ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى ئېچىلدى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ](1) ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىغا كىرىش
ئۇيغۇرسوفت ئورگان بېتى ياكى ئالىم ئەھەت بىلوگىغا كىرىپ، ئۈستىدىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى «دۇكان»نى چەكسىڭىز تور دۇكانغا كىرىسىز، ئاستىدىكى «يۇمشاق دېتال تىزىملاش» بېتىگە كىرسىڭىز يۇمشاق دېتاللارنى تىزىملىيالايسىز.
ئالىم ئەھەت بىلوگىنىڭ ئۈستى ئوتتۇرىدىكى ئېلاننى چەكسىڭىزلا بولىدۇ.
===============================================
(2) تور دۇكاندىن يۇمشاق دېتال سېتىۋېلىش
سول تەرەپتىكى قىزىل رامكا ئىچىگە ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە تېلېفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ، «سېتىۋېلىش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
ئەلى چىقىمدانى (支付宝) تورىغا كىرىپ، ھەق تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ، يەنى تېلېفونىڭىزدىكى ئەلى چىقىمدانى (支付宝) ئەپىنى ئېچىپ، كۆرۈنگەن ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، مەخپىي نومۇرىڭىزنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، ياكى ئوڭ تەرەپتىكى تېلېفونۇم ياندا ئەمەس (手机不在身边) دېگەن خەتنى باسسىڭىز، ئەلى چىقىمدانى (支付宝) نامىڭىز ۋە پارولىڭىزنى كىرگۈزۈپمۇ ھەق تولىيەلەيسىز. مال سېتىۋېلىش ۋە پۇل تۆلەش شۇنداق ئاددىي، سىناپ بېقىڭ.
دىققەت: پۇل تۆلەش جەريانىدا كۆزنەكلەرنى مەجبۇرىي يېپىۋەتمەڭ، ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن يېپىلىدۇ، زادى يېپىلمىسا 返回商户的网站 سودىگەرنىڭ بېتىگە قايتىشنى باسسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئەڭ ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت نومۇرى ۋە توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئوبدان ساقلاڭ ياكى تېلېفونىڭىزدا رەسىمگە تارتىۋېلىڭ.
=================================================
(3) يۇمشاق دېتال تىزىملاش
ئەۋەتكەن ئۇلانمىدىن يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز، تۆۋەندىكى جايدا توختايسىز.
ئاندىن «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال تىزىملاش» بېتىگە كىرىپ يۇمشاق دېتالنى تىزىملاڭ، ئۇيغۇرسوفت ئورگان تور بېكىتىنىڭ سول تەرەپتىكى «دۇكان»نىڭ ئىچىدىكى «يۇمشاق دېتال تىزىملاش»نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
http//register.uighursoft.com
===================================
http//register.uighursoft.com
بۇ رەسىمنى باسسىڭىز يۇمشاق دېتال تىزىملاش بېتىگە ئالمىشىدۇ، ئاندىن مۇلازىمەت نومۇرىنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈڭ.
===========================
http://www.uighursoft.com/ug-CN/contact.html
===============================
==============
سىزدە يەنە ئۇيغۇرسوفت مۇلازىمەت نومۇرى بولسا تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، ناۋادا ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇڭ ياكى ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,639 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:38
- ئالدىنقى يازما :Illegal law
- كېيىنكى يازما :Require help formulating a Eulogy?
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن ئەلكاتىپ 5.9نىڭ شەخىسلەر نۇسخىسىنى ئۈندىدار دۇكىنىدىن سېتىۋالغان، ئەمما ئۈندىداردىكى پاراڭ خاتىرسىنى تازلىغۇچە ئېھتىياتسىزلىقتىن مۇلازىمەت نۇمۇرىنىمۇ ئۆچۈرۋىتىپ قاپتىمەن، نۇمۇرنى تېپىشنىڭ ئامالى بارمۇ؟ ياكى يېڭىدىن سېتىۋالامدىم؟
مۇلازىمەت ئورنىمىزغا تېلېفون قىلىپ، سېتىۋالغاندا تولدۇرغان تېلېفون نومۇرىڭىز ۋە ئىسمىڭىز ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىپ تاپالايسىز. ئەمدى پۇختا ساقلاڭ.
