ئالىم ئەھەت بىلوگى يېڭى مۇلازىمىتېرغا كۆچتى.
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مانا بۈگۈن ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىدىكى ئەمەتجاننىڭ ياردىمىدە، «ئالىم ئەھەت» بىلوگى يېڭى مۇلازىمىتېرغا ئوڭۇشلۇق يۆتكەلدى. مەن xjcfan شىركىتىدىكى بارلىق خادىملارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
«ئالىم ئەھەت» بىلوگى 2011-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە شياڭگاڭدىكى مۇلازىمىتېرغا ئورۇنلاشقان ئىدى، ئەمما بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان زىيارەتچىلەرنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىپ بارغاچقا، ئېچىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ ئاستىلاپ، تورداشلارغا قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، شۇ سەۋەبتىن شياڭگاڭدىكى مۇلازىمىتېرىدىن دۆلەت ئىچىدىكى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمىتېرغا كۆچۈرۈشكە توغرا كەلدى. مانا بۈگۈن يېڭى ئۆيگە ماكانلاشتى. تورداشلارنىڭ داۋاملىق يوقلاپ تۇرۇشىنى، ياخشى تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 1,221 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 08-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 22:57
- ئالدىنقى يازما :Experience Index يەنى 体验指数 نېمە دەيمىز؟
- كېيىنكى يازما :Microsoft Skydrive (ئۇيغۇرچە)نى ئىشلىتىپ بېقىڭ
تېخىمۇ كۆپ
14 پارچە باھا يېزىلدى
ياخشى بوپتۇ، ئەمما تور سۈرىتى كۆرىنەرلىك تىزلىمەپتۇ، ئىلگىركىدەك تۇرىدىغۇ ھى ھى ھى
چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز؟ OET بولمىغان بولسا تېخىمۇ تېز بولاتتى.
ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى بۇرۇنقىسىنىڭ 400ms ، ھازىرقىسىنىڭ 75ms جۇمۇ.
ھازىر بۇرۇنقىدىن تېز ئېچىلغاچقا، مەن سەل كۆنەلمەيۋاتىمەن،
قېنى مەن بىر سىناپ باقاي!~`
تىلفۇندا ئۇيغۇرچە خەت يازغاندا «ئە» ھەرىپىنىڭ چىقماسلىقىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟
كۆرىنەرلىك تېزلەپتۇ.
بەتكە كىرىش سۈرئىتى ھەقىقەتەن تىز ئىكەن. مەن بۇگۈن كۆزنەك سەككىزنىڭ كارخانا نۇسقىسىنى توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم ئالدىنقى نەشىرگە قارىغاندا مۇقىم ھەم يۇقشاق دىتال قوللشچانلىقى ياخشى ئىكەن.
بىلوگ بىلەنلا بۇلۇپ، شېركەتنىڭ تور بېتىچۇ؟ win8 دە لۇغەتنى تېزرەك ئىشلەتكىلى بولسا بولاتتى…
بۇ قېتىمقى لۇغەتنى win بىرەر مىڭغىچە ئىشلەيدىغان قىلىپ قويارسىز…
مۇبارەك بولسۇن!
ئالىم مۇئەللىم بىلوگىڭىز دەششەت ئىشتىك ئېچىلدىغان بوپكىتىپتۇ ھې ھې ھې ھې مەرەك بولسۇن
مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم ،يېڭى ئۆيگە كۈچۈۋاپلا ! بىلوگىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى بۇرۇنقىدىن خېلىلا تىزلىشىپ قاپتۇ . بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئېسىل يېڭىلىقلار بىلەن بىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغايسىز .
شۇنداق ئېچىلىش سۈرئىتى خېلىلا كۆرىنەرلىك تىزلىشىپتۇ. بولۇپمۇ مەن بەكرەك ھېس قىلدىم. قول تىلفۇننى كومپىيۇتىرغا چېتىپ تورغا چىقىدىغان مەندەك بىچارىلەرگە تور شۈرئىتىنىڭ تىز-ئاستىلىقى بەك تىز مەلۇم بولىدۇ.بولسا شىركەت تور بېتىنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ قويسىڭىز مۇئەللىم.
ھازىر مۇشۇ ئىش بىلەن چاچ تاراشقىمۇ ۋاقىت يوق تۇرسا، بۇ ئىش بەكلا ھاردۇرۇۋەتتى بىزنى
يىڭى ئۆيگە كۆچكەندە چاي بەرگەننى كۆرگەن،ئالىم مۇئەللىممۇ سەل گىرىمۇ قانداق
موبارەك بولسۇن ئۇستاز