مىكروسوفت Surface Pro 4 قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

مىكروسوفت Surface Pro 4 قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

10-ئاينىڭ 6-كۈنى (سەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دە مىكروسوفت شىركىتى Surface Pro 4 قاتارلىق 6 يېڭى مەھسۇلاتنى ئېلان قىلدى.

بىرىنچى: Lumia950 ۋە Lumia950XL
Lumia950 تېلېفونىغا 5.2 دىيوملۇق ئېكران، 2K ئېكران (ئېكران ئېنىقلىقى 565ppi)، ئالدى كامېرا 5 مىليون پىكسېل، كەينى كامېرا 20 مىليون پىكسېل، 3 دانە چاقماق چىراق، 3GB لىق RAM، يەنە 32GB لىق ROM، تەخمىنەن باھاسى 3818 يۈەن

Lumia950XL تېلېفونىغا 5.7 دىيوملۇق ئېكران، 2K ئېكران (ئېكران ئېنىقلىقى 515ppi)، ئالدى كامېرا 5 مىليون پىكسېل، كەينى كامېرا 20 مىليون پىكسېل، 3 دانە چاقماق چىراق، 3GB لىق RAM، يەنە 32GB لىق ROM، تەخمىنەن باھاسى 4105 يۈەن
wp

ئىككىنچى: Surface Pro 4
12.3 دىيوملۇق ئېكران، ئالتىنچى ئەۋلاد Intel بىر تەرەپ قىلغۇچ، بىرىكمە ئىسسىقلىق تارقىتىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان. MacBook Air غا قارىغاندا %50 تېز، Surface Pro 3 كە قارىغاندا %30 تېز، تەخمىنەن باھاسى 5700 يۈەن.
surface4

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Microsoft Band (قولغا تاقايدىغان تاقىما بويۇم)، Holo Lens، ..قاتارلىق يېڭى مەھسۇلات بار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
28 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • surface book دىگەن كاساپەت بەك قالتىسمۇ 17800 يۈەن خەلىق پۇلىنى قىممەت كۆرمەستىن بەسبەستە تاۋباۋدىن تالىشىپ سېتىۋالغىلى تۇرۇپتۇ .
    تېخى مال كەلمەي تۇرۇپ ئالدىن كىلىشىپ يىگىرمە نەچچىنى سېتىۋەتكەنلەر باركەن
    نېمىلا دىگەن بىلەن ئاي پەدنى بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇش ئەخمەقلىق دە،،،
    (ئاي پەد دىگەن ئىقتىدارىغا چەك قۇيۇلغان چەكمە ئىكرانلىق ئۇيۇنچۇق ئەمەسمۇ)

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:41
  • كەچۈرۈڭلار، لۇمىيا720 نىمىشقا ۋىندوۋىس 10غا يېڭىلانمايدىغاندۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:32
  • ئالىم مۇئەللىم ،بۇ ناھايىتى ياخشى باشلىنىش بولدى ، مۇمكىن بولسا ، تور بېكەت ۋە يانفۇن نۇسخىلىرىغا ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇشنىمۇ مەخسۇس سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز. رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 12:23
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم
    ھەممەڭلا Win10نىڭ قاچىلانماسلىقى توغۇرلۇق دىيىشىپ كىتىپسىلە بىرقۇر كۆرۈپ چىقتىم
    مەنمۇ مۇشۇ كاساپەت بىلەن ھەپىلىشىمەن ، بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئاساسى تاختا (主板)قوللىمىغانلىقتىن كىلىپ چىققان ئىش كومپىيۇتېر بەك كونا بوولمىسا ئۇھالدا ئاساسى تاختا قوزغىتىش پروگىراممىسىنى (bios،cmos)يېڭىلاش ئېلىپ بېرىڭلار پروگىرامما يېڭىلانمىسىنى ئاساسى تاختىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورگان تورىدىن چۈشۈرىمىز
    (ئەگەر ئاساسى تاختىڭىز 映泰 Biostar بولسا تەيۋەن 映泰 ئورگان تەرەپ تورىدىن چۈشۈرسىڭىز بۇلىدۇ)

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى am 06:30
  • تىمىغا مۇناسىۋەتسىز سۇئال:
    bing.com دىگەن تور بەت قاچان ئۇيغۇرچە بولىدۇ؟
    بۇرۇن يازغان يازمىڭىزدا سىز ئىنىق قىلىپ‹‹ bing.com تور بىكىتىمۇ ئۇيغۇرچە بولىدۇ ، ئۇنىڭمۇ تىل بولىقىنى ياسايمىز››دىگەن ئىدىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:42
  • ياسىن قاسىمغا جاۋاپ:
    ۋىن10 نىڭ بۇ ئىشى بەكلا تىرىكتۈردى،قىلمىغان ئىش ئاز قالدى مۇشۇنى دەپ…..ھازىرچە ۋىن8.1 نى ئىشىلتىپ تۇراي،11-ئايدا يېڭىلاش چىقارغاندا بىراقلا قاچىلاپ باقارمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:21
  • ئادىلجان :
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،ئالدى بىلەن ئشىلىرىڭىزغا خەيرىيەت تىلەيمەن…
    بۇ يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى Microsoft شىركىتى win10 نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن مەنمۇ ئىلگىرى سېتىۋالغان ۋىن8 سىستېمىنى ۋىن10 غا يېڭىلىغان ئىدىم ھەم بىر نەچچە دوستلىرىمىزىغا ياردەم قىلىپ ۋىن 10نى قاچىلاپ بەرگەن ئىدىم،شۇ يېڭىلىغانچە 20كۈنچە شۇنداق نورمال ئىشلەتكەن،بىر كۈنى بىر دوستۇم بېسىپ چىقىرىدىغان ماتېرىيال بار ئىدى دەپ بارماق دىسكىسىنى بەردى،مەن ۋىرۇس يوق دەپ ئويلاپلا ئېچىپ قاپتىمەن،بىردەمدىن كىيىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىدىغان بولۇپ قېلىپ قايتا قوزغىتىشقا بۇيرۇق بەرسەم ئاساسى ماشىنا پەقەتلا ئىتىلمىدى،正在重新启动 دەپلا تۇردى،يېرىم سائەت ئەتراپىدا ساقلىسام يەنە شۇ پېتى تۇرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن كۇنۇپكىسنى بېسىپ مەجبۇر ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغاتتىم،ۋىن 10 نىڭ لوگوسى چىقىپ تۇرۇۋەردى………….بىر نەچچە قېتىم قايتا قوزغاتتىم يەنىلا قوزغالمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا بىر كېچە ئوچۇق قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم،ئەتىسى ئەتىگەندە دۇكانغا چىقىپ قارىسام يەنە شۇ پېتى تۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن پىلاستىنكىغا ئويىۋالغان ۋىن10 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى قايىتىدىن (قاتتىق دىسكىنى فورماتلىۋېتىپ)قاچىلىدىم .قاچىلىنىپ بولۇپ تۇنجى قېتىم نورمال قوزغىلىدۇ،سىنكارتا قوزغاتقۇچنى قاچىلاپ قايتا قوزغاتقاندىن كېيىنلا يەنە شۇ كونا كېسەل بىلەن 正在重新启动 دەپلا تۇرىدۇ……..ئىككىنچى قېتىم پەقەتلا ئېچىلمايدۇ،شۇ جىلىچىلىكتە ۋىن 8.1 نى قاچىلىدىم، ۋىن8.1 دە ھەممە نورمال ئىشلەيدۇ،ۋىن8.1 نى قاچىلاپ پۈتۈن ياماقلىرىنى ياماپ يەنە شۇ ۋىن10 غا يېڭىلاش ئۇچۇرى چىققاندا ،كونا ھەۋەس قوزغىلىپ يەنە يېڭلىدىم،يېڭىلاپ بولۇپ يەنە ئېچىلمىدى،يەنە ۋىن8.1 نى قاچىلىدىم، ۋىن10 نى بارماق دىسكا ئارقىلىقمۇ قاچىلاپ باقتىم،يەنىلا ئۈنۈمى بولمىدى، مۇشۇ تەرىقىدە كەم دېگەندە 50 قېتىم قايتا -قايتىلاپ قاچىلىدىم،ھەممە قېتىمدا پەقەت بىرلا قېتىم نورمال قوزغىلىدۇ،ئۇنىڭدىن كىيىن پەقەتلا قوزغالماي تۇرۇۋالدى.ئاخىرى بولماي يەنىلا ۋىن 8.1 نى قاچىلاپ شۇنى ئىشىلتىۋاتىمەن………
    بۇنىڭدىكى سەۋەبنى تاپالماي بىر ئۇستازدىن سورىسام قاتتىق دېتال ماسلاشمىغان ئوخشايدۇ دەپ جاۋاب بەردى،ئەگەر قاتتىق دېتال ماسلاشمىسا دەسلەپ قاچىلىغاندىلا شۇنداق بولسا بولاتتى،مەن 20كۈندەك نورمال ئىشلەتكەن ئىدىم،
    بۇ ئىشنى پەقەتلا ھەل قىلالمىدىم، مۇشۇ ئىشىمغا ياردەم قىلغان بولسلا كۆپ مىننەتدار بولاتتىم.

    دەل مەن يولۇققان مەسىلە.مەندە20كۈندەئەمەس بىرىنچى كۈنىلاكۆرۈلگەن بۇ مەسىلە.سىزغوھەرھالدا8نى قاچىلاپسىز،مېنىڭكىگە10دىن تۆۋەن ھىچقانداق سىستېماقاچىلانماس بوپ قالغان.xp win7 win8نۇردىسكا بارماق دىسكىدىن قاچىلاپ باقتىم قەتئى بولمىدى.نۇردىسكىدىن سىستېماھۆججىتىنى كۆچۈرگىلى ئۇنىمىدى.بارماق دىسكىنى تونۇيدۇ باشلىسام يەنەكۆك ئىكرانغاكېتىدۇ.شۇتەرىقىدە10كۈنچەكۈندەبىرقىتىمدىن قاچىلىدىم10نى.تېخى ئۇخلاپ قالغاندا ئويغاتساممۇ قوزغالماي سىستېماقاچىلايمەن.يىغلۇغۇدەك بوپ يۈرگەن كۈنلىدە ئىچىلماي تۇرۋالىدىغان كۆك ئىكرانداكۆزنەكتىن 2سى تۇرىدۇ باسىدىغان،شۇنى باسسا3دانە تاللاش چىقىدىكەن شۇنىڭدىن بىرنى تاللىسام ئىكراندا100%دىن ئىككىنى مېڭىپ نۇرمال قوزغالدى.خوشلۇقتادەرھال قايتاقوزغاتسام يەنە قوزغالمىدى يەنە مۇشۇ تەرىقىدە قوزغاتتىم.ئادەتتەئىككى 100%گە1سائەت ئەتراپىداۋاقىت كىتىدىكەن.كۈندە1سائەتتەقوزغىلىدۇ شۇھالەتتەيەنە10كۈنچەئىشلەتسەم ئۆزلىگىدىن ئاۋاز يوقاپ كەتتى،ئاۋازنى ئوڭشىيالماي قايتاقاچىلىدىم سىستېمىنى.ئەتىسى بىسمىللادەپ بىر قوزغاتسام شوخ قوزغىلىپ كەتتى.شۇندىن بىرى نۇرمال.مەن بەكلاياقتۇرۇپ قالدىم بۇسىستېمىنى.خەنچەبىلمەيدىغانلىقىمنى قەتئى چاندۇرمىدىwin10دىكى ئۇيغۇرچەتىل.قوشنىلىرىمنىxpدىن تاغتۇراwin8كۆچۈرۈپ قويغان.باشتائۇيەرئوخشىمايدىكەن بۇيەرمۇنداكەن دەپ يۈرگەنتى ئەمدىلىكتە بولغانداxpبەك ئىپتىدائى كۆرىنىدىكەن دەيدۇpcتىن sd kartقانەرسەكۆچىرەلمەيدىغان بىرسى.win10نى قاچىلاپ بەرگىن دەپ كىرۋالدى كەينىمگە4خوشنا،مەن بۇنى قاچىلاش جەريانىداشۈنچە تالاپەتنى تارتقاندىكىن شۇلانىڭمۇ شۇندا بوپ قالسا يۈزۈم چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ ئۇنمىسام ماڭاپۇقۇسلاپ كومپىيوتېر رىمۇنۇتچىسىغائاچىقىپتىكەن win10دەپ سىستېمايوق دەيمۈش ئۇستىكا.سەن قاچىلاپ بەرگىن دەپ كانىدەك چاپلاشتى ماقا دەپ قاچىلىسام ھەممىنى قىپ بولۇپ قايتاقوزغالغانداكۆك ئىكرانداخەنسۇچەبىرمۈنچەخەتلەچىقىپ ئاستىداتىرناقچىلىك قارا كاتەكچەيىرىم كۈن چۆرگىلىسىمۇ قوزغالمىدى.قاتتىق دىسكىنى ئاجرىتىپ مېنىڭ ئاساسى ماشىنامغاچاتسام نۇرمال قوزغىلىدۇ.ئۇنىڭغاسالسام يەنە شۇندا.ھىچ بىلمىدىم نېمەئىشلىقىنى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 12:30
  • مۇئەللىم دەرسلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى سۆزلەپ بولۇپ بىراقلا يوللامسىز ياكى بابلار بويىچە يوللامسىز دەرسىڭىزگە ئىنتىزار بوپ كىتىپ بارىمەن كۈندە يوقلايمەن شۇ ئۈچ دەرس …

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى am 07:41
باھا بېتى: 1 2