نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Microsoft Outlook (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

بىلوگىمدىكى باشقا تېمىغا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىنكاس چۈشۈپتۇ، قارىغاندا Outlook توغرىسىدا تېما يازمىسام بولمىغۇدەك، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسنى مۇشۇ تېمىغا يېزىڭلار، رەھمەت!

يېقىندا مىكروسوفت شىركىتى Outlook نى ئېلان قىلىپ، Hotmail بىلەن خوشلاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مىكروسوفتنىڭ بۇ يېڭى مەھسۇلاتى Google شىركىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتى ئۈچۈن رىقابەتلىشىش دەپ قارىماقتا. بۇ يىل 6-ئايدا، Hotmail نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇستەقىل خېرىدارلىرى 324 مىليون، Yahoo نىڭ 290 مىليون، Gmail نىڭ 278 مىليون بولغان.

يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى – Windows 8 نى ئېلان قىلىش ۋاقتى يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندا، شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى مىكروسوفت شىركىتى 16 يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان Hotmail ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىدىن ۋاز كەچتى. مىكروسوفت بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېلان قىلغان ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىنىڭ ماركىسى Outlook.com بولۇپ، دۇنيادىكى ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالىدا ئەڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇۋاتقان، ئىشخانا ئېلېكتىرونلۇق خەت يۇمشاق دېتالى Outlook بىلەن ئىنتايىن يېقىن كېلىدۇ.

Outlook.com دىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىش تۆۋەندىكىدەك:
ئۇ Hotmail غا قارىغاندا تېخىمۇ ئاددىي، تېز بولۇپ، Hotmail دىكى كىشىلەر، كالېندار، SkyDrive قاتارلىق مۇرەككەپ تاللانمىلارنى چىقىرىپ تاشلىغان. يەنە Gmail.com ،LinkedIn ۋە Facebook دىكى كىشىلەرنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى شىنلاڭ مىكرو بىلوگى، …قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور ھېساباتلىرى بىلەن ئۇلىنالايدۇ.

يېقىن كەلگۈسىدە Outlook.com دا، Skype نىڭ سۈرەتلىك سۆزلىشىش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈلىدۇ، مىكروسوفت يەنە دېيىشىچە خەت-ئالاقە قىلغاندا كىشىلەرنى زېرىكتۈرىدىغان ئېلانلار ئاز بولىدىكەن. ئەگەر بۇنى مىكروسوفت ئىشخانا دېتالى Office بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

ئەڭ مۇھىم ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، Outlook.com دا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تىللار قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە راۋان خەت-ئالاقە قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان بۇ ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەسلىكىمىزگە ھېچقانداق باھانە قالمىدى. بۇ خەۋەرلەرنى باشقا مۇنبەرلەردىمۇ تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار.

بەزى سەۋەب تۈپەيلىدىن ئارايۈز تەرجىمىسىدە بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەرنىڭ سادىر بولۇشى مۇقەررەر، كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىڭ.

سىناش ئۈچۈن http://www.outlook.com بېسىپ كىرىڭ، ئۈستىدىكى چىشلىق چاقنى بېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تىللاردىن «ئۇيغۇرچە»نى تاللاپ ساقلاڭ. ئاندىن بارلىق كۆزنەكلەرنى بىرمۇبىر ئېچىپ، سىز بايقىغان زور خاتالىقلارنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىڭ. ھېچبولمىغاندا، ئارايۈز تىلىنى ئۇيغۇرچە تەڭشەپ ئىشلىتىپ بېقىڭ، مەھسۇلاتىمىزنى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىدىغانلارمۇ بار ئىكەن دەپ قالسۇن. رەھمەت!

تۆۋەندە بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر

================
تور كۆرگۈچ IE9 نىڭ «Internet تاللانمىلىرى»(Internet 选项)غا كىرىڭ، ئاندىن «خەت نۇسخىسى» (字体)دېگەننى تاللاڭ.
«ھەرپ-بەلگە توپلىمى»(字符集)دىن «لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىدىغان»(以拉丁文为基础)نى تاللاڭ.
«تور بەت خەت نۇسخىسى»(网页字符集)دىن ALKATIP UI (ياكى ALKATIP)نى تاللاڭ.
«جەزملەشتۈرۈش»(确定)نى بېسىپ، چېكىنىڭ.

قوشۇمچە ئىقتىدارلار (辅助功能)دىن، فورماتى (格式化)نى تاللاڭ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 2- ۋە 3-ئەزانىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويسىڭىز بولىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
168 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 8
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن كىرىپلا ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ ناھايتى ھاياجانلاندىم.
    يەنە بالدۇر ئالغان مىكرۇسۇفىت خەت ساندۇقلىرىمىزمۇ ئىچىلدىكەن.
    ئالىم مۇئەللىم SkyDrive غا ساقلىغان ماتىرياللىرىمىزنى بۇ ئۇيغۇچە تۇردە ئىشلتەلمەيمىزما؟ بالدۇرقى SkyDrive غا ساقلانغان ماتىرياللارنى( شۇخىل مۇلازىمەتنى ) كىينچە ئەمەلدىن قالدۇرامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 00:07
    • قارىغاندا، live ۋە hotmail دىكى پۈتۈن مۇلازىمەتلىرىنى outlook قا يۆتكەيدىكەن. مەن ئالدىنقى ئىككى مۇلازىمەتتىكى ھىساباتلىرىمنىڭ ھەممىسىگە outlook تا كىرەلىدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:14
  • ‏پاھ! سۆيۋالغىدەك چىرايلىق چىقىدىكەن ئاۋۇ خەتلەر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 00:57
  • ئالىم مەلىم، ياخشىمۇسىز؟ مەن ھازىر ۋېىن 8 نى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم (سىناق نۇسخسى) بۇ ئې-خەتتىن بىرنى ئىلتىماس قىلدىم، ئەمما خەتلەر سىلى بۇ يەردە كۆرسەتكەندەك نۇرمال ئامال، بۇنىڭ ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەن بولسىلا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 02:22
  • بۇ ھەقىقەتەن خۇشال بولغۇدەك ئىشكەن. ساپ ئۇيغۇرچە كۈرۈنمە يۈزلۈك خەلقئارالىق مەھسۇلاتنىڭ كۆرۈنمە يۈزى يەنىلا باشقىچە بولىدىكەن ئەمەسمۇ! كۆرۈنمە يۈزىگە Segoe UI تىپىدىكى خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىپتۇ. مەندىكى Windows8 دە خەتلەر تازا چىرايلىق چىقمىدى، تىلغا ماس قىلىپ خەت نۇسخىسىنىمۇ تاللىغىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولۇپ كېتەركەن.(شەخسىي ئارزۇيۇم)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 03:49
  • ھەقىقەتەن خۇشھال بولدۇم ئالىم مۇئەللىم،كالېندارنىڭ ئۇيغۇرچە بولغىنى مىنى تېخىمۇ خۇشھال قىلدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 04:12
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن بۇنى ئەلكۈيى مىكروبلوگىدىكى يازمىڭىزدىن يانفۇندا كۆرۈپ دەرھاللا كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ ئىلتىماس قىلىپ ئالدىم. ئادېرىسى مانا: Shahdiyar@outbook.com
    بۇ 106 خىل تىللىق، ئىقتىدارى Gmail دىن قېلىشمايدىغان يېڭىچە خەت ساندۇقى سۇپىسى بوپتۇ.
    بىر بىرلەپ سانىسام 106 خىل تىللىق ئىكەن.
    بۇمۇ بەلكىم سىزنىڭ تۆھپىڭىزغۇ دەيمەن. كۆپ رەھمەت.
    بەك ياخشى سۇپا ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 04:27
  • ھەراست، بىر تەكلىپىم بار ئىدى.
    بۇ خەت ساندۇقىغا ئۇيغۇرچە تىل قوشۇلۇپ بەك ياخشى بولۇپتۇ.
    تىلنى ئۇيغۇرچىغا تاللىغاندىن كېيىن سول تەرەپتىكى كۆرۈنمە يۈزى ئوڭ تەرەپكە ئالمىشىدىكەن، بۇمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. ئەمدى تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇيغۇرچە تىلنىڭ css قا ئازىراق كۈچەپ بىرەر تال EOT قا ئۇلاپ قويغان بولسا….. بەك ياخشى بولاتتىكەن.
    مەنغۇ زىيارەتچىنىڭ ئۆزىدىن تور بەتنىڭ خەت نۇسخىسىنى تەڭشەپ ئىشلەتتىم، بىلمەيدىغانلار «نىمانداق سەت چىقىدۇ………» دېگەندەكلەرنى باھانە قىلىشى مۇمكىن.
    مۇمكىن بولسا، مۇشۇ پىكىرنى بىر ھەل قىلغىلى بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 04:30
    • ئەمدى تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇيغۇرچە تىلنىڭ css قا ئازىراق كۈچەپ بىرەر تال EOT قا ئۇلاپ قويغان بولسا….. بەك ياخشى بولاتتىكەن.
      =============
      ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى چىرايلىق ياسالغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى سىستېمىغا تېگىدىن قوشۇۋېتىش. ئىشلىتىدىغانلار كۆپەيسە بۇ ئىشلار چوقۇم ھەل بولىدۇ. شۇڭا، ئامال بار بىر ئىشلىتىپ بېقىڭلار

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 08:01
    • ئەمدى تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇيغۇرچە تىلنىڭ css قا ئازىراق كۈچەپ بىرەر تال EOT قا ئۇلاپ قويغان بولسا….. بەك ياخشى بولاتتىكەن.
      =============
      ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى چىرايلىق ياسالغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى سىستېمىغا تېگىدىن قوشۇۋېتىش. ئىشلىتىدىغانلار كۆپەيسە بۇ ئىشلار چوقۇم ھەل بولىدۇ. شۇڭا، ئامال بار بىر ئىشلىتىپ بېقىڭلار

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 08:01
    • بولىدۇ. كۆپىرەك تەشۋىق قىلىپ قويايلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 12:26
    • eot نىڭ دەم ئالىدىغان ۋاقتى كىلىپ قالدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:15
    • eot نى مىكروسوفت ئۆزى چىقارغان، يەنە ئۆزى بىر قوللۇق ئىسلاھ قىلىدىغان بولدى،-دە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:59
  • بۇ يەردە مەسىلە بارمۇ قانداق؟
    1. ئەخلەت خەت ساندۇقىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىسا، مۇنداق مەزمۇن چىقىدىكەن. ئاۋۇ قالايمىقان كودمۇ قانداق؟
    «بۇ يەردە يوق (بەك ئوبدان!)Microsoft SmartScreen;&mdash مۇ ئۇلارنى كەلگەن خەتلەرگە بېرىشىدىن توسۇۋالدى.»

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 04:36
  • سىنايمەن دەپ كىرىپ live.comتىكى ئې-خەت ھىساباتىمنى يوق قىلىپ سالدىم دېسە، ئەتنىڭ ئارقىسى outlook.comقا ئايلىنىپ قېلىپ ئوتتۇرىدۇ، لايۋ ھىساباتىمغا كىرگىلى بولماس بولۇپ قالدى. سىنىغانلار ئوۋتلۇك ئادرېسى تەڭشەمسىز دېسە ياق دەڭلا، بۇرۇنقى ھېساباتىڭلار يوقاپ كېتىدىكەن.
    ~~~~(>_<)~~~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 05:59
  • ئېسىل، مىڭ تەستە كالىندارنىمۇ تېپىۋالدىم…يەنىلا مىكروسوفت شىركىتىنى ياخشى كۆرىمەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 08:09
  • باشقا ئېلخەت popئادېرىسقا ئۇليالمىدىمغۇ؟ئادېرىس ۋە پارول توغرا بولمىسا ؟pop مۇلازىمىتىمۇ ئۇچۇق،ئادېرىس ۋە پارول خاتا دەپلا چىقۋېلىۋاتىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 09:05
  • خەت يازدىغان يەرگە بىۋاستە ئۇيغۇرچەكىرمەيدىكەن،ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىمۇ يوقكەن،ئەلكاتىپتا يازسام بەزى خەتلەر ئۈزلۈپ كەتتى،ئالىم مۇئەللىم سىز قانداق قىلغانسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 09:10
  • ئالىم مۇئەللىم سىزدىن بىر ئىشنى سورغۇم كىلىۋاتىدۇ!
    يەنە شۇ باشنى قاتتۇردىغان خەت نۇسقىسى، بىز نىمە ئۇچۇن بەزى ھەرىپلەرنى ئەرەب ھەرىپى ئاسساسىدا ئىشلىتىمىز، بىزدە ئۇقۇم ئورتاقىلقى بولمىسا ،نىمىشقا يېڭىدىن unicode دىن ئەرەب ھەرىپلىرى بىلەن توقۇنۇش بولمىغان ئۇرۇن ئالمايمىز. بەلكى بىز بۇنىڭدىن نۇرغۇن زىيان تارتىششىمىز مومكىن لىكىن ھەممە ئىشلار ئوڭشىلىپ قاللاتتى، مۇشۇ ھەققتە سەل چۇشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 09:18
    • ئۆز ۋاقتىدا يەنى 10-12 يىلنىڭ ئالدىدا لاتىن يېزىقىغا ھەدەپ كۈچەپ، ھازىرقى يېزىقىمىزغا سەل قارالغانلىقى، خەلقئارالىق يىغىنلاردا بۇ ئىشلارنى ئىنكاس قىلماي، نۇرغۇن پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىپ قالغانلىقى ئاساسىي سەۋەب. ھېلىمۇ ئۇيغۇر يېزىقى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىق بولۇپ قاپتىكەن، ئەرەب رايونىغا ئاپتوماتىك كىرىپ كەتتى. ئەمدى ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى قايتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ زىيالىلىرى تىكىپ-سۆكۈپ يۈرمەيدىكەن، ئەمما سەۋرىچان بولۇڭ، بۇ مەسىلىلەر بىر-بىرلەپ ئوڭشىلىدۇ.

      ھازىرقى چۈشەنچەم بويىچە بولغاندا، ئەگەر 2 يىلنىڭ ئالدىدا مىكروسوفتنىڭ بېشىنى ئاغرىتمىغان بولساق، بۇ ئىشلار بەلكىم بۇنداق تېز بولماسلىقى مۇمكىن، ئۆز ۋاقتىدا خەنزۇچە خەتمۇ چاپاق ئىدى، سىزىقلىرىنى ئېنىق ئەمەس ئىدى، ھەممىسى چېكىتلىك خەت ئىدى، تېخىمۇ مۇشۇ بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا 微软雅黑 چىققاندىن كېيىن بۇ ئەھۋال تۈپتىن ئۆزگەردى. ھازىر بىزگە كېرەك بولغىنى خەتلىرى مايماق-سايماق بولسىمۇ، ئورگان تەرەپتىن ئىگە بولۇپ بىر نەرسە چىقىپ باقسۇن. بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا، بەزى سەۋەنلىكلەر بولۇشى مۇقەرەر، ئەمما بۇنىڭ ئوڭشىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز سېتىۋېلىشقا قۇربى يېتىدىغانلار سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ باقسۇن، ھېلىقىدەك نۇسخىسىنى ئىشلىتىدىغانلارمۇ ئۇيغۇرچە قىلىپ تەڭشەپ ئىشلىتىپ باقسۇن، بىزنىڭ بۇ ئىشلارغا قىزغىن مۇئامىلىدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويايلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:33
  • خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيۋاتىدۇ، سىستىمام xp ئىدى، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسى ئاساسەن بار بولمىسا، بۇ سىستىما ئىچىدىكى خەتلەرنى ۋورد ئىچىگە كۆچۈرۈپ ئاندىن خەت نۇسىخسىنى ئەلكاتىپ قىلسام نورمال كۆرۈندى، مەن 360 تور كۆرگۈچنى ئىشلىتەتتىم، تور كۆرگۈنىڭ سەۋەبىمىدۇ ياكى ئۇ خىل خەت نۇسخسى مەندە يوقمىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 09:21
  • ئىنتىرنىت 8.0 تور كۆرگۆسىنى ئىشلەتتىم ، تىزىملىكلىرىنىڭ ئورنى نورمال چىقتى، لىكىن خەت يەنىلا شۇ ئىماش چىماش، ئۇيغۇرچە ئەمەس

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 09:25
    • ئوت تۈلكىنى ئىشلىتىڭ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:31
    • ئەڭ ياخشىسى بۇنى Windows 8 دە ئىشلىتىڭ، ئۇنداق 8.0 ياكى 9.0 دېگەن نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:35
      • ئالىم مۇئەللىم قول كومپىيوتىرىمغا زاۋۇتتىن قاچىلاپ بەرگەن Win7قاچىلانغان،مەن outlookقا ئەزا بولالىدىم،چىشلىق چاقمۇ چىقتى ،ئەمما سىز بەلگە قويۇپ قويغان چىشلىق چاقنى باسسام تىل تاللاش تۈرى چىقماي ئۈستىدا بىر قاتار رەڭ تاللاش رامكىسى ئاستىدا off،right،bottomقاتارلىق تاللاش تۈرلىرى بار رامكا ئېچىلدى،كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدە قانداقتۇر تىل تاللاش رامكىسىنى كۆرەلمىدىم.يەنە بىرەر باسقۇچنى خاتا مەشخۇلات قىلىپ قالدىممۇ ياكى كەم قىلىپ قالغان تەرەپلەر بارمىدۇ؟ۋاقتىڭىز بولسا كۆرسەتمە بەرسىڭىز،رەخمەت!

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:20
باھا بېتى: 1 2 3 8