«ئالىم ئەھەت»كە پىكىرىم بار | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

«ئالىم ئەھەت»كە پىكىرىم بار

[ تاغدىن-باغدىن ]

5815868416431266566

«ئالىم ئەھەت»كە پىكىرىم بار
ئابدۇرېشىت غوپۇر

ئۈرۈمچى «ئۇيغۇرسوفت» كومپيۇتېر شىركىتى بىزنى سۆيۈندۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. شىركەت قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت كەمتەر، تىرىشچانلىقى، بولۇپمۇ ئالدىن كۆرەرلىكى بىلەن كومپيۇتېر كەسپىنى «مەڭگۈلۈك ھەمراھى»غا ئايلاندۇردى. «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتى 1998 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردا قۇرۇلغان تۇنجى كومپيۇتېر شىركىتى. خۇسۇسىي مىللىي كارخانىلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئۈرۈمچى قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرىغا كىرىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ دۇكان ئاچقان كارخانا. بۇ كارخانا يەنە تۇنجى بولۇپ ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىغا يۇمشاق دېتال ئىشلەپ بەرگەن، ئەمەلىي قوللىنىش ئىمكانىيىتىنى ياراتقان كارخانا. يەنە دېسەك، ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ مىكروسوفتنىڭ تۈر تەتقىقاتىنى ئىشلەۋاتقان كارخانا. ئالىم ئەھەت مىكروسوفتنىڭ تۈر تەتقىقاتىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا تۈرلۈك ئىمتىھانلاردىن 130 قېتىم بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئىمتىھان بەرگەن قېتىم سانى ئەڭ كۆپ كارخانىچى»غا ئايلاندى.

شۇنداق، شەرەپلەر خېلىلا كۆپ. لېكىن، ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئالىم ئەھەتنىڭ «تىنچ، ئىس-پۇسىنى چىقارماسلىق» مىجەزى بويىچە باشقۇرۇلۇشى جەريانىدا بەزىبىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇرسوفتنىڭ خېرىدارى، ئالىم ئەھەتنىڭ مەدەتكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئالىم ئەھەت ۋە ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە بىرقانچە تەكلىپ بەرمەكچى:

1) «ئۇيغۇرسوفت تور مەشرىپى» ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە؛ دىيارىمىزدا نۇرغۇن يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى تەرەققىيات مۇساپىسىدە «مەشرەپ» ئارقىلىق «كىملىك»كىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىمۇ خاسلىقنى نامايان قىلىپ بۇ يىل ئىچىدە «تور مەشرىپى» قىلىپ بەرسە، بۇ ئارقىلىق «خەلقتىن ئېلىپ، خەلققە قايتۇرۇش»تەك ئېسىل پەزىلىتىنى ئەلگە يەنە بىر كۆرەك قىلسا؛

2) ئالىم ئەھەت ئۆزىنىڭ تۆتىنچى ئارزۇسى بولغان ئۇيغۇرچە يېزىق تونۇتۇش سىستېمىسىنى ياساپ چىققان بولسا، ئىشتان-چاپىنىمنى سېتىۋېتىپ بولسىمۇ بىرنى سېتىۋالسام؛

3) «ئۇيغۇرسوفت فوندى» تەسىس قىلىپ، دىيارىمىز كومپيۇتېر ساھەسىدىكى يېڭى نەتىجە ۋە ھوسۇللۇق ياشلارنى ئىككى يىلدا بىر قېتىم مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارسا؛

4) كومپيۇتېر ساھەسىدىكى شىركەت ھەم خادىملارنىڭ «ئۇيغۇرسوفت»تا ئىكىسكورسىيە، ئۆگىنىشتە بولۇشىغا يەنىمۇ مەدەت بەرسە؛

5) تور تاراتقۇسىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى تەڭ نامايان بولغان بولسا؛ بۇ پۇرسەتتە، ئائىلە، مۇھەببەت، بايلىق ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلسا؛

6) ئالىم ئەھەت ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ كۆپ كۆتۈرىمەن دەيدىكەن، يەپ-ئىچىشكە ئەھمىيەت بەرسە؛ بولۇپمۇ بۇ يىل ئىچىدە، بەدەن ئېغىرلىقىنى 70 كىلوگىرامدىن ئاشۇرۇپ، بىزنى خاتىرجەم قىلسا؛

7) بۇ يازمامنى تارتىنماي ئالىم ئەھەت بىلوگى ۋە ئاكتىپ ئەزالىرىنى ئەڭ كۆپ «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»دا ئېلان قىلىپ بەرگەن بولسا؛

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
47 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • مەنمۇ 6- پىكىرنى دەھشەت قوللايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 01:32
  • مەن 6-پىكىرنى ھەممىدىن بەكرەك قوللايمەن، نىمىشقا كومپىيوتىرچىلار بۇنچە ئۇرۇق بولىدۇ ؟ ئەسلى ئۇلارنىڭ قولى، كاللىسى، كۆزىدىن باشقا ئەززالىرى ئانچە ھەركەت قىلمىغاندىكىن سەل-پەل بودەكراق بولسا بولاتتى…… قارىغاندا مۇئەللىم غىزالىنىشقا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغاندەك قىلىسىز جۇمۇ (ھەيران قالغانلىق چراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 23:28
    • تامىقىم ياخشى، ئەمما بىر كۈنلۈك ئەقلىي ئەمگەك بىر كۈنلۈك جىسمانىي ئەمگەكتىن قېلىشمايدىكەن، بولۇپمۇ ماۋۇ سىرتنىڭ ئىشىنىڭ سالمىقى بەك ئېغىر، رېتىمى جىددىي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى am 10:15
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، مەن يۇمشاق دىتال ساھەسىدە ئۇقۇي دىگەن ئىدىم ، مەخسۇس كورۇس بارمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى am 11:50
  • ياخشى پىكىر بوپتۇ ! مۇئەللىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 16:22
  • مىنىڭمۇ پىكرىم بار . بۇ يىلنىڭ يېرىمى ئۈتۈپ كەتتى ، ئالىم مۇئەللىم ھازىرغىچە تور دەرىس پىلانىنى ئېلان قىلمىدى . دىيارىمىزدىكى ماڭا ئوخشاش تور دەرىسىنىڭ بالدۇراراق باشلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلاردىن نەچچىسى باردۇ . ھەر بىر قېتىملىق تور دەرىسىدىن تەربىيلىنىپ چىققانلار مەنچە بولسا ئۇيغۇر كومپىيوتىرچىلىقىنىڭ كەلگۈسىگە بىر كىشلىك ھەسسە قوشالىشى مۇمكىن . شۇڭا ئالىم مۇئەللىم بۇ ىللىق تور دەرىسىنى تېزاراق باشلىسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 12:48
  • مىنىڭچە يۇقىردىكى ‹‹قېرىنداش›› ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىسى ھەقىقى مەسىلە.
    مۇشۇ Excel 2013 دىگەن دىتال (ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى نەشىرىمۇ شۇنداق) ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە تازا مۇكەممەل ئەمەس. مەسىلەن :
    بىر كاتەكچىگە ‹‹2015- ئوقۇش يىلى 1- مەۋسۇملۇق 3- يىللىقلارنىڭ ماتېماتىكا چارەكلىك ئىمتىھان سوئالى›› دەپ كىرگۈزۈپ بولۇپ، ئۇنى مەزمۇننىڭ كەڭلىكىدىن ئىشىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئىككى قۇر قىلىپ كۆرۈنىدىغان ھالەتتە تەڭشىسەك شۇ ھامان مۇنداق ئۆزگىرىپ قالىدۇ:‹‹ ئوقۇش يىلى 1- مەۋسۇملۇق 3- يىللىقلارنىڭ ماتېماتىكا چارەكلىك ئىمتىھان سوئالى-2015 ››دەپ.
    بەلكىم بۇ Excel 2013 دىگەن كاساپەت ئۇيغۇرچىگە ئوخشاش ( مەسىلەن :قازاقچە؛ ئەرەبچە…) ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان بارلىق يېزىقلارنى مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلىشى مۇمكىن، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان بارلىق يېزىقلاردا ئاشۇنداق خاتالىق كۆرۈلسە ئۇنداقتا بوپتۇ مەيلى. لىكىن، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان باشقا يېزىقلارنى نورمال بىر تەرەپ قىلىپ، پەقەت ئۇيغۇرچىدىلا يۇقىرقىدەك خاتالىق كۆرۈلسە ئادەمنىڭ سەل ئاچچىقى كىلىدۇ.
    مەن ئويلىغان يەنە بىر ئەھۋال مۇنداق:
    ئادەتتە Excel 2013 دا خەت ئۇرۇشتىن بۇرۇن خەنزۇچە ئۇرساق تىل تاللاش ئورنىدىن 《中》نى تاللاپ قويۇپلا كاتەكچىگە خەت ئۇرساق خەنزۇچە خەتلەر نورمال چىقىدۇ، يەنە ئىنگىلىزچە كىرگۈزمەكچى بولساق، تىل تاللاش ئورنىدىن‹‹ENG››نى تاللاپ قويۇپلا كاتەكچىگە خەت كىرگۈزسەك ئىنگىلىزچە ھەرىپلەر كىرىدۇ. ئەمما لىكىن بىراق، ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولساق بىرىنچى قىتىم تىل تاللاش ئورنىدىن ‹‹ئۇي›› نى توغۇرلاپ، ئىككىنچى قىتىم، Excel 2013 دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولغان كاتەكچىلەرنى تاللاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ خەت نۇسخىسىنى Microsoft Uighur دەپ توغۇرلاپ بولغاندىن كىينلا ئاندىن بىز تاللاپ بولغان ئاشۇ دائىرگە ئۇيغۇرچە نورمال چىقىدۇ. باشقا كاتەكچىلەرگە يېزىلغان خەتلەر يەنە بىنورمال چىقىدۇ.
    ھىچ بولمىغاندا Word 2013 كە ئوخشاش، تىل تاللاش ئورنىدىن ‹‹ئۇي›› دەپ تاللاپ بولغۇچە، خەت نۇسخىسى ئاپتوماتىك ھالدا Microsoft Uighur دەپ ئالمىشىپ بولغان بولسا ياخشى بولاتتى.
    مۇمكىن بولسا microsoft شىركىتىگە يەتكۈزۈپ قويسىڭىز، كىينكى نەشىرلىرىدە تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرغان بولسا بوپتىكەن. رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 19:54
  • بىزدە ئالىمكامدەك بىر ئادەمنىڭ بولغىنى بىز ئۈچۈن شەرەپ ، بىز ھازىر ئىلىم پەن ئۇچۇر دەۋىردە تۇرۋاتمىز ….بىز ھازىر يۇمشاق دىتاللار كۈچىدىن ئۈنۇملۈك پايدىلىنىپ دەۋېر بىلەن تەڭ ماڭمىساق بولمايدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:02
  • رەسىمنى قانداق يوللايمىز، ياكى ئېلخەتكە يوللامدۇق

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:33
  • مەن تىلفۇن ئارقىلىق يوللىغان شۇڭا مۋاقىت چىقىرىپ يوللاي، يەنە كاتاكچىگە تارتما تىزىملىك بىكىتكەندىن كىيىن يۈرۈشتۈرۈش تاياقچىسى كۈرۈنمەسلىك ئەھۋالىمۇ مەۋجۇتكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:28
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەد ئاكا قانداقراق ئەھۋالىڭز ياخشىمۇ..؟؟
    ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەۋاتىسىز ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسانلاشتۇرسۇن..!!!
    بولسا مىنىڭ ئېلخىتىمگە ئۈندىدار نومۇرىڭىزنى يوللاپ بەرسىڭىز ..!! رەھمەت

    E-mail : Nursoft@foxmail.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 20:41
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا مەن xl2013 توغرىسدا ئىككى تۈرلۈك مەسىلىنى ئورتاقلاشماقچى بىرى ئىش قەغىزىنى ئوڭغا توغىرلىغاندىن كىيىن قۇر نۇمۇرىنىڭ تۇلۇق كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسى، يەنە بىرى ئىش قەغىزىنى ئوڭغا توغىرلىغاندىن مەلۇم كاتەكچە توڭلىتىلغان ھالەتتە قۇر قىستۇرۇلسا xlنىڭ چىكىنىپ چىقىپ كىتىشى، ئەگەر سولغا توغۇرلانسا ياكى توڭلىتىلمىسا ئۇنداق بولمايدىكەن، يوقارقى ئەھۋاللارنى تۈپتىن تۈزىتىشنىڭ ئامالى بارمۇ،ئاپتور شىركەتكە پىكىر بىرىش كىرەك دەپ قارىسىلا پىكىر بىرىپ باقالىمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى am 09:26
    • مېنىڭچە سىز دېگەن بۇ مەسىلە مەۋجۇت دەپ قارىمايمەن، ئەگەر راستتىنلا شۇنداق ئىش بولسا پىكىر بەرسەك بولىدۇ. رەسىملىك كۆرۈنۈش بارمۇ يوق؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:57
  • خېلى ياخشى پىكىر بېرىپتۇ. مۇشۇنداق ياخشى پىكىر بېرىدىغان كىشىلەر كۆپرەك بولسا ،ھاردۇقلار چىقىپ قالىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:15
باھا بېتى: 1 2 3