ئۇيغۇرچە OCR

بۈگۈن (يەنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، چارشەنبە) بېيجىڭدىكى ئۈچىنچى ئىشىم بېيجىڭ خەنۋاڭ (汉王) شىركىتىنىڭ تەكلىپى بۇيىچە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن تېخنىكىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىدى، خەنۋاڭ شىركىتى دۆلىتىمىزدىكى OCR (ئوپتىكىلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى پەرقلەندۈرۈش) تېخنىكىسى جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ شىركەت دۆلەتنىڭ تۈر مەبلىغىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە تېخى تەلتۈكۈس ھەل بولمىغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە OCR يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئىدى. خەنۋاڭ بىلەن ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئۇيغۇرچە OCR جەھەتتىكى تېخنىكىلىق ئالاقىسى ئالدىنقى يىلنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، دەسلەپكى سىناق مەھسۇلاتمۇ پۈتۈپ قالغان ئىدى، ئەمما، قىسمەن مەسىلە ساقلانغان بولۇپ، بۇنى پەقەت بىۋاسىتە تېخنىكىلىق مۇنازىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولاتتى.

خەنۋاڭ شىركىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار مېنىڭ بېيجىڭغا بارىدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، بىز 4-ئاينىڭ 27-كۈنى چارشەنبە چۈشتىن بۇرۇن ئۇچرىشىشنى پىلانلىغان ئىدۇق. بۇ مىكروسوفت شىركىتىگە بارغان كۈننىڭ ئەتىسى ئىدى. مەن ئۇيغۇرچە OCR نىڭ سىناق نۇسخىسىدىكى نۇقسانلارنى رەتلەپ، ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ ناھايىتى پۇختا تەييارلىغان ئىدىم. ئۇلار مېنىڭ ۋاقتىمغا ئاساسەن شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىككى سائەت تېخنىكىلىق لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

مەن دېيىشكەن ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن، جۇڭگۈەنسۈن يۇمشاق دېتال باغچىسى (شاڭدى غەربىي يولى上地西路)غا جايلاشقان بېيجىڭ خەنۋاڭ (باش) شىركىتىگە كەلدىم. ئىشىك تۈۋىدىكىلەرگە تىزىملىتىپ ساقلاپ تۇردۇم، ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەن بىلەن كۈرۈشمەكچى بولغان مەسئۇل خادىم پەسكە ئۆزى چۈشۈپ مېنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ شىركەتنىڭ مىكروسوفتقا ئوخشىمايدىغان يېرى كارتا بەرمىدى، لېكىن، ئىشىك ئالدىدا چىراي پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە يوقلىمىدىن ئۆتىدىكەنمىز. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە خەنۋاڭنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، پەرقلەندۈرۈش سۈرئىتى خېلە تېز ئىكەن. بىز لېفىت ئارقىلىق 3-قەۋەتتىكى 10 كىشلىك كىچىك يىغىن زالىغا كەلدۇق. ئارقىدىن باش دېرىكتورنىڭ ياردەمچىسى ۋە 5-6 كىشى كىرىپ كەلدى. ئۇ باش دېرىكتورنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاۋىستىرالىيەگە Intel شىركىتىنىڭ يىغىنغا كەتكەنلىكىنى، ھازىرچە بارلىق ئىشلارغا ئۆزىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتوچكىسىنى بەردى. ئاندىن ئۇ خادىملارغا: «ئالىم مۇئەللىم شىنجاڭدىن ئالاھىدە شىركىتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇيغۇرچە OCR غا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ئوبدان سورىۋېلىڭلار، بولمىسا، سىلەرنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىمەن، ئالىم مۇئەللىم، بىز سىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى ئاڭلاشقا تەييار بولدۇق»-دېدى. قىززىق يېرى مەن ئىسىم كارتوچكىسىدا خەنزۇچە ئالىم ئەھەت (دېرىكتور) دەپ يازساممۇ، ئۇلار مېنى ئىزچىل «ئالىم مۇئەللىم (阿老师)»-دەپ چاقىرىپ تۇردى. قارىغاندا، ئۇلار دېرىكتورنى چوڭ بىلمەي، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسىنى چوڭ بىلەمدىغاندۇ؟ ياكى تېخنىكىلىق جەھەتتە ئۇلارغا لېكسىيە سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ، مۇئەللىم دەپ تۇرىۋالدىمۇ ھېچ بىلمىدىم.

ھەرپ-بەلگە پەرقلەندۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقىمۇ يىغىنغا قاتناشتى، بىز شۇنداق قىلىپ سۆھبەتنى باشلىۋەتتۇق. مەن بارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويدۇم، ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتۇق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دەپتىرىگە ئالدىن تەييارلىۋالغان سوئاللىرى بويىچە سوئال سوراشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ سىناق مەھسۇلاتىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ، ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرغا قويدۇم، ئۇلارمۇ خۇددىي ئوقۇغۇچىلاردەك دەپتەرلىرىگە خاتىرە قالدۇردى. مېنى تەسىرلەندۈرگەن يېرى ئۇلارمۇ بىر يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنى خېلە تۇنۇيدىغان بولۇپتۇ، ئەمما، ئۇيغۇر-يېزىقىنى تېگىدىن چۈشەنمىگەن بولغاچقا، ھەر بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويغاندا، ناھايىتى كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق. ئۇلارغا نىسبەتەن قىيىن ئىش سۆزلەرنىڭ ئىچىدىكى تۇتاش بۆلەكنى ئايرىش (يەنى سۆز ۋە تۇتاش بۆلەك چېگرىسىنى بېكىتىش) ۋە ئاخىرقى نەتىجىگە نىسبەتەن ئىملا تۈزىتىش ئىكەن. بۇ ماڭا نىسبەتەن بەكلا ئاددىي ئىش ئىدى، لېكىن، ماڭا نىسبەتەن قىيىن ئىش ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى بىر-بىرىدىن ئاجرىتىش ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى بىر-بىرىدىن ياخشى ئاجرىتىپتۇ، لېكىن، بىرىكتۈرگەندە سۆزنىڭ ئىملاسىدا مەسىلە كۆرۈلىدىكەن. گەرچە يەككە ھەرپلەرنى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى %98 گە يەتسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى بىرىكتۈرگەندە ھاسىل بولغان سۆزنىڭ ئىملاسىدا خاتالىق كۆپ ئىكەن. ئومۇمىي پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى %60 دىن %70 غىچە بولىدىكەن، بۇنى پەقەت ئىملا تەكشۈرۈش ئارقىلىق (بولۇپمۇ سۆز ۋە ھەرپنىڭ چاستوتاسىغا ئاساسەن، ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى بۇيىچە) ھەل قىلغاندا، %90 دىن يۇقىرى قىلىشقا بولىدۇ، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ئارقىلىق سىناق نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولدى. بەتنى ئاپتۇماتىك تۈزلەش، داغ نۇقتىلارنى چىقىرىپ تاشلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى ئۈچۈن، ئەسلىدىكى خەنزۇچە OCR نىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىپتۇ، ناۋادا، ئىملا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغاندا، پەرقلەندۈرۈش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ قولدا ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىكەن

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر بىر قۇر كەينىدە قۇر ئايرىش بەلگىسىنى سۈكۈتتىكى ھالەتتە (ئىلگىرىكى قاتتىق قۇر ئايرىش بەلگىسىنىڭ ئورنىغا) يۇمشاق قۇر ئايرىش بەلگىسىگە ئالماشتۇرۇش، «س» بىلەن «ى»، «ل» بىلەن «ى»، «ا» بىلەن «1» قاتارلىقلارنى توغرا پەرقلەندۈرۈشتە ھەقىقەتەنمۇ سۆزلۈك ئامبىرى ۋە ئىملا تەكشۈرۈش تېخنىكىسىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى تولۇق ھېس قىلدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا «ئۇيغۇرچە كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالى» ھەققىدىكى ماگىستېرلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى ئوقۇغاندىنمۇ كەسكىن مۇنازىرە بولدى. تېخنىكىلىق سۆھبەت ئىككى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولاي دېگەندە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىكى بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرۈشىدىغان ئىشىمنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشتىم. ئۇلار رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويايلى دېيىشتى، ئاندىن ھەممىسى 1-قەۋەتكە چۈشۈپ ئۇزۇتۇپ قويدى.


مەن شۇنداق قىلىپ بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتالدىمۇ مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلدىم، خەنۋاڭ شىركىتىنىڭ ھەرپ-بەلگە پەرقلەندۈرۈش جەھەتتىكى تېخنىكىسى ناھايىتى ئىلغار، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل-يېزىققا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللاردا تىكلىگەن ئاساسىي ئىنتايىن پۇختا، شۇنداق قىلىپ ، ئۇيغۇرچە (قازاقچە ۋە قىرغىزچە) يۇمشاق دېتال ساھەسىدە ئۇزۇندىن بېرى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان بۇ تېخنىكا ئاخىرى ھەمكارلىق ئاساسىدا ياخشى ئۈنۈم بەردى. كۆڭلۈم ئىنتايىن ئارام تاپتى.

جۇڭگۈەنسۈن يۇمشاق دېتال باغچا رايونىغا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال كارخانىلىرى توپلاشقان ئىكەن، خەنۋاڭ شىركىتىدىن ئايرىلىپ ئالدىدىكى چوڭ يولغا كەلسەم، Baidu شىركىتىنىڭ بىناسى كۆرۈندى. قارىغاندا بۇ يەر يېقىن كەلگۈسىدە، دۇنيادىكى 2-كىرىمنىي جىلغىسى بولۇپ قالغۇدەك.

OCR توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما:


بۇ يازما سەپەر خاتىرىسى, يۇمشاق دېتال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

ئۇيغۇرچە OCR ئۈچۈن 36 ئىنكاس بار

  1. نەزەرى مۇنداق يازغان:

    خەنۋاڭ ھەقىقەتەن ياخشى قىلىۋاتىدۇ ھازىر. مەنمۇ ئادەتتە شۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىمەن.مەنمۇ بۇرۇن مۇشۇ ھەقتە كۆپ ماتىريال كۆرگەن. لىكىن بازار يوق دەپ كىيىن قويۇپ قويغان.
    ئالىم مۇئەللىم ئۇلارغا بىزدە مەتبۇئاتتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە خەت نۇسخىسى ۋە ئىملا (بولسا جۈملە) ئامبىرى تەمىنلەپ بەرسە پەرىقلەنگەندىن كىيىنكى تېكىستنىڭ ئاپتوماتىك توغىرلىنىش(OCR تېخنىكىسىنىڭ 4- باسقۇچى، ھەم مۇھىم باسقۇچى) نىسبىتى كۆپ ئاشىدۇ. ئۇيغۇر تېخنىكلارغا ئىھتىياجلىق بولسا بېيجىڭدىمۇ كومپيۇتېر كەسىپنىڭ بالىلىرى خىلى كۆپ، شۇلارغا تەشەببۇس قىلىپ قويسىڭىز.

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      بۇ نەرسە ئەسلىدە 5-6 يىلنىڭ ئالدىدا بولغان بولسا، بازىرى تېخىمۇ كۆپ بولار ئىدى، ئۇيغۇرسوفتقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدىسى بولمىسىمۇ، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇلارغا بىر يىلدىن بۇيان نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەمىنلەپ بەردىم، ئۇيغۇرچىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق تېخنىكىلىق مەسىلە قالمىدى،
      ئۇلارمۇ ھازىر شەخسلەرنىڭ سېتىۋالمايدىغانلىقىنى، بازارغا سالسا زىيان بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە OCR يۇمشاق دېتالىدا يىلدا مىليون پۇل تاپسىمۇ زىيان بولارمىش. شۇڭا، ئۇلار قىممەت سېتىش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئىدارە-ئورگانلارنىڭ بۇ نەرسىگە زادى قانچىلىك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا بازار تەكشۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.

  2. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    بۇ دىتالغا بەلكىم ھازىرچە شەخىسلەرنىڭ ئېھتىياجى چۈشمەسلىكى (بەلكىم چۈشسىمۇ دىتالنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقى تۈپەيلى قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.) ئەمما بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ ئازراق ئىقتىسادىي ياخشىلىنىش بولسا، چوقۇم بۇ دىتالنى سېتىۋالىدىغانلار چىقىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئەڭ ياخشىسى باھانى بىراقلا يۇقىرى قىلىۋەتمەي، ئىدارە-ئورگان نۇسخىسى ۋە شەخسلەر نۇسخىسى دەپ ئىككى خىل چىقارسا، شەخسلەر نۇسخىسىنىڭ باھاسىنى نىسبەتەن تۆۋەنرەك قىلسا مېنىڭچە چوقۇم ئالىدىغانلار چىقىدۇ. ئەمىلىيەتتىغۇ خەنۋاڭنىڭ مەھسۇلاتى تىگىدىن قىممەت. بۇ ئىچكىرىگە نىسبەتەن قىممەت بىلىنمىگەن بىلەن، رايۇنىمىزغا نىسبەتەن خېلىلا قىممەت ھېسابلىنىدۇ.

  3. ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە دەرسىدە مۇئەللىم :«جۇڭگونىڭ كرېمنىي جىلغىسى – جۇڭگۈەنسۈن» دەپ سۆزلىگەنىدى. بېيجىڭدىكى ئاشۇ كۈنلەردە بۇ جايغا قەدەم ئېلىپ باقماپتىكەنمەن. ئەمدى پۇرسەت بولۇپ قالسا بېرىپ باقمىسام.

  4. يانار مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇرچە OCR نى نەچچە يىل بۇرۇن شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى بىلەن چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتى بىرلىكتە تەتىقىق قىلىپ بازارغا سالغان ئىدىغۇ؟ شىنخۇا كىتابخانىسىدا كۆرگەن ئىدىم باھاسى 268سوم…

  5. نەسىن مۇنداق يازغان:

    مۇرەككەپ، چاپاق ئارقا كۆرۈنۈشلۈك تىكىست رەسىملىرىدىكى خەتنى تونۇتۇشتا خەنۋاڭ بوپ قويىدۇ. ھەر-ھەر چاپاق خەنزۇچە خەتلەرنىمۇ توغرا تونىيالايدۇ تېخى.

  6. ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    شىنجاڭدىمۇ سەركە شىركىتىغۇ دەيمەن.
    ئۇيغۇرچە سكەننىرلەش سېستىمىسىنى بازارغا سالغان.
    بىز مەكتەپكە سېتىۋالغان ئىدۇق. لېكىن خىزمەت بەك ئالدىراش بۇلۇپ كېتىپ، تۈزۈكرەك سىناپ ئىشلىتىشكە پۇرسەت چىقىغان ئىدى.
    مېنىڭچە بۇنى سېتىۋالىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ.
    ھېچبولمىغاندا، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتالنى قوللاش يۈزىسىدىن ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ، سېتىۋېلىشىمىز كېرەك.

  7. ئوزۇغ مۇنداق يازغان:

    بىزمۇ سەركە شىركىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە باسما يېزىق پەرقلەندۈرۈش سىستىمىسىنىڭ 200 نەچچە يۈەنلىكىنى سېتىۋالغان ، تونۇش ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەسكەن شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا تونۇتقۇچە قولدا باسقان تېزرەك ھەم كۈچ تېجەيدىكەن دەپ تاشلاپ قويدۇق .
    لېكىن مېنىڭ ئەڭ ئاچچىقىم كەلگىنى : دېتالنى ياساپ سېتىۋىلىپلا ، كېيىنلىكىگە ئىگە بولمىغىنى ، ئۇلار دېتالنىڭ دەسلەپكى نەشىرىنى تارقىتىپ ھازىرغىچە نەچچە يىل ئۆتتى بىراق ھېچقانداق يېڭىلاش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىشىنى ئىلىپ بارمىدى يەنى بۇرۇن قانچىلىك دەرىجىدە ياسىغان بولسا ھازىرمۇ شۇ سەۋىيىدە دېگەن گەپ. قىسقىسى مەن ئېلىپ رازى بولمىدىم.
    مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا يەنىلا خەنۋاڭدەك شەخسى شىېركەتلەر ياسىغىنى ئىشەنچىلىك ئوخشايدۇ .

  8. ئەخمەتجان مەخمۇت مۇنداق يازغان:

    مىنىڭچە ئۇيغۇرچە يېزىقنى كومپيوتېرغا تونۇتۇش تېخنىكىسى OCR ئۇنداق بىز ئويلىغاندەك ئالەمشۇمۇل مۇرەككەپ تېخنىكا ئەمەس ، مىنىڭچە ئەرەپلەرمۇ بۇ مەسىلىگە خېلى بۇرۇنلا يۇلۇققان ھەمدە ھەل قىلىپ بولغان ، دىمەك بىزنىڭكىنىڭمۇ چوڭ چاتاق يوق. لىكىن مەن ئويلايمەن، ئەگەر شۇنداق كۆپ كىتابنى كومپيوتېرغا تونۇتىدىغان ئىش بولسا يېڭى يېزىىق دەۋرىمىزدىكىنى ئىنگىلىزچە OCR ئارقىلىق ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. قوغۇشۇن مەتبەئە تېخنىكىسى ئەمەلدىن قالغاندىن تارتىپ كومپيوتېردا بەت تۈزۈش تېخنىكىسىغا ئۆتۈپ كەتتى. دىمەك تېخنىكا يېڭىلانغاندىن كىيىنكى دىيارىمىزدا چىقىرىلغان ھەرقانداق كىتابنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى نەشىرىياتتا ھەم باسمىخانىلاردا تەييار بار. دىمەك بىزگە بەك لازىم بولۇپ كەتتى دىگەن تەقدىردىمۇ شۇ بىر مەزگىلدىكى ئاز بىر قىسىم يېڭى يېزىقدا نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى كومپيوتېرغا تونۇتۇشتا ئالىم مۇئەللىم دىگەن ھازىرقى تېخنىكا كىتىشى مۇمكىن. لىكىن بۇنىڭغا كەتكەن زور مەبلەغنى خەت ئۇرىدىغانلاغا بەرسەك بىردەمدىلا ئۇرۇپ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. لىكىن تېخنىكىنىڭ ھەل بولۇش بولماسلىقى ھەم مۇشۇ ساھانىڭ بوش بولۇپ قالماسلىقىنى ئويلىساق ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە OCR تەتقىق قىلىپ باقساق بولىدۇ.

    • نەسىن مۇنداق يازغان:

      ئەرەپچە-ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ قۇر ئورنىنى بىكىتىش ئاسان ، سۆزلەرگە ئاجىرىتىشمۇ ئاسان. ئەڭ تەس قىيىن نوقتا ئۇلىنىپ كەلگەن خەتلەرنى ھەرپلەرگە ئاجرىتىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قەدەم خەتنىڭ ئەتراپىدىكى شاۋقۇنلارنىڭ تەسىرىگە بەك ئاسان ئۇچرايدۇ. بەلگىلىك مۇقىم ساندىكى ھەرپلەرگە ئاجرىتىۋالغاندىن كىيىنلا AN,HMM,SVM,EM دىگەنلەرنىڭ خالىغىنىنى مەشىقلەندۈرۈپ قويسىلا بولدى. ئەرەپچە OCR مۇ تېخى بەك مۇكەممەللىشىپ كەتكىنى يوق، ياخشى تونۇيدىغان OCR سوفتتىن بىر-ئىككىسىلا بار. قوليازما OCR سى تېخى يوق. قىزىقىدىغان بالىلار يەنىلا تەتقىق قىلىپ قويسا بولىدۇ، كىيىن ئەرەبىستاندىن بازار چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

  9. جەسۇر مۇنداق يازغان:

    بۇ تور بەت firefox تور كۆرگۈچىدە نورمال كۆرۈنمىدىغۇ؟ firefox نىڭ (选项) دىكى تەڭشەيدىغان يىرىنى ئەلكاتىپ تور خەت نۇسخىسىغا تەڭشىسەممۇ پەقەت مۇشۇ توربەتلا خەتلىرى ئەرەپچىگە ئوخشاش چىقىۋالدى، باشقا تور بەتلەر نورمال. كومپيوتېرغا ئەلكاتىپ 5.5 نۇسخىسىنىڭ ھەقسىز نۇسخىىسىنى قاچىلغانتىم بولمىسا. بۇيەرگە شۇ ئەھۋالىنى كىسىپ يوللاي دىسەم يوللىغىلى بولمايدىكەن.

  10. يولۇچى مۇنداق يازغان:

    ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئالىم مۇئەللىم.
    خەنۋاڭدا ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر بالىنى تونۇيمەن.

  11. نۇرلۇق مۇنداق يازغان:

    جاپا چەكتىڭىز ئالىمكا

  12. ھەققانى مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ سەركە شىركىتى بىر نەچچە يىل بۇرۇن بازارغا سالغان ئۇيغۇرچە OCR نى سېستىۋالغان ئىدىم ، ئۇلار بۇ سېستىمىنڭ تونۇش نىسبىتى %98 كە يەتتى يەتتى دەپتىكەن ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن ، ئۇنىڭدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن ……
    خەنۋاڭ شىركىتى ئۇيغۇرچە OCR نى بازارغا سالسا باھاسى مۇۋاپىق بولغاندا سېتىۋېلىپ كۆرۈپ باقساق بولغىدەك .

  13. ھەققانى مۇنداق يازغان:

    ئالىم مۇئەللىم سىزدىن سوراپ باقسام : مەنمۇ سىز ياسىغان ئەل كوررىكتورىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن ، مۇمكىن بولغاندا ئەل كوررىكتورىدا گىرامماتىكىلىق خاتالىقنى تەكشۈرىدىغان ۋە تۈزىتىدىغان ئىقتىدارنى قوشقىلى بولارمۇ ؟

  14. ھۈسەنجان(باي) مۇنداق يازغان:

    ئالمكا، سىز دىن سورىسام ،كۆچمە خەۋەرلىشى شىركىتنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل قاچلاش ماشىنىسدىكى ئويغۇرچە خەتلەرنىمۇ سىلەر كىرگۈزگەنمۇ ؟

  15. بۇغرا مۇنداق يازغان:

    بولسا خەنۋاڭنىڭ ئورگان تورىنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

  16. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    ئالىمكا ياخشىمۇسىز ، مەن 2001-يىلى يۇرتۇمدىن ئۇرۇمچىگە بارغاندا ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە مەخسۇس بېرىپ كۆرۈپ كەلگەن ۋە 50 يۇەنگە ئەلكاتىپ سېتىۋالغان ئىدىم . ئۇچاغدا مەن 13 ياشتا ئىدىم .
    گەرچە 10 يۇەنگە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى(خەنزۇچە ئىسمى بار بىر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈش بارتى شۇ چاغدا) سېتۋالغىلى بولىدىغانلىغىنى بىلسەممۇ ، لېكىن مېنىڭ ئۇيغۇرسوفت مىللىتىمىزنىڭ سەركىسى بولغانلىقى ئۈچۈن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايئاپامنى باشلاپ بېرىپ ئەلكاتىپنى سېتىۋالغان . ئۇچاغدا سىزنىمۇ كۆرگەن شىركىتىڭىزدە .
    ئۇيغۇرسوفىت دېگەن ئىسىم مېنى بەك سۈيۈندۈرىدۇ . ۋە سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلار بىزنى سۈيۈندۈرۈدۇ.

    قورۇق گەپنى تۇلا قىپ كەتتىم ، بىر مۇھىم ئىش بار چوقۇم جاۋاپ قايتۇرشىڭىزنى ئۇمۇت قىىلىمەن .

    نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاددىلاشتۇرۇپ ،A نى باسسا ئا ،H ى باسسا خ ،F نى باسسا ف چىقىدىغان ، دېمەكچى ئۇقۇلۇشى لاتىنچىغا يېقىن ھەرىپلەرنى كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئۇقۇلۇشى ئوخشاش ياكى يېقىن كۇنۇپكىلارغا ئورناتماي ، ھازىرقىدەك مۇرەككەپ قىلىمىز ؟ بۇ تېخنىكىدىكى مەسلىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ؟ ئاددىلاشسا ، ئۇگەنگۈچىلەرگە قولاي بولسا ، ئىشلىتىش ئەپلىك بولسا ، ئۇنۇم تېزلەشسە ياخشى ئەمەسمۇ ؟
    نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمىز كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ مۇرەككەپ ۋە غەيرى بوپ قالغانلىقىنى ئېيتتى ………
    جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .

    • پەرھات مۇنداق يازغان:

      مىنىڭچە بۇ ھەرگىزمۇ تېخنىكا جەھەتتىكى ئىش بولماسلىقى مۇمكىن . . . .
      مانا مۇشتاپ شۇنداق ياخشى تۇرمامدۇ . . بەك قۇلايلىق سىز دىگەندەك ھ نى ن نىڭ ئورنىغا ئاپىرىپ قويسا ق نى ڭ نىڭ ئورنىغا ئاپىرىپ قويسا . . . . مەن مۇشتاپ لا كۈنەلمەيمەن . . بەلكىم كۈنۈپ قالغانغا شۇنداقمۇ . . . .
      مەنمۇ سىزدەك 13 يىشىمدا بارغان ئۇيغۇر سوفىت قا .. . ئۇچاغدا مەن ئۇنداق جىق بىلمەيتىم . . . ئاتام ئاپىراتتى . . . . شۇ ۋاقلاردا مەن تېخى بىزلا ئۇيغۇرلارلا مۇشۇنداق يۇمتاللارنى ياسايمىز دەپتىكەنمەن . . . ئۇچاغلاردا مۇدا بولغىنى پەقەت ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈشلا ئىدى . . ئالماس. كولتىگىن . يىپەك يولى . باشقا باشقىلار . .ئىشقىلىپ جىق تى . . . .
      ئۇچاغدا ئۇيغۇر سوفىت نىڭ جا مى گۇۋ باتى خا خا ..ھازىرمۇ ھەم با مەندە ئۇ جامىگۇ .ئ تېخى ئۈستىدە . . ئالىم ئاكامنىڭ قول خېتىمۇ باتى . . ئەلكاتىپ xxxxxxدەپ . . . .

  17. Aptap مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇسىز، ئالىم ئەھەت ئەپەندى!
    «تىل ۋە تەرجىمە»دە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ باسما شەكلى(بىر تاۋۇشنى بىر شەكىل بىلەن ئىپادە قىلىش) توغرىلىق بىر ماقالە بار ئىدى، كۆرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن:
    http://www.fileden.com/files/2010/8/6/2934734/PDF%20Hojjetler/Basma_Shekl.pdf
    { http://hi.baidu.com/aptap/blog/item/a2d8554ced61daebd72afcc5.html }

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      بۇنى كۆردۈم، توۋا دېمەكتىن باشقا ئامالىم يوق

      • Aptap مۇنداق يازغان:

        بۇ گېپىڭىزنى چۈشىنمىدىم!
        بۇ ماقالىنىڭ نىشانى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئەمەس، بەلكى يېزىقىمىزنى ئۆگەنگۈچىلەرگە بىر ئاسان يول كۆرسىتىپ بېرىش __ پەقەت ئاشۇ 32 خىل ھەرپ شەكلىنى ئۆگىنىۋالسىلا كۇپايە، قالغان ئۇششاق تەرەپلەرنى بولسا كېيىنكى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىگىلىۋالسىلا بولىدۇ.
        بۇ ماقالىنى سىزنىڭ كۆرۈ بېقىشىڭىزنى ئېيتىشىمدىكى سەۋەپكە كەلسەك، OCRدىكى ھەرپ بۆلۈش-تونۇش ئىشلىرىدا ئازراق بولسىمۇ يېڭىچە پىكىر يولىغا ئىلھام بېرىپ قالامدىكىن دېيىشتىن ئىبارەت!

        • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

          ياخشى كۆڭلىڭىزگە كۆپ رەھمەت ! OCR ئىشىدا ھازىر ھېچقانداق تېخنىكىلىق مەسىلە قالمىدى،
          بۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى بەتتىكى جەدۋەلدە نۇقسان بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گەرچە ماقالىدا ئۇنداق دېمىگەن بولسىمۇ (ئەلۋەتتە يېزىق ئۆگەرتىمىز دەپ ئېنىق دېيەلمەيدۇ ھازىر)، ئەمما، ھازىرقى يېزىقىمىز(دىكى بەزى قۇيرۇق، كىرتىك، ھەمزە)نى بىمەنە، ئارتۇقچە،…دېگەندەك كەمسىتىش تەرەپلىرىنى بايقىدىم. ئاخىرىدا يەنە خەت شەكلى لايىھىلىسەك دېگەن مەزمۇنمۇ بار.
          مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بىزنىڭ تىلىمىزنى خاتىرلەيدىغان ئانا يېزىقىمىز بار. بۇ بەك چوڭ ئىش. بەزىدە ئانىمىزنىڭ سەل-پەل نۇقسانلىرىنى بايقىساقمۇ، ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتمەيمىز، كەمسىتمەيمىز. شۇڭا، توۋا دەپ قويدۇم.

      • ئالىمجان مۇنداق يازغان:

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
        مېنىڭ يالغۇز قارىشىم،
        ئۇيغۇر يېزىقىنى بۇنداق ئاددىيلاشتۇرۇش ئارتۇقچىدۇر. ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەم خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە يېزىقتىن بىر يىلدىلا ساۋاتلىق بولىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىپبە ھەرپلىرىنىڭ شەكلى ئايرىلغان. يېزىقىمىز لاتىن يېزىقىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلاپ يېزىلىدۇ. ئۇلاپ يېزىلىش ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ئۇلاپ يېزىلغان ئىكەن. باش ئوتتۇرا ئاياغ شەكىللىرى بولۇشى تەبىئىيدۇر. ئۇلاپ يېزىلىش لاتىن ھەرپىدىمۇ بار. ئەمما يەككە يېزىلىش لاتىن يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.
        مۇنداق تەتقىقات تېمىسىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ . مەسىلەن، ئېنگىلىز تىلىدا 48 دەك تاۋۇش بار. يېزىقتا 26 ھەرپ بار. بىزمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 تاۋۇشنى يېزىقتا 16 ھەرپ بەلگە ئارقىلىق ئىپادىلىسەك….

        • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

          ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
          بىر يىلدا ساۋاتلىق بولۇشنىڭ باشقا سەۋەبى بار، لېكىن، ئىلگىرى بىر ئايدىلا ساۋادى چىققانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغايسىز.
          سىزچە ئۇيغۇرنىڭ 32 ھەرپى 4 خىل شەكلى(جەمئىي 100 نەچچە شەكىل)نى ئۆگىنىش ئۇيغۇر بالىلىرىغا بېسىم ئېلىپ كېلەرمۇ؟ مېنىڭچە ئىنساننىڭ مېڭىسى ئۇنداق ئاددىي يارىتىلمىغان، گەپ ئۆگىنىشتە.

          ھازىر دوكتۇر ياكى پىروفېسسور بولسىمۇ، 10 نىڭ ئىچىدە ھەقىقىي ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا 2 دىن ئاشمايدۇ، خىزمەت ئۈچۈن، ئالۋاڭ ئۈچۈن يېزىلغان ماقالىلەر بەك كۆپ.

          • Aptap مۇنداق يازغان:

            سىز بۇ يەردە دېيىلگەن 32 ھەرپ شەكلى مەسىلىسىگە ئوبېكتىپ نۇقتىدىن قارىشىڭىز كېرېك: مەن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئوگىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان خەنزۇ يولداشلارنى، تۈركىيەلىك ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسايالىق قېرىنداشلا ھەتتا باشقا چەتئەللىكلەرنىمۇ توردا خەلى ئۇچراتقان؛ يەنە كىچىكىدىن خەنزۇچىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلارمۇ بار. مۇشۇ خىلدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشى ئۈچۈن گەرچە قىزغىنلىق بولسىمۇ، بىراق مەجبۇرىيەت يوق. شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن قانچە ئددىي بولسا شۇنچە ياخشى. مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يېزىقنى ئۆگىنىش قەريانىنى ئاددىيلاشتۇرۇش دەپ قارايمەن (ھىچ بولمىغاندا شۇ تەرىپى ئەڭ ئىجابىيدۇر.)

          • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

            مېنىڭچە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنمەكچى بولۇۋاتقان باشقىلارغا، ئۆز تىلىمىزنى رازىلىق بىلەن ئۆگىتىش ئۈچۈن، بىزنىڭ تىل-يېزىقىمىز كام دېگەندە يەنە 50 يىل ئۆزگەرمەي تۇرالىشى كېرەك، لېكىن، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاشۇنداق ئالۋاڭ ئۈچۈن يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ تەسىرىدىن ھازىرغىچە تىلىمىزدا بەزى نەرسىلەر مۇقىم بولمايۋاتىدۇ. مەسىلەن:

            (1) ھەرپلەرنىڭ سانى
            تېخى مۇشۇ يىلنىڭ بېشىغىچە «ھ» ھەرپىنىڭ يېزىلىشى 2 خىلمۇ ياكى 4 خىلمۇ دېگەن قاراشلار قايتا بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن كىشىلەر تېخچە «ھەمزە»نى قىسقارتىۋېتىش كۇيىدا بولماقتا، ھەتتا «ژ» بىلەن «ف» نىڭ تەكرارلىقى بەك تۆۋەن، شۇڭا ئۇنىمۇ قىسقارتىۋېتەيلى دەپ پۇرسەت كۈتۈۋاتقان نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارمۇ بار. بۇ خىرىس ھەر ۋاقىت مەۋجۈت.

            (2) ھەرپلەرنىڭ يېزىلىش قائىدىسدا تېخى بىرلىك ياكى ئۆلچەم يوق
            ھەممە كىشى خالىغانچە يازىدۇ، بەزىدە چېكىتنى ئالدىدا، بەزىدە كەينىدە يازىدۇ، ھەتتا پۈتۈن سۆزنى يېزىپ بولۇپ، چېكىت قويىدىغانلارمۇ بار.

            (3) 2010-يىلى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، گەرچە نۇرغۇن سۆزلەر قائىدىگە چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن، يەنە نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا تالاش-تارتىشلار مەۋجۈت، بۇ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار يەنە 10 يىلدىن كېيىن يەنى 2020-يىلى ئىملانى قايتا ئۆزگەرتىشىمىزگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئېنىق.

            (4) باشقا مىللەتلەرگە ئۇيغۇر تىلىنى سىستېمىلىق ئۆگىتىدىغان خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، تۈرۈكچە،….كىتابلار يوق. مەسىلەن: «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى»غا ئوخشاش. ئۇيغۇر تىلى گىرامماتكىسى خەنزۇ تىلىدىن باشقا تىللاردا مۇكەممەل يېزىلىپ باقمىدى. شۇڭا، باشقىلار بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىقى تەبئىي، ئۆگەنگەن تەقدىردىمۇ تېگىدىن چۈشىنىپ ئۆگىنىدىغانلار بەك ئاز.

            شۇڭا، مېنىڭ پىكىرىم:
            باشقىلارنىڭ ئۆز تىلىمىزنى ئۆگىنىشىگە تاما قىلمايلى يەنى ئۇيغۇر تىلىنى باشقىلارغا ئۆگىتىشكە ئالدىرماي، ئالدى بىلەن تىلىمىزغا ياخشى ۋارىسلىق قىلايلى، ئۆزىمىزدىن باشلاپ پۇختا ئۆگىنەيلى.

  18. Aptap مۇنداق يازغان:

    يەنە بىر «كىچىك ئىش»نى سىزدىن سورىغىم كېلىدۇ: ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ھەمزە»نى كىرگۈزۈشتە نىمە ئۈچۈن مەخسۇس بىر كۇنۇپكا ئاجرىتىلغان؟ «ھەمزە» ھەرقاچان «سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان بوغۇملار»نىڭ ئالدىغا قوشۇلۇپ كېلىدۇ، بۇنى پروگرامما ئارقىلىق ئاپتوماتىك ئشقا ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىنغۇ؟

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      نېمە ئۈچۈن «ھەمزە» گە بىر كۇنۇپكا ئاجرىتىلغان دېگەن سوئالغا مەن مۇشۇ بىلوگىمدىمۇ جاۋاب بەرگەن، ئىنكاسلاردىن تاپالايسىز.
      ئۆزىمىز ياسىغان ھەر قانداق پىروگراممىلاردا پەقەت سۆز بېشىدىلا ھەمزەنى ئاپتۇماتىك كىرگۈزىدىغان قىلىشقا تامامەن بولىدۇ، بۇ ئىش 1991-يىلى دىلشات ھېۋىزۇللا تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشقان، ئەمما، ھەمزە ئۈچۈن يەنە ئايرىم كۇنۇپكا بولۇش كېرەك، بولمىسا، ھازىرقى يېزىقىمىزدا «تەلئەت» بىلەن «تەلەت»نى، «سۈرئەت» بىلەن «سۈرەت»نى پەرقلەندۈرۈپ كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ،

      • Aptap مۇنداق يازغان:

        ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىقتىن قاچمىغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت!
        ئەگەر «ھەمزە» كۇنۇپكىسىنى ئاشۇنداق (سۈرئەت…) قايلاردىلا مەخسۇس بېسىش زۆرۈر بولۇپ، باشقا ئەھۋاللاردا ئاپتوماتىك چىقىدىغان قىلىنغاندىمۇ كۈپ قولاي بولار ئىكەن!
        سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت!

  19. مەستان مۇنداق يازغان:

    مەن 汉王8.1 دىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى pdf ھۆججەتنى word ھۆججىتىگە ئايلاندۇرغان ئىدىم .ئايلاندۇرغاندىن كېيىنكى خەتلەر تەتۈر بولۇپ قاپتۇ ، ئۇنىڭ قانداق قىلغاندا نورمال ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ؟ (تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ)

    ﭖﯚﻛ ﻼﯩﻠﯧﺧ ﺭﺍﺪﯨﺮﯧﺧ، ﻦﯩﻜﯩﻤﯩﻜﭼﻪﮕﻧﻪﻠﻗﺭﻪﭘ
    ﺎﻐﻧﯗﺭﻮﺋ ﻰﻜﯨﺪﯕﯘﻟﯘﺑ ﻱﺍﯞﻮﺑ ﭖﯘﻳﺎﺋ .ﻯﺪﯩﺋ
    ﻰﭼﯜﻜﺗﯜﻛ . ﻯﺩﺭﯘﺘﻟﻮﺋ ﭗﯩﻠﯩﺴﯩﻗ ﭗﯨﺮﯧﺑ
    -ﺕﻪﭼ . ﻯﺪﻳﯘﻗ ﻱﺎﭼ ﺎﻐﯨﺪﻟﺎﺋ ﯔﯩﻧﯘﺋ ﺖﯩﮕﯩﻳ

ئالىم ئەھەت ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: