ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق) ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئالدى بىلەن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق)نى كۆرۈپ بېقىڭ، ئىشلىتىش، ئىزدەش جەھەتتە ھېچقانداق چەكلىمە يوق، پۈتۈنلەي ھەقسىز لۇغەت. ئېكران كۆرۈنۈشلىرى مانا:
خەنزۇچە خەت، سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
خەنزۇچە پىنيىن ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئىزدەش مەزمۇنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش، پەرقى يوق.
تۈركچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
(ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىۋاسىتە چىقىرىشقا بولمايدىغان ئالاھىدە ھەرپلەرنى شۇنىڭغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشايدىغان لاتىنچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە تۈركچە بىۋاسىتە يازالىسىڭىز، بىۋاسىتە يېزىپ ئىزدەڭ)
تۈركچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
(ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىۋاسىتە چىقىرىشقا بولمايدىغان ئالاھىدە ھەرپلەرنى شۇنىڭغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشايدىغان لاتىنچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە تۈركچە بىۋاسىتە يازالىسىڭىز، بىۋاسىتە يېزىپ ئىزدەڭ)
ئەرەبچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز. تەپسىلىي قاراڭ، زىر-زىۋەرمۇ كام ئەمەس تېخى.
ئىنگلىزچە خەت ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى خەنزۇچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئىنگلىزچە ئىزدەش سىناق قىلىنىۋاتقان بولغاچقا، ئالدى بىلەن پىنيىنچە ئىزدەش ۋە تۈركچە ئىزدەشكە يول قويىدىغان بولغاچقا، بىرئاز مەسىلىە بار، بۇ سىناق نۇسخىسى ئەمەسمۇ؟ لېكىن بۇ مەسىلە رەسمىي نەشرىدە ھەل قىلىنىدۇ.
بۇ لۇغەت پۈتۈنلەي ھەقسىز، خاتىرجەم ئىشلىتىڭ، تېلېفونىڭىزغا مەخسۇس دېتال چۈشۈرۈپ قاچىلىمايسىز، ئارتۇق سىغىم ئېگەللىمەيدۇ. بۇ جەھەتتىنمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ. تەرجىمە قىلالمىغان يېڭى سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسى نەچچە كۈندىن كېيىن قوشۇلىدۇ. شۇڭا بىرەر قېتىم تاپالمىسا، ئالدىراپ ۋاز كەچمەڭ، مەسىلەن: ئەڭ يېڭى سۆز-ئىبارە 殡葬改革 نى لۇغىتىمىزدىن تاپالايسىز. كۈندە ئاز-ئازدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ، يېڭىلىق ئۈزۈلمەيدۇ، پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ.
========================================
بۇ لۇغەتنى قانداق قاچىلايمەن؟
(1) ئىككىلىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق قاچىلاش
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى»نى قاچىلىۋېلىڭ.
(2) ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قاچىلاش
ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق قاچىلىماقچى بولسىڭىز، مۇنداق قوشۇۋېلىڭ، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
====================
ئەگەر دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلماقچى بولسىڭىز مۇنداق قىلىڭ.
=========================================
ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، Uighursoft نى ئىزدەپ تاپسىڭىز بولىدۇ.
ياكى ئالاقە دەپتىرىدىن(通讯录) مۇلازىمەت نومۇرىغا(服务号) كىرىڭ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 57,559 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:59
- ئالدىنقى يازما :WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (سىناق) تورى ئېلان قىلىندى
ئالىم ئاكا مۇشۇ مەن بىر نەرسە يازالايمەن . لىكىن بىرەرسەيلەننىڭ خىتىگە پىكىر يازاي دىسەم چىقمايدۇ. باشقا كومپۇيۇتۇردا چىقسام شۇنداق تۇرۇپ يازدىم ئىلخىتىمنى ئىسىمنى يىزىپ بولاپ يوللۇدۇم ئۇندىن كىيىن پىكرىم بار دىگەن كونۇپكا كۆرۈنمىدىيا . بۇ نىمىنىڭ مەسىلىسى . يا مەن قارا تىزىلىكتىكى كشىلەر دىگەن كىنوغا چىقتىممۇ يا ؟ئ؟
مۇئەللىم بىر ئامال قىلىپ ئالدى بىلەن بىز مۇلازىمىتېر تەمىنلىگەن لۇغەت تىزىملىكىدىن ئۆزىمىز ئىھتىياجىلىق بولغان لۇغەتنى تاللاپ ئاندىن سۆز ئىزدەيدىغان ئىختىدار قوشساق بولاپتىكەن، شۇنداق قىلساق سۆز ئىزدەش ئۈنىمىمۇ ئاشقان بولاتتى: مەسىلەن ئالدى بىلەن uh،eh،ut,ua،دېگەن قىسقارتىلما سۆزلەرندىن بىرىنى يوللىساق، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا،«ئۇيغۇرچە-خەنچە(ياكى باشقىسى) لۇغەت تاللاندى،سۆز ئىزدەشنى باشلاڭ،ياكى باشقا لۇغەتنى تاللاپ داۋاملاشتۇرۇڭ»دېگەندەك ئەسكەرتىش بەرسە،ۋە شۇنداق ئىختىدارلا قوشۇلسا.
سىز دىگەندەك قىلىش ئىشقا ئاشمايدۇ. بۇ ماۋۇ ئۇندىدار سۇپىسىنىڭ كەمچىللىكى ،
مىنىڭچە بۇنداق ئىقتىدارنى قوشۇش ئۇنداق تەس ئەمەس،پروگىراممىرلار شۇ مەخسۇس مۇشۇنداق بولمايدىغاننى بولىدىغان قىلىدىغان تۇسا.
سۇپا دېگەن بىر سەھنە خالاس، قانداق ئۇسۇل ئوينىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشى.
بۇ ئۇندىدار سۇپىسىسدا بىر قۇرمۇ كود يوق قېرىندىشىم . ئەگەر كود يېزىپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولغان بولسا ئالىم مۇئەللىم بۇ يەردە ئازراق مەسىلە بار دەپ ئدمدل ئىزدەپ يۇرمەيتى .
تىكەن ئەپەندى مانا مۇشۈنچىلىك ئىش ئۇ،
http://www.uighursoft.org/bbs/viewtopic.php?f=44&t=44
كود يوق دەپ ئولتاسىڭز ھىچنىمە قىلالمايسىز، ئەمما تىرىشپ باقساق نى نى بولمايدۇ دېگەن ئىش بولاپ قىلىشى مومكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنلار بۇنداق ئىقتىدارنى ئاللا بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولاپتۇ، قالغىنىنى ئۈندىداردا ماۋۇ perfectdictionary دېگەن لۇغەتنى قوشاپ ئىشلىتپ باقسىڭز بىلىسز.
مۇئەللىم ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىمۇ تاپقىلى بولمايدىكەن،ھىچ بولمىغاندىمۇ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەتنىمۇ ئىچۋەتسىڭز بولاپتىكەن. مەن دوسلىرىمغا تەۋسىيە قىلىپ قويسام مۇشۇ مەسىلىنى ئىنكاس قىپتۇ.
بولىدۇ، بىرنەچچە كۈن ئىچىدە قوشۇلۇشى مۇمكىن، شۇ چاغدا بۇ سۇپا ئارقىلىق خەۋەر قىلىمەن
مۇبارەك بولسۇن!
ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ يېقىندا گوگۇل شىركىتى گوگۇل تەرجىمانىغا 9 خىل تىلنى قوشتى بۇنى سىزمۇ بىلىسىز. لىكىن ھازىرقىچە گوگۇل تەرجىمانىدا ئۇيغۇرچە يوق،سىز ئۇيغۇرچە قوشۇش ئۇستىدە ئىزدىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇيغۇرچە قوشۇشنىڭ نەچچە خىل يوللىرى بار؟ قانداق خىزمەتلەر كىتىدۇ؟
ئاز دېگەندىمۇ 1 مىليونغا يېقىن ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما جۈملە ئامبىرى بولسا، 1 سائەت ئىچىدە پۈتىدۇ. 1 مىليونغا يېقىن جۈملىلەرنى تەييارلاش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، ياكى تەييار ئامبارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كۆپ پۇل كېتىدۇ.
ئىنگىلىزچە ئۇيغۇرچە قانچە مىليون جۈملە ھازىرلانغاندۇ ھازىرغىچە .
بۇ راستىنلا ياخشى نەرسە ئىكەن. بەزى تەبىي پەن ئاتالغۇلىرىنىمۇ تېپىپ بېرەلەيدىكەن.
شۇنداق ھەممىسى بار، ئەڭ مۇھىم يېڭى سۆزلۈكلەر ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ،微信، 安卓 دېگەن سۆزلەرنىمۇ تاپالايسىز.
مۇشۇ كەمدە تەرەققىيات دېگەنگە ئاغزىمنى ئېچىپ، كۆزۈمنى پارقىتىرىپ قاراپلا قېلىۋاتىمەن دېسە. بەزىدە :« ھەي ، بۇ يەردە مىنىڭمۇ نىسىۋەم بارمىدۇ ؟» دەپ ئويلاپ قالىمەن.
يېڭىلىقلارغا مۇبارەك . يېڭىلىقلار ئۈزۈلمىگەي!
رەھمەت ئەمدى چوڭ لۇغەتلەرنى كۆتۈرۈش ھاجەتسىزبوپتۇدە؟!
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئىزدەشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولسىڭىز.
مۇشۇ ھەقسىز تارقىتىلغان دىتاللار ناھايتى كۆپكەن، بۇنى ھۇجۇتقا كەلتۈرگۈچى ھەقسىز تارقاتسا ئۇلارنىڭ كىرىم مەنبىي قەيەردىن كىلىدۇ، نۇرغۇن شىركەتلەر بىر ئىككى يۈز ئادەمنى ئىشلىتىپ ياسىغان دىتاللىرىنى ھەقسىز تارقىتىدىكەن، مۇشۇنى بىلىدىغانلار جاۋاپ بەرسەڭلارچۇ،؟
ئەلۋەتتە ئۇلار كېيىنلىكنى ئويلايدۇ. ئەڭ موھىمى خېرىدار(ئابونت) سانى كۆپىيىشى. ئۇنىڭدىن باشقا ئېلاندىنمۇ كىرىم بولىدۇ.
مۇبارەت بولسۇن، يېڭىلىقلار ئۈزۈلمىگەي!
قاچىلىۋالدىم ! ئەجرىڭىزگە بارىكاللا !
دوستلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويدۇم ! يېڭى خۇشاللىنارلىق خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇغۇ مانا !…
مۇئەللىم مانا مەردلەرچە لۇغىتىنى ھەقسىز قىلىۋەتتى…..
ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلفۇنلارنىڭ ئومۇملىشىىشنىڭ تىزلىكىدە … بۇنداق قىلىۋەتسىڭىز سودىغا تەسىر يىتەمۇ يا … (ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)
مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم.
سىزنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئەمدى باشلىنىدۇ دىگىنىڭىز ئىسىمدە ….
بۇ ئالتۇن دەۋرى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر سوفتتىن باشلىنامدۇ نىمە؟
تىرىشچانلىقىڭىز، مەسئۇلىيەتچانلىقىڭىز ھەر بىر پىروگىراممىرغا ئۈلگە بولغاي. رەھمەت!
قاچىلىۋالدىم. ئىزدەش سانى جەھەتتە چەكلىمە بارمۇ؟ ياكى خالىغانچە ئىزدىيەلەمدۇق؟
PS: ئۈچ چوڭ ئەقلىفون سۇپىسىغا مۇشۇ لۇغەت كۆچۈپ كىرسە بەك ياخشى بولاتتى.
ئىزدەش سانى جەھەتتە ھېچقانداق چەكلىمە يوق، خالىغانچە ئىزدەڭ، تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرسىڭىز بولىدۇ. دېگىنىڭىز كەلسۇن، بۇ ئىشلارمۇ بولۇپ قالار.
ئىككى ئۈچ سۆزلەرنى ئىۋەتىپ سىناپ باقتىم، ھەقىقەتەن بولىدىكەن. مەن بىرىنچى بولۇپ قوشۋالدىممۇ نىمە،ھا ھا ھا.
ئىنگلىزچە يەككە سۆزلەرنى ئىزدەش ئىقتىدارى تازا نورمال ئەمەس، ئالدى بىلەن پىنيىن ۋە تۈركچە ئىزدەشكە يول قويىدۇ. دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
ئەلۋەتتە تەۋسىيە قىلىمىز مۇئەللىم، مەن good morning دېگەن ئىۋەتسەم تەرجىمە قىلدى، essalamueleykum دېگەننى ئىۋەتسەم ھىچقانداق ئىنكاس يوق،شۇنىڭ بىلەن لاتىن-ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى تەرجىمە قىلمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ بىلىدىم، ئەمما بىر گەپ(ئاۋاز) ئىۋەتسەم،kechurung englizche jumle terjime kilmaydu دەپ لاتىن-ئۇيغۇرچە ئەسكەرتىش ئىۋەتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن kechurung دېگەن سۆزنى قايغا ئىۋەتسەم،بىرقانچە بۆلەككە بۆلەپ،ھەر بىر ئىھتىماللىقنى(بەزىلىرى ئىنگىلىسچە ،بەزىلىر خەنزۇچە) ئايرىم ئايرىم تەرجىمە قىپتۇ، خىلى ئەتىراپلىق ئويلاپسىلەر.رەھمەت.
ھازىرچە ئىنگلىزچە جۈملە تەرجىمە قىلمايدۇ، ئىنگلىزچە ئىزدەشتە سەل مەسىلە بار. مۇشۇ ئىنگلىز تىلى كومپيۇتېرغا تازا ماسلاشمايدۇ دېسە؟(ھا!!!ھا!!!)، بۇ بىر سىناق سۇپا، ھازىرچە خەنزۇچە ۋە پىنيىن بويىچە ئىزدەش ئەڭ مۇكەممەل.
يازغان ئىنكاسىمدىكى خەرلەرنىڭ ئورنى ئۆزلىكىندىن ئۆزگۈرۈپ كىتىپتۇ،تۈزۈتۈپ ئوقۇياسىلەر.
تەرەققىيات بەك تىز جۇما،ھازىرلا قوشۋالاي.