ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق) ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئالدى بىلەن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق)نى كۆرۈپ بېقىڭ، ئىشلىتىش، ئىزدەش جەھەتتە ھېچقانداق چەكلىمە يوق، پۈتۈنلەي ھەقسىز لۇغەت. ئېكران كۆرۈنۈشلىرى مانا:
خەنزۇچە خەت، سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
خەنزۇچە پىنيىن ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئىزدەش مەزمۇنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش، پەرقى يوق.
تۈركچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
(ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىۋاسىتە چىقىرىشقا بولمايدىغان ئالاھىدە ھەرپلەرنى شۇنىڭغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشايدىغان لاتىنچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە تۈركچە بىۋاسىتە يازالىسىڭىز، بىۋاسىتە يېزىپ ئىزدەڭ)
تۈركچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
(ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىۋاسىتە چىقىرىشقا بولمايدىغان ئالاھىدە ھەرپلەرنى شۇنىڭغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشايدىغان لاتىنچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە تۈركچە بىۋاسىتە يازالىسىڭىز، بىۋاسىتە يېزىپ ئىزدەڭ)
ئەرەبچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز. تەپسىلىي قاراڭ، زىر-زىۋەرمۇ كام ئەمەس تېخى.
ئىنگلىزچە خەت ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى خەنزۇچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئىنگلىزچە ئىزدەش سىناق قىلىنىۋاتقان بولغاچقا، ئالدى بىلەن پىنيىنچە ئىزدەش ۋە تۈركچە ئىزدەشكە يول قويىدىغان بولغاچقا، بىرئاز مەسىلىە بار، بۇ سىناق نۇسخىسى ئەمەسمۇ؟ لېكىن بۇ مەسىلە رەسمىي نەشرىدە ھەل قىلىنىدۇ.
بۇ لۇغەت پۈتۈنلەي ھەقسىز، خاتىرجەم ئىشلىتىڭ، تېلېفونىڭىزغا مەخسۇس دېتال چۈشۈرۈپ قاچىلىمايسىز، ئارتۇق سىغىم ئېگەللىمەيدۇ. بۇ جەھەتتىنمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ. تەرجىمە قىلالمىغان يېڭى سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسى نەچچە كۈندىن كېيىن قوشۇلىدۇ. شۇڭا بىرەر قېتىم تاپالمىسا، ئالدىراپ ۋاز كەچمەڭ، مەسىلەن: ئەڭ يېڭى سۆز-ئىبارە 殡葬改革 نى لۇغىتىمىزدىن تاپالايسىز. كۈندە ئاز-ئازدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ، يېڭىلىق ئۈزۈلمەيدۇ، پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ.
========================================
بۇ لۇغەتنى قانداق قاچىلايمەن؟
(1) ئىككىلىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق قاچىلاش
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى»نى قاچىلىۋېلىڭ.
(2) ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قاچىلاش
ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق قاچىلىماقچى بولسىڭىز، مۇنداق قوشۇۋېلىڭ، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
====================
ئەگەر دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلماقچى بولسىڭىز مۇنداق قىلىڭ.
=========================================
ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، Uighursoft نى ئىزدەپ تاپسىڭىز بولىدۇ.
ياكى ئالاقە دەپتىرىدىن(通讯录) مۇلازىمەت نومۇرىغا(服务号) كىرىڭ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 57,592 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:59
- ئالدىنقى يازما :WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (سىناق) تورى ئېلان قىلىندى
رەھمەت .
رەھمەت جاپا چىكىپسىز ! بۇ بەك ياخشى بوپتۇ ،مەنمۇ خاقان سالونى ۋە كۈلكە سالونى تارقىتىپ تەشۋىق قىلىمەن !
كۆپ رەھمەت، مۇمكىن بولسا تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم. ئۇيغۇرسوفىت لۇغىتىنىڭ تور لۇغىتىدە 彧
yu خېتىنىڭ پىنيىنچىسى zhou بولۇپ قالغاندەك تۇرامدۇ قانداق؟
文章写得很给力呀! 空包网 http://www.kongbao163.com
ئەسسالامۇئەلەيكۈم ، ئالىم ئاكا . ئۈندىدارنىمۇ بوش قويىۋەتمەپسىز ھە !؟
مۇشۇ يېقىندا كاللامغا تۇيۇقسىز يېڭى بىرخىيال كىپ قالدى قاراڭ . ئۇچۇر تېخنىكىسى توغرىسىدا. ئەمما زە مۇشۇ پىروگىرامما لاھىيەەش جەھەتتە پەقەتلا ساۋاتسىز دىسەممۇ بولىدۇ.شۇڭا مەن قىلالمايمەن . سىزگىلا دىسەم ،قاملىشىپ قالسا سىزمۇ بىرتۈر ئاچسىڭىز ،بىزگىمۇ قولايلىق بولسا دەپ ئويلىغان. ئەمما مەخپى دەيمىكى دىگەن.شۇڭا ئېلخەت ئادىرسىڭىزىنى يوللاپ بەرسىڭىز بولامۇ؟
alim.ahat@gmail.com
ئۈندىدار لۇغىتىنىڭ 用户词库 قىسمى تەستىقلانمايلا چىقىرىلامدۇ ياكى تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن چىقىرىلامدۇ؟ بۈگۈن 屌丝 دىگەن سۆزنى ئىزدىسەم پىنيىن قىسمىغا diao ci دەپ چىقىۋاتىدۇ. ئىكراننى رەسىمگە تۇتقان ئىدىم، رەسىمىنى قەيەرگە چىقىرىشنى بىلەلمىدىم.
مېنىڭچە ئۇيغۇچە يوللاپ خەنزۇچىسىنى كۆرەكچى بولساق، مەسىلەن: ئىش دېگەن پېئىلنى كىزگۈزسەك، ئىشچى، ئىشچان دېگەندەك تۈرلەنمە پېئىللار ۋە ئۇنىڭ مەنىسى چىققان بولسا بەك ياخشى بولاركەن.
بۇ ئۇيغۇرچە لوغەت ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى بەك قالتىس ئىكەن . نۇرغۇن دوستلىرىمغا تەۋسىيە قىلدىم .
يۇقارقى 1-بەتتىكى ئىزدەش نومۇرى بويىچە ئىزدەپ قوشىۋېلىپ،سۆزنى يېزىپ يوللىسىڭىزلا نەتىجىسىنى كۆرەلەيسىز.
مەن قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىدىمغۇ؟
ئەمدى بۇنى نېمە دەي،ھاياجاندا يا كۈلىشىمنى يا يىغلىشىمنى بىلەلمەي ،شۇنداق بىر تۇيغۇدا بولۇپ كەتتىم.شۇ ھامان دوسلىرىمغا ،ئوقۇغۇچىلىرىمغا تەۋسىيە قىلىشنى باشلىۋەتتىم.دېمەك بۇندىن كېيىن ئەقلىفۇن بولسىلا ،لوغەتتىن پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ،ھەي ئالىم مۇئەللىم،سىزنىڭ بۇ قىلىۋاتقانلىرىڭىزنى بىرەر يازغۇچىمىز قەلەمگە ئېلىپ ،كىتاپ چىقىرىپ تارقاتسىكەن دەيمەن.سىزگە،سىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرىڭىزغا قىزىقىدىغانلار،ھېرىسمەنلەر ناھايىتى كۆپ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جامائەت! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم! جىددىي ياردەم كىرەك بولۇپ قالدى، مۇناسىۋەتىسز بولسىمۇ ئەپۇ قىلغايسىلە!
مەن ئوقۇغۇچىلىق ئۇچۇرلىرىم بىلەن https://www.dreamspark.com مونۇ تور بەتتە خەتلىنىپ، مىكروسوفىت ئەپ دۇكىنىدا ھەقسىز ئەپ ئېچىش ئىتىۋار كودى ئالغان ئىدىم، مىكروسوفىتنىڭ ئەپ ئاچقۇچىلار بېتىدىن ئۇچۇرلىرىمنى تولدۇرۇپ، مىكروسوفىت ھىساۋاتىمنى باغلاپ ھەممە يېرى پۈتكەن ئىدى. ئاخىرىدا «ئۇچۇرلىرڭىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىناۋەت كارتا نومۇرىڭىز ۋە نامىڭىزنى تولدۇرۇڭ!» دېگەن كاتەكنى كارتام بولمىغاچقا تولدۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم. سورىماقچى بولغىنىم: 1. باشقىلارنىڭ ئىناۋەت كارتا ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرسام بولارمۇ؟ 2. ئۆتكەندە «جوڭگۇلىق شەخىسلەرنىڭ دۇكان ئېچىشىغا بولمايدىكەن» دېگەندەك قىلاتتىلە، دېمەك ئوقۇغۇچىلارمۇ بولماسمۇ؟(لېكىن مەكتەپتە خەن ساۋاقداشلىرىم ئەپ دۇكىنى ئاچقانلىرى بار). 3. قايسىڭلار ئىناۋەت كارتاڭلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ بېرەلەيسىلەر؟(مەن كىملىك ۋە باشقا ئىناۋەتلىك كېنىشكىلىرىم بىلەن كاپالەت بېرىمەن). 4. ئالىم مۇئەللىم ئىغىر كۆرمەي بولسا موشۇ Win8/WP8 ئەپ ئاچقۇچىلىرى ۋېندوۋس دۇكېنىغا تىزىملىتىش توغۇرلۇق تەپسىلىي بىر توختالغان بولسىلا! ياكى ھەممىمىز ياسىغان ئەپلەرنى سىلىگە تاپشۇرۇپ، «ئۇيغۇرسوفىت شىركېتى» نامىدا چىقىرامدۇق؟ رەھمەت!