ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق) ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق) ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئالدى بىلەن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق)نى كۆرۈپ بېقىڭ، ئىشلىتىش، ئىزدەش جەھەتتە ھېچقانداق چەكلىمە يوق، پۈتۈنلەي ھەقسىز لۇغەت. ئېكران كۆرۈنۈشلىرى مانا:

خەنزۇچە خەت، سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
register_2

خەنزۇچە پىنيىن ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
register_2
ئىزدەش مەزمۇنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش، پەرقى يوق.

تۈركچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
(ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىۋاسىتە چىقىرىشقا بولمايدىغان ئالاھىدە ھەرپلەرنى شۇنىڭغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشايدىغان لاتىنچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە تۈركچە بىۋاسىتە يازالىسىڭىز، بىۋاسىتە يېزىپ ئىزدەڭ)

register_2

تۈركچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
(ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىۋاسىتە چىقىرىشقا بولمايدىغان ئالاھىدە ھەرپلەرنى شۇنىڭغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشايدىغان لاتىنچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە تۈركچە بىۋاسىتە يازالىسىڭىز، بىۋاسىتە يېزىپ ئىزدەڭ)
register_2

ئەرەبچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز. تەپسىلىي قاراڭ، زىر-زىۋەرمۇ كام ئەمەس تېخى.
register_2

ئىنگلىزچە خەت ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى خەنزۇچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
register_2
ئىنگلىزچە ئىزدەش سىناق قىلىنىۋاتقان بولغاچقا، ئالدى بىلەن پىنيىنچە ئىزدەش ۋە تۈركچە ئىزدەشكە يول قويىدىغان بولغاچقا، بىرئاز مەسىلىە بار، بۇ سىناق نۇسخىسى ئەمەسمۇ؟ لېكىن بۇ مەسىلە رەسمىي نەشرىدە ھەل قىلىنىدۇ.

بۇ لۇغەت پۈتۈنلەي ھەقسىز، خاتىرجەم ئىشلىتىڭ، تېلېفونىڭىزغا مەخسۇس دېتال چۈشۈرۈپ قاچىلىمايسىز، ئارتۇق سىغىم ئېگەللىمەيدۇ. بۇ جەھەتتىنمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ. تەرجىمە قىلالمىغان يېڭى سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسى نەچچە كۈندىن كېيىن قوشۇلىدۇ. شۇڭا بىرەر قېتىم تاپالمىسا، ئالدىراپ ۋاز كەچمەڭ، مەسىلەن: ئەڭ يېڭى سۆز-ئىبارە 殡葬改革 نى لۇغىتىمىزدىن تاپالايسىز. كۈندە ئاز-ئازدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ، يېڭىلىق ئۈزۈلمەيدۇ، پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ.
========================================

بۇ لۇغەتنى قانداق قاچىلايمەن؟
(1) ئىككىلىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق قاچىلاش
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى»نى قاچىلىۋېلىڭ.
Uighursoft_ALIMAHAT

 
(2) ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قاچىلاش
ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق قاچىلىماقچى بولسىڭىز، مۇنداق قوشۇۋېلىڭ، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

register_1

register_2

register_3

register_4

register_5

register_6
====================
ئەگەر دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلماقچى بولسىڭىز مۇنداق قىلىڭ.
register_7

register_8
=========================================
ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، Uighursoft نى ئىزدەپ تاپسىڭىز بولىدۇ.
register_9
ياكى ئالاقە دەپتىرىدىن(通讯录) مۇلازىمەت نومۇرىغا(服务号) كىرىڭ.
register_10

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
101 پارچە باھا يېزىلدى
  • تىلفۇنۇمدا ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ ھەرىپى ئۈزۈك ئۈزۈك چىقىپ قالىدۇدە ئىسىت

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:21
  • مەن بۇ خىل لوغەتلەرنى مەلۇم خىل ئەپ ھالىتىدە ئەقلى تېلفۇن بازىرىغا پات يىقىندا كىرىدۇ دەپ تەسەۋۇر قىلاتتىم. قارىماققا بۇ تېخمۇ بىۋاستىلىشىپ كەتكەندەك. يارايسىلەر!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:46
  • بولسا مۇشۇ ھەر قىتىمقى تەرجىمىدە بىللە يوللىنىدىغان ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئەسكەرتىشنى چىقىىۋەتكەن بولسىڭىز. قوبۇل قىلغان مەزمۇن بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ كۆرۈش قىيىن بولۇپ قالىدىكەن. بۇ ياردەم ئۇچۇرىنى سۇپىنى باشتا قوشۇۋالغاندىلا چىقىدىغان قىلىنسا بولىدىغۇ، ياكى بولمىسا پەس تەرەپكە ئىقتىدار تىزىملىكلىرى قىلىپ شۇ يەرگە ياردەم دەپ قوشۇپ قويۇلسا بولىدۇ. ئاندىن سىز دىگەندەك يېڭى ئاتۇلغۇ، يېڭى سۆزلۈكلەر كومپيۇتېردىكى لۇغەت، تورلۇغىتى ۋە ئۈندىداردىكى لۇغەتلەرگە تەڭ قوشۇلۇپ يېڭىلىنىپ تۇرغان بولسا ياخشى بولاتتى. مەسىلەن 坑爹 دىگەندەك.
    PS: مۇئەللىم، تېلىفۇنىڭىزغا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىماپسىزمۇ نىمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:16
  • مەن ئىلگىرى لۇغەتنىڭ 1.0 نەشرى چىققاندىن بىرى ئىزچىل تەكلىپ بېرىۋاتىمەن. لۇغەت ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ، لوغەتنڭ ئېلان قىلىنىش ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ. لوغەتنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ ئېلان قىلىنغانلىق خەۋرى بېرىلگەنلىكتىن، تىزرەك ئېلان قىلىمىز دەپ، بەزى تەرەپلەرگە سەل قارايدىغان ئەھۋال مەۋجۈت، ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ھەرقانداق تەكلىپ قوبۇل قىلنمايدۇ. مانابۇ ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىنىڭ يېڭىلىنىش جەريانى. پەقەت 3-4يىلدىن كېين يېڭى نەشرىدە پىكىر تەكلىپڭىزنىڭ ئېتىبارغا ئېرىشكەنلىكىنى ھىس قىلىسز.
    1.تەكلىپ: قايسى تىلدىن ئىزدەشنى ئىشلەتكۈچىلەر بەلگىلىسە. ئۇيغۇرچە -خەنزچە ئىزدەيمەن دەپ كىرگۈزسە، ئىنگىلىزچە ياكى ئەرەبچىسىمۇ بىللە چىقىۋالىدىغان بولۇپ قالمىسا. كۆزى بەك چارچاپ كىتىدۇ. بايام ئۇيغۇرچە ئىزدەشتىن قازاقچىسىمۇ چىقتى. بۇرۇن ئەرەبچىسى تۈرۈكچىسى چىقىۋالاتتى.
    2.لوغەتنىڭ ئوڭدىن سولغا، ياكى (بۇرۇنقىدەك تۇرىۋەرسە) سولدىن ئوڭغا تەڭشىلىش ھالىتىنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى بەلگىلىسە.
    3.مائۇسقا ئەگشىپ سۆز تۇرۇش رامكىسى قانداق بۇنى بىلمىدىم. مائۇس ئارقىلىق سۆز تۇرۇش رامىكىسىنى خالىغان ئورۇندا توختىىپ قويۇش، چوڭ كىچىلكىنى تەڭشەش، مائۇس بىلەن تۇتقان سۆزنى كۆچۈرۈش، چاپلاش مەشخۇلاتلىرىنى ئېلىپ بارغىلى بولسا.
    بۇ تەكلىپلەر ئىلگىرى بېرىلگەن تەكلىپ ئىدى. بۇ قېتىملىق نەشرىدە كۆپ ئۆزگەرتلىپتۇ. مەن دىگەن يۇقارقى ئەھۋاللار ئاللىقاچان ھەل قىلىنىپ بولغاندەكمۇ تۇرىدۇ.
    مېنىڭچە ئۇيغۇر سوفىت لوغىتى سۆز مىقدارى ئەڭ كۆپ لوغەت بولسىمۇ سۆزلۈك ئامبىرىدا يەنىلا بەزى سۆزلەر يوق. بۇ ئەلۋەتتە لۇغەت تۈزگۈچىلەرنىڭ ئىشى ئەمەس. بۇنداق بولىشى تەرجىمانلىرىمىز تېخى زامانىڭ قەدىمىگە يىتىشىپ يېڭى سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىپ بولالمىغان نۇرغۇن سۆزلەر بار. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى تېخمۇ مۇكەممەللەشكۈسى.
    بولدى. لوغەتكە 5يىلدىن بىرى چۈشكەن پىكىر-تەكلىپنىڭ جىقلىقىدىن 5يىل بولغاندا ئېلان قىلىنماقچى بولۇپ تۇرۇپتۇ. مەندەكلەر يەنە ئۇنداق مۇنداق دىسە 6يىل ساقلاپ كەتمەيلى يەنە.
    مېنىڭچە ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. مەن 2005 يىلى كوررىكتورنىڭ قارانچۇقلۇق نۇسخىسىنى سېتىۋالغان، گەرچە ئارلىقتا نەچچە يىل ئىشلەتمىگەن بولساممۇ قارانچۇقنى يوقىتىپ قويمىدىم. ھازىرمۇ بار. لىكىن لوغەتتىن نەچچىنى نۇسخا سېتىۋالدىم. كومپىيۇتىردىنمۇ نەچچىنى ئالماشتۇرۇپ بولدۇم. قارانچۇق نۇسخىسى چىققىنىمۇ ياخشى بوپتۇ.
    لوغەتنىڭ پەقەت 50مىڭ سۆزلۈك ئامبىرى بولغان 1.0 نەشرى چىقىپ 100يۈەنگە سېتىۋېلىپ، ئىزچىل پىكىر بېرىپ ئارىدىن 10يىل ۋاقىت ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە كۆڭلۈمدىكىدەك لوغەت روياپقا چىقىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. مۇبارەك بولسۇن!
    مەن توردىن كۆرۈنمە يۈزنى كۆرۈپلا رازى بولدۇم. گەرچە 350يۈەن باھا سەل يۇقىرى بولسىمۇ سېتىۋېلىشقا ئەرزىدۇ. يەنىلا ئەرزان. ئەگەر ئون يىلنىڭ ئالدىدا پۈتكەن بولسا 1000يۈەن بولسىمۇ سېتىۋېلىشىم مۈمكىن ئىدى. مانا بۈگۈن ئىقتىدارى ئىھتياجىمىزنى %95ھەل قىلالىغۇدەك راۋرۇس لوغەت پۈتۇپتۇ. بۇ جەرياندا لوغەتكە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ھەسسى قوشۇلدى. شۇلارنىڭ ئەجرىگە لايىق نىسىۋىگە ئىرىششنى ئۈمىد قىلىمەن. بىخەتەرلىك تەدبىرى يەنىمۇ كۈچەيتىلسە.
    سۆز توختىماي تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ. لوغەتمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مېنىڭچە %100بارلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لوغەت ھىچ بىر تىلدا پۈتۈپ چىقىمايدۇ. يېڭى سۆزلەر پەيدا بولۇپ، كونا سۆزلەر شاللىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر سوفىت لوغىتى ھەقىقەتەن پىشىپ يىتىلدى. ئىھتىياجىمىزدىن تولۇق چىقالايدۇ. قالغىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشكۈسى. ئالىم مۇئەللىم باشچىللىقىدىكى بارلىق لوغەت تۈزگۈچىلەرۋە خادىملار، سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر!!! مەن 10يىل بۇرۇن ئىنتىزار بولغان لوغەت دەل مۇشۇ!! شۇ چاغدا مەن نەچچە پارچە خەت يازغان. ئۇچاغدا تور بۇنداق تەرەققى قىلمىغان خەتنى پوچتىدىن سالغان، ئۇيغۇر سوفىتتىكىلەر خەتنى كۆرۈپ كۆپ تەسىرلىنىپتىكەن. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا مانا مۇشۇنداق لوغەت بولسىكەن دەپ پىكىر تەكلىپلەرنى بەرگەن ئىدىم. ئەجىرڭلارغا يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر. قولۇڭلار پۇلغا، كۆڭلۈڭلار شاتلىققا تولغاي!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى am 03:03
    • تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
      ئىلگىرىكى تەكلىپ-پىكىرلەر ئىچىدە بەزىلەر ئۇيغۇرچە يازسام ئۇيغۇرچە يەشمىسى، ئاندىن خەنزۇچە، ئىنگلىزچە تەرجىمىسى چىققان بولسا دەپ تەكلىپ بەرگەنلەرمۇ بولغان. مۇمكىن بولسا تەلەپپۇز قىلىپ بەرگەن بولسا، رەسىملەرمۇ چىققان بولسا،…دېگەندەك. 2009-يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسى ئۆزگىرىپ كەتكەندىن كېيىن، يېڭى ئىملادا ئەمەس ئىكەن، دەرھال ئۆزگەرتىڭلار دېگەنلەرمۇ بولدى. بۇ تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى ئورۇنلۇق بولسىمۇ، يۇقىرىدىكى بىرنەچچە تەكلىپنى تاماملاش ئۈچۈن يەنە تاغدەك مۈشكۈلاتلارنى يېڭىش كېرەك ئىكەن، ھەتتا بەزى ئىقتىدارلار لۇغەتنىڭ ئىقتىدارىدىن، دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرساقمۇ (مەسىلەن: تەلەپپۇز قىلىش، رەسىمنى كۆرسىتىش، سۆز تۇتۇش،…دېگەندەك)، ئۇنى ھەل قىلىمىز دەپ، نۇرغۇن بىھۇدە ۋاقىت سەرپ بولۇپ كەتتى، مەسىلەن: سۆز تۇتۇش ئىقتىدارىنى Win7 دە ھەل بولسا، Win8 دە ھەل بولمىدى. ئۇنىڭدىن Microsoft نىڭ ئىشىنى قىلايلى، بۇ ھەممىدىن مۇھىم دەپ 2-3 يىل شۇ ئىشلار بىلەن پايپېتەك بولدۇق. شۇڭا سىز دېگەندەك بەزى پىكىرلەر ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنمىدى، لۇغەتمۇ ۋاقتىدا يېڭىلانمىدى. بەلكىم يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلار لۇغەتتىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن: نەدىكى سۆز تۇتۇش، تەلەپپۇز، رەسىم،….دېگەندەك بولمىسىمۇ بولىدىغان پىس-پاس ئىقتىدارلارنى ھەل قىلىمەن دەپ يۈرگىچە، ئۇلارنى پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاپ، مېنىڭچە ئاساسىي سۆزلۈكلەرنىڭ يەشمىسىنى تولۇقلاش، مىساللىرىنى كۆپەيتىش، ھەرخىل ئۈسكۈنىلەردە راۋان سۆز ئىزدەشكە بولىدىغان قىلىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش، مېنىڭچە ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى مۇشۇ يۆنىلىش بويىچە ماڭىدۇ. بۇرۇنقى تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئويلاشمىغان بولساق، كەچۈرەرسىز. ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىنى قوللاپ بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئالەمچە رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى am 08:17
      • لوغەت بولغان ئىكەن، بىرىنچىنىڭ بىرىنچىسى، سۆزنىڭ تولۇق بولىشى، مېنىڭچە ئۇيغۇر سوفىت بۇ جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا، بۇ قېتىم سۆز تۇتۇش دىگەندەك قوشۇمچە ئىقتىدارلارمۇ خېلى مۇكەممەللىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. مۇكەممەل بولمىسا ئېلان قىلغاچ تۇرۇپ، كېيىنكى نەشرىدە تولۇقلاشقا بولىدۇ. مىنىڭ قارىشىممۇ سىزنىڭكى بىلەن تامامەن ئوخشاش. ھازىر ئون يىلنىڭ ئالدىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئون ھەسسە ئىقتىدارى ياخشىلاندى. بۇرۇن سۆزلىسەك سۆزلىسەك ئەيىپ نوقسانى تۈگىمەيتى. ئەمدىلىكتە ماختىساق ماختىساق ياخشى تەرىپلىرى تۈگىمەيدىغان ھالەتكە كەلدى. ئۈندىدار نۇسخىسىمۇ ناھايىتى ياخشىدەك تۇرىدۇ. بارار بارا ياخشىلىنىپ كىتىدۇ. ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى قوشۇپ قويۇلغان بولسا، ھەر قېتىم سۆز ئىزدىگەندىن كېيىن چىقىدىغان ئەسكەرتمە مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئېلىۋېىتىلسە. مىنىڭ ھازىرقى كۆز قارشىممۇ سىزنىڭكى بىلەن تامامەن ئوخشاش. مەن ئىلگىرى 350يۈەنگە باشقا خىلدىكى لوغەتنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ باققان، ھەقىقەتەن ئىكىراندىن سۆز تۇتۇش ئىقتىدارى ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىدىن كۆپ ياخشى، باشقا بەزى ئارتۇقچىلىقلىرى ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىدىن ئارتۇق. لىكىن مەن بىر مەزگىل ئىشلىتىپ ئىشلەتكۈم كەلمىدى. نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇ لوغەتنىڭ سۆزلۈك مىقدارى ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىگە يەتمەيدۇ. ئەگەر سىز بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىزدىمەكچى بولۇپ، سىز شۇنىڭغا جىددى ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا سىزگە ئۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى تېپىپ بېرەلمىسە بۇنداق يۇقىرى ئىقتىدارنىڭ نىمە كېركى بولسۇن؟
        مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئالدى بىلەن ئۇيغۇر سوفىت لوغىتى سۈرئىتى تىز كۆرۈنۈشى كۆركەم بولشى كېرەك. بۇ شەرىت 2005يىلىلا ئورۇنلىنىپ بولغان، 2007يىلى سۆز تۇتۇش ئىقتدارى قوشۇلغان، ئانچە مۇكەممەل ئەمەس ئىدى، 2008دە ۋە ئەمدىلىكتە ھەل قىلىنىش ئالدىدا مېنىڭچە ئۇندىن باشقا ئىقتىدارلار ھەقىقەتەن قوشۇمچە ئاقماس ئىقتىدار. لىكىن سۆز تۇتۇش ئىقتىدارنى بىزگە ئوخشاش ھورۇنلار(كونۇپكا تاختىسىدىن سۆز كىرگۈزۈشكە ئېرنگۈچىلەر ئۈچۈن )مۇھىم ئىقتىدار دەپ قارايمەن، 2008دىكى ئىقتىدارىمۇ خېلىلا بولىدۇ. يەنە ئازراقلا ئىلغارلاشتۇرۇلسا تېخىمۇ قولاي بولاتتى. بۇ مەسىلە ھەل بولۇپ بولدىغۇ دەيمەن.
        گەپنىڭ قىسقىسى، مەن ھەقىقەتەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن، لوغەتنىڭ ئىقتىدار رامكىسى %99كىشىنى رازى قىلالىغۇدەك ھالەتكە كەلدى. ئەمدى ئۇ ئىقتىدار بۇ ئىقتىدارنى كۆپەيتىش ئۆزگەرتىشكە قارىغاندا سۆزلۈك مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلسە چوقۇم ئۇيغۇر سوفىت لوغىتى ئەڭ چوڭ لوغەتكە ئايلىنىدۇ. كۆپنىڭ كۈچى كۆپ، ئۇندىدارغا قوشۇلغىنى ياخشى باشلىنىش، ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرلارنى رەتلەپ، تېپىلمىغان سۆزلەرنى ئايرىپ، تەرجىمانلارغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، لوغەت مىقدارى بېيتىلسا تەرەققىيات ئىستقبالى ناھايىتى پارلاق. لوغەتكە ئۇنداق مۇنداق دىگۈچىلەرگە دەيمەنكى ئۇيغۇر سوفىت لوغىتى مۇكەممەللىشپ %99 لىك ھالەتكە يەتتى. %100لىك نەرسە مەۋجۈت ئەمەس، سىزنىڭ ئىھتىياجىڭىزدىن خېلىلا ياخشى چىقلايدۇ.ئەگەر چىقالمىسا ئەتراپىڭىزدىكى تەرجىمانلاردىن سورىسىڭىز بولىدۇ. لۇغەتتىن چىقمىغاننى تەرجىمانلاردىن سورىسام 3سۆزنىڭ 2سىنى تەرجىمانلارمۇ ئۇدۇل تەرجىمە قىلىپ بولالماي، يېقىن كىلدىغان مەنىسىنى دەپ بېرەلەيدىكەن. مانابۇ ئۇيغۇر سوفىتنىڭ نەتىجىسى.
        ئەجرىڭلارغا بارىكاللا. يازغان ئىنكاسىمغا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ جاۋاب بەرگىنىڭىزگە رەخمەت. بىخەتەرلىك ئىقتىدارى سۆزلۈك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىش يوللىرىنى تىزرەك ئېچىشىڭىزلارغا تىلەكداشمەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 21:51
      • بۇ قېتىم لوغەتنىڭ ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان لوغەتنىڭ رەسىمىنى توردىن كۆرۈپ، بۇرۇنقى بەرگەن بارلىق تەكلىپ پىكىرلىرىمنىڭ ھاردۇقى تولۇق چىققاندەك بولدى. ھەقىقەتەن مۇكەممەل دىگىدەك ھالەتكە يىتىپتۇ. مەن قايىل كۆپ ئەجرىڭلار سىڭدى. ئەمدى ھوسۇلنى يىغىدىغان ۋاقىت كەلدى. بىرىنچىدىن بىخەتەرلىك تەدبىرى يەنىمۇ يۇقىرى تېخنىكىلار بىلەن كۈچەيتىلسە، لوغەتنىڭ 2007 قانۇنسىز نۇسخىسىنى خېلىلا كەڭ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنىمۇ ئېتىبار بېرىلسە.
        ئۈندىداردا يوللانغان لىكىن تەرجىمىسى تېپىلمىغان، ۋە ياكى تېخى تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنمىغان سۆزلەر كەسپى تەرجىمانلارغا تەرجىمە قىلدۇرلۇپ، لۇغەت سۆزلۈكى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ، ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىنىڭ مونۇپۇللۇق ئورنى قولدىن بېرىپ قويۇلمىسا.
        ھەرخىل ئۈسكۈنە ھەرخىل سېستىمىلاردا ئىشلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش بىلەن باشقىلار تەرپىدىن ئوغىرلىنىپ كېتىش خەۋپى ئويلىشىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق قولۇپلاش ئېلىپ بېرىلسا.
        ئۇندىدار تور ۋە باشقا ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى كىرىمگە ئېرىششىڭلارغا تىلەكداشمەن.
        ئۇندىدارغا قوشۇۋالدىغانلار 50مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۈمكىن. ئۇيغۇر سوفىت غەيرەت!!! ھەر بىر سۆزلۈك ئىزدەش نەتجسى ئۇيغۇر سوفىت لوغىتى ئۈچۈن بىر غەلبە، تىپلىمىغان ھەربىر سۆز ئۇيغۇر سوفىت ئۈچۈن بىر مەغلۇبىيەت. غەلبە مەغلۇبىيەتتىن %99كۆپ، لىكىن ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ دۈشمىنڭنى شر چاغلا. غەيرەت. ھەممەيلەن تىلىمىز ئۈچۈن ھەسسىمىزنى قوشايلى. يېڭى ئاتالغۇلارنى ئورتاقلىقشىپ تەرجىمە قىلايلى. ئۇيغۇرسوفىتقا تەشەككۈر!!!

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:10
  • ئۇيغۇر سوفت تور لۇغىتىنىڭ ئۈستىدىكى «تىزىملىتىش» دىگەننى باسسام،ئۇيغۇر سوفت چوڭ لۇغىتىنىڭ مۇلازىمەت نومۇرىنى كىرگۈزىدىغان يەربار ئىكەن. مەن «ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى2007» نىڭ مۇلازىمەت نومۇرىنى كىرگۈزسەم، «خاتالىق بار، قايتا كىرگۈزۈڭ » دەپ تۇرىۋالدى. ئۇيغۇر سوفت چوڭ لۇغىتى 2007نىڭ مۇلازىمەت نومۇرىنى ئىشلىتىشكە بولمامدا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 12:54
    • بۇ بېكەت تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنمىدى، مەن سىناق قىلىۋاتىمەن، كېيىن لۇغەت سېتىۋالغانلارغا يەنە ئالاھىدە مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز، خاتىرجەم بولۇڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:18
      • ئەسلىدە مۇنداقكەندە. دەسلەپتە ئۇيغۇر سوفت لوغىتىنىڭ 2005 نۇسخىسىنى سېتىۋالغان، كىيىن 2007 نىڭ 3 تىللىق نۇسخسىنى سېتىۋالدىم، ئۇندىن كىيىن 2008 ئېلان قىلىنغاندا، ئازراق پۇل قوشۇپ 2008 گە يېڭىلىغان ئىدىم. شۇندىن كىيىن كومپىيۇتېرنى نەچچە قىتىم يەڭگۈشلەپ بولدۇم. ھازىر 2008 نۇسخسىىنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. تور بەتتىكى « مۇلازىمەت نومۇرى ئارقىلىق ئالاھىدە مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ» دىگەننى كۆرۈپ، « ئەمدى يەنە بۇ مۇلازىمەت نومۇرىدىن پايدىلىندىغان ۋاقىت كەپتۇ» دەپ ئويلاپتىكەنمەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:34
  • لۇغەت بېتى ئىچىلىپ بەك ئېسىل ئىش بولۇپتۇ، مەزمۇنىمۇ خېلى تولۇق ئىكەن، ئالىم مۇئەللىم ۋە گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزىمەتلەرنىڭ ئەجرىگە كۆپيىن -كۆپ رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى am 07:12
  • ئۇيغۇر سوفىتنىڭ لۇغەت تور بېتى يېڭىلىنىپتۇ.
    جۈملە تەرجىمە ئىقتىدارى باركەن.
    مۇبارەك بولسۇن . . .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:59
    • ئېلان قىلىپ بولغۇچە كۆرۈپ بولۇپسىزدە، نېمەدېگەن چاققانلىق بۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 21:28
      • مەن بۇرۇنقى ئىزدەش ئۇسۇلىغا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن==مەن يەنىلا يەر ناملىرىنىڭ لۇغەتكە كۆپرەك كىرگۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەڭ ئاسان خاتالىق كۆرۈلىدىغان، كۆرۈلۈشكە تېگىشلىك بولمىغان خاتالىق دائىم يەر نامى، مىللەت نامى، تىل نامى، كەسپىي ئاتالغۇ، قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇ، سىياسىي ئاتالغۇ، شوئارلاردىن كېلىپ چىقىدىكەن== كەسىپىي لۇغەتكە بولسىمۇ كۆپلەپ قوشۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن==تور بەت لۇغىتىنىڭ سۈرئىتى بۇرۇنقىدىن ئاستا==

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:49
  • لۇغەت تور بېتىمۇ يېڭىلىنىپتۇ==تولا مارىلاپ ئاخىرى ئېچىلدى==

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:22
  • مەنمۇ شۇ ئۈمۈدتە، تورسىز ھالەتتىمۇ ئىشلەتسەك، ھەم ھەقلىق بولسا ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتسا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 19:10
  • بۇنىڭغا قارىغاندا مۇشداق بىر ئەپ قۇرال ئاشقان بەك ياخشىراقمىكىن دەيمە ..(ئۈمۈدۋار چىراي ئىپادىسى )

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 18:38
  • ئۇيغۇرچە ئەۋەتسەك تەرجىسىمى كەلدى….ئەمدى خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنى بىللە كەلسە ،..ئانىدىن شۇ ئەۋەتكەن سۆزنىڭ ئىزاھاتى بىرىلسە…ئىزاھلىق لوغەتنى مۇشىنىڭغا قاتقىلى بولسا كارمەت ئىش بولاتتىكەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 13:14
  • تورداشلار نىمىشقا ئۇيغۇرچىنى نىمىشقا قوشمايسىلەر دەپ بەك بېرىۋاتىدۇ ، ئەممە ئۇيغۇرچە تەرجىمە مۇلازىمتى بىلەن تەمىلەيدىغانلا ئۇنداق مۇلازىمىتىنى تېخى تاپالماي يۈردۇم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى am 11:35
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن سالونىمدا (UyghurjanCom)خەنسۇلار يوۋداۋ تەرجىمانى ئەپ ئېغىزىنى ئىشلىتىپ خەنزۇچە ئېنگىلىزچە تەرجىمە قىلىپ كەلگەن ئىدىم ، مۇمكىن بولسا ئۇيغۇر سوفىتنىڭ بۇ تېخنىىسىنى باشقا سالونلاردا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى am 11:33
  • ئەگەر ئىزدەش ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ، بۇ ئاممىۋى سۇپىنى قوشقاندا قوشۇلمايدىكەن. چۈنكى ئۇيغۇرسوفت دىگەن خەت بىلەن ئالىم ئەھەت دىگەننىڭ ئوتتۇرسىدىكى سىزىقنى توغرا چىقارغىلى بولمايدىكەن. ئاسىتى قىسقا سىزىقنىڭ ئورنىغا ئۇزۇن سىزىق چىقىۋېلىپ، بۇ سۇپىنى تاپالمايدىكەن. ئەگەر پەقەت ئۇيغۇر سوفىت دەپلا كىرگۈزسە مىسرانىم دەپ بىرنەسە چىقۋالىدىكەن. ئەگەر مۈمكىن بولسا ئوتتۇرسىدىكى سىزىق چىقىرۋىتلسە

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 23:25
    • ئاستى سىزىقنى بەلگىلەر ئارىسىدىن تاپقىلى بولىدۇ،مەنمۇ باشتا تاپالمىغان،ئالدىرماي ئىزدىسەم بار ئىكەن،ئىككىلىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق قاچىلاش ئەڭ ئەپلىككەن،ئۆزىمىز ھەم ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ يانفونى بىلەن كودنى ئېچىپ ئۆزئارا سايىلىۋالساقمۇ بولىدۇ،ئۇيغۇر سوفىت بىلەن مىسرانىم ئىسمىنى نىمە نىيىتى باركىن بىرسى تىزىملىتىۋاپتۇ.نەزىرىيە بويىنچە بولغاندا تېڭشۈنغا ئەرىز سۇنسا قوبۇل قىلىش كېرەكتى،تېڭشۈن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ جۇمۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 13:33
  • 机顶盒 ,充电包دىگەن ئىككى سۆزنى يوللىسام تەرجىمە قىلالمىدى. بۇ سۆزلەر تېخى قىلپلاشمىغان ئوخشايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:35