دۇنيا بۇيىچە تور سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەت قايسى؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

دۇنيا بۇيىچە تور سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەت قايسى؟

[ IT خەۋەرلىرى ]


ئامېرىكا تور سانلىق مەلۇمات شىركىتى (PandoNetworks) نىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كورىيەنىڭ ئىنتېرنېت (چۈشۈرۈش) سۈرئىتى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، 2-ۋە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەر رومىنىيە، بولغارىيە،…قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىكەن. ئامېرىكا 26-ئورۇندا، جۇڭگو 80-ئورۇندا تۇرىدىكەن، جۇڭگو شياڭگاڭنىڭ تور سۈرئىتى بىر ئاز تېز بولۇپ، سېكۇنتىغا 992KB ئىكەن. دۇنيا بۇيىچە تور سۈرئىتى ئەڭ ئاستا دۆلەت ئافرىقىدىكى كۇنگو جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، سېكۇنتىغا 13KB ئىكەن.

كورىيەدە تور سۈرئىتىنىڭ دۇنيا بۇيىچە تېز بولۇشى، بۇ دۆلەتتە رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، 99-يىلى قۇرۇلغان «HANARO خەۋەرلىشىش» شىركىتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ شىركەت مۇقىم تېلېفون بازىرىنى ئېگەللىگەن بولۇپ، رىقابەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن، شۇ يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ADSL تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، دۇنيا بۇيىچە تۇنجى ADSL ئىنتېرنېت مۇلازىمەت كەسپىنى ئاچقان. بۇ يىل 6-ئايدا ئايلىق ئىجارىسى 28 مىڭ ۋون (تەخمىنەن 170 يۈەن) بولغان كەڭ بەلباغ مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كورىيەلىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان. كورىيەدە ئىنتېرنېتنىڭ ئادەتتىكى ئائىلىلەر ئۆلچىمى 100Mbs بولۇپ(بىزنىڭ بۇ يەردە 2Mbs غۇ دەيمەن)، 10 يىلدىن بۇيان 100 ھەسسە تېزلەشكەن. 2012-يىلىغا بارغاندا، تور سۈرئىتىنى 1Gbps غا، 2020-يىلىغا بارغاندا 10Gbps قا كۆتۈرۈش پىلانلانغان.

كەلگۈسىدە، كورىيەنى IT (ئۇچۇر تېخنىكا) ساھەسىدە كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتە تېز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېتنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش چاقىرىق قىلىندى.

گەرچە جۇڭگو ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما، تور سۈرئىتى جەھەتتە 80-ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنداق بولۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى جۇڭگودا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئارىسىدا رىقابەت كەسكىن ئەمەس. ئىنتېرنېتنى ئاساسىي جەھەتتىن جۇڭگو تېلېگىرافى كونترول قىلىۋالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭگو تېلېگىرافى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە جۇڭگو ليەنتوڭ قاتارلىق 3 چوڭ شىركەتلەر يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنى ئۆز-ئارا يۆتكەپ ئىشلىتىش ئەھۋالى مەۋجۈت.
دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ قارىشىچە، ناۋادا، بۇ ئۈچ چوڭ شىركەتلەر ھەقىقىي رىقابەتلىشىدىغان بولسا، تور سۈرئىتى دۇنيانىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن، ئەمما، تور ھەققى دۇنيانىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەدىن يۇقىرى ھالەتكە خاتىمە بېرىلگەن بولاتتى. دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قورۇلۇشىمۇ تېخىمۇ تېز ساغلام تەرەققىي قىلغان بولار ئىدى دېيىشمەكتە.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
30 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • مەنمۇ نەچچە يىلدىن بېرى ئىشلىتىۋاتقان 2Mb لىق تورنى ئۆي كۆچۈش مۇناسىۋىتى بىلەن يۆتكەتسەم تېلېگرافتىكىلەر ئاشۇ نۇر كابېلى (光纤 ) غا ئالماشتۇرۇپ بەردى. مودېمنىمۇ مەخسۇس نۇر كابېلى مودېمىغا ئالماشتۇردى. لېكىن سۈرئەت ئوخشاش، پۇل تۆلىمىسە نۇر كابېلى ئىشلەتكەن بىلەنلا تور سۈرئىتى تېزلىمەيدىكەن ئۆزى! (ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:54
  • ھازىرقى ئۆيدىكى سىمسىز تورنىڭ سۈرئىتىنى ئۆلچىسەم چۈشۈرۈشى 3.21Mbps، يۈكلىشى 0.77Mbps چىقتى.
    http://www.speedtest.net/result/1509674847.png

