلىدە كەلگەن بولساق، تېخىمۇ گۈزەل بولار ئىكەنتۇق. ياپونىيە باغچىسى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىگە ئوخشاش كىچىك بىر باغچە ئىكەن، لېكىن، مۇھىت ۋە كۆكەرتىش ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، خىلمۇ-خىل گۈل-گىياھ، ئۆسۈملۈك ۋە ئۇچار قۇشلارنى كۆرۈشكە بولاتتى.
================

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
10 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئاۋۇ KAYFIYAT BILAN YASHA دېگەن سۆزنىڭ يېنىدا GILAMLAR دەپ تۇرامدۇ نېمە ؟ قارغاندا ئۇ مەخسۇس گىلەم ساتىدىغان چوڭ بازار ئوخشىمامدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:33
    • شۇنداقتەك تۇرىدۇ، لېكىن بىز ئۇ يەرگە بېرىپ باقمىدۇق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:43
  • ئالىمكاvideo قاچانلىقتا ئىلان قىلىسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:30
    • ئالدىراش ئىشلىرىم تۈگىسىلا

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:04
  • سالام ئالىمكا ، بۇ يەرنىڭ ئومومىي جەھەتتىن دىيارىمىز بىلەن سېلىشتۇرسا تەرەققىياتى ئالدىمىزدىمىكەن ياكى بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزدىن تۆۋەنمىكەن ؟

    مەنغۇ رەسىملەردىن كۆرۈپ تەبىئىي گازدىن باشقىلىرىنى دىيارىمىزغا زادىلا تەڭ قىلالمىدىم …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:05
    • بۇنىڭ جاۋابى تەرەققىياتنى قانداق چۈشىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك،
      ئەگەر ئىقتىسادىي جەھەتتە دېسىڭىز، مەيلى دۆلەت ياكى پۇقرالارنىڭ بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي بىزدىن كۆپ تۆۋەن، يېقىندا يەنە مۇئاش بېرەلمەي چۈجە تارقىتىپ يۈرۈپتىغۇ؟!
      سودا-سارايلار، ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار كۆپ ئەمەس، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تېخى ياسالمىغان. بىر خىزمەتچىنىڭ بىر نەچچە يەردە خىزمىتى بولۇش ئادەتتىكى ئىش ئىكەن. ئۈرۈمچىگە سېلىشتۇرغاندا، تاشكەنتتە يەر ئاستى پويىز بار، تىراللىبوس بار، قاتناش قىستاڭ ئەمەس، شەھەرنىڭ مۇھىتى ياخشى، يېشىللىق، فونتان، دەل-دەرەخ كۆپ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:15
  • ئۇھ …ئەجەپ تەستە ئۇقۇپ بولدۇم سىزنىڭ ھەر -بىر تېمىلىرىڭىز شۇنداق ئەھمىيەتلىك بۇ قېتىمقىسىمۇ ھەم شۇنداق مەن بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن سىزگە ئۇتۇق مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:35
  • ھەقىقەتەن ياخشى يازما بوپتۇ ئالىمجان…
    ئاپاراتىڭىزنى شىڭجى قىلىۋالسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ…ساپلا ئاياللارنى رەسىمگە تارتىپ كەپسىز ئۇ يەردە…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:06
    • ئۆزبېكىستان دېسە، سىلەرمۇ شۇنى دەپ كىرگەنسىلەر بۇ يازمىغا؟
      ھازىر شۇڭا CANON 60D نى ئىشلىتىۋاتىمەن، پۈتۈنلەي تەبئەت مەنزىرلىرىنى تارتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:16
  • ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ساياھەت خاتىرڭىزنى 3-قېتىم ئۇقۇشىم بەك ياخشى چىقىپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:28