نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

دۇنيا بۇيىچە تور سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەت قايسى؟

[ IT خەۋەرلىرى ]


ئامېرىكا تور سانلىق مەلۇمات شىركىتى (PandoNetworks) نىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كورىيەنىڭ ئىنتېرنېت (چۈشۈرۈش) سۈرئىتى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، 2-ۋە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەر رومىنىيە، بولغارىيە،…قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىكەن. ئامېرىكا 26-ئورۇندا، جۇڭگو 80-ئورۇندا تۇرىدىكەن، جۇڭگو شياڭگاڭنىڭ تور سۈرئىتى بىر ئاز تېز بولۇپ، سېكۇنتىغا 992KB ئىكەن. دۇنيا بۇيىچە تور سۈرئىتى ئەڭ ئاستا دۆلەت ئافرىقىدىكى كۇنگو جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، سېكۇنتىغا 13KB ئىكەن.

كورىيەدە تور سۈرئىتىنىڭ دۇنيا بۇيىچە تېز بولۇشى، بۇ دۆلەتتە رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، 99-يىلى قۇرۇلغان «HANARO خەۋەرلىشىش» شىركىتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ شىركەت مۇقىم تېلېفون بازىرىنى ئېگەللىگەن بولۇپ، رىقابەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن، شۇ يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ADSL تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، دۇنيا بۇيىچە تۇنجى ADSL ئىنتېرنېت مۇلازىمەت كەسپىنى ئاچقان. بۇ يىل 6-ئايدا ئايلىق ئىجارىسى 28 مىڭ ۋون (تەخمىنەن 170 يۈەن) بولغان كەڭ بەلباغ مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كورىيەلىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان. كورىيەدە ئىنتېرنېتنىڭ ئادەتتىكى ئائىلىلەر ئۆلچىمى 100Mbs بولۇپ(بىزنىڭ بۇ يەردە 2Mbs غۇ دەيمەن)، 10 يىلدىن بۇيان 100 ھەسسە تېزلەشكەن. 2012-يىلىغا بارغاندا، تور سۈرئىتىنى 1Gbps غا، 2020-يىلىغا بارغاندا 10Gbps قا كۆتۈرۈش پىلانلانغان.

كەلگۈسىدە، كورىيەنى IT (ئۇچۇر تېخنىكا) ساھەسىدە كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتە تېز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېتنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش چاقىرىق قىلىندى.

گەرچە جۇڭگو ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما، تور سۈرئىتى جەھەتتە 80-ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنداق بولۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى جۇڭگودا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئارىسىدا رىقابەت كەسكىن ئەمەس. ئىنتېرنېتنى ئاساسىي جەھەتتىن جۇڭگو تېلېگىرافى كونترول قىلىۋالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭگو تېلېگىرافى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە جۇڭگو ليەنتوڭ قاتارلىق 3 چوڭ شىركەتلەر يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنى ئۆز-ئارا يۆتكەپ ئىشلىتىش ئەھۋالى مەۋجۈت.
دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ قارىشىچە، ناۋادا، بۇ ئۈچ چوڭ شىركەتلەر ھەقىقىي رىقابەتلىشىدىغان بولسا، تور سۈرئىتى دۇنيانىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن، ئەمما، تور ھەققى دۇنيانىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەدىن يۇقىرى ھالەتكە خاتىمە بېرىلگەن بولاتتى. دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قورۇلۇشىمۇ تېخىمۇ تېز ساغلام تەرەققىي قىلغان بولار ئىدى دېيىشمەكتە.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
30 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
باھا بېتى: 1 2