ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى ئېچىلدى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ](1) ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىغا كىرىش
ئۇيغۇرسوفت ئورگان بېتى ياكى ئالىم ئەھەت بىلوگىغا كىرىپ، ئۈستىدىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى «دۇكان»نى چەكسىڭىز تور دۇكانغا كىرىسىز، ئاستىدىكى «يۇمشاق دېتال تىزىملاش» بېتىگە كىرسىڭىز يۇمشاق دېتاللارنى تىزىملىيالايسىز.
ئالىم ئەھەت بىلوگىنىڭ ئۈستى ئوتتۇرىدىكى ئېلاننى چەكسىڭىزلا بولىدۇ.
===============================================
(2) تور دۇكاندىن يۇمشاق دېتال سېتىۋېلىش
سول تەرەپتىكى قىزىل رامكا ئىچىگە ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە تېلېفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ، «سېتىۋېلىش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
ئەلى چىقىمدانى (支付宝) تورىغا كىرىپ، ھەق تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ، يەنى تېلېفونىڭىزدىكى ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئەپىنى ئېچىپ، كۆرۈنگەن ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، مەخپىي نومۇرىڭىزنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، ياكى ئوڭ تەرەپتىكى تېلېفونۇم ياندا ئەمەس (手机不在身边) دېگەن خەتنى باسسىڭىز، ئەلى چىقىمدانى (支付宝) نامىڭىز ۋە پارولىڭىزنى كىرگۈزۈپمۇ ھەق تولىيەلەيسىز. مال سېتىۋېلىش ۋە پۇل تۆلەش شۇنداق ئاددىي، سىناپ بېقىڭ.
دىققەت: پۇل تۆلەش جەريانىدا كۆزنەكلەرنى مەجبۇرىي يېپىۋەتمەڭ، ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن يېپىلىدۇ، زادى يېپىلمىسا 返回商户的网站 سودىگەرنىڭ بېتىگە قايتىشنى باسسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئەڭ ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت نومۇرى ۋە توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئوبدان ساقلاڭ ياكى تېلېفونىڭىزدا رەسىمگە تارتىۋېلىڭ.
=================================================
(3) يۇمشاق دېتال تىزىملاش
ئەۋەتكەن ئۇلانمىدىن يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز، تۆۋەندىكى جايدا توختايسىز.
ئاندىن «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال تىزىملاش» بېتىگە كىرىپ يۇمشاق دېتالنى تىزىملاڭ، ئۇيغۇرسوفت ئورگان تور بېكىتىنىڭ سول تەرەپتىكى «دۇكان»نىڭ ئىچىدىكى «يۇمشاق دېتال تىزىملاش»نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
http//register.uighursoft.com
===================================
http//register.uighursoft.com
بۇ رەسىمنى باسسىڭىز يۇمشاق دېتال تىزىملاش بېتىگە ئالمىشىدۇ، ئاندىن مۇلازىمەت نومۇرىنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈڭ.
===========================
http://www.uighursoft.com/ug-CN/contact.html
===============================
==============
سىزدە يەنە ئۇيغۇرسوفت مۇلازىمەت نومۇرى بولسا تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، ناۋادا ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇڭ ياكى ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,637 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:38
- ئالدىنقى يازما :Illegal law
- كېيىنكى يازما :Require help formulating a Eulogy?
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،تەرجىمە ياردەچىسگە جۈملە ئامبىرى قاچلىنىش خىلى ياخشى بولۋاتامدۇ ؟ قانچلىك جۈملە ئامبىرى بولسا گوگىل تەرجىمانىغا ئىلتىماس قىلغىلى بولدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىنتايىن ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بىرەر مىليون جۈملە ئامبىرى بولسا مۇمكىن بولارمىكىن دەيمەنغۇ.
ماڭا ئەۋەتكەن ئادىرىستىن چۈشۇر گەننى يۇيۇپ تاشلاپتىمەن.دۇكاندىن چۇشۇرگىنىم ھەقسىز نەشرى بۇلۇپ چىقتى. چۈشۈر دىغان يەردە ھەقسىزنەشرى، شەخىسلەرنەشرى، كارخانانەشرى، دەپ يوقكەنيا! قايتاچۈشۈرۈش ئادىرسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز غۇ ياخشى بۇلاتتى.1120204240@qq.com
ماڭا ئەۋەتكەن ئادىرىستىن چۈشۇر گەننى يۇيۇپ تاشلاپتىمەن.دۇكاندىن چۇشۇرگىنىم ھەقسىز نەشرى بۇلۇپ چىقتى. چۈشۈر دىغان يەردە ھەقسىزنەشرى، شەخىسلەرنەشرى، كارخانانەشرى، دەپ يوقكەنيا! قايتاچۈشۈرۈش ئادىرسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز غۇ ياخشى بۇلاتتى.
مەن سېتىۋالغاندا ئەۋەتكەن ئادىرىستىن چۇشۇرگەن بىراق تارقاتقۇچسى نامەلۇم دەپ چىقىۋېلىپ قاچىلانمىدى. يۇيۇپ چىقىرۋىتىپ ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىدىن چۇشۇرگەن ئىدىم قاچىلاندى بىراق، ھەقسىز نەشرى ئىكەن. قايتا-قايتا سىنىغان بولساممۇ ئەپلەشمىدى.
نامەلۇم دېگەن بولسا، «داۋاملىق قاچىلايمەن» دېگەننى بېسىڭ، ياكى ئۇقتۇرۇش مەركىزىنى ئېتىپ قويۇپ، ياكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ قويۇپ قايتا قوزغاتسىڭىز، ئۇنداق دېمەي قاچىلاۋېرىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم! ھېلىقى تاختا كومپىيۇتىرنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتە قىلالىغانسىزمۇ؟
ياق قىلالمىدىم، كەچۈرۈڭ، يېقىندا مەكتەپتە ئۆگىنىش، جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي پائالىيەت، شىركىتىمدە نۇرغۇن يېڭىلىق بىلەن بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. مېنىڭچە ئۇ نەرسە ئۇنداق ئاسان بۇزۇلمايدۇ. نورمال توك ئۆتكەن بولسا، ئېكران يورۇغان بولسا، بارماق دىسكا ئارقىلىق سىستېمىنى قايتا قاچىلاپ بېقىڭ. مېنىڭچە ئادەتتىكى چوڭ كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلىيالايدىغان بالىلار ئۇنىڭ سىستېمىسىنى قاچىلاپ بېرەلەيدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم !!؟
ئەلكاتىپ 5.9 نىڭ شەخىسلەر نوسقىسىنى چۈشۈرەلمىدىم چۈشۈرۈش ئادىرىسى كۆرۈنمىدى ؟ تېلفۇن نومۇرىم 13899488373
订单号: TRADE20150831112239659 ، قانداق قىلارمەن پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغان ئىدىم !!!!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
مەن تەكشۈرۈپ باقتىم، ئەمما سىز پۇل تۆلەش باسقۇچىغا كېلىپ، كەينىگە يېنىپ كېتىپسىز،
2321 ToBeFilledByAlipay ئەكبەر ئۆزخان 13899488373 TRADE20150831112239659 2015-08-31 11:22:39.660
پۇل تۆلەش ئوڭۇشلۇق بولسا، ئەلى چىقىمدانى بۇ يەرگە ToBeFilledByAlipay دەپ يازماستىن، سىزنىڭ ئەلى چىقىمدانى نامىڭىزنى يازاتتى، ئاندىن بىزنىڭ بۇ سىستېمىمىز، سىزگە چۈشۈرۈش ئادرېسىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى.
خاپا بولماي تور بانكىسىغا كىرىپ، پۇلىڭىزنىڭ چىقىم ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقسىڭىز؟
سېتىۋالغان بولسىڭىز، مېنىڭ ئۈندىدارىمغىمۇ ئاپتوماتىك ئۇچۇر كىرەتتى. زادى بولمىسا مەن بىرنى سېتىۋېلىپ، سىزگە بىرنى ئەۋەتىپ بېرەي، ھازىر ماڭدۇرۇۋەتتىم تېلېفونىڭىزغا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم !!؟
مەن ئەلكاتىپ 5.9 نىڭ شەخىسلەر نوسقىسىنى ستىۋالغان ئىدىم چۈشۈرەلمىدىم چۈشۈرۈش ئادىرىسى كۆرۈنمىدى ؟ تېلفۇن نومۇرىم 13899488373
订单号: TRADE20150831112239659 ، قانداق قىلارمەن پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغان ئىدىم !!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم !!؟
مەن ئەلكاتىپ 5.9 نىڭ شەخىسلەر نوسقىسىنى ستىۋالغان ئىدىم چۈشۈرەلمىدىم چۈشۈرۈش ئادىرىسى كۆرۈنمىدى ؟ شۇڭا كۆزنەكنى تاقاپ توردىن چۈشكەن ئىدىم ، قانداق قىلارمەن پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغان ئىدىم !!!!
ھەرگىز يوقاپ كەتمەيدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ، سېتىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى بارلىق ھالەتلەر بىزنىڭ بۇلۇت مۇلازىمىتېرىدا ساقلىنىپ ماڭىدۇ، تېلېفون نومۇرىڭىز بويىچە تەكشۈرۈشكە بولىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قىرىنداشلار! مەنمۇ بۇ ئەپنى سېتىۋىلىپ قاچىلىغان ئىدىم. كود ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ئىشلەۋاتىدۇ، ئىملا توغۇرلاش ئىقتىدارى ئىچىلمىدى. بۇنى يەنە قايتا سېتىۋىلىشىم كىرەكمۇ ياكى باشقا توغۇرلايدىغان جايلىرى بارمىدۇ؟
مەنمۇ سېتىۋالدىم. ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىگە تەشەككۈر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم مەن كۆزنەك 10 غا ئەلكاتىپنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن خەنزۇچە خەت يازغاندا بەزى خاتالىقلار كۆرۈلدى. مەسىلەن‹ fu甫›خېتىنى يازغاندا باشقا《fu 符》 خېتى چىقىۋالدى. بۇ ئەلكاتىپنىڭ كاشىلىسىمۇ ياكى كۆزنەك 10 نىڭ مۇ بىلەلمىدىم، يەنە بىر گەپ بۇ مەنبەدىكى ?p=5135 سۇئالىمغىمۇ جاۋاب بىرۋەتكەن بولسىلا. ئاۋارە قىلدىم.
مەن ئوڭۇشلۇق سېتىۋالدىم ، ئەمما ۇمشاق دېتال تىزىملاش بېتى ئۇلانمىسىنى چەكسەم ، بۇ بەت مەۋجۇت ئەمەس ياكى ئۆچۈرۈلگەن دەپ چىقىۋىلىپ ، دېتالنى تىزىملىتىشقا ئىمكان بولمىدى ، مۇئەللىم …
كومىيۇتىر نومۇرى : 3233 – 4748 – 1412 – 4610
register.uighursoft.com
ھازىر سېتىۋېلىپ قاچان قاچىلىۋالساق بولامدىغاندۇ؟
مەنمۇ ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىنى سېتىۋىلىپ ئىشلەتكەن ئېدىم ، قاچىلىغان سېستىما كۆزنەك يەتتە بولۇپ ، ھەر قىتىم قاچىلىسىام (ئوخشىمىغان دەيدىن قاچىلىغان گوسىت نۇسخا ) كومپىيۇتىر نۇمۇرى ھەر خىل چىقىۋالدى ، ئەمما بۇرۇنىقى تىزىملاش نۇمۇرىنى كىرگۇزسەم يەنىلا نۇرمال ئىشلەۋاتىدۇ ، ھەيرانمەن …
ئەمما مەن ئۇيغۇر سوفىتنىڭ مۇلازىمىتىدىن رازى ، ھەر قىتىم تىلىفۇن قىلسام ، يىتەرلىك جاۋاپقا ئىرىشەلەيمەن ….
يىڭى لوغەت قاچان بازارغا چىقار ….
بىزنى قوللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت، يېڭى لۇغەت چىقىدىغانغا ئاز قالدى.
باياتىن ئۇيغۇرسوفت شىركىتى سىتىش بۆلۈمىگە تىلفۇن قىلىپ، تىزىملاش نومۇرىغا مۇاپىقيەتلىك ئىرىشتىم. ھازىر ئەلكاتىپ 5.9نى كومپىيوتېرىمغا مۇاپىقيەتلىك قاچىلاپ بولدۇم. ئەسلىدە مەن ئاخشام تازا ئۇيقۇم كىلىپ تۇرغان ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلغانلىقتىن، مۇلازىمەت نومۇرىنى كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا خاتا كۆچۈرۈپ قويۇپتىكەنمەن. بەكرەك ئىزدىنىپ باقمايلا مۇشۇ يەرگە خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈلدى دەپ يىزىپتىمەن. تازا بىر سەت ئىش بولدى. ئالىم مۇئەللىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.