ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ھازىر رەسمىي تارقىتىلدى، تۆۋەندىكى ئۇيغۇرسوفت ئىملا تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
http://imla.uighursoft.com
(سىغىمى: 1.84 مېگابايت)
بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇلانمىدىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ. ?p=4218
ئىشلىتىش داۋامىدا يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسىڭىز، كېيىنكى نەشرىدە تۈزىتىۋېلىشىمىز ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرۇڭ، رەھمەت. بۇ يۇمشاق دېتال ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، ئەلۋەتتە مۇشۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى alim.ahat@gmail.com غا خەت ئەۋەتىڭ.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 2014-يىل دېكابىر
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 66,240 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 9:45
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەتە تارقىتىلىدۇ.
- كېيىنكى يازما :PROS AND CONS OF NUCLEAR Power
تېخىمۇ كۆپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، ئۇيغۇرسوفىت كوررىكتورىدا ھەپتە ئاتالغۇلېرىنىڭ ئۆلچەملىك يازما شەكلىدە « دۈيشەنبە » دەپ يىزىلامدۇ ياكى « دۈشەنبە» دەپ يىزىلامدۇ؟ گەرچە كىچىككنە مەسلە بولسىمۇ ئىملا تەكشۈرگۈچتە دۈشەنبىنى توغرا دەپ چىقىرىپ قويدى. مىنىڭچە بولسا ئۆلچەملىكى «دۈيشەنبە» بولسا بۇلاتتى. يەنى بىر ي چۈشۈپ قالغان.
بۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى ئاساس قىلىدۇ، توغرا چۈشىنىڭ
بۇ بەكلا قىممەتلىك سوۋغا بولدى، بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيەتتە… بارلىق تاراتقۇلارنىڭ بۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ئۆز ماتېرىياللىرىدىكى ئىملا خاتالىقلىرىنى ئازايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئانا تىلىنى سۆيۈش ئىملانى توغرىلاشتىن باشلانسۇن!
مېنىڭكىدە باشقا مەسىلە يوق ، لېكىن نېمىشقىكىن بىلمىدىم ، خەتنىڭ رەڭگى قىزىل چىقىۋىلىپ ، كۆزۈمنى بەك بىئارام قىلىۋاتىدۇ . پەقەت ئوڭشىيالمىدىم