نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (سىناق) تورى ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى 2007-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان بولۇپ، 50 مىڭ سۆزلۈك خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت تەمىنلەنگەن ئىدى، كېيىن يەنە مىليوندىن ئاشىدىغان سۆزلۈك ئامبىرى تەمىنلەنگەن بولسىمۇ، لۇغەت ئارايۈزى يېڭىلانماي كەلگەن ئىدى. ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى ھەپتە تېلېفون قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە تورغا چىقىدىغانلار ئۈچۈن ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلدۇق، مانا بۈگۈن «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى»(سىناق) يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلدۇق، ئۇزۇنغا قالماي «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» يۇمشاق دېتالىنى سېتىۋالغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلار ئېچىلىدۇ. ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتىنىڭ راۋانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايرىم مۇلازىمىتېر سەپلەندى، تور ئادرېسىمۇ قايتىدىن ئەنگە ئېلىندى.

تور لۇغىتىمىزگە تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تور ئادرېسى: http://www.udict.cn

ئېكران كۆرۈنۈشلىرى مانا:

ئەڭ يېڭى سۆزلەرمۇ لۇغىتىمىزدىن تېپىلىدۇ، ئۈندىدار سۇپىمىزدىكى لۇغەتمۇ ئوخشاش، شۇڭا پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ.
udict-1
———————————————-
تور لۇغىتىمىزدىن خەنزۇچە سۆز ئىزدەش تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، قەغەز لۇغەت بىلەن ئوخشاش تۇرالايدىغان يان-بۆلەك ۋە پىنيىن بويىچە ئىزدەشكىمۇ بولىدۇ.
udict-1
——————————————–
ئەلۋەتتە پىنيىن بويىچە ئىزدەشكىمۇ بولىدۇ.
udict-1
——————————————–
ھەربىر سۆزنىڭ مەنا يەشمىسى ئېنىق ۋە تولۇق.
udict-1
——————————————–
سۆز ئىزدىگەندە ئىزدەش يۆنىلىشىگە دىققەت قىلىڭ، ئۈستىدىكى بەتكۈشتىن مەنبە تىلنى تاللايسىز، ئوڭ تەرەپتىكى رامكىدىن لۇغەت يۆنىلىشىنى تاللايسىز.
udict-1
——————————————–
ئىنگلىزچە لۇغەتلىرىمىزمۇ تولۇق تەمىنلەنگەن، خالىغانچە ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.
udict-1
——————————————–
ئەرەبچە لۇغەتلەرمۇ بار، ھەربىر سۆزنىڭ زىر-زىۋەرلىرىمۇ كام ئەمەس تېخى.
udict-1
——————————————–
ھازىر ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدە تۈركچىمۇ كام ئەمەس، تۈرك مىللىتى دەيسىز، قېنى قانچىلىك تۈركچە بىلىسىز؟ سىناپ بېقىڭ.
udict-1
——————————————–
ئىنگلىزچە-خەنزۇچە، خەنزۇچە-ئىنگلىزچە جۈملە تەرجىمە ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىڭ؟ قانچىلىك توغرا توغرا چىقىدىكەن؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىقتىدارى قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا نېمەدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟! دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنى پات-پات ئىشلىتىپ تۇرۇڭ.
دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ھەققىدىكى ئىنگلىزچە جۈملىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى قانداق چىقىپتۇ؟!
udict-1

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
102 پارچە باھا يېزىلدى
  • بىخ ئۇلاق ،ئۇندىدار ،دىگەندەك سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە يېزىپ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدۇرسام تاپالمىدى دەيدۇ، ئەمما خەنزۇچە يېزىپ ئىزدەتسەم ئۇيغۇرچىنى تاپتى…نېمىشقا بىر-بىرسىنى تاپالمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 17:03
  • ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە بىر مىليۇن جۈملە بولسا پايدىسى تىگەمدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 16:51
  • ئېلاننى باسقاندا لۇغەت بېتىنى ساقلاپ قېلىپ يېڭى بەتتە ئېچىلىدىغان قىلىپ تەڭشىۋەتكەن بولسىڭىز ياخشىراق بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 16:11
  • بەك ياخشى بولۇپتۇ .تۈرۈكچە لۇغەت قېتىلغىنىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم،بولسا سۆزلۈكلىرنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولساق،مەن كىرومدا ئاچقان ئىدىم خەتلىرى بەك كىچىك چىقۋالدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 14:12
    • خەتلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىق چىقىشى ئۈچۈن ئەلكاتىپ نى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ، ياكى Alkatip خەت نۇسقىسىنى كومپيۇتېرىڭزغا قاچىلاڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 16:12
  • لۇغەتتىن مەلۇم بىر سۆزنى ئىزدىگەندە،بىز .ئوڭ لۇغەت يۆلىنىشىنى تاالايدىغان رامكىدىن لۇغەت يۆلىنىشنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن،لۇغەت يۆلىنىشىنى ئالماشتۇرغاندا بىۋاستە شۇ يۆلىنىشتىن ئىزدەيدىغان قىلغىلى بولارمۇ؟يەنى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە لۇغەتتىن بىر سۆزنى ئىزدەپ بولۇپ،بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى ئىنگلىزچە مەنىسىنى بىلمەكچى بولساق لۇغەت يۆلىنىشنىلا تاللىساق ئزىدەش كۇنۇپكىسىنى چەكمىسەكمۇ تەرجىمىسى چىقسا،
    مۇشۇنداق قىلغىلى بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 12:26
  • مۇئەللىم ئاشۇ ئىلانلارنى بىز چىكىپ قويساق ئاندىن مانچە قىتىم چىكىلدى مانچىلىك پۇل كىرىم قلالايسىز دەپ ھىساپلامدۇ،ياكى سىز ئاشۇ توربەتكە چىقىرىپ قويسڭزلا ئۇيغۇرسوفىتغا كىرىم بولاۋىرەمدۇ؟ ئەگەر چىكىپ قويساق ئاندىن پۇل كىرىم بولىدىغان ئىش بولسا بىكار قالغاندا تازا چىكىپ قوياي دېگەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى am 10:53
    • بىزگە ئايلىق ھېسابتا پۇل بېرىدۇ، ئارتۇق چېكىلسىمۇ ئاز چېكىلسىمۇ ئوخشاش. بىر ئايلىقى 500 يۈەن (30 كۈنلۈك)

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 15:14
  • ئىلان چىكىلگەندە يېڭى بەتتە ئېچىلسا ياخشى بولامدۇ قانداق

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى am 08:58
  • كۈرۈنمە يۈزىمۇ ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ ، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە تىلەكداشمەن، ئاستىغا ئىلان قىستۇرۇپ ياخشى قىپسىز، بۇ ئارقىلىق بەلگىلىك ئىقتىسادى قىممەت يارىتىلسا لوغەتنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردىمىي بۇلىدۇ دەپ ئۇيلايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:09
    • شۇنداق، بۈگۈنمۇ بىرنەچچە خېرىدارلار تېلېفون قىلىپتۇ، مېنىڭچە تىل مەكتەپلىرىنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك، IP ھېسابتا 4000-5000 ئادەم چىقىدۇ، مېنىڭچە بۇ سان داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن. كۈنلۈكى 30-40 يۈەن بولسا قىممەت بولمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:44
  • توغرا ، مەنمۇ شۇ قاراشتا يانفۇنغا ماس كەلگۈدەك قىلىپ تەڭشەلگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى.
    بولسا يانفۇن نۇسخىسىنى ئىشلەپ بازارغا سالغان بولسىڭىز تېخىمۇ قولايلىق بولاتتى. ئالما، ئاندىرويىد ، ۋىندوۋوس يانفۇنلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم قىلىپ ئىشلەنگەن بولسا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 17:50
  • لۇغەت تور بېتىنى تېلفۇندا ئاچقاندا تېلفۇننىڭ ئىكرانىغا ماس كەلگۈدەك ھالەتتە ئېچىلغان بولسا ياخشى بولاتتى. تېلفۇندا سۆز ئىزدەشكىغۇ ئۈندىدار سۇپىسى بار. لىكىن تور بەت ھالەتتە سۆز ئىزدىسە، سۆزنىڭ باش ھەرىپى كىرگۈزۈلسىلا شۇ ھەرىپتىن باشلانغان سۆزلەر كۆرسىتىلىپ، بىزنى يىتەكلەيدىكەن ئەمەسمۇ. ئويغۇرچە سۆزلەرنى ئىزدىگەندە ئىملا خاتالىقى تۈپەيلى تەرجىمىسىنى تاپالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 08:39
  • ناھايتى ياخشى بوپتۇ.
    مەن كۆز يۈگۈرتۈپ ھازىرچە ۋاقتىنچە بايقالغان مەسلىلەر:
    سىناپ كۆرگەن ھالەت.(خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە-خەنزۇچە،خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە،ئۇيغۇرچە-ئۇيغۇرچە،ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە،ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە،ئىنگىلىزچە-ئىنگىلىزچە،ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە،ئىنگىلىزچە-خەنزۇچە)
    ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىزدەش خەنزچە خەتنىڭ پىنيىن ھەرىپى چىقماي قاپتۇ.
    ئاندىن يەنە ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىزدەش ھالتىدە نەتىجىسى نەق ئۆزى چىقماستىن ئارىلاشتۇرۇپ ئىزەش ئۇسۇلى قوللىنىپ سەل گاڭگرتىپ قويدىكەن.
    يەنە كىچىكىنە مەسلە بار ئىكەن،خەنزۇچە لۇغەت ھالتىدە خەنزۇچە يېزىق كىرگۈزسە ھالتىدە ئۇيغۇرچىمۇ قۇشۇلۇپ كىرىپ قالدىكەن. Baidu نىڭ كىرگۈزگۈچى بىلەن رامكىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىقتىدارى تۇقۇنۇشۇپ قالغاندەك. Baidu كىرگۈزگۈچنى تاقاپ كومپيۇتېردىكى كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزسە نورمال چىقىدىكەن.
    لۇغەت بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپتۇ.
    تەكلىپ: مەن ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان لۇغەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى تاماملانغان بولسا(بۇ ناھايتى جاپالىق بىر جەريان.ناۋادا بار بولسا مەن بايقىماي قالغان بولسام ئەپۇ قىلارسىز،تاماملىنىش جەرياندا بولسا خەۋەردار بولغايمىز) يەشمىىسىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشۈنىشكىمۇ قۇلايلىق بولغان بولسا ھە…..ئىنتايىن كەسپى لۇغەت بۇلۇپ پۈتۈپ چىقىشىدا گەپ يوق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 23:02
    • ياخشى تەكلىپ يوللاپسىز،
      ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىزدەش خەنزچە خەتنىڭ پىنيىن ھەرىپى چىقماي قاپتۇ.
      =====================================================
      جاۋاب: ئادەتتە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت ھالەتتە خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىن بېرىلمەيدۇ. سەۋەبى بۇنداق لۇغەتلەرنى ئۇيغۇرچە ئۆگىنىدىغان خەنزۇلار ئىشلىتىدۇ. ئۇلار خەنزۇچە خەتنى ئوقۇيالايدۇ. ئىنگلىزچە-خەنزۇچە، ياپونچە-خەنزوچە،…لۇغەتلەرنىڭ ھەممىسى دەل شۇنداق. بۇلارغا پىنيىن قوشۇش تەس ئەمەس ئەلۋەتتە، لېكىن قوشىدىغان بولساق، بىر پاتمان بىر نەرسە بولىدۇ. شۇڭا ھاجەتسىز.
      =====
      ئاندىن يەنە ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىزدەش ھالتىدە نەتىجىسى نەق ئۆزى چىقماستىن ئارىلاشتۇرۇپ ئىزەش ئۇسۇلى قوللىنىپ سەل گاڭگرتىپ قويدىكەن.
      ==========================================
      جاۋاب: بۇ مەسىلىنى ھەل قىلساق بولىدۇ
      ==========================================
      يەنە كىچىكىنە مەسلە بار ئىكەن،خەنزۇچە لۇغەت ھالتىدە خەنزۇچە يېزىق كىرگۈزسە ھالتىدە ئۇيغۇرچىمۇ قۇشۇلۇپ كىرىپ قالدىكەن. Baidu نىڭ كىرگۈزگۈچى بىلەن رامكىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىقتىدارى تۇقۇنۇشۇپ قالغاندەك. Baidu كىرگۈزگۈچنى تاقاپ كومپيۇتېردىكى كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزسە نورمال چىقىدىكەن.
      ================================================
      جاۋاب: بولىدۇ، بەيدۇ دېگەن نەرسىنى يېقىن كەلتۈرمەيلى.
      ==============================
      تەكلىپ: مەن ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان لۇغەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى تاماملانغان بولسا(بۇ ناھايتى جاپالىق بىر جەريان.ناۋادا بار بولسا مەن بايقىماي قالغان بولسام ئەپۇ قىلارسىز،تاماملىنىش جەرياندا بولسا خەۋەردار بولغايمىز) يەشمىىسىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشۈنىشكىمۇ قۇلايلىق بولغان بولسا ھە…..ئىنتايىن كەسپى لۇغەت بۇلۇپ پۈتۈپ چىقىشىدا گەپ يوق.
      ===========================
      جاۋاب: بۇ ئوبدان بولۇپتۇ، قىلىۋاتقان خىزمەتلەر بىلەن توقۇنۇش قالماسلىقى ئۈچۈن ئېنىق دېگەن بولسىڭىز، ھازىرقى لۇغەت ئايرىمىسى بويىچە كۆرسىتىش سىز دېگەن گەپ ئەمەسما؟ مەسىلەن: ماتېماتىكا، فىزىكا، …دېگەندەك لۇغەت تۈرى بىلەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئېنىق پىكىر بايان قىلارسىز، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 08:00
  • مانداق سوزلەرنىمۇ قۇشۇپ قويسىڭىز بولغىدەك.
    滔滔江水 连绵不绝 黄河泛滥 不可收拾 ئايرىم ئايرىم قىلسا چىقمىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 22:01
  • مەن خاتا چۈشىنىۋاپتىمەن،مەن تىخى ئامباردا يوق سۆزلۈكلەر ئىزدەلسە ئاپتۇماتىك ھالدا شۇ سۆزنى ئايرىپ ساقلاپ بېرەمدىكىن دەپتىمەن.بولسا ئىزدەش نەتىجىسى چىقمىغاننى ئايرىپ كۈندە بىر تىزىملىك چىقىرىپ بەرسە سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا ئاسانلىق بولاتتى،ئىملا خاتا سۆزلەرنى ئاپتۇماتىك تۈزەپ تەرجىمە قىلسا،ئىشقىلىپ ھازىرقى ھالەتتىمۇ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ،داۋاملىق مۈكەممەللەشتۈرۈڭلار،سىلەرگە رەخمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 20:28
    • ياخشى پىكىر، ئەلۋەتتە بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 07:52
    • ھازىر بۇ ئىقتىدار ئەمەلگە ئېشىپ بولدى، لېكىن تاپالمىغان سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئادەم تىللايدىغان سەت گەپلەر ئىكەن. تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك ئاتالغۇ چۈشسە بولاتتى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:39
  • راست يېڭى ئاتالغۇلارمۇ بار ئىكەن. مەسىلەن: 正能量دېگەننى نەچچە ۋاقتنىڭ تەرجىمىدە ئۇچرىغان ئىدى، ئىجابىي ئېنىرگىيە دەپ ئالغان ئىدىم، بىلمىدىم بۇ لۇغەتتە نېمە دەپ ئېلىندىكىن، ئىزدىسەم چىقمىدى.
    مەن بىر ەنرسە تەرجىمە قىلسام، لۇغەتتە يوق سۆزلەرنى يىغىپ قويىدىغان ئادىتىم بار ئىدى، قىسقىسى، ئەيدىزگە ئائىت ئاتالغۇلاردىن 500گە يېقىننى يىغىپ قويغان ئىدىم، كېيىن سەھىيە نەشرىياتىغا بەردىم، بىلمىدىم ئۇلار بۇنى قانداق قىلدىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 19:38
    • ئۈندىدار لۇغىتىمىزدە «ئىجابىي كۈچ» دەپ ئېلىندى، ئەلۋەتتە ئىجابىي ئېنىرگىيە دەپ ئالسىڭىزمۇ خاتا ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 07:51
  • 机顶盒,充电包 دىگەن سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە نېمە دەپ تەرجىمە قىلاركىن دەپ ئىزدىسەم يەنىلا تەرجىمە قىلىپ بېرەلمىدى. بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىپادىلگىلى بولماسمۇ؟ ياكى بۇ سۆزلەرنى خەنسۇچە ئاتاپ كېتىۋىرەمىزمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 18:30