نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 10 ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11:00 دە مىكروسوفت شىركىتى سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە كىچىك كۆلەملىك مەھسۇلات تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10 نى ئېلان قىلدى. يېڭى سىستېمىدا باشلاش تىزىملىكى قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولۇپ، باشلاش تىزىملىكىدە يەنە جانلىق تىزمىلارنى كۆرەلەيمىز. شۇنداق قىلىپ Windows 7 دىكى باشلاش تىزىملىكى ۋە Windows 8 دىكى جانلىق تىزمىلار بىرىكتۈرۈلۈپ، بىر سىستېما قىلىندى. بۇنداق بولغاندا Windows 7 ۋە Windows 8 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى Windows 10 غا تېزلا كۆنۈپ كېتەلەيدۇ.

Windows 10 يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One نى ئومۇمىيۈزلۈك قاپلىغان تولۇق سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئىقتىدار جەھەتتە Windows 8 نىڭ سەزمە كونترول ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان.

پۈتۈن سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىكروسوفت Windows 10 نى «تارىختىكى ئەڭ مۇرەككەپ سۇپا» دەپ تەرىپلىدى. Windows 10 بارلىق قاتتىق دېتاللارنى قاپلىغان بولۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى بېرىدۇ. ئىجادىيەتچىلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق كۆپ سۇپىلىق (سۇپا ئاتلىغان) ئەپلەرنى ئاچالايدۇ. يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئوخشاش مەشغۇلات ئارايۈزى ۋە ئوخشاش بىر دۇكان بولۇپ، سۇپا ئاتلىغان ئۈسكۈنىلەردە ئىزدىيەلەيدۇ، سېتىۋالالايدۇ ۋە دەرىجە ئۆستۈرەلەيدۇ.

Windows 10 ھەرقانداق ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا بولىدىغان بولۇپ، ئەشيا تورى (物联网) ئۈسكۈنىلىرىدىن كارخانا مەلۇمات مەركىزىدىكى مۇلازىمىتېرلار، 4 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەردىن 80 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەرگىچە، تاقالما بويۇم(可穿戴设备)، چوڭ تىپتىكى سودا ئۈسكۈنىلىرى، يەنە تېخى ئېكرانسىز ئۈسكۈنىلەردىمۇ نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەردە كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس، سەزمە ئېكران ۋە قول ئىشارىسى قاتارلىق ھەرخىل مەشغۇلات شەكىللىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا، خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

 Windows 10

 

cebMQmJdtNRk

(بىر مەھسۇلات ئائىلىسى، ئوخشاش سۇپا، ئوخشاش دۇكان)

قارىغاندا يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ھەقىقىي بىرلەشتۈرگەن ئوخشايدۇ.

ce23anH4NUVSc

 قايتۇرۇپ كېلىنگەن باشلاش تىزىملىكى

ceYVzrbjADnnwقاراڭ بۇ يەرگە، باشلاش تىزىملىكىدىمۇ جانلىق تىزملار بار

 ceA3n3NyI57po

(بۇ ئېكراندىكى ئىنگلىزچە خەتلەرنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق)

كارخانا قىممىتى

تونۇشلۇق، ماسلىشىشچان، ئۈنۈمدار

زامانىۋى باشقۇرۇش

ئىختىيارىلاشقان دۇكان

كارخانا مەلۇماتلىرىنى قوغداش

 

چۈشۈرۈش ئادرېسى مانا:

http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/preview-iso

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
121 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 5 6 7
  • مېنىڭ كومپىيتۇرىمنى سېتىېۋالغاندا windows8.1中文版 قاچىلانغان ئىكەن. ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلەتكەن ئىدىم. سىز تەمىنلگەن بويىچە windows10下载工具 ئارقىلىق چۈشۈرەي دىسەم بىر سائەتتىمۇ 0% دەپلا تۇردى. ئاندىن باشقىلارتەمىنلىگەن ئادېرىستىن windows10 ئائىلە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئىدىم. قارىسام ئاكىتىپلىنىپتۇ، سېستىما windows10家庭中文版 ئىكەن. ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاي دىسەم پەقەت چۈشمىدى، 连接到Internet 以检查语言包 دەپلا چىقىۋالدى، كومپىيۇتېر تورغا ئۇلانغان ھالەتتە بولمىسا. توردىن ئاختۇرسام 家庭中文版نىڭ تىلىنى ئۆگەرتكىلى بولمايدۇ، 家庭版نىڭ تىلىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دەپتۇ. windows10 家庭中文版نىڭ ئورنىغا windows10家庭版قاچىلىسام ئاكىتىپلىنارمۇ. يا چۈشۈرۈش ئادېىرىسنى تاپالمىدىم. ئامالسىز سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:50
باھا بېتى: 1 5 6 7