تەبىئەتنىڭ مۆجىزىلىرىدىن سىلەرمۇ زوق ئېلىڭلار
[ تاغدىن-باغدىن ]چېچەك پەسلى
بۇ يىل ئۈرۈمچىنىڭ باھار پەسلىدە ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق بولۇۋاتىدۇ، مېۋىلىك دەرەخلەرمۇ بەس-بەستە چېچەكلەپ ئاجايىپ چىرايلىق مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرۈۋېتىپتۇ، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، مەھەللىمىزنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بۇ چېچەكلەر دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتتى. مەنمۇ رەسىمگە تارتىشقا قىزىقىدىغان بولغاچقا، ئاپپاراتىمنى ئېلىپ چىقىپ، بۇ چېچەكلەرنى رەسىمگە تارتىۋالدىم. ئاۋۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بەرگەچ، تەبىئەتنىڭ بۇ مۆجىزىلىرىدىن سىلەرمۇ زوق ئېلىڭلار. بۇ رەسىملەرنىڭ چوڭلۇقى زىيادە چوڭ بولغاچقا، پەقەت كىچىكلىتىپ باشقا يەرگە چېقىلمىدىم.
بەزىلەر: «دەم ئېلىشنى بىلمىگەنلەر ئىشلەشنىمۇ بىلمەيدۇ»-دەپ قويىدىكەن. لېكىن، مېنىڭچە بولغاندا «ئىشلەشنى بىلمىگەنلەر، دەم ئېلىشنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ، چۈنكى، قەيەردە؟ قانداق دەم ئېلىش ئۈچۈنمۇ پىكىر قىلىش كېرەك، تېلېفوننى تاقاپ، ھېچ يەرگە چىقماي، يوتقانغا كىرىپ ئۇخلىسىلا دەم ئېلىش بولۇۋەرمەيدۇ، تەرتىپ ئادەتتە ئاۋۋال ئىشلەپ، ئاندىن دەم ئېلىش كېرەك، ئاندىن يەنە ئىشلەش كېرەك»، شۇڭا، مەيلى ئىدارە-ئورگاندا بولسۇن، مەيلى خۇسۇسىي كارخانىلاردا خىزمەت قىلسۇن، ئاۋۋال ئىشلەيدۇ، ئاندىن ئارام ئالىدۇ، 30 يىلدىن كېيىن رەسمىي دەم ئېلىشقا چىقىدۇ. قېنى سىلەرمۇ بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ دەم ئالغاچ، بۇ زادى قايسى مېۋىلىك دەرەخ ئىكەنلىكىنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. مېنىڭچە شەھەردە چوڭ بولغانلار بىلىپ كەتمەيدۇ، لېكىن، ساۋات خاراكتېرلىك بىلىم، بۇنى چوقۇم بىلمىسە بولمايدۇ.
ئاپپاراتنىڭ تىپى CANON 60D، تەپسىلاتى مانا:
CANON 60D
ئاپپارات كۆزى EF-S 17-85mm f/4-5.6 IS USM ، تەپسىلاتى مانا:
EF-S 17-85mm f/4-5.6 IS USM
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,223 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 13:23
- ئالدىنقى يازما :Explorer نى نېمە دەيمىز؟
- كېيىنكى يازما :ئۆزبېكىستانغا زىيارەت
بىر قارىسام ئۆرۈك چىچىكىگە ئوخشاۋاتىدۇ ، لېكىن قىزىللىق ئارتىپ كېتىپتۇ ، ئازراق بىخلانغان يوپۇرماقلىرى ئۆرۈكنىڭكىگە ئوخشاۋاتىدۇ .
بۇ شاپتۇل چىچىكى ئىكەن،شاپتۇل دەرىخى ئاۋۋال يۇپۇرماق چىقىرىپ چىچەك ئاچىدۇ.ئۆرۈك بولسا ئاۋۋال چىچەك ئىچىپ ،ئاندىن يۇپۇرماق چىقىرىدۇ.
بۇ مېۋىلىك دەرەخ ئەمەس پىرۇنۇس دەرىخى دىگەن دەرەخ ، ناھايىتى چىرايلىق گۈل ئېچىلىدۇ
ئىنىقلا شاپتۇل تۇرمامدۇ،ئۆرۈك ئاق چېچەلەيدۇ.بىزنىڭ بۇيەرلەردە چېچەك ئاللىقاچان توزۇپ ھېچنېمىسى قالمىدى.
جىڭتۇ(بۇنى نېمە دەيدىغاندۇ)نى تەڭشەيدىغان ئاپاراتتا ئوبىكىتنى ئېنىق، ئارقا كۈرۈنۈشنى سۇس قىلىپ تەڭشەپ تارتقىلى بولىدۇ
بۇ ئۈرۈمچىنىڭ شاپتۇل چېچىكىمۇ ياكى بىزنىڭ ئاقسۇ شايارنىڭ شاپتۇل چېچىكىمۇ؟
ھەر ھالدا سىزنىڭمۇ ئانچە مۇنچە سىرتلارغا چىققۇدەك ۋاقتىڭىز باركەن….
كومپيۇتېرىمغا بىر پىروگراممىنى ئىجرا قىلدۇرۇپ قويۇپ، 20-30 مىنۇت ئايلىنىپ كىرگەن ئىدىم، تۆنۈگۈن قارىسام بۇ چېچەكلەر ئەمدى قالماپتۇ.
قانداق ئاپاراتلار پەقەت نوقتىلىق ئوبىكىتنى ئىنىق، ئۇنىڭ كەينىدىكى نوقتىلىق بولمىغانلىرىنى غۇۋا قىلىپ تارتىدۇ. نىمىشقا ھەممىسىنى ئىنىق تارتمايدۇ؟
ئېنىق شاپتۇلنىڭ. ئۈرۈكنىڭ قىزىل بولمايدۇ.
يۇپۇرمدقلىرىدىن قارىغاندا شاپتۇل چىچىگى ئەمەس . مىنىڭچە بىرخىل مەنزىرە دەرخىدەك قىلىدۇ
ھەجەپ سېغىندىم جۇمۇ ئانا ۋەتەننى . بۇ يەردە بۇ خىلدكى دەرەخنى ساكۇرا دەيدۇ . يا بىزنىڭكىدەك مىۋە بەرمەيدۇ ، يا چىچىكى ئۇزاقراق تۇرمايدۇ . 3 كۈننىڭ ئىچىدىلا ئېچىلىپ تۈگەيدۇ . شۇنىڭغا قارىماي ياپۇنلۇق ساكۇرا دىسە ئۆلەپ بەرمىسىمۇ كېسەل بولۇپ بەرگىلى تاس قالىدۇ . ساكۇرا توغرىسىدىكى كىتابلارنىڭ جىقلىقىدىن ، تەتقىقاتلارنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇرلىقىدىن ئىچىڭىز ئېلىشىدۇ . بەزىدە بىز قاچانمۇ مۇشۇنداق بولارمىز دەپ ئويلاپ قالىمەن . ئويلاپ باقسام بۇلاردەك بولۇش ئۈچۈن بىز ئۈچۈن ئۇنچىلىك جىق ۋاقىتمۇ كەتمەسمىكىن دەيمەن . چۈنكى بۇ پاكىنەكلەر 1870 يىللىرىدىن باشلاپ زامانىۋى مائارىپ ۋە مەدىنيەت ئىسلاھاتى ئېلىپ ېرىپ 30 يىلغا يەتمىگەن ، تارىخقا نىسپەتەن بىر ئاش پىشىم ۋاقىتچىلىك ھېساپلىنىدىغان قىسقىغىنە بىر ۋاقىتتا 300 يىلدىن بېرى دۇنياغا پاتماي ، شەرىق ۋە غەرىپكە شامال تېزلىكىدە توختاۋسىز كېڭىيىپ كېلىۋاتقان چار پادىشاھ ئىمپېريىسىنى شىمالى ئاسىيا رايۇندا ئانا-مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىپ ئاغىز -بۇرنىنى ئوبدانلا ئوڭشاپ قويدى .
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قىزىل كۆل بويىدىكى شاپتۇلنىڭ چېچەكلىرىكەن. چىقىپ ئاپا مەكتەپنى بىر كۆرۈپ كېلىدىغان يەرگىمۇ كەپتۇ. ئارىلىق بىر كلومېترغا يەتمەي تۇرۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن تۆت يىلدىن بېرى ئارران بىر قېتىم چىقىپ بېقىپتىمەن. تۆۋە دېمىسە بىكار جۇمۇ. چىقسام تېخى شۇنداق ئېگىز بىنا چۈشۈپ كېتىپتىكەن قىشتا چىققاندا.
شاپتۇل چېچىكى بۇ.