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى am 00:06
  • ۋىكىپېدىياغا (http://ja.wikipedia.org/wiki/FTTH) قارىساممۇ، 2011- يىل 13- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى مەلۇماتتا، 2010- يىل 12- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 100Mbps-1Gbps لىق FTTH تور مۇلازىمىتى توختامى 19 مىليون 770 مىڭ دېيىلىپتۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرىچە سۈرئىتى 100Mbps لىق (ئەمەلىيەتتىكى چۈشۈرۈش سۈرئىتى توكيونىڭ 50Mbps، ئوكىناۋانىڭ 10Mbps دېگەندەك) تور مۇلازىمىتى ئوخشايدۇ. لېكىن 1Gbps لىق مۇلازىمەتمۇ بار دېيىلىپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 23:45
  • مەن ئوقۇشقا كەلگەندە مەكتەپتە 100Mbps لىق تور بار ئىكەنتۇق. مەنمۇ 5 يىل بۇرۇن ئۆيگە 100Mbps لىق تورنى ئەكىرىپ بىر يىل ئىشلەتكەن، كېيىن قىممەت كۆرۈپ توختىتىپ قويغانتىم. شۇ چاغلاردا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا نەچچە ئون Mbps تا چۈشۈرگىلى بولاتتى. ھازىر قارىسام NTT شىركىتىنىڭ 200Mbps قا چىقىدىغىنى باركەن. لېكىن تۆۋەندىكى ئىككى ئۇلانمىغا قارىسام، 1Gbps لىق سۈرئەتتىكى تور مۇلازىمىتىمۇ kddi شىركىتى تەرىپىدىن بۇندىن 3 يىل بۇرۇنلا باشلانغان ئىكەن. ھازىر ئادەتتىكى ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەرگىمۇ ئەكىرگىلى بولىدىكەن. تەكشۈرۈشتە بۇلار تىلغا ئېلىنمىغاندەك تۇرىدۇ. ياكى ئەمەلىيەتتىكى سۈرئىتى ئاستىمىكىنە.
    http://www.auone-net.jp/service/connect/ftth/index.html
    http://www.kddi.com/corporate/news_release/2008/0924/index.html

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 23:32
  • شاڭخەي قاتناش ئۇنۋرسىتىتى ئوقۇغۇچىلارنى 100MbS تور بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇڭلاشقا ئوقۇش پۈتتۈرگەن دىن كىيىن بىر مەزگىل سىرتنىڭ تورىغا كۆنەلمىگەن، مەن يۇقىرى بولغاندا شۈنلېيدا سىكۇنتىغا 11Mb دىن كىنو چۈشۈرۈپ باققان، كىنو بىردەمدە چۈشۈ بولغان بىلان كومپىيوتىرنىڭ تور كارتىسى چىدىمىدىمۇ قېتىپ قالغان، ئادەتتە youtube نىڭ فىلىملىرىمۇ شارت-شۇرتلا چۈشۈپ كېتەتتى، تور سۈرئىتى تېز بولغاچقا كىنو چۈشۈرسەكمۇ مەخسۇس چوڭ سىغىمدىكى سۈزۈك كىنولارنىلا چۈشۈرەتتۇق. ئەپسۇس ئۆتمۈش بوپ كەتتى دە .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:49
  • تـور سۈرئىتى تېز بولغاننىڭمۇ زىيىنى بولامدىغاندۇ؟ ئالدىنقى ئايدا تور سۈرئىتىنى 4G قىلىپ بېرىدىكەن دەپ خۇش بولۇپ، 99كويلۇق يۈرۈشللۈك مۇلازىمەتنى ۈك مۇلازىمەتنى ئاچتۇرۇپ قارىسام سۈرئەت 2.5Gدىن ئاشمىدى.تېلېپوندا ئەھۋال ئىنكا قىلسام خېلى تېزلەشكەندەك قىلىۋىدى، بىر دەمدىن كېيى تور تولا ئۈزۈلغپ قاش ئاتقىلى تۇردى. ھايالشىمايلا بىر سى تېلېپون قىلىپ: »تورىڭىز ئوڭشالدىمۇ؟» دەيدۇ. تور سۈرئىتى نەچچە كۈندىن بېرى سىلەر ۋەدە قىلغان يەرگە يەتمىگەنىدى. باياتىندىن بېرى تولا قاش ئېتىپ تۇرىدۇ دېسەم،« ھە، باياتىن تور سۈرئىتىڭىز 8Gغا چىقىپ كېتىپتىكەن ئاران تەستە چۈشۈردۇق» دەيدۇ. شۇنىڭغا قاراپ دەيمەن: تور سۈرئىتى ئېشىپ كەتسىمۇ زىيىنى بولامدىغاندۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 22:44
    • بۇ قارا يۇمۇردەك قىلامدۇ نېمە؟
      مەنمۇ بىرنى دەپ باقاي، بىرسى ئەلكاتىپنى قارامايدا چۈشۈرسەم ئاستا، لېكىن، تۇرپاندا تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا قاچىلاپ بېرەي دەپ چۈشۈرسەم بەك تېز چۈشىدىكەن، بۇ نېمە سەۋەبتىن دېگەن ئىدى؟ تېخنىكىلىق چۈشەندۈرسەم قايىل بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن تۇرپان دېگەن پەس تۇرسا، توردىن چۈشسە بەك تېز چۈشىدۇ-ئەمەسمۇ؟ دېسەم، ئىشىنىپ قالغان ئىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى am 11:29
    • بۇ تېلېفۇن سىمىغا مۇناسىۋەتلىك، 8M لىق تورنى بىرنەچچە يىل ئىچىدە تارتىلغان تېلېفۇن سىملىرى كۆتۈرەلمەيدىكەن، توردا تولا ئۈزۈلۈش يۈز بېرىدىكەن. مېنىڭ بىر ئاغىنەم تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ تو بۆلىمىدە ئىشلەيدۇ، شۇ شۇنداق دېگەن. ھازىر تېلېگراف ئىدارىسى كەلگۈسىگە ماسلىشىش ئۈچۈن يېڭى بىنالارغا 光纤 تارتىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ تېزلىكى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىكەن، قانچىلىك تېزلىك لازىم بولسا شۇنچىلىك ئېچىپ بېرىدىكەن، پۇلغا. كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە تېلېفۇن سىمى ئارقىلىق تورغا چىقىۋاتقانلارنىمۇ تەدرىجى 光纤 گە ئالماشتۇرۇپ بولامىش. بۇ قەشقەرنىڭ بىر ناھىيىسدە بولىۋاتقان راست ئىش.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى am 11:00
      • شۇنداق ، يېڭى بىنالارنىڭ ھەممىسىگە يېڭىچە بىر خىل ئۈسكىنە ئورناتتى ، ھەممە ئۆيگىمۇ ئايرىم – ئايرىم ئورناتتى (ھەقسىز) ، ئورنىتىدىغانلارمۇ شۇنداق دىگەن …

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:49
  • جۇڭگو دۇنيا بويىچە تور سۈرئىتى جەھەتتە 80-ئورۇندا تۇرسا، ماۋۇ بىزنىڭ ئۈرۈمچى (شىنجاڭ) قانچىنچى ئورۇندا تۇرار؟ كىم دەپ بېرىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:37
    • ئۈرۈمچىنىڭ ئىچىنىمۇ بىر نەچچىگە رايونغا بۆلۈشكە بولامدىكىن، ئۆيۈمدە Gmail غا چىقسام تېز، ئىشخانىغا كەلسەم ئاستا، ئۆلچىمى ۋە پۇلىغۇ ئوخشاش ئىدى، ئۆيۈم قىزىلتاغ (نەنخۇ رايونى)دا، ئىشخانام يەنئەن يولى(تەڭرىتاغ رايونى)دا.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:07
  • ماۋۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق بىر سىناپ باققۇم كېپ كەتتى. تەرەققىياتنىڭ نامايەندىسى شۇدە … جۇڭگو نېمىلا دېگەن بىلەن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرگە يەن يەتمەيدىكەن. قاتتىق دېسكا ئۇنچە چوڭ بولمىسىمۇ تور بوشلۇقى تەمىنلەيدىغان تور بەتلەردىن سېتىۋېلىپلا شۇنىڭدىن ئىشلەتسىمۇ بولغۇدەك. بۇلۇت تېخنىكىسى مۇشۇنداق تور مۇھىتىدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كۈچىنى نامايەن قىلالايدىكەن ئەمىسە! بىز قاچان شۇ كۈنلەرگە يېتىشەرمىز …

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:16
  • كورىيەنىڭ تور سۈرئىتى ھەقىقەتەن بەك تىز،دىگەندەك رىقابەتمۇ بەك كۈچلۈك ،تېلفۇنلارغا توختىماي تور شىركەتلىرىدىن ئۇچۇر كېلىپ تۇرىدۇ،بىزنىڭ تورىمىزنى ئىشلەتسەڭ ئۇنى بىرىمىز بۇنى بىرىمىز.نەق پۇل بىرىمىز دەپ كىشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ(خەلق پۇلىدا2000~3000مىڭ ئەتراپىدا).مەنمۇ باشتا skنىڭكىگە تىزىملاتقان ئىدىم،تىزىملاتقان ۋاقىتتا ئەسلى تور ھەققى 3تۈمەن 2مىڭ ۋونلۇق تورنى 2تۈمەن 5000مىڭغا چۈشۈرۈپ ئىككى يىللىق توختاملاشقان .ۋاقتى توشۇپ قالاي دىگەنسىرى ئۇلار تولا تېلفۇن ئۇرۇپ يەنە داۋاملىق ئىشلەتسەڭ باھاسىنى تېخىمۇ چۈشۈرۈپ بىرىمىز يەنە 50Gتور دېسكىسى قوشۇپ بىرىمىز دەۋاتىدۇ. تور دېسكىسىمۇ شۇنداق ئەپچىل بىر تور بەتكە تىزىملاتسا كەم دىگەندە 30Gلىق تور دېسكا بوشلۇقى بىرىدۇ ،بىر ۋاقىتتا يەككە يۈكلەش سېغىمى 2Gغا يىتىدۇ.بىر دەمدىلا چۈشۈرۈپ ياكى چىقىرىپ بولغىلى بولىدۇ.مىنىڭ ھازىر توردىلا 100Gدەك تور دېسكا بوشلىقىم بارمىكىن.

    يەنە بىرى كورىيەدە ھەر بىر توربەتنىڭ ئايرىم چۈشۈرگۈچىسى بار،شۇ چۈشۈرگۈچ شۇ توربەتنىڭ نەرسىسىنىلا چۈشۈرگىلى بولىدۇ. چۈشۈرۈش تىزلىكىمۇ شۇنداق تىز.

    ھازىر 4Gچىقىپ رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى.تېلفۇن ئالسىڭىز باكالىق (ئەمەلىيەتتە بۆلۈپ تۆلەش) ئىككى يىللىق توختاملىشدىغان گەپ ئېيىغا5تۈمەن5مىڭ (270RMB)دىن تۆلەيدىغانغا ،ئاندىن تېلفۇن سىزگە قالىدۇ. تېلفۇنىڭز ئايلىق 3G~4Gتورغا ئۇلىندۇ.300مىنۇت سۆزلىششش يەنە ئۇچۇر يوللاش دىگەندەك………لىكىن چەتئەللىكلەرگە سەل چەكلىمە بار ، ئۆزىنىڭ كىشلىرىگە ئايفون ئالىمەن دىسە ھەقسىز، بىز ئالىمىز دىسەك شەرت توشمايدۇ شۇڭا ئامال يوق كورىيەلىك دوستلىرىمزنىڭ نامىدا ئېلىپ ئىشلتدىغان گەپ. كورىيەنىڭ تېلفۇنلىرىنى يەنى LGنىڭ تېلفۇنلىرىنى ئالىمىز دىسەك ئۆزىمىزنىڭ نامىدا ئالساق بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:38
    • نەق مەيداندا تۇرۇپ تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت! كورېيەنىڭ تور سۈرئىتى تېز دېسە، بېرىپ ئىشلىتىپ باققۇسى كېلىدىكەن. بۇ يەردىمۇ چوقۇم شۇنداق بولىدىغۇ دەپ ساقلاۋاتىمىز. 1Gb

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:10
  • توربەت ئادىرسى http://xjcar.blogbus.com كىرىش كودى 132613 خەتلەر سولدىن باشلاپ چىقىۋاتىدۇ ھەم ئىنىق ئەمەس

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:40
  • ماڭابىي ياردەم قىلىڭلار مۇنۇتوربەتتىكى خەتلەر تازا ماسلاشمىدى كۇكۇ 920932397،1239719406 مۇشۇ نۇمۇرنى قاچلىساڭلار ماڭا ئۇخشاش يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىمۇ قوللاپ قۇيۇڭلار ‹‹xjcar.blogbus.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:26
  • ماۋۇ ئۆيدىكى تور ئاستىلاپ تازا جىلە بولۇپ ئولتۇرغاندا كۆرۈپتىمەن. بىر ئايدەك بولدى، ئۆيدە گۇگېلنىڭ ئېچىلىشى چىدىغۇسىز ئاستا، بۇنىغۇ توغرا چۈشەندىم. ھەپتىدىن بېرى پۈتۈن تور بۆلەكچە ئاستا، بۈگۈن چىدىغۇسىز ئاستىلاپ توردىن 10KB سۈرئەت بىلەن بىر نەرسە چۈشۈرۈپ ئولتۇردۇم، 10000 غا تېلىفون قىلسام مۇلازىمەتچىگە ئۇلاپ بەرمەس بولىۋاپتۇ.
    گەپكە كەلسەك(ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى(ئىزدىنىشتا ھازىر مۇشۇنداق ئاتاش مودىكەن))، كورىيەنىڭ تور سۈرئىتى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ئىكەن. ئالدىنقى ھەپتە iPhone دىكى FaceTime ئىقتىدارى ئارقىلىق كورىيەدىكى ئاغىينەم بىلەن كامېرالىق پاراڭلاشتۇق، ئاۋاز سۈپىتى بولسۇن ياكى سۈرئەت سۈپىتى بولسۇن، ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ياخشى. ئۇ دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، ئىككى ئۈچ سائەتلىك كىنومۇ ئىككى مىنۇتتا چۈشۈپ بولىدىكەن(قانچە مېگابايتتىن چۈشىدىغانلىقىنى دەپ بېرەلمىدى)، كەينىدىن ئامېرىكىدىكى ئۈمىد ھاجى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا ئالاقىلەشتىم، سۈرئەتتە ئازراق پرىسلىنىش بار، ئاۋاز بىر سكونت كېچىكىپ بارىدىكەن. سىمسىز تور دېگەن كورىيەنىڭ ھەممىلا يېرىدا بار ئوخشايدۇ. بۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى خېلى كۈچلۈكمىش، ئالدىنقى قېتىم ئىقتىسادى كىرزىس يۈز بەرگەندە، كىشىلەر ھەممىسى ئېنىرگىيە تېجەيمىز، دۆلەتنى يۆلەيمىز دەپ ئۆيىدىكى كېرەكسىز، ئېنىرگىيە خورىتىدىغان ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى دېگەندەك نەرسىلىرىنى سېتىپ، باجنى ئاكتىپ تۆلەپ قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە كورىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ئەسلىگە قايتىشىغا كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئويناپتىمىش(چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى). ئاندىن Windows نىڭ كورىيەچە نۇسقىسىنى قاچىلىسا QQ دەك نەرسىلەرنى ۋىرۇس دەپ يۇيىۋېتەرمىش، شۇنىڭ بىلەن خەنچە Windows نى ئىشلىتىپ QQ ئاچارمىش(دوستۇمنىڭ ئاغزىدىن)

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 23:34
    • شۇنداق، مىكروسوفت شىركىتىمۇ Windows نىڭ كورېيە، ياپۇن يېزىقلىرىدىكى نەشىرلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەرمىش.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:13
    • شۇڭا مەن QQ نى ئىشلەتمەيمەن، يەنىلا Windows Live قۇلايلىق ھەم ئۇيغۇر يېزىقىنى پۈتۈنلەي قوللايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:43
    • مەن ھەر قايسى تېلگرافلارنىڭ(lg.sk.kt.qook) تور سۈرئىتىنى ئىزدەپ كۆرسەم ئايرىم ئايرىم ھالدا تەخمىنى 10.9MB/S.
      11.4mb/s 11.8mb/sئىكەن 100MBلىق ھۆججەتنى 9سىكونتتا چۈشۈرۈپ بولغان سىتاستىكسنى چىقرىپ قويۇپتىكەن يوللاشقا ئامالسىز قالدىم. http://cafe.naver.com/xpeed100user.cafe?iframe_url=/ArticleRead.nhn%3Farticleid=1310&; بۇ يەرگە كىرسەڭلار شىفرلارغا قاراپ بىلۋالسىلەر.

      مەكتەپتە ھەر قايسى سىنپلاردا كومىپيۇتىرلار بار، تىل ئۆگىنىش سىنپلىرىغا چىرايلىق قىلىپ ‹كىيۇكىيۇ چۈشۈرمەڭ،قالايمىقان تور بەتلەرنى ئاچماڭ)دەپ يېزىپ قويىدۇ.(ئەلۋەتتە خەنزۇچە)
      ئاندىن كۈتۈپخانىغا كىرسەكمۇ تورنىڭ ناھايىتى تىزلىكنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ،سېغىمى چوڭ ئويۇنلارنى يېرىم سائەتكە قالمايلا چۈشۈرۈپ قاتارى ئولتۇرۇپ مۇسابىقىگە چۈشۈۋاتقان جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچىسى بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆز ئىشىنى قىلىدۇ. ئەمما ئىمتىھان مەزگىلىدە باشقىلارغا دەخلىسى بولمىسۇن دەپ ‹كۈتۈپخانىدا تور دەرسىڭزنى ئاڭلاپ قالايمىقان ئويۇن چۈشۈرمەڭ سىزىلىپ قالسا چىقىرۋىتىمىز›دەپ يېزىپ قويىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:42
  • تور سۈرىتىنى بىز بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىغا ئوخشاتساق بولىدۇ. چۈنكى سۇنىڭ بوتۇلكا ئېغىزىغا كىرىشى ۋە ئىچىدىكى سۇنىڭ سىرىتقا تۆكۈلىشىنىڭ سۈرئىتى بوتۇلكا ئېغىزىغا باغلىق بولغاندەك ، ئېنتېرنېت دەۋرىدە تور سۈرئىېتىنىڭ تىز ئاستىلىقى توردىكى تەمىنلەنگەن مۇلازىمەتنىڭ كۆپخىللىقىغا،سۈپىتىگە ۋە كىشلەرگە تەسىر قىلىدىغان ئۈنىمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىلگىرى تور بەتلەر تەمىنلەپ بەرگەن ئۇچۇرلارنىلا كۆرەلەيىتتۇق. ئۇ زامانلاردا باشئەگىم ، تەكلىماكان دىگەندەك بىر قانچىلا تور بىكەتلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقىدەك كونا يېزىقتا ئەمەس ئىدى،كىيىنچە خەت نۇسخىسى چۈشۈرۈپ كومپۇتېرىمىزنىڭ مۇندەرىجىسىگە قاچىلاپ كۆرىدىغان بولدۇق. كىيىن تور قاتتىق دىتاللىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ADSL مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى. كىيىن ئاستا-ئاستا تور سۇرئىتىنىڭ ئېشىشى ئېنتېرنېتنى ئۇلاپ بەرگەن ئورۇنلارنىڭ مۇلازىمىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، ئەڭ مۇھىمى WEB 2.0 تېخنىكىسىنىڭ تىزلا ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ھازىرقىدەك توردا بىۋاستە ئۈن ئاڭلاش،سىن كۆرۈش،ھەتتا قاچىلىنىپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ تور يۈزىدە ئىشلىنىشى (بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن : توردىكى Photoshopرەسىم تەھرىرلىگۈچ http://pixlr.com/editor ۋە گوگىل شىركىتىنىڭ توردىكى ئىشخانا دېتاللىرى : http://docs.google.com ) قاتارلىقلار ئەمەلگە ئاشتى. كىيىنچە كۆچمە ئېنتېرنېت مۇشۇ تىزلىك بويىچە تەرەققى قىلىپ قالسا تېلىفۇندىمۇ شۇنداق ئىقتىدارلار ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. لىكىن مۇشۇ قىياسلارنىڭ ھەممىسى دەل بىز ئارزۇ قىلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتتىكى تور ئوموملىشىشى ۋە تەرەققى قىلىشى شۇنداقلا مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلىنىشى كىرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 17:53
  • خەۋەرلەرگە قارىسام جۇڭگونىڭ تور سۈرىتى كورىيە تور سۈرىتىنىڭ 90دىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن.
    چەتئەلنىڭ خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنى كىرگۈزسە، رىقابەت كۈچەيسە، سۆزلىشىش ھەققى ئەرزانلاشسا، تور سۈرىتى تېخىمۇ تىزلاشسا بولىتى. ھېلىمۇ شۈكىرى، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى تور سۈرىتىنى ھازىرقىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 12:19
  • ئۆزەم بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يېزىۋېتەي، ناۋادا، كېلەر يىلىدىن باشلاپ كورىيەلىكلەر 1Gbps (ھەر سېكۇنتىغا بىر گېگابايت)لىق تور ئىشلىتىدىغان بولسا، بارماق دىسكا، ياندىسكا،…دېگەن نەرسىلەرنىڭ ھاجىتى قالمىغۇدەك، يۇمشاق دېتاللارنىمۇ تور ئارقىلىق تىزىملىنىدىغان ۋە تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان قىلىۋەتسە، ساختا دېتاللار دەۋرى ئاخىرلاشقۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى am 11:29
    • ئالىم مۇئەللىم ، 1Gbps نى سېكۇنىتىغا 1GB دېسەك بولماس ؟ 100Mbps دا ھۆججەت چۈشۈرۈش سۈرئىتىنىڭ نەزەرىيە سۈرئىتى 12.5 مېگابايت ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەنمەن ھەم مۇشۇنداق تور مۇھىتىدا سېكۇنىتىغا 10 مېگابايتتىن ھۆججەت چۈشۈرۈپ باققان ئىدىم . بۇ بويىچە بولغاندا 1Gbps تىكى ھالەتتە سۈرئەتنى سېكۇنىتىغا 1GB دېسەك بولماