ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

دۇنيادا ئۆزىنى داڭلىسا بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى داڭلىسا ئىككىنچى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن، ئۆزىنىڭ ئانا تىل-يېزىقىنى داڭلىسا، قانچىنچى ئەخمەق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. شۇڭا، پىكىرىم سەل تېيىز بولسىمۇ، ھاياجان سەل ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىۋاسىتە تەھرىرلىمەي يازغان بولغاچقا كەچۈرۈڭلار، قېنى باشلاي ئەمىسە.

10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى لايىھىلەپ، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ كودىنى بېكىتىپ (ئۇ چاغلاردا تېخى بىرەر ئورۇن بېكىتىپ بەرمىگەن بولغاچقا)، كىرگۈزگۈچ ياساپ، كېيىن ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە لۇغەت ياساپ باققان بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىم يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ باردى. ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىم ۋە ئىشلىتىدىغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم، ئاددىي سەۋەبى مۇنداق:

(1) كومپيۇتېردا پىروگرامما يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا مەلۇمكى، كومپيۇتېردا ئىككىلىك سىستېما قوللىنىلىدۇ، شۇڭا، ساقلىغۇچنىڭ سىغىمىمۇ 2 گېگابايت، 4 گېگابايت، 8 گېگابايت،..32 گېگابايت دېگەندەك ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدا 32 ھەرپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 8 سوزۇق تاۋۇش بار. بۇلار دەل ئىككىنىڭ دەرىجىلىرىدۇر(2،4،8،16،32). ASCII كودىدا لاتىنچە چوڭ-كىچىك ھەرپلەرنى پاراللېل رەتلىك قىلىش ئۈچۈن زورمۇ-زور ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلار بار ئىدى، ناۋادا، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئايرىم رايوندا كود بېكىتىلىدىغان بولسا، ASCII كودىدىنمۇ رەتلىك ئورۇنلىشىپ، بىر رايونىغا شۇنداق چىرايلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ گۈلى-گۈلىگە كېلىدۇ. (مەن ئەلكاتىپ 1.0 دە شۇنداق قىلىپ، USCII كودى دەپمۇ ئاتاپ باققان ئىدىم). بۇنداق يېزىقنى يەنە تاپالامسىز؟

(2) سۆز قوشۇمچىلىرى
ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان چېغىمدىلا I am from Xinjiang دېگەن جۈملىدىكى from (دىن، تىن) نى بەك تەستە قوبۇل قىلغان، تېخى ئالدىدىكى am دېگەننىچۇ؟ ئەگەر بۇ جۈملىنى ئۇيغۇرچە دېيىشكە توغرا كەلسە، «مەن شىنجاڭدىن» (ئىككى سۆز بىلەن) دەيمىز، ئىش تامام. تېخى ئۈرۈمچى خانتەڭرى مەسچىدى يېنىدىكى «جۇڭگو بانكىسى» دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچىسى Bank of China بولۇپ، «of» دېگەن نېمە ئۇ؟ كومپيۇتېرغا ئىنگلىزچە Windows نى قاچىلىغاندا، My Computer دەپ چىقاتتى. ئۇيغۇرچە «كومپيۇتېرىم» دېسەكلا تامام. بىزدە بۇنداق شەخس، كېلىش قوشۇمچىلىرى بىۋاسىتە سۆزنىڭ ئارقىسىغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ، بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە تىلدىن يەنە قانچىسى بارلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن، ئىنگلىز تىلىدا بۇنداق ئالاھىدىلىك يوق. ئۇيغۇرچە جۈملىدە نەچچە سۆزنىڭ بارلىقىنى ساناش توغرا كەلسە، بەك توغرا تېپىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئىنگلىزچىدە ئۇنداق ئەمەس. of, the, to, from,…. دېگەنلەر ساناشقا تەسىر قىلىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدەك باشقا تىل-يېزىقنى تاپالامسىز؟

(3) مىقدار سۆز
خەنزۇ تىلىدا بىر دانە ئۈستەل، بىر نەپەر ئادەم دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەردە زورمۇ-زور مىقدار سۆز ئىشلىتىشكە مەجبۇرىي بولىمىز، لېكىن، ئۇيغۇرچىدە بۇنداق زورمۇ-زور ئىشلىتىدىغان ئىش يوق. پەقەت بىر ساپاق ئۈزۈم، بىر خالتا سۈت ،…دېگەندەك جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا مىقدار سۆزنى زورلاپ ئىشلەتمەيمىز، بۇنداق قۇلايلىقلار يەنە قانداق تىللاردا بار؟

بەلكىم، يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تېيىز كۆز قارىشىم سەۋەبىدىن سىڭگەن چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ئۆزىنىڭ تىلىنى ماختاش، سۆيۈش ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن تىلىمىزغا باشقىچە قارايدىغانلارغا ھەيران قالىمەن.

يېقىندىن بۇيان تىلىمىزغا بولغان ھەر خىل خىرىسلار مەۋجۈت بولۇپ، بەزىلەر «ھەمزە»نى تاشلىۋېتەيلى دېسە، يەنە بەزىلەر ھەرپ شەكىللىرىمىز ئېنىق ئەمەس دەپ، يەنە بەزىلەر ئېلىپبە تەرتىپىمىز توغرا ئەمەس دېيىشمەكتە. يەنە بەزى نوپۇزلۇقلار مۇنداقمۇ دېيىشمەكتە، ئالىم ئەھەت كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرۈپتىكەنتۇق، بۇ جەدىۋەلدە، «ژ» بىلەن «ف» نىڭ تەكرارلىقى بەك تۆۋەن، شۇڭا، بۇ ئىككىنى ھەرپنى قىسقارتىپ، «ژ» نى «ج» بىلەن، «ف» نى «پ» بىلەن ئىپادىلەيلى، ھەمزە بىلەن جەمئىي ئۈچ ھەرپنى تاشلىۋېتەيلى دېگەن قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ باقتى. مەن 2004-يىلى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھەرگىزمۇ بۇ مەقسەت ئۈچۈن ھېسابلاپ چىقمىغان ئىدىم، يەنە بەزىلەر ئىنگلىز تىلىدا 48 تاۋۇش 26 ھەرپ بار ئىكەن، ئۇيغۇر تىلىنى ئىسلاھ قىلىپ 32 ھەرپ 16 تاۋۇش قىلايلى دىگەنلەرمۇ بار ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق بىلمىگەن بەزى چالا تەرجىمانلارنىڭ دائىم مۇنداق تەرجىمىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

(1) ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى.
(2) دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى.
(3) يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى.
(4) دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى.
(5) سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
(6) ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن

مېنىڭچە،
(1)-جۈملە «ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 يەر تەۋرەش يۈز بەردى» دىكى «يۈز بەردى»دېگەن قانداق گەپ؟ ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ ھەرخىل دەرىجىلىرى، شەخس ،..نى ئىپادىلەيدىغان قوشۇمچىلار ئىنتايىن مول، بىر پېئىلنى 5040 خىل تۈرلەشكە بولىدۇ، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرىدى (توغرا)

قايسى كۈنى تېلېۋىزوردىكى خەۋەردە تېخى مۇنداق دەيدۇ: «ئىچكىردە سۇ ئاپىتى يۈز بەردى»، توۋا دەپ قاپتىمەن. «ئىچكىردە كەلكۈن كەلدى» دېسە تامام. «كەلكۈن» دەپ مەخسۇس بىر ئاتالغۇ تۇرسا، ئېلان ئورنىدا دەپ قوياي، ئۇلار «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نى ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنداق بولماس ئىدى بەلكىم. (يازما ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇش مودا ھازىر).

(2)-جۈملە «دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى» دىكى «نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى»دېگەن قانداق گەپ؟ خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ كومپيۇتېردا تەرجىمە قىلغانمىكىن دېسەم، بۇنداق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە دېتال تېخى ئېلان قىلىنمىدى. مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالىدى (توغرا)

(3)-جۈملە «يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى» دىكى «چوڭقۇر قانات» دېگەن قانداق گەپ؟ بۇنىما خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ «ناۋادا، قاناتنى چوڭقۇر يايدۇرساق، يۇقىرىدىن-تۆۋەنگە يېيىلىپ، يەرگە چوڭقۇر سانجىلىپ كېتىدۇ»، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
يىغىن روھىنى كەڭ قانات يايدۇرايلى (توغرا)

(4)-جۈملە «دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى» دىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەن قانداق گەپ؟ ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى «يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي» دېگەن سۆزنى«يەر تەۋرەشكە چىداملىق» دەپ ئۆزگەرتتى، ئەمما، ئالدىدىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەننىڭ ئورنىغا، «پۇل خەجلەپ» دېسە بولماسمىدى؟ ياكى بۇلارنىڭ ئىچىدە خەجلىمىگەن ئەمما، كەنت باشلىقلىرىغا پارا بەرگەن پۇللارمۇ بولغاچقا، «خەجلەش»نىڭ ئورنىغا «پۇل سەرپ قىلىپ»دەمدۇق؟ بۇنى مەن بىلمىدىم. مېنڭچە، مۇنداق دېيىش كېرەك:
دېھقانلار ئاز پۇل خەجلەپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالدى (توغرا)

(5)-جۈملە «سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دىكى «سىزنىڭ…بولدى»دېگەنگە قارىغاندا، بۇ ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىق. مەن ئۈستىدە دەپ ئۆتكەندەك، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئىنگلىز تىلىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى تەرەپلىرى بار، مەن يەنە بۇلارنى بىلوگىمدا داۋاملىق يېزىشىم مۇمكىن، بۇ جۈملىنى مۇنداق تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى
ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى
سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز.
ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز

«مۇۋەپپەقىيەتلىك» دېگەن سۆزنىڭ ئىملاسىنى مانا مەن دېگەن ئادەممۇ توغرا يازالمايدۇ، شۇڭا، «غەلبىلىك» دېگەننى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا چۈشىنىشلىك بولىدۇ ۋە ئۈچ بوغۇم قىسقىراپ، سۆز مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ، يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىمۇ جىق ئورۇننى ئېگەللىمەيدۇ. لېكىن، «سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز» ياكى «ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز»نىمۇ ئويلىشىپ باققاننىڭ زېيىنى يوق. «غەلبىلىك بولدى»، «غەلبىلىك ھالدا»،…دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن زامان قوشۇمچىلىرىنى ئۇلاپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

(6)-جۈملە «ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دىكى «رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن»دېگەن قانداق گەپ؟ «رەھمەت» دېسەكلا تامام، مېنىڭچە يۇقىرىدىكى جۈملىنى مۇنداق دېيىش كېرەك:
ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن (توغرا)

ئۆز ئانا تىلى ساۋادى چالا بولغان يېڭى تەرجىمانلىرىمىز، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنى بەك پىششىق ئۆگىنىپ كەتتىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ تىل ئىپادىلەش ئادىتىنى ئۇيغۇر تىلىغا سىڭدۈرمەكچىمۇ بولدىمۇ، سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش سېھرىي كۈچىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. بۇنداق ئىپادىلەش خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا بەك كام تېپىلىدۇ، بۇنى يازغانسېرى، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببەت قايتىدىن كۈچەيدى، شۇڭا، «ئۇيغۇر تىلى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزەيلى، بەزى نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەيلى، زامانغا ماسلاشمايدۇ، كومپيۇتېرغا بولمايدۇ،…دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ قالسام بىئارام بولىمەن. شۇڭا، ئۇنداق نەرسىلەرنى ئەمدى بىلوگىمدا بولسىمۇ ئاڭلاپ قالمىغايمەن.

مېنىڭچە، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، ئالاھىدىلىكلەرنى قېزىپ چىقىپ، ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش كېرەك ھەم ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساق، «دوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى»-دەپ خەۋەر بېرىپ، دوپپا كەيمىگەندەكلا ئىش يەنى تېخى شۇ يىغىن تۈگەپ 10 مىنۇتتىن كېيىنكى ئايرىم شەخسلەرنى زىيارەت قىلغاندا، نوپۇزلۇقلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ بېشىدا دوپپا يوق (ئەلكۈيىدىكى زىيارەتنى كۆرۈپ بېقىڭ). لېكىن، دوپپا دېگەن مۇنداق ياخشى نەرسە دەپ بىر پاتمان سۆزلەپ بەرسەكمۇ، ئۆزىمىز ئەمەل قىلمىساق، زورمۇ-زور ئۆتكۈزگەن بايرامدەك، رەسىمگە چۈشۈپ، ساياھەت قىلىپ، ئۆپچە تاماق يەپلا يېنىپ كېلىمىز، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى ھەم قايىل قىلالمايمىز. نۇرغۇن چىقىم قىلغاننى ئاز دەپ يەنە باشقىلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئالىمىز.

تىلىمىزغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى توغرا تەتقىق قىلايلى، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنايلى!

دىققەت: بۇ تېخى دەسلەپكى ئىزدىنىش بولۇپ، تولۇق پۈتمىدى. شۇڭا، باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماي تۇرۇڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
135 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 7
  • ئالىم ئاكا، بلوگىڭىزنى بىر ئۇلىنىش قىلىۋالاي دىسەم بىكەتنىڭ كىچىك تۇغ رەسىمىنى تاپالماي قالدىم .بولسا بىكەتكە ئاددى بولسىمۇ بىرنى تاشلاپ قويغان بولسىڭىز ئۇلىنىش قىلىۋالسام بەك ياخشى بولغان بۇلاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 13:25
  • خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەر « سۇ بويىدا » رومانىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئەرەپ كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى دۇردانە « مىڭ بىر كېچە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ، بولۇپمۇ ئىران (پارىس ) كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەر « ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرى » ، « گۇلىستان» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى …. قاتارلىقلاردىكى تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلۇبى ، ھەتتا خۇددى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ قەلىمىدىن چىققاندەك ئاجايىپ قاملاشقان تەرجىمە نەزمىلەرنى ئوقۇغان كىشى ، بىر ئوقۇشتىلا ئۇلارنىڭ تەرجىمە ئەسەر ئىكەنلىكىنى يادىدىن چىقىرىپ قويۇشى مۇمكىن . سەۋەبى __ ئانا تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش قۇدرىتى، ئىخچاملاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ تىلى بەك تەبىئى چىققان . مانا بۇ ئانا تىلىمىزنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلىشتىكى ئايرىم بىر مىسال .
    « سۇ بويىدا » رومانى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن ، بىر قىسىم خەنزۇ زىيالىلىرى ئابدۇكېرىم خوجادىن : __ « بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشقا ، تىلىڭلارنىڭ قۇدرىتى يەتتىمۇ؟» -دەپ سورىغاندا ، ئابدۇكېرىم خوجا جاۋابەن : __ « تامامەن يېتىپ ، يەنە ب ىر پاتمان ئېشىپ قالدى » -دەپتىكەن .
    يۇقىرىدىكى پىكىرلەردىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى نوپۇسى ۋە تەسىر دائىرىسى چوڭ تىللاردىن سانىلىپ كېلىۋاتقان خەنزۇ تىلى ، ئەرەپ تىلى ۋە پارىس تىلى قاتارلىقلار بىلەن بەيگىگە چۈشسە ، ھەرگىز يېڭىلىپ قالمايدۇ .
    ئانا تىلنىڭ قەدرى __ ئانا تىلدا ئاڭلاش ، ئانا تىلدا سۆزلەش ، ئانا تىلدا يېزىش ئىمكانىيىتى بولمىغان شارائىتتا « مانا -مەن » دەپلا بىلىنىدۇ .
    كروران تورىدىن كۆچۈرۈلدى، ئادرېسى:

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى am 00:39
  • ئالىم ئەھەت مۇئەلىمنىڭ مۇنداق بىر بلوگى بارلىقىنى بەكمۇ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن .
    بۇ يازمىنى شۇنداق تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم، ھەقىقەتەن يازمىڭىز مېنى قايىل قىلدى .
    بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن نۇرغۇن كەمچىلىكلىرىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم .
    بۇندىن كېيىن دائىم زىيارەت قىلىپ تۇرۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن مائارىپچىلار توپلانغان سورۇن روھلان تور بېكىتىگە بلوگىڭىزنى رۇخسەتسىزلا ئۇلىۋالدىم .
    http://www.rohlan.biz/forum.php

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى am 00:33
  • مىسال؛1- تاراڭ-تۇرۇڭ . شار-شۇر . تاڭ-تۇڭ . غارت-غۇرت . شىر-شىر-شىر ( سۇنىڭ ئىقىشى) دوروڭىدە (يىقىلىپ چۈشمەك) ياكى داراڭىدە . پىژ-پىژ-پىژ ( پىژىلداش) ……………. بۇلار تەقلىد سۆزلەر.
    2-ئىملىق سۆزلەر؛ زىڭىدە ، زىڭىلداپ ئاغرىماق . لوقۇلدىماق ؛لوق-لوق قىلىپ ئاغرىماق. ……………
    3- ھايۋانلارغا ئىشلىتىلدىغان چاقىرىق سۆزلىرى. ۋاھا كازالار …

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:45
    • ئىنگلىزچە خەتلىك DVD ياكى BlueRay فىلىملەرنى كۆرگەندە، يىراقتىن ئاتنىڭ تاقىراشىپ چېپىپ كېلىۋاتقانلىقىنى غەلىتە بىر سۆزلەر بىلەن يازىدىكەن. ئىشقىلىپ بۇ جەھەتتىمۇ ئۇلاردا بۇنداق ئالاھىدىلىك يوق

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:32
  • ئۇيغۇر تىلىدىكى ھىچقانداق بىر تىلدا يوق ئارتۇقچىلىق ، تەقلىد سۆز ۋە ئىملىق سۆزلەرنىڭ ئۆز ئەينى ئەيتىلىشى بولۇشى مۇمكىن. خەنزۇ تىلىدىغۇ ئىملىق سۆز ۋە تەقلىد سۆزلەرنى ئۆز ئەينى ئەيتىش ئىمكانىيتى ئەسلا يوق. مەن توردا كىنو كۆرۇش جەريانىدا باشقا تىللاردىمۇ ئىمىق سۆز ۋە تەقلىد سۆزلەرنى ئۆز ئەينى ئەيتىپ باققاننى ئاڭلاپ باقمىدىم . بىزگە ئەڭ يىقىن بولغان ئۆزبەگلەردە قانداقتۇ؟ بىلىدىغانلار بارمۇ؟ ئەگەر ئۆزبەگلەردە ئىملىق سۆز ۋە تەقلىد سۆزلەرنى ئۆز ئەينى ئەيتىش ئىمكانىيتى بولمىسا ، باشقا تىللاردا ئەسلا يوق دىگەن گەپ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:36
  • ئالىم ئاكا
    بلوگىڭىزدىكى يازمىلارنى ناھايتى ياقتۇرپ ئوقۇيمەن. بىراق مۇشۇ بلوگىڭىز ئاپپاقلا تۇرىدۇ. بىزەپ قويساق بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:06
  • شۇنداق ھېسيات بىلەن ئۇقۇدىم . . .
    راست بىز نەچچىمىز مۇشۇنداق ئىزدىنىپ باققان . . مانا مەن ئۆزىم ئويلاپمۇ باقمىغان . . .
    ئالىمجان ئاكىمىزغا رەخمەت . . . ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن . . .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:29
  • ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان ئەخمەق ئەمەس.
    ئالىم ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسىنى كۆرگەندىن كىيىن ئانا تىلىمىزغا، ئالىم ئەھەت ئەپەندىگە، ئۇيغۇر سوفت يۇمشاق دېتاللىرىغا بولغان ھۆرمىتىم يەنە بىر ھەسسە ئاشتى.
    قوشۇمچە تەكلىپ «ئالىم ئەھەت بىلوگى(تور خاتىرىسى) » دىگەندىكى «بىلوگى» دىگەن سۆز بىلەن «تور خاتىرىسى» سۆزىنى قورشاپ تۇرغان تىرناقنى تاشلىۋېتەيلى، تىلىمىزنىڭ بۇلارنى ئىپادىلەشكە تامامەن كۈچى يېتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:06
  • بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئانا تىلىمغا بولغان مېھرىم يەنە بىر ھەسسە كۈچەيدى. شۇنداق، ئۇيغۇر تىلى ـــــ بىزنىڭ تىلىمىز ـــــ ھەر قانداق تىلدىن گۈزەل ۋە ئوبرازلىق. بىز ئۇنى سۆيۈش بىلەنلا ساقلاپ قالالايمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرالايمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 22:39
  • ئالىم ئەپەندىنىڭ يازمىسى، ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق بولۇپ ، ئاناتىلنى ھۆرمەت بىلەن سۆيىدىغان ھەر بىر تورداشقا ياقىدۇ.مەنمۇ ئالىم ئەپەندىنى شۇنداق ھۆرمەتلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 21:16
  • بۇددا ئالىمىمىز كۇمىراجىۋانىڭ ‹‹تىنىم كۆيسىمۇ كۆيسۇن،تىلىم كۆيمىسۇن›› دېگەن سۆزنى يادىمغا كېپقالدى.
    ئالىم ئۆلىمالىرمىز تىلمىزنى قوغداشتا ،راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:30
  • نېمە دېسەك بولار؟
    مۇشۇ تېمىدىكى «ئانا- تىل» دېگەندىنلا كۈرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇ سىزنىڭ، بىزنىڭ ئۇلۇغ ئانىلىرىمىز ئەڭ دەسلەپ بىزگە ئۆگەتكەن، ئاپئاق ھالال سۈتى ۋە ئەجدادلاردىن قالغان قېنى بىلەن بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا سىڭدۈرگەن تىل دېگەنلىك بولسا كېرەك.
    ئۇنى ئۇلۇغلاشتىن باشقا، ئەتراپىمىزغا نەزەر سېلىپ، تىلىمىزنىڭ ساپلىقى ۋە پاكلىقىنى قوغداشقا كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
    بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى كۆپرەك ئىشلىتەيلى

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:04
  • ئالىم مۇئەللىم ماۋۇ بىلوگنىڭ ئىنكاس يازىدىغان رامكىسى ie6تور كۆرگۈچىدە تازا نورمال ئەمەس، ئېكراننىڭ سىرتىغا قېچىپ كېتىپ بارىدۇ، بولسا بۇنى تەڭشەپ قويغان بولسىڭىز ياكى پىرىستاننىڭ بىلوگىغا كىرسىڭىز پىچەت ئۇسلۇبدىن بىرنى تەرجىمە قىلىپ بەرسە شۇنى ئالماشتۇرۋالسىڭىزمۇ بولاتتىكەنتۇق، ئادەتتە بىلوگىڭىزنى زىيارەت قىلىدىغان كىشىلەر بەك كۆپ شۇنداق بولغاندىكىن سىزمۇ ئازتولا ۋاقىت ئاجىرتىپ بىلوگنى رىمۇنتلاپ قويسىڭىز، بولسا ۋاقتىڭىز بولسا كۆپرەك يازما يېزىپ بىز بىلەن ئورتاقلاشقان بولسىڭىز
    ئەمدى بۇ يازمىغا كەلسەك ،ھەقىقەتەن توغرا ، ېمىڭچە ھۆكۈمەت قوش تىل مائارىپىنى يولغا قۇيامدۇ ياكى پۈتۈن خەنزۇ تىللىق مائارىپنى يولغا قۇيامدۇ بۇ بەرىبىر ئەگەر مۇشۇ ئانا تىلىمىزدىكى يۇمغاق دىتال ۋە ۋە تور بېكەتلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلسە شۇنداقلا بۇ يۇمتال ۋە تور بېكەتلەرمۇ خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچىدەك ئېسىل بولسا بۇنىڭ تىلىمىزنى قوغداشتا بولىدىغان پايدىسىمۇ ناھايىتى چوڭ دەپ قارايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:30
    • Youtubeقا ئوخشاش IE6 گە قارىتا قوللاشنى توختىشىش كېرەك، سۈرئىتى تېز، ئۇنىڭدە يالغان قېتىۋالمايدىغان، تور بەت ئۆلچەملىرىنى تولۇق قوللايدىغان تور بەت زىيارەت يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك(ھېچبولمىسا سىز شۇ نەشىر نومۇرىنىڭ پەرقىنى بىلگەندىكىن ئىشلەتمەسلىكىڭىز كېرەك‹ئەگەر تورخانىدىن تورغا چىقىۋاتقان بولمىسىڭىزلا›)، بولمىسا مۇشۇمۇ بىر ئوبدان ئىشلەۋاتىدىغۇ، بولىدىغۇ مۇشۇ دەپ يۈرۈۋېرىدۇ، ئۆلچەم ھەقىقەتەن مۇھىم نەرسە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:55
    • بۇ جاھاننامىنى يىرتىپ تاشلاڭ توستۇم، قاچانغىچە بۇنى سۆرەپ يۆرۈيمىز، ئاتەش تۈلكىنى ئىشلىتىپ كۆرمەمسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 18:34
  • بۈگۈنكى ئەڭ قىززىق ئىش شۇ بولدىكى، ئۈستىدىكى يازمامنىڭ سۆز سانى دەلمۇدەل 1024 ئىكەن. بۇمۇ 2 دېگەن ساننىڭ 10-دەرىجىسى. ئەتە ئۆگۈن ئاپتۇماتىك ئىنكاس يازىدىغان پىروگرامما يېزىپ باقىدىغان گەپمىكىن؟ ھەرپ سانى مانچە بولسۇن، مۇنداق مەزمۇندا بولسۇن دەپ بېكىتىپ قويساق، مۇنبەرلەرگە ئاپتۇماتىك تېما ۋە ئىنكاس يېزىپ كەتسە. تىرىشساق بۇ كۈنلەرمۇ يىراقتا ئەمەس

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 18:00
    • ۋاي مۇئەللىم ، ھازىر مۇشۇنداق پروگراممىلارنىڭ خاپىلىقىدىن مۇنبەرگە يوللانغان ئەخلەت مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈپ ھېرىپ كەتتۇق . يا بۇ مەزمۇنلار ئۇيغۇرچە ئەمەس ، مۇنبەرنىڭ باش بېتىگە چىقىۋالسا ياراشمىغان …

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى am 09:46
    • ئاپتوماتىك ئىنكاس يازىدىغان دىتالنى ئويلاشمىغان تۈزۈكمىكىن دەيمەن. ھىلىمۇ نۇرغۇنلار ئاشۇ دىتالسىز، تىمىلارغا پۇچەك ئىنكاسلارنى ياغدۇرىۋىتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:47
باھا بېتى: 1 2 3 7