يەنە شۇ Windows 10 ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

يەنە شۇ Windows 10 ھەققىدە

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك،

نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزغا مەلۇم بولغاندەك مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Windows 8/8.1 ۋە باشقا نۇرغۇن قوللانما دېتاللىرى ئۇيغۇر تىلىغا يەرلىكلەشتۈرۈلۈپ، ئورگان تەرەپتىن رەسمىي تارقىتىلدى. يەرلىكلەشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش ئىنتايىن زۆرۈر تەلەپ بولغاچقا، ۋاقتىدا پۈتۈپ بېكىتىلگەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىندى، ھەتتا ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغان ئەرەب يېزىقى ئىشلىتىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ تەرجىمىسىدىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتتى، دىيارىمىزدىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئارىسىدىمۇ ئانچە-مۇنچە ياخشى باھالارنى ئاڭلىدىم، ئەمما بىز ئۇنداق قارىمايمىز. ئىمكانىيەت يار بېرىدىغان ئەھۋالدا ئەڭ سۈپەتلىك تاماملاشقا زىيادە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك، چۈنكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا يەرلىكلەشتۈرۈلۈپ ئورگان تەرەپتىن تارقىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

كېلەر يىلى كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون سۇپىسى بىرلەشتۈرۈلگەن، تارىختىكى ئەڭ مۇرەككەپ لايىھەلىنىدىغان Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىكەنمىز. كېيىنكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك بولۇشى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بايقالغان مەسىلىلەرنى مىكروسوفت تورىدا ياكى ئالىم ئەھەت (www.alimahat.com) بىلوگىدا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ ئىشقا قاتنىشىشنى خالايدىغان تورداشلارنى داۋاملىق قارشى ئالىمەن. بەزى تەپسىلاتلارنى بىلوگىمدا ئايرىم ئۇقتۇرۇشۇم مۇمكىن، داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرغايسىلەر، رەھمەت.

ھۆرمەت بىلەن:

ئالىم ئەھەت

ئۇيغۇرسوفت يەرلىكلەشتۈرۈش گۇرۇپپىسى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
40 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئالىم مۇئەللىم ، ئىلىخەتكە خەت يازسام ھازىرغىچە قايتۇرمىدىڭىز ، تور دەرىسىنى قاچان باشلايسىز ؟ شارائىت ، ۋاقىت يار بەرسە Visual Studio دەرىسلىك تۈزۈپ تارقاتقان بولسىڭىز ، بۇمۇ ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقى ئۈچۈن قوشقان يەنە بىر زور تۆھپىڭىز بولۇپ قالاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:08
    • يەنە بىر-ئىككى ھەپتە سەۋر قىلىپ تۇرسىڭىز، ئەگەر يەنە ئاچىدىغان ئىش بولسا مەن بىلوگىمدا خەۋەر قىلىمەن. سىز دېگەن ئىشنىمۇ ئويلىشىپ باقاي، لېكىن ئۇنىڭغا بەك كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، مەن دائىرلەرنى كۆرسىتىپ بەرسەم، بالىلارنى گۇرۇپپا قىلىپ تەشكىللەپ، ئاندىن مەن ئۈستىدىن كۆرۈپ بولۇپ، نەشىر قىلدۇرساق ياخشى بولارمىكىن دەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:21
  • ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم، ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس دىتاللىرىنى ،س پلۇس پلۇس تا يازغان ياخشىمۇ ، س شارپتا يازغانمۇ؟ ئاۋ ۋىژۇئال بەيسىك دېگەن مودىدىن قالامدۇ نېمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:48
    • قايسىغا پىششىق بولسىڭىز شۇنىڭدا يازسىڭىز بولىدۇ، بىرنەچچە تىلدا ئارىلاشتۇرۇپ يازالىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. مېنىڭچە سىز دېگەن نەرسە ئالدىراپ مودىدىن قالمايدۇ، بارغانسېرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:12
باھا بېتى: 1 2 3