نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Microsoft Outlook (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

بىلوگىمدىكى باشقا تېمىغا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىنكاس چۈشۈپتۇ، قارىغاندا Outlook توغرىسىدا تېما يازمىسام بولمىغۇدەك، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسنى مۇشۇ تېمىغا يېزىڭلار، رەھمەت!

يېقىندا مىكروسوفت شىركىتى Outlook نى ئېلان قىلىپ، Hotmail بىلەن خوشلاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مىكروسوفتنىڭ بۇ يېڭى مەھسۇلاتى Google شىركىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتى ئۈچۈن رىقابەتلىشىش دەپ قارىماقتا. بۇ يىل 6-ئايدا، Hotmail نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇستەقىل خېرىدارلىرى 324 مىليون، Yahoo نىڭ 290 مىليون، Gmail نىڭ 278 مىليون بولغان.

يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى – Windows 8 نى ئېلان قىلىش ۋاقتى يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندا، شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى مىكروسوفت شىركىتى 16 يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان Hotmail ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىدىن ۋاز كەچتى. مىكروسوفت بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېلان قىلغان ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىنىڭ ماركىسى Outlook.com بولۇپ، دۇنيادىكى ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالىدا ئەڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇۋاتقان، ئىشخانا ئېلېكتىرونلۇق خەت يۇمشاق دېتالى Outlook بىلەن ئىنتايىن يېقىن كېلىدۇ.

Outlook.com دىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىش تۆۋەندىكىدەك:
ئۇ Hotmail غا قارىغاندا تېخىمۇ ئاددىي، تېز بولۇپ، Hotmail دىكى كىشىلەر، كالېندار، SkyDrive قاتارلىق مۇرەككەپ تاللانمىلارنى چىقىرىپ تاشلىغان. يەنە Gmail.com ،LinkedIn ۋە Facebook دىكى كىشىلەرنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى شىنلاڭ مىكرو بىلوگى، …قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور ھېساباتلىرى بىلەن ئۇلىنالايدۇ.

يېقىن كەلگۈسىدە Outlook.com دا، Skype نىڭ سۈرەتلىك سۆزلىشىش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈلىدۇ، مىكروسوفت يەنە دېيىشىچە خەت-ئالاقە قىلغاندا كىشىلەرنى زېرىكتۈرىدىغان ئېلانلار ئاز بولىدىكەن. ئەگەر بۇنى مىكروسوفت ئىشخانا دېتالى Office بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

ئەڭ مۇھىم ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، Outlook.com دا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تىللار قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە راۋان خەت-ئالاقە قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان بۇ ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەسلىكىمىزگە ھېچقانداق باھانە قالمىدى. بۇ خەۋەرلەرنى باشقا مۇنبەرلەردىمۇ تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار.

بەزى سەۋەب تۈپەيلىدىن ئارايۈز تەرجىمىسىدە بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەرنىڭ سادىر بولۇشى مۇقەررەر، كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىڭ.

سىناش ئۈچۈن http://www.outlook.com بېسىپ كىرىڭ، ئۈستىدىكى چىشلىق چاقنى بېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تىللاردىن «ئۇيغۇرچە»نى تاللاپ ساقلاڭ. ئاندىن بارلىق كۆزنەكلەرنى بىرمۇبىر ئېچىپ، سىز بايقىغان زور خاتالىقلارنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىڭ. ھېچبولمىغاندا، ئارايۈز تىلىنى ئۇيغۇرچە تەڭشەپ ئىشلىتىپ بېقىڭ، مەھسۇلاتىمىزنى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىدىغانلارمۇ بار ئىكەن دەپ قالسۇن. رەھمەت!

تۆۋەندە بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر

================
تور كۆرگۈچ IE9 نىڭ «Internet تاللانمىلىرى»(Internet 选项)غا كىرىڭ، ئاندىن «خەت نۇسخىسى» (字体)دېگەننى تاللاڭ.
«ھەرپ-بەلگە توپلىمى»(字符集)دىن «لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىدىغان»(以拉丁文为基础)نى تاللاڭ.
«تور بەت خەت نۇسخىسى»(网页字符集)دىن ALKATIP UI (ياكى ALKATIP)نى تاللاڭ.
«جەزملەشتۈرۈش»(确定)نى بېسىپ، چېكىنىڭ.

قوشۇمچە ئىقتىدارلار (辅助功能)دىن، فورماتى (格式化)نى تاللاڭ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 2- ۋە 3-ئەزانىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويسىڭىز بولىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
168 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 6 7 8
  • http://www.outlook.com ئىچىلمايدىغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:17
  • ئالىمكا يىڭى خەت يىزشنى ئىچىپ تاللانمىلار دىگەن تىزملىكنىڭ ئۈستىدىن ئىككىنچىسىنى تاللىساق قالايمىقان خەتلەر چىقىدىكەن ، تەرجىمدە مەسىلە بارمۇ ياكى تەرجىمە قىلىنماي قالدىمۇ .مەسلەھەت بەرەەن بولسىڭىز، رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 21:43
  • ئىكىس پ دا تەڭشىگىلى بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ ئالىم مۇئەللىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 15:05
  • ئالىمكا مەن دىگەن گەپلەرگە پىسەنىت قىلىپمۇ قويمايدىۆەنسىز ھە . بوپتۇ . بۇنىڭدىن كىيىن كۆرۈپلا ئۆتۈپ كىتەي

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى am 11:28
    • مەن تېخى سىز دېگەن يەرنى سىناپ باقمىدىم، شۇڭا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ھازىرقى ئايلانمىدا Windows نىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمىز. outlook نىڭ ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 13:33
      • ھەئە. مۇنداق دىمەمسىز . كەچۈرۈڭ خاتا چۈشۈنۈپ تىخى سىزنى نەزىرى ئۈستۈنلەردىن ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن ،

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:36
  • مەنمۇ ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ ئىشلىتىپ باقتىم. ئۆزۈمگە ئۆزۈم خەت يېزىپ سىناپمۇ باقتىم تېخى…. راستىنلا بولىدىكەن جۇمۇ!!! يارايسىز ئالىم مۇئەللىم! جاپا چەكتىڭىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 14:47
    • ئەتە ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىگە كەلسىڭىز ئۇيغۇرچە Windows 8 نى كۆرسىتىپ قويىمەن. ئورنى قىزىلبايراق يولى تۆتىنچى قەۋەت 4319-دۇكان، شەنبە چۈشتىن كېيىن 2:00 دىن 5:00 گىچە

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 17:02
  • ئالىم مۇئەللىم،مەن outlook نىڭ دىتالىنى ئىشلىتەتتىم،بۇنىڭ تىل بولىقى يوقمىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:36
  • ئۇيغۇرچىگە تەڭشەلگەن .Outlook دا، بەتنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى تىزىملىكتە نۆۋەتتىكى تىل ئەرەپچە دەپ چىقىپ قالىدىكەن، ئەمما SkyDrive دا نورمال.

    - كەلگەن خەتلەر 4
    - ئەخلەت خەت 6

    ھەر ئىكىلىسىنى بىردەك «مەلۇم-مەلۇم خەت» شەكلىدە يەنى بىرلىك شەكلىدە ئېلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. نېمىشقا دېگەنگە قايىل قىلايلىق جاۋاب بېرەلمەيمەن، ئەمما ئۆزۈمنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى سەۋەبى بار:
    1) كەلگەن، ئەۋەتىلگەن ياكى ئەخلەت خەتلەرنىڭ سانى 0، 1 ياكى بىردىن چوڭ بولۇشى مۇمكىن.
    2) بىر چاغدا ئېنگلىزتىلىدا يازغان ماقەلەمدىكى X, Y ئوقلۇق گىرافىڭكنىڭ ئوقلىرىغا
    x: Doctument IDs يەنى ئارخىپ نومۇرلىرى
    y: Quality Factors سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرى

    دەپ ئېلىپ قويۇپتىكەنمەن، مۇئەللىم «سەن خۇددىي سىياسىئونلاردەك ”لار“ ”لەر“ دەپ ئېلىپ قويساڭ بولمايدۇ» دېگەن ئىدى.

    بەلكىم بۇ ئارتۇقچە ئويلاشتۇ، ئەمما ھىچ بولمىغاندە ئۇلارنىڭ بىردەكلىكنى ساقلىشى توغرا دەپ قارايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:12
    • يەنە، «تېز كۆرۈش» تىزىملىكىگە نىسبەتەن تۆۋەندىكىدەك قاراشتىمەن.

      نۆۋەتتىكى تەرجىمە:
      -تېز كۆرۈش
      –بەلگە سېلىنغان
      –سۈرەتلەر
      –ھۆججەتلەر

      بۇ تىزىملىكتىكى تۈرلەرنىڭ خاراكتېرى ئەمەلىيەتتە «قىسقۇچلار» ئاتا تىزىملىكىدىكى تۈرلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش دەپ قارايمەن. شۇ بويىچە بولغاندا تۆۋەندىكىدەك ئېلىنىش مۇپىق،يەنى «كەلگەن خەت»، «ئەخلەت خەت»، «بەلگەن سېلىنغان خەت»، «سۈرئەتلىك خەت»، «ھۆججەتلىك خەت» ۋە «يەنە بىر نىمە خەت» دېگەندەك.
      ئەلۋەتتە، خۇددىي «بەلگە سېلىنغان» دەپلا قىسقارتقاندەك «سۈرئەتلىك»، «ھۆججەتلىك» (سۈرئەت ياكى ھۆججەت قىستۇرۇلغان خەتلەر دېگەن مەنىدە) دەپلا ئېلىشنىمۇ قوللايمەن.

      ئەگەر بىۋاستە «سۈرئەتلەر» ۋە «ھۆججەتلەر» دەپ ئېلىپ قويۇلغاندا، كىشىلەرگە مۇستەققىل سۈرئەت ياكى ھۆججەت دېگەن تۇيغىغا ئاسانلا كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ Outlook نى ۋە ئېلخەتنى يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ شۇنداق. بۇخىل ئاتاش SkyDrive دىكى ھۆججەتلەرنى سۈزۈشكە باپ كېلىدىكەن.

      قىسقىسى، يېڭى تەرجىمىنىڭ تۆۋەندىكى بولۇشنى تەۋسىيە قىمەن،

      -تېز كۆرۈش
      – بەلگە سېلىنغان (خەت)
      – سۈرئەتلىك
      – ھۆججەتلىك

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:36
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئالىم ئەھەر ئاكا ياخشىمۇسىز؟
    مەن بايا كالىندارنى كۆرىۋىتىپ ھاۋارايىدىن مەلۇمات بېرىدىغان ئۇچۇرغا قارىسام تېمپۇراتورىنى كۆرسەتكەندە ‹‹يۇقىرى تېمپۇراتورا›› دېگەننى ‹‹ ئېگىز تېمپۇراتورا دەپ ئېلىنپتۇغۇ. مەن قايسىنىڭ تۇغرا ئېكەنلىكىنى ئايرىيالماي شۇڭا ئىنكاسنى يازدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 12:23
  • «ئېلېكتىرونلۇق» دەپ يېزىلسا ئىملا خاتا بولمامدۇ ياكى يېڭى ئىملا قائىدىسىدە ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ؟ «ئېلېكترونلۇق» دەپ يېزىلسا توغرا بولىدۇ. يەنە «تاپشۇرۇۋېلىش» ئەمەس «تاپشۇرۇۋىلىش» دەپ يېزىلىشى كېرەك، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئۇيغۇر تىلى دەرسىدە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئا، ئە تاۋۇشلىرى قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا ئى گە ئاجىزلىشىدۇ، تاق بوغۇملۇق سۆزلەنىڭ ئاخىرىدىكى ئا، ئە تاۋۇشلىرى قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا ئې گە ئاجىزلىشىدۇ، دەپ ئۈگەنگەن.
    بۇ ئەمگەكلەرگە كۆپ تەشەككۈرلەر، ئۆز قىممىتى تاپقۇسى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى am 09:58
  • مەن قانداق تىزىم لىتىشنى بىلەلمىدىم مۇمكىن بولسا ماڭا ياردەم قىلغان بولساڭلار..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 22:31
باھا بېتى: 1 6 7 8