ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (سىناق) تورى ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى 2007-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان بولۇپ، 50 مىڭ سۆزلۈك خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت تەمىنلەنگەن ئىدى، كېيىن يەنە مىليوندىن ئاشىدىغان سۆزلۈك ئامبىرى تەمىنلەنگەن بولسىمۇ، لۇغەت ئارايۈزى يېڭىلانماي كەلگەن ئىدى. ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى ھەپتە تېلېفون قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە تورغا چىقىدىغانلار ئۈچۈن ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلدۇق، مانا بۈگۈن «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى»(سىناق) يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلدۇق، ئۇزۇنغا قالماي «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» يۇمشاق دېتالىنى سېتىۋالغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلار ئېچىلىدۇ. ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتىنىڭ راۋانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايرىم مۇلازىمىتېر سەپلەندى، تور ئادرېسىمۇ قايتىدىن ئەنگە ئېلىندى.
تور لۇغىتىمىزگە تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تور ئادرېسى: http://www.udict.cn
ئېكران كۆرۈنۈشلىرى مانا:
ئەڭ يېڭى سۆزلەرمۇ لۇغىتىمىزدىن تېپىلىدۇ، ئۈندىدار سۇپىمىزدىكى لۇغەتمۇ ئوخشاش، شۇڭا پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ.
———————————————-
تور لۇغىتىمىزدىن خەنزۇچە سۆز ئىزدەش تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، قەغەز لۇغەت بىلەن ئوخشاش تۇرالايدىغان يان-بۆلەك ۋە پىنيىن بويىچە ئىزدەشكىمۇ بولىدۇ.
——————————————–
ئەلۋەتتە پىنيىن بويىچە ئىزدەشكىمۇ بولىدۇ.
——————————————–
ھەربىر سۆزنىڭ مەنا يەشمىسى ئېنىق ۋە تولۇق.
——————————————–
سۆز ئىزدىگەندە ئىزدەش يۆنىلىشىگە دىققەت قىلىڭ، ئۈستىدىكى بەتكۈشتىن مەنبە تىلنى تاللايسىز، ئوڭ تەرەپتىكى رامكىدىن لۇغەت يۆنىلىشىنى تاللايسىز.
——————————————–
ئىنگلىزچە لۇغەتلىرىمىزمۇ تولۇق تەمىنلەنگەن، خالىغانچە ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.
——————————————–
ئەرەبچە لۇغەتلەرمۇ بار، ھەربىر سۆزنىڭ زىر-زىۋەرلىرىمۇ كام ئەمەس تېخى.
——————————————–
ھازىر ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدە تۈركچىمۇ كام ئەمەس، تۈرك مىللىتى دەيسىز، قېنى قانچىلىك تۈركچە بىلىسىز؟ سىناپ بېقىڭ.
——————————————–
ئىنگلىزچە-خەنزۇچە، خەنزۇچە-ئىنگلىزچە جۈملە تەرجىمە ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىڭ؟ قانچىلىك توغرا توغرا چىقىدىكەن؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىقتىدارى قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا نېمەدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟! دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنى پات-پات ئىشلىتىپ تۇرۇڭ.
دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ھەققىدىكى ئىنگلىزچە جۈملىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى قانداق چىقىپتۇ؟!
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,096 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:41
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق) ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :تەرجىمە ۋە ئىملا خاتالىقلىرى ئازايسۇن دېسىڭىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم!
تور لۇغىتى يېڭى نەشرى ئىنتايىن قولايلىق بولۇپتۇ، بۈگۈن ئىشلىتىش جەريانىدا بىر مەسلىنى بايقىدىم، ئۆزىڭىز سىناپ بېقىپ ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا تۈزەپ قويارسىز.
لۇغەتكە كىرگەندە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يۆنىلىشى بولۇپ، كىرگۈزگۈچ ۋە يۆنىلىش توغرا، بىز ئۈستىدىن ئۇيغۇرچە لۇغەتنى تاللىساق يۆنىلىش ئوڭغا توغرىلاندى، ئاندىن يەنە ئۈستىدىن خەنزۇچە لۇغەتنى تاللىساق يۆنىلىش ۋە كىرگۈزگۈچ يەنىلا بايىقى ئۇيغۇرچە ھالەتتە تۇرىۋەردى، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈستىدىن ئېنگىلىزچە ياكى تۈركچە لۇغەتنى تاللاپ يۆنىلىش ۋە كىرگۈزگۈچنى توغرىلىغاندىن كىيىن ئاندىن خەنزۇچىغا قايتىپ كەلدىم.
گېپىم سەل ئۇزۇن چۈشنۈكسىز بولۇپ قالدىمۇ قاندق، مەشغۇلات قىلىپ باققايىسز.
ئىجرا مۇھىتىم: Win8+Chrome
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
زۈلۈك ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەتتە توغرا ئىلىنغان. 水蛭مۇ سۇ زۈلۈكى دەپ خەنچە-ئۇيغۇرچە توغرا ئېلىنىپتۇ. ئەمما زۈلۈكنىڭ خەنچە 马鳖دىگەن يەنە بىر نامى سۈلۈك دەپ ئىلىنىىپتۇ. لىكىن سۈلۈكنى ئويغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەتتىن تاپقىلى بولمايدىكەن.
马鳖的其他名称:水蛭, 蚂蟥, 马蟥, 马蜞, 马蛭, 至掌, 肉钻子, 医用蛭, 蛭蝚, 虮, 蚑, 蜞, 红蛭, 水琪, 蚂蝗蜞, 黄蜞, 水麻贴, 沙塔干
بۇ http://www.zhongyibaike.com/ دىن ئىلىندى. مۇشۇنى بىر قاراپ باقساڭلا،بىرەر سۆزدىن توغىرلىنىپ ماڭسىمۇ كۆپ قولاي.بەلكى سۈلۈك دىگەن ناممۇ بارمۇ تىخى.
ناھايىتى ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر ، بەزەنلەردە بىلەلمىگەن خەنزۇچە ياكى ئېنگلىزچە سۆزلەرنى تېپىشتا بەك ئەسقىتىۋاتىدۇ ،تەكلىپىم .بولسا ئۇيغۇرچە جۇملىلەرنى خەنزۇچەۋە ئېنگىلىزچە جۇملىلەرگە تەرجىمە قىلىشقا بولدىغان بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى ،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم .ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىنگىلىز تىىلىدىن (روسچە ياكى باشقا ياۋرۇپا تىللىرى ئارقىلىق ئىنگلىز تىلىدىن كىرگەنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)كىرگەن سۆزلەرنىڭ سانى قانچىلىك ،بۇ سۆزلەرنى تورغا يوللاپ قويسىڭىز بولارمۇ؟
يوقىرىدا مەن ئوتتۇرغا قويغان مەسسىلە بىرىنچى ھەرىپلا بولماستىن ئوتتۇردا يېزىلغان « ئ » ھەرىپىگىمۇ شۇنداق بولۇپ قالدىكەن.
مەسلەن: « مۇئەللىم » دىگەن سۆزلىكتىكى « ۇ » ھەرىپى بىلەن « ئ » ھەرىپى بىر بىرىگە جىپسىلىشىپ كېتىدىكەن، ئۈستىمۇ ئۈستى بۇلۇپ.
ئەسسالام ئەلەيكۇم !
مەن يەنە بىر مەسلىنى بايقىغان ئىدىم. كومپىيۇتېرىمدىكى مەسلىمىكىن دىسەم ئىشلىتىۋاتقىنىم win8.1 ، تور كۆرگۈچ chrome نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسقىسى.
مەسلە، لوغەتتىن ئۇيغۇرچە سۆزلىك ئىزدىگەندە ئىزدەش كۆزنىكىنىڭ بىرىنچى ھەرىپىگە « ئ » ھەرىپىنى كىرگۈزسەك « ئ » ھەرىپى input رامكىسىدا كۆرۈنمەيدۇ. لىكىن باشقا ھەربلەر نۇرمال.
خاتا تەرجىمە قىلىنغان بەزىبىر سۆزلەرنى قانداق ئىنكاس قىلساق بولىدۇ مۇئەللىم.
مەسىلەن :定义变量 نى ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئېنىقلاش دەپ ئالساق مۇۋاپىقراقكە،لېكىن لۇغەتتە ئېنىقلىما ئۆزگەرگۈچى مىقدارى بولۇپ قاپتۇ.
ھازىرچە مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويۇڭ، بىزنىڭ لۇغەتكىمۇ ئايرىم پىكىر يازىدىغان يەرنى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.
ماۋۇ http://www.udict.cn تور لۇغىتىگە نىڭ ئۇلىنىش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويساق بولامدۇ نىمە؟
ئىككى بەتنى پات-پات كۆرۈپ تۇرمىساق بولمايدىغان بولغاندىن بىرى سەل قولايسىزلىق ھىس قىلىپ قالدىم. بلوگىڭىزدىن تور لۇغەت بىتىگە ئۇلانمىنى بىسىپلا كىرگىلى بولىدىكەن. ئەپسۇس تور لۇغىتىدە بلوگىڭىزنىڭ ئۇلانمىسى يوقكەن.
تور لۇغىتىدە ئاۋۇ كۈندىلىك رەسىمنى چەكسىڭىز، بىلوگقا بارىسىز
بولسا يانفوندا ئاشقاندا يانفون نۇسقىسى بويىچە ئېچىلغان بولسا بەك پەچەت بۇلاتتىكەندۇق.
http://trdic.naver.com
http://cndic.naver.com
ماۋۇ ئادرىسلارغا كومپيۇتىرغا كىرسەك كومپيۇتىر نۇسقىسى يانفوندا ئاچساق ئاپتوماتىك http://m.trdic.naver.com غا ئۆزگىرەپ بەك قولاي بولدىكەندۇق. ئاندىن يانفوننىڭ ئېكرانىغا چۈشۈرۋالساقمۇ.ئىشلىتىش ئاسان بۇلاتتى. ئالىم مۇئەللىم ئويلىشىپ باققان بولسا. ئۈندىدار ئارقىلىق ئىزدەشتىن باشقا بىۋاستە بەتكە كرىىپ ئىزدەش تاللىشىمىزمۇ بولسا.
ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىنىڭ 2008 نەشرى كومپيۇتېر نۇسخىسنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئىدىم. ئەمدى تور نۇسخسى چىقىپ بەكلا قۇلاي بوپتۇ. بۇ جەھەتتە قان-تەر سىڭدۈرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا كۆپ تەشەككۈر.
ئالىم مۇئەللىم ئىشقىلىپ سىزنىڭ مىللى تىل – يىزىقىمىز ۋە ئۇچۇر – تېخنىكا ساھەيىمىز ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىز تارىخى بىتىدىن مەڭگۈ ئۆچمەي ساقلانغۇسى . سىزنىڭ بۇ تۆھپىلىرىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنى قانداق سۈپەتلەشنى بىلەلمەيۋاتىمەن . ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن مۇئەللىم .
ئالىم مۇئەللىم مەن سىزنىڭ شاپائىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر سوفىت لۇغىتىنىڭ 2008 نۇسخسىغا ئىرشكەن ئىدىم، لىكىن خىزمەت ئالمىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر سوفىت لۇغىتى 2008 نىڭ قاچىلاش پىروگىراممىسىنى يىتتۈرۈپ قويدۇم، شۇندن بىرى ئىزچىل مەزكۇر لۇغەتنىڭ يېڭىسىنى چىقىسا سېتۋىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىدىم، قارسام ھىچبىر يېڭى نۇسخسى چىقمايدىغان ئوخشايدۇ، شۇڭا 2008 نىڭ قاچىلاش پىروگىراممسىنى تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز يېڭى نۇسخسى چىققۇچە ئىشلىتىپ تۇرۇپ، يېڭىسى چىققاندا ئاندىن سېتۋالسام دەيمەن، سىزنىڭچە بولامۇ؟
سېتىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ، ئۇلار سىزگە تور ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىدۇ
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بۇتورلۇغىتىنىڭ چىققىنى بەك ياخشى بوپتۇ،بىر تەكلىپىم بولسا بىكەتنى كۆچمە ئۈكسنىلەرگە ماسلىشىشچان responsive قىلىپ پۈتتۈرگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن شۇنداقلا api سى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئويلىشىپ باقسڭىز،بۇنداق بولغاندا ئەپ ئاپقۇچىلارغا نورغۇن قولايلىقلار كەلگەن بولاتتى!
بولىدۇ، تەكلىپىڭىز ئورۇنلۇق، بىز بۇنى دەرھال ئويلىشىمىز، ئەپ ئېغىزى تەييار، ئەمما بۇنى قانداق تەمىنلەشنى ئويلىشىۋاتىمىز.
باشقىلار بىر توربەتتە 扫描 دېگەن خەتنى سىكانىرلاش دەپ ئىشلىتىپتىكەن،بۇ تازا ياخشى تەرجىمە بولماپتۇ دەپ ئويلاپ لۇغەتكە قارىسام تەسۋىر كۆچۈرۈش دەپ تەرجىمە قىپسىلەر ، شۇندا ئوبدان تەرجىمە قىلنىپتۇ دەپ خوش بولدۇم، ئەمما،扫描转换器 دېگەن بىر خەتنى يەنە سىكانىرلاش كونۋېرتېرى دەپ تەرجىمە قىپسىلەر،بو بىردەك بولماي قالدىمۇ قانداق.
لۇغەت ئاساسەن پۇتتى دېگەن گەن تىل يزىقنىڭ تەرەققىياتى مۇشۇ يۆلىنىش بويچە ماڭىدۇ دېگەن گەپ،ھازىر چىڭ تۇرمىساق ، كىيىن زىيىنىغا يەنە ئۆزىمىز ئۇچۇرايمىز، شۇڭا بىر ئوبدان ئۇيغۇرچىلاشقان سۆزلەرنىڭ(بەزى پەقەت ئامال بولمىغان سۆزلار مەيلى ئەمدى) بۇرۇن بىز ئىشلەتكەن ئەبجەش تەرجىمىسىنى لۇغەتتىن چىقىرۋەتسەك ياخشى بولامىكىن دەيمەن. ئۇستازى زالىم بولسا شاگىرتى ئالىم (سىزلا ئالىم بولماڭ،بىزمۇ بولاپ باقىلى ماندا) بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار،شۇڭا تىل يىزىققا بولغان ئۆلچەمنى كۈچەيتمىسەك ،كىينكى ئەۋلاتلار «نان قىپى» بولاپ قالمىسۇن يەنە. كىين مۇشۇنداق سۆزلەر ئۇچىراپ قالسا يەنە يىزىپ تۇرىمەن،ۋە باشقىلارمۇ يىزىپ تۇرسىكەن.
ا،扫描转换器 دېگەن بىر خەتنى يەنە سىكانىرلاش كونۋېرتېرى دەپ تەرجىمە قىپسىلەر،بو
===============
بۇنى شۇ كومپيۇتېر لۇغىتىنى تۈزۈپ چىققانلار شۇنداق تەرجىمە قىلغان، خەت باسىدىغانلار لۇغەتكىمۇ ئۆز پېتى بېسىپ كىرگۈزگەن.
بولىدۇ، مەن تېخى لۇغەتنىڭ ئامبىرى ھەققىدە كۆپ ئىجادىي خىزمەتلەرنى قىلمىدىم، 3 يىلدىن بۇيان Microsoft نىڭ يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشىنى قىلغاندىن بۇيان كۆپ تەجرىبىگە ئىگە بولدۇم، بۇنى ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ لۇغەتلىرىدە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمىسەك بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئاتالغۇ بىردەكسىزلىكىنى ئەمدى ئازايتىش كېرەك. گەرچە دۇنيادا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لۇغەت بولمىسىمۇ، لۇغەتنى مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تەكلىپ-پىكىر يېزىپ تۇرۇڭ، بۇ ھەممىمىزگە پايدىلىق.
لوغەتنىڭ خەت نۇسقىسىنى مېنىڭ كومپىيۇتېرىم تۇنىيالماي قالدىمۇ بىلمىدىم. خەت بەك كىچىك ھەم بەك ئىنىچكە. قارىسام مىكروسوفت ئۇيغۇر خەت نۇسقىسىدەك قىلدى.
ئىشلىتىۋاتقان تور كۆرگۈچۈم IE11 بىلەن Chrome ئىدى. لوغەتنىڭ خەت نۇسقىسى ئەسلى قايسى بولغۇيتى؟
ئەلكاتىپ خەت نۇسقىسى قىلىۋەتسەك بۇلۇپتىكەن ئەسلى. خەت كىچىك، ئاسان كۆرگىلى بولمايدۇ.
Alkatip خەت نۇسقىسى.
كومپيۇتېرىڭىز windows8/8.1 سىىتېمىلىق بولسا تور كۆرگۈچنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇلۇڭدىكى چىشلىك چاق نى بېسىپ ماسلاشما كۆرۈنۈش تەڭشەكلىرى گە كىرىپ لۇغەت تور بېكىتىنى ماسلاشما كۆرۈنۈش بېتىگە قۇشۇپ قويسىڭىز ساقىيىدۇ