ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتىگە سۆز قوشۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]«ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، جانلىق پايدىلىنىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيمەكتە، شۇنىڭدەك يەنە تىل-يېزىق كومىتېتىدىكى ۋە تىلچىلار سالونىدىكى تىلچى ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە يېڭى ئاتالغۇلار ۋاقتىدا قېلىپلىشىپ، ئۈندىدار لۇغىتىمىزگە كىرىۋاتىدۇ.
يېڭى ئاتالغۇلارنى تېخىمۇ تېز ۋە توغرا قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى»گە سۆز قوشۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى. «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى»نى قوشۇۋالغان ھەرقانداق كىشى بۇ ئىشقا قاتنىشالايدۇ. سىز يېڭى بىر سۆزنى تۆۋەندىكى شەكىلدە ئۈندىدار لۇغىتىمىزگە ئەۋەتسىڭىز، بۇ سۆز دەرھال ئامبىرىڭىزغا قوشۇلىدۇ ھەم يەنە مۇناسىۋەتلىك تىلچى ئۇستازلارنىڭ ئۈندىدارىغا ئەۋەتىلىدۇ. تىلچى ئۇستازلار تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچە سىز ئۆزىڭىز پايدىلىنىپ تۇرالايسىز. بىر ھېسابتا يەنە ئۆزىڭىزنىڭ خاس سۆزلۈك ئامبىرىنى قۇرالايسىز. تەستىقلانغاندىن كېيىن سىزگە تەستىقلانغانلىق ئۇچۇرى كېلىدۇ. ئۇنداق بولسا ئاتالغۇلار ۋاقتىدا قېلىپلاشمىدى، لۇغەتتىن ئىزدىسەم چىقمايدىكەن ياكى بۇ ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسى ئەسلىدە مۇنداق بولاتتى دېسىڭىز، شۇ ئاتالغۇنى مۇشۇ يەرگە ئەۋەتىڭ، ھازىر قېلىپلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئادەم بار.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەتراپىڭىزدىكى توغرا تەرجىمە قىلىنغان دۇكان-سارايلارنىڭ ۋېۋىسكىسىنى رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇلارنىڭ تەرجىمىسى قوشۇلىدۇ. خاتا تەرجىمە قىلىنغان ياكى ئىملاسى توغرا بولمىغان دۇكان-ساراي ۋە باشقا نەرسىلەرنىمۇ رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇلارنى تۈزىتىشكە مەلۇم جەھەتتىن پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.
تىل-يېزىقنى توغرا ئىشلىتىش ھەممەيلەننىڭ بۇرچى، تېلېفونىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئاتالغۇلارنى ۋاقتىدا قېلىپلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەسىلەن: ئاتالغۇ@تەرجىمىسى مۇشۇ شەكىلدە ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىز، ئامبارغا قوشۇلىدۇ.
مەن ئۇنى تەستىقلاش ئۈچۈن ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ ئەۋەتسەملا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە تىل-يېزىق كومىتېتى ئاتالغۇ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋە باشقا ساھەدىكى تىلچى ئۇستازلارمۇ بۇ ئىشقا ئاكتىپ قاتناشتى. ئاتالغۇنى ۋاقتىدا قېلىپلاشتۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرايلى
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,613 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 06-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 13:36
- ئالدىنقى يازما :Sample Composition Sociology
- كېيىنكى يازما :«ئالىم ئەھەت»كە پىكىرىم بار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئەپەندى ، مەنمۇ كۆپلىگەن تورداشلارغا ئوخشاش سىزنىڭ قوللىغۇچىڭىز ،مەن سۆز قىلىشنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن ،شۇڭا گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دىسەم ،سىزنىڭ لۇغىتىڭىزگە سۆز ئامبىرىنى قانداق قېتىشنى بىلەلمىدىم ،مەندە بۇرۇن نەشر قىلىنغان بىر نەچچە پارچە كەسپى ئاتالغۇلار لۇغىتى بار ئىدى ،شۇنىڭدىكى سۆزلۈكلەرنى «ئۇيغۇر سوفت چوڭ لۇغىتى »نىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا قېتىپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىشنى ئويلىغان ئىدىم ،ئەمما قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم ،شۇڭا ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز . ئېلخەت :mka216@126.com
مەندە بار لۇغەتلەر:
1.ئېلىكتر -ئېنىرگىيە لۇغىتى
2.قۇرۇلۇش ماتېرياللار لۇغىتى
3.بىئو -خىمىيە لۇغىتى
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە بىرنەچچە لۇغەت بار ،بۇلار ئاساسەن ئۈچ خىل تىللىق لۇغەتلەر بولۇپ ،كەسپى ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىشتا كەم بولسا بولمايدۇ ،شۇڭا سىزدىن ياردىمىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۇمىد قىلىپ قەشقەردىن :مىركامىل
بۇ يەردە سىز بىلەن تالاش تارتىش قىلىۋاتقىنىم يوق ،،،،،،مەن تۈنۈگۈنكى ئىشلارنى بىلمىگەندىن كىيىن سىزگە ئوخشاش كۆڭۇل بولۇپ سوراۋاتىمەن ،،،،،،،باشقا مەخسەت يوق