ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى ئېچىلدى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ](1) ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىغا كىرىش
ئۇيغۇرسوفت ئورگان بېتى ياكى ئالىم ئەھەت بىلوگىغا كىرىپ، ئۈستىدىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى «دۇكان»نى چەكسىڭىز تور دۇكانغا كىرىسىز، ئاستىدىكى «يۇمشاق دېتال تىزىملاش» بېتىگە كىرسىڭىز يۇمشاق دېتاللارنى تىزىملىيالايسىز.
ئالىم ئەھەت بىلوگىنىڭ ئۈستى ئوتتۇرىدىكى ئېلاننى چەكسىڭىزلا بولىدۇ.
===============================================
(2) تور دۇكاندىن يۇمشاق دېتال سېتىۋېلىش
سول تەرەپتىكى قىزىل رامكا ئىچىگە ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە تېلېفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ، «سېتىۋېلىش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
ئەلى چىقىمدانى (支付宝) تورىغا كىرىپ، ھەق تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ، يەنى تېلېفونىڭىزدىكى ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئەپىنى ئېچىپ، كۆرۈنگەن ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، مەخپىي نومۇرىڭىزنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، ياكى ئوڭ تەرەپتىكى تېلېفونۇم ياندا ئەمەس (手机不在身边) دېگەن خەتنى باسسىڭىز، ئەلى چىقىمدانى (支付宝) نامىڭىز ۋە پارولىڭىزنى كىرگۈزۈپمۇ ھەق تولىيەلەيسىز. مال سېتىۋېلىش ۋە پۇل تۆلەش شۇنداق ئاددىي، سىناپ بېقىڭ.
دىققەت: پۇل تۆلەش جەريانىدا كۆزنەكلەرنى مەجبۇرىي يېپىۋەتمەڭ، ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن يېپىلىدۇ، زادى يېپىلمىسا 返回商户的网站 سودىگەرنىڭ بېتىگە قايتىشنى باسسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئەڭ ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت نومۇرى ۋە توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئوبدان ساقلاڭ ياكى تېلېفونىڭىزدا رەسىمگە تارتىۋېلىڭ.
=================================================
(3) يۇمشاق دېتال تىزىملاش
ئەۋەتكەن ئۇلانمىدىن يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز، تۆۋەندىكى جايدا توختايسىز.
ئاندىن «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال تىزىملاش» بېتىگە كىرىپ يۇمشاق دېتالنى تىزىملاڭ، ئۇيغۇرسوفت ئورگان تور بېكىتىنىڭ سول تەرەپتىكى «دۇكان»نىڭ ئىچىدىكى «يۇمشاق دېتال تىزىملاش»نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
http//register.uighursoft.com
===================================
http//register.uighursoft.com
بۇ رەسىمنى باسسىڭىز يۇمشاق دېتال تىزىملاش بېتىگە ئالمىشىدۇ، ئاندىن مۇلازىمەت نومۇرىنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈڭ.
===========================
http://www.uighursoft.com/ug-CN/contact.html
===============================
==============
سىزدە يەنە ئۇيغۇرسوفت مۇلازىمەت نومۇرى بولسا تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، ناۋادا ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇڭ ياكى ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,640 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:38
- ئالدىنقى يازما :Illegal law
- كېيىنكى يازما :Require help formulating a Eulogy?
مۇئەللىم مەن ئالدىنقى قېتىم ئالغان ئىككى نۇسخا 5.9 نىڭ نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ھەر ئىككىلسىنى تېخى چۈشۈرۈپ قاچىلمىغان. بۇنى تاپقىلى بۇلامدۇ ؟! تېلفۇن نۇمۇرۇم
159***630
بولىدۇ، بىزنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورنىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. 0991-2813300
مۇئەللىم مەن ئالدىنقى قېتىم ئالغان ئىككى نۇسخا 5.9 نىڭ نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ھەر ئىككىلسىنى تېخى چۈشۈرۈپ قاچىلمىغان. بۇنى تاپقىلى بۇلامدۇ ؟!
بولىدۇ، سېتىۋالغاندا تولدۇرغان تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز، سىزگە تېپىپ بېرىدۇ. مۇلازىمەت ئورنىمىزنىڭ تېلېفون نومۇرى: 2813300
ئالىم مۇئەللىم، مۇشۇ ئەلىپاي پۇل تۆلەش سۇپىسىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەر كېتىدىغاندۇ ؟