ئالىم مۇئەللىم ،مەنمۇ ئەلكاتىپ5.9نى سېتىۋالغان ،لىكىن چۈشۈرۈش ئادرىسى كۆرۈنمىدى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز. تېلفۇن 13779727206، تېلفونغا كەلگەن ئۇچۇرمۇ تولۇق ئەمەس، 360 تور كۆرگۈچىسنى ئىشلىتۋاپتىكەنمەن ئۆزەمدىن كىتىپتۇ.
ئۇيغۇر سوفت ئەلكاتىپ5.9نەشىرىنى سېتىۋالدىم، ئۇنى پەقەت بىر كومپىيوتېرغىلا قاچىلىغىلى بولامدۇ ياكى يەنە بىر كومپىيوتېرغىمۇ قوشۇپ قاچىلىغىلى بولامدۇ
ئالىم مۇئەللىم ماڭا بۈگۈنگىچە تىزىملاش مۇلازىمەت نومۇرى كەلمىدى ،بۇنېمە ئىشتۇ ؟
كەلمىگەن بولسا پۇل تۆلەپ بولغان بەتتە كۆرسىتىدۇ، مۇلازىمەت ئورنىمىزنىڭ نومۇرى 2813300 غا تېل قىلىپ سۈرۈشتە قىلىڭ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن سېتىۋېلىپ بولغان، لىكىن تىلفۇنۇمغا ئۇچۇر كەلمىدى، تىلفۇن نۇمۇرۇم: 13999644878. تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز.
بېيجىڭ ۋاقتى 2015-09-05 18:20:43 دا سىزگە ئۇچۇر يوللاپتىكەن، تېلېفونىڭىزنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ بېقىڭ.
=====================
【维软公司】尊敬的570XXX091@qq.com,感谢您购买(Uighursoft ALKATIP 5.9,下载地址:http://www.uighursoft.com/download/XXXXXXXX.zip)。您的服务卡号码为1292-6313-XXXX-XXXX。请访问维软官网获取注册密码,如需帮助请致电0991-2813300, 2839871 请访问register.uighursoft.com获取注册密码。。
==============================
مەن بايا يەنە يوللىۋەتتىم،
ئالىم مۇئەللىم رەھمەت سىزگە سىز ئەۋەتىپ بەرگەن ئەلكاتىپ 5.9 نىڭ شەخىسلەر نۇسقىسىنى ئوڭۇشلۇق چۈشۈرۈپ ، قاچىلىۋالدىم ، سىزنى ئاۋارە قىلدىم ،رەھمەت !! تېنىڭىز سالامەت ، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئالىم مۇئەللىم ھېچ ئۇچۇر كەلمەيدىغۇ؟ پۇل تۆلىنىپتۇ بولمىسا
商户订单号 TRADE20150831005522409
مىنىڭ مۇ شۇنداق بوپ قالدى زاپاسلىغان ھۆججەت مۇ يوق 无法恢复دەپ چىقىۋال دى قانداق قىلسام بولدۇ؟ ياردەم قىلسىڭىز بۇنداق بولۇپ قالغان پەت كۆپ ئوخشايدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ماۋۇ ۋىن 10 نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10532 دا ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى نەشىردە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوقاپ كەتتى
ئۇنىڭ ئالدىدىكى نەشىرلىرىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە ئىشلىتىۋاتاتتىم مۇشۇ 10532 دىگەن نەشىردىكى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدىكى نەشىرگە كۆتۈرۈپتىمەن ئۇيغۇرتىلى غايىپ بولدى مۇشۇ 2 نەشىردە ئۇيغۇرتىلى تىل بولىقى يوق لېكىن ئەپلەردە ئۆزگۈرۈش يوق ئەپلەر ئۇيغۇرچە مۇشۇ سېستىما خەتلىرى ئۇيغۇرچىدىن نەشىر كۆتۈرۈپتىمەن خەنزۇچىغا ئايلىنىپ قالدى تىل بولىقى ئالماشتۇردىغان يەرگىمۇ قارىدىم يوق يا بىر تىل بولىقى چۈشۈرۈش ئۇچۇرى كەلمىدى مۇشۇنى بىر تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن 10532 غا كۆتۈرگەنلەر بولسا سىلەرنىڭ قانداق ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بارمۇ يوق ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم! مەن سېتىۋېلىپ بولغان لىكىن تىلفۇنۇمغا ئۇچۇر كەلمىدى، تىلفۇن نۇمۇرۇم 13779840953 تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز! يۇمشاق دىتال تىزىملايدىغان يىرىدە توختاپ قالدىم.
ئۇنداقتا مۇلازىمەت نومۇرى ۋە چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بەتتە كۆرسىتىپ بېرەتتى، تەكشۈرۈپ باقسام سىزگە مۇنداق ئۇچۇرنى ئەۋەتىپتۇ، ئاۋۇ ئالدىدىكى تېلېفون نومۇرى ئەلى چىقىمدانىڭىزنىڭ ئادرېسى ئىكەن
【维软公司】尊敬的18099577643,感谢您购买(Uighursoft ALKATIP 5.9,下载地址:http://www.uighursoft.com/XXXXXXX/XXXXXX.zip)。您的服务卡号码为1291-9617-XXXX-XXXX。请访问维软官网获取注册密码,如需帮助请致电0991-2813300, 2839871 请访问register.uighursoft.com获取注册密码。。
يەنە مۇناسىۋەتسىز تېمىنى سورايدىغان بولدۇم مۇئەللىم، wp10 رەسمىي نەشىرىنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىنىق مەلۇمات يوقمۇ؟ ئاۋارە قىلدىم…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم! تور دۇكىنىڭىزدىكى ئىسىم كىرگۈزىدىغان يەرگە ئەلى چىقىمدانىغا تىزىملاتقان ئىسىمنى كىرگۈزەمدۇق ياكى قانداقلا ئىسىم بولسا بۇلىۋىرەمدۇ؟ مەنمۇ سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم! ھەراس مۇشۇبەتتىكى ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ئىنكاسىمغا جاۋاپ قايتۇرىۋەتكەن بولسىڭىز! رەھمەت!
ياق، خالىغانچە ئىسىم كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ، ئەمما يان تېلېفون نومۇرىڭىز توغرا بولسۇن، چۈنكى ھازىر تېلېفونىڭىزغا ئۇچۇر بارىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم !
ئۇيغۇر سوفىت شېركىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتىڭىز ھەم قوشىۋاتىسىز، سىز ۋە تۆھپىكارلار جاپا تارتىڭلار !
مۇنداق مەسىلە بايقاپ قالدىم:
register.uighursoft.com تور ئارقىلىڭ ئۆزۈمنىڭ ھېساۋاتىنى تەكشۈرۈپ بېقىش قىزغىنلىقىدا مۇلازىمەت نومۇرىنى كىرگۈزسەم ئۇچۇر چىقتى. لېكىن XXX YYY دېگەندەك ئابۇنت، تېلىفۇن نومۇر ئىتونىدا تۇرىدۇ، ئۆزگەرتىش نىيتىدە تىزىملاتتىم، لېكىن ھېچقانداق ئىنكاس بايقىمىدىم، نەچچە رەت بېسىپتىمەن، يەنە شۇ پېتى، قايتىدىن تەكشۈرسەم تەكرار تىزىملىنىپ كېتىپتۇ.
تەكلىپ:
مۇمكىن بولسا تىزىملاش دېگەن كونۇپكىنى باسقاندا «ئۇچۇرلىرىڭىز ئاكىتىپلاندى» ياكى ئېيتاۋۇر مۇشۇنىڭدەك بىر ئەسكەرتىش چىقسا، ئەگەر تىزىم ئۇچۇرلىرى بولسا، ساندانغا يېزىش باشقۇچىنى تاماملىماي «ئاكىتىپلانغان ئۇچۇرلىرىڭىز باركەن» دېگەندەك دوستانە ئەسكەرتىش چىققان بولسا.
بۇنداق بولغاندا ئۇچۇرلارنىڭ ساندانغا تەكرار يېزىلىشتىن ساقلانغىلى ھەم مەشغۇلات قىلغان ئادەمگە ئېنىق مەشغۇلات ئۇچۇرلىرىنى بەرگىلى بولاتتى.
ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق، تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى تىلەيمەن.
كۆپ رەھمەت، پىكىرلىرىڭىز ئىنتايىن توغرا، بىر-ئىككى كۈندىن بۇيان تېلېفونغا ئۇچۇر كېلىدىغان ئىقتىدار بىلەن بولۇپ كەتتۇق، مېنىڭ پىكىرىم يۇمشاق دېتالنى قاچىلىغان ۋاقىتتىلا تىزىملاش ۋە ئاكتىپلاش، شۇنداق بولغاندا بۇ تور بېكەتنىڭمۇ ھازىرچە لازىمى قالمايدۇ، ئاندىن سىزنىڭ پىكىرىڭىز بىلەن بىردەك بولسۇن ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفت خېرىدارلار مەركىزى قۇرۇپ چىقىپ، ھەربىر خېرىدار ئۆزىنىڭ تېلېفونى ياكى مۇلازىمەت نومۇرى ئارقىلىق سىستېمىمىزغا تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن، ئەزالىق ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە ئاكتىپلاش ھوقۇقىنى بەرمەكچى ئىدۇق، ياخشى تەكلىپ-پىكىرىڭىزگە رەھمەت.
ئالىم مۇئەللىم ،مەنمۇ ئەلكاتىپ5.9نى سېتىۋالغان پۇل تۆلەش مۇۋاپپىقيەتلىك بولدى دەپ چىققان ،لىكىن چۈشۈرۈش ئادرىسى كۆرۈنمىدى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز. تېلفۇن 15609985003
پۇل تۆلەش ئوڭۇشلۇق بولسا، شۇ بەتنىڭ ئاستىدا كۆرۈنىدۇ،ماۋۇ تېمىدىكى رەسىمگە قاراڭ. ھازىر تېلېفونۇڭلارغا ئۇچۇر بارىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭلار. بۇمۇ ھەم سىستېما تەرىپىدىن خاتىرىلىنىدۇ.
ئۆزۈم بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ ۋىن10 نى قاچىلىدىم، لىكىن ئىكران بارماق تۇنۇمىدى، يەنە باتارىيە بەلگىسىمو يوق، مائۇس چېتىپ ئىشلەتكىلى بۇلىدىكەن، بىراق بۇنداق ئىشلەتسە بەك قۇلايسىزكەن! يەنەكىلىپ سىستىما ئاكتىپلانمىغاچقا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي سىزدىن ياردەم سۇرىغان ئىدىم! مۇمكىن بولسا دۇكىنىڭىزغا ئەۋەتسەم سىز ۋاقتىڭىز چىقسا كۈرۈپ باقسىڭىزمۇ، ياكى مىكروسۇفىت دۇكىنىغا ئەۋەتىپ سىستىمىنى قاچىلىتىپ بەرسىڭىزمۇ بۇلاتتى قانچىلىك چىقىم كەتسە مەيلى ئىدى! يەنە لوغەت سېتىۋالماقچى ئىدىم ، لوغەتنى ئاشۇ تاختا كومپىيۇتىردا ئىشلەتمەكچىتىم. كومپىيۇتىر ئوڭشىلىپ قالسا لوغەتنى شۇنىڭغا قاچىلاپلا ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ بۇلاتتى!
مېنىڭچە ئەسلىي سىستېمىنى ياندۇرۇڭ، يەنى زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرۇپ، Windows 8.1 غا ئەكەلسىڭىز، ئۆزى دەرھال Windows 10 غا يېڭىلايمەن دەيدۇ، مېنىڭ بىرنەچچە تونۇشلىرىممۇ بۇ كومپيۇتېرنىڭ سىستېمىسىنى Windows 10 غا كۆتۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىدۇ،