ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ھازىر رەسمىي تارقىتىلدى، تۆۋەندىكى ئۇيغۇرسوفت ئىملا تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
http://imla.uighursoft.com
(سىغىمى: 1.84 مېگابايت)
بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇلانمىدىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ. ?p=4218
ئىشلىتىش داۋامىدا يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسىڭىز، كېيىنكى نەشرىدە تۈزىتىۋېلىشىمىز ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرۇڭ، رەھمەت. بۇ يۇمشاق دېتال ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، ئەلۋەتتە مۇشۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى alim.ahat@gmail.com غا خەت ئەۋەتىڭ.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 2014-يىل دېكابىر
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 55,968 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 9:45
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەتە تارقىتىلىدۇ.
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب
تېخىمۇ كۆپ
411 پارچە باھا يېزىلدى
بولىدۇ مۇئەللىم، ئەگەر تەكلىپ قىلماقچى بولسىڭىز مەن تەييار. مېنىڭ كەسپىممۇ دەل مۇشۇ ساھەدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە كوررېكتورلۇق ئىشلىرىغا خېلى قىززىقىمەن.
ئەمدى نۇرماللىشىپتۇ ! جاپا چەكتىڭىز !!
باياتىن بېرى ئىملا تەكشۈرگۈچنى قوزغاتقان ۋاقىتتا كىرىش كۆزنىكى ئېچىلىپ،كىرىش باتونى كۈلرەڭ ھالەتتە بولۇپ كىرىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلالمىغان ئىدى . ھازىر قايتا كىرىپ قارىسام ئوڭشىلىپتۇ ، ئەمما ئوخشاشلا كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ .
جاپا چەكتىڭىز ئۇستاز !
مۇئەللىم بىر تەكلىپىم بار ئىدى. ئويلىشىپ باقسىڭىز.
ھازىر ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ بۇ نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلار خېلى كۆپەيدى دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭغا ماس لۇغەتكە قوشىلىدىغان يېڭى سۆزلەرمۇ خېلى كۆپەيدى. ئۇ سۆزلەرنى تەھرىرلەشكە بىزدەك تورداشلاردىنمۇ پىدائىي قوبۇل قىلسىڭىز. ئۇنداق بولغاندا يېڭى سۆزلەرنى تەھرىرلەشكە قاتنىشىدىغان كىشىلەر كۆپرەك بولسا، بىر سۆزنىڭ توغرا خاتالىقىنى بىكىتىدىغانلار كۆپرەك بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئىھتىياتسىزلىق ئىملاسى خاتا سۆزلەرنىڭ لۇغەتكە قوشۇلۇپ قېلىشى سەل ئازراق بولامدىكىن دەيمەن.
ئەگەر پىدائىي قوبۇل قىلىپ قالسىڭىز ئالدى بىلەن ئۆزۈم تىزىملىتىمەن.
ماۋۇ بەكمۇ ئېسىل تەكلىپ بولۇپتۇ. دېمىسىمۇ بۇ دېتالنى ئىشلىتىدىغانلار ھەسسىلەپ ئاشماقتا، گەرچە خاتالىقلاردىن ساقلىنىش تەسرەك بولسىمۇ، بىرمۇ خاتا سۆزنى ئامبارغا قوشماسلىقىمىز كېرەك، بولمىسا ئۇ كوررېكتورلۇق بولماي قالىدۇ. مەن باشقۇرۇش قورالىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ، بۇ دېتالىمىزنى توغرا ئىشلىتىۋاتقانلار ئارىسىدىن تەكلىپ قىلاي، ئەگەر مۇشۇنداق ئىشقا قىزىقىدىغان بولسىڭىز، بۇ دېتالنى كۆپرەك ئىشلىتىپ تۇرۇڭ ھەمدە كۆپرەك توغرا سۆزلەرنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرۇڭ.
قۇلۇمدا21天学通visual basic (电子工业出版社 马军 等编著) ناملىق كىتاب بار مەن مۇشۇ كىتابنى ئۆگىنىۋاتىمەن ،كىتابمۇ شۇنداق ياخشى تۈزۈلگەنكەن ،پىلان تەرتىپ بۇيىچە تۈزۈلگەنىكەن،سىزنىڭچە راستىنلا 21كۈندە تۈگىتىپ بولغىلى بۇلامدۇ ؟
ئالىم مۇئەللىم مەن vbتىلىغا قىزىقىپ قىلىپ ئۆگەنمەكچى بۇلۇپ ،دەسلەپكى ۋاراقلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغىنىمدا پىرۇگىراممىلارنىڭ ساپلا ئىنگىلىزچە يىزىلغىنىدىن ئۆگىنىش بەك تەس كەلدى ،(چۈنكى مىنىڭ ئىنگىلىزتىلى سەۋىيەم نۆل ھالەتتە)،شۇنداق بۇلسىمۇ بىر قۇلۇمدا لۇغەت كۆتىرۋىلىپ تۇتۇپ ئۆگەندىم ،لىكىن جۈملە گىراماتىكا بىلىملىرىنى شۇنداق ئۆگەنگەن بۇلساممۇ ئىنگىلىز تىلى پۇتلىكاشاڭ بولدى ، vb ئۆگىتىدىغان كىتابلاردا ئىشلەتكەن ئىنگىلىزچە سۆزلۈك جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزھاھلاپ قۇيمايدىكەن ،ئىنگىلىز تىلىنى بىرەر يىل ئۆگىنىپ ئاندىن vbتىلىنى ئۆگىنەي دىسەم بەك سۇزۇلۇپ كەتكۈدەك ،ئالىم مۇئەللىم ئىنگىلىز تىلىنى بىلمىسە vbتىلىنى ئۆگەنگىلى بۇلمامدۇ ،vbتىلىنى قانداق ئۆگەنسە بۇلىدۇ ؟ياكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قانداق ؟مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ؟
ھازىرچە ئاددىيلا جاۋاب بەرسەم ئىنگلىز تىلىنى بىلمىسىڭىزمۇ كومپيۇتېردا پىروگرامما يېزىشنى مەشق قىلالايسىز، ئەمما ئىنگلىز تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ، ھەتتا ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىچىدىمۇ بىرنەچچە قۇر كود (پىروگرامما) يازالمايدىغانلارمۇ بار، شۇڭا ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ھەرخىل كومپيۇتېر كەسىپلىرى بار. ئۇلار شۇ يەرگە بېرىپ يەنە ئۆگىنىدۇ. بۇنىڭدىن بىرەر نەرسىنى ھېس قىلدىڭىز ھەقاچان. ئەمما بۇ كەسپتە تېز ئىلگىرلەيمەن دېسىڭىز، ئىنگلىز تىلىنى ھاجىتىڭىزدىن چىققۇدەك بولسىمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ، ھېچبولمىغاندا خەنزۇ تىلى بىلسىڭىزمۇ تېخنىكىلار ماتېرىياللاردىن پايدىلىنالايسىز، ئەمما ھەرۋاقىت ئىنگلىز تىلىدەك ئۈنۈملۈك بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ساھەنىڭ باشلامچىلىرى يەنىلا شۇلار.
بۇمۇ بەك ياخشى بوپتۇ ، مۇشۇ جەھەتتە قىينىلىپ يۈرەتتىم ، بۇدىتالنى كۈچۈمنىڭ بارىچە قوللايمەن . خاقان سالونى ۋە كۈلكە سالونىدا شۇنداقلا كۈلكە تورىدا تەشۋىق قىلىمەن ! جاپا چىكىپسىز ئالىم مۇئەللىم !
كۆپ رەھمەت، مۇمكىن بولسا تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ.
ئىملا تۈزىتىۋاتقان ۋاقىتتا، نىشان سۆز ئىملا تۈزىتىش رامكىسىنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ قالسا، چوقۇم كۆزنەكنى يۆتكىۋېتىش كېرەك بولىدىكەن.
شۇ رامكىنى خۇددى Word تا مەلۇم بۆلەكنى تاللىساق كىچىك تەھرىرلەش قوراللىرى رامكىسى كۆرۈنگەنگە ئوخشاش، ھەرىكەتچان قىلىپ لاھىيەلەنگەن بولسا. رەسىم: http://dwz.cn/zC64V
بولىدۇ، بۇنى مەن ئويلىشىپ باقاي.
ئىشلەتكەن سىستېما: 8.1، كونكرېت رەسىمىنى قىلالىشىمچە ئې-خەت ساندۇقىڭىزغا يوللىۋەتتىم،
كۆپ رەھمەت، مەن تاپشۇرۇپ ئالدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، كوررېكتورنى ئىشلىتىپ بەك خۇشال بولدۇم ، ئەمما ، قاچىلانغان ھۆججەت قىسقۇچىغا قارىسام ، مەخپىي نومۇرىمىزنى ئەسلى ھالىتىدە ساقلاپ قويىدىكەن. بولسا مۇشۇنى بىر شىفىرلاپ ساقلىغان بولسا ….
مېنىڭكىدە، ۋورد ھۆججىتىدىن چاپلىسام نورمال، ھۆججەتنى ئېچىشتىن ئاچسام خاتالىق چىقىۋالدى
تېنىڭىزغا سالامەتلىك، روھىڭىزغا تېخىمۇ زور كۈچ-قۇۋۋەتلەر ئاتا بولسۇن
بۇ ياخشى ئىشلىرىغا ئاللاھ كۆپ ئەجىر بەرسۇن!
مەن ئىشلىتىپ كۆردۈم بەك ئوبدانكەن. بەك خۇش بولدۇم.
شەكىل جەھەتتىن بىزەپ، مۇقۇملاشتۇرۇپ قويغان باشقا ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ ئەكىرسەك، شەكلى ئۆزگۈرۈپ كىتىدىكەن. مەسىلەن: خەتنىڭ ئوتتۇرىغا توغۇرلىنىشى، ئابزاس بېشىنىڭ سەل ئىچىگىرەك كېلىشى.. دېگەندەك، ئەگەردە ئەسلى شەكىل ئۆزگەرمىگەن بولسا ياكى، ئەسلى ھۆججەت يۈزىدىلام توغۇرلىغېلى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن.
ماۋۇ بەتتە چۈشەندۈرۈلىشى بارئىكەن.
http://www.hg.com.cn/product/dzcbxt_show.asp?id=11