نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (سىناق) تورى ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى 2007-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان بولۇپ، 50 مىڭ سۆزلۈك خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت تەمىنلەنگەن ئىدى، كېيىن يەنە مىليوندىن ئاشىدىغان سۆزلۈك ئامبىرى تەمىنلەنگەن بولسىمۇ، لۇغەت ئارايۈزى يېڭىلانماي كەلگەن ئىدى. ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى ھەپتە تېلېفون قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە تورغا چىقىدىغانلار ئۈچۈن ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلدۇق، مانا بۈگۈن «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى»(سىناق) يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلدۇق، ئۇزۇنغا قالماي «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» يۇمشاق دېتالىنى سېتىۋالغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلار ئېچىلىدۇ. ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتىنىڭ راۋانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايرىم مۇلازىمىتېر سەپلەندى، تور ئادرېسىمۇ قايتىدىن ئەنگە ئېلىندى.

تور لۇغىتىمىزگە تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تور ئادرېسى: http://www.udict.cn

ئېكران كۆرۈنۈشلىرى مانا:

ئەڭ يېڭى سۆزلەرمۇ لۇغىتىمىزدىن تېپىلىدۇ، ئۈندىدار سۇپىمىزدىكى لۇغەتمۇ ئوخشاش، شۇڭا پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ.
udict-1
———————————————-
تور لۇغىتىمىزدىن خەنزۇچە سۆز ئىزدەش تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، قەغەز لۇغەت بىلەن ئوخشاش تۇرالايدىغان يان-بۆلەك ۋە پىنيىن بويىچە ئىزدەشكىمۇ بولىدۇ.
udict-1
——————————————–
ئەلۋەتتە پىنيىن بويىچە ئىزدەشكىمۇ بولىدۇ.
udict-1
——————————————–
ھەربىر سۆزنىڭ مەنا يەشمىسى ئېنىق ۋە تولۇق.
udict-1
——————————————–
سۆز ئىزدىگەندە ئىزدەش يۆنىلىشىگە دىققەت قىلىڭ، ئۈستىدىكى بەتكۈشتىن مەنبە تىلنى تاللايسىز، ئوڭ تەرەپتىكى رامكىدىن لۇغەت يۆنىلىشىنى تاللايسىز.
udict-1
——————————————–
ئىنگلىزچە لۇغەتلىرىمىزمۇ تولۇق تەمىنلەنگەن، خالىغانچە ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.
udict-1
——————————————–
ئەرەبچە لۇغەتلەرمۇ بار، ھەربىر سۆزنىڭ زىر-زىۋەرلىرىمۇ كام ئەمەس تېخى.
udict-1
——————————————–
ھازىر ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدە تۈركچىمۇ كام ئەمەس، تۈرك مىللىتى دەيسىز، قېنى قانچىلىك تۈركچە بىلىسىز؟ سىناپ بېقىڭ.
udict-1
——————————————–
ئىنگلىزچە-خەنزۇچە، خەنزۇچە-ئىنگلىزچە جۈملە تەرجىمە ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىڭ؟ قانچىلىك توغرا توغرا چىقىدىكەن؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىقتىدارى قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا نېمەدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟! دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنى پات-پات ئىشلىتىپ تۇرۇڭ.
دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ھەققىدىكى ئىنگلىزچە جۈملىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى قانداق چىقىپتۇ؟!
udict-1

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
102 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • مۇئەللىم «ھۆسنخەت» دېگەن سۆز ئۇيغۇرچە – ئىنگلىزچە لۇغەتتە «ھۆسنخەت» ۋە «ھۆسن خەت» دېگەن ئىككى شەكىلدە يېزىلىپ قاپتۇ. «ھۆسن خەت» دېگەن شەكلى توغرا ئەمەس.
    (مېنىڭ مەقسىتىم قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن پۇتاق تېپىش ئەمەس. پەقەت تېخىمۇ توغرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش خالاس. «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى» نىڭ «پىكىر – تەكلىپ» رايۇنىغا كىرەلمىدىم. شۇڭا بىۋاسىتە مۇشۇ يەرگە يازدىم. توغرا چۈشەنگەيلا.)

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى am 08:32
    • توردىكى كونا ئامبار، 2007-يىلىدىن بۇيان ئۆزگەرتىلمىدى، ھازىر يېڭى ئىملادا قايتا تەكشۈرۈۋاتىمىز، بىز ئۆزگەرتىپ قويايلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى am 09:43
  • مۇئەللىم، خەنزۇچە ئۇيغۇرچە لۇغەتكە «清音» جاراڭلىق تاۋۇش؛ «浊音» مۇ «جاراڭلىق تاۋۇش» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ قاپتۇ. ئەسلىي ئالدىنقىسى «جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش»، كەينىدىكىسى «جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش» دەپ تەرجىمە قىلىنسا بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 19:01
  • [object Object] دىگەن ئەسكەرتىشكە بەك ئۆچ بولۇپ كەتتىم، قاچانمۇ بۇ خاتالىق ئوڭشىلار؟
    ھەر قېتىم خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىنى ئىزدەيدىغاندا سۆزلىك يازساملا، بىرىنجى خەتنى يېزىپ بۇلۇپ، ئىككىنچى خەتنى يازغاندا مۇشۇ خاتالىق چىقىدۇ…

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 16:05
باھا بېتى: 1 2 3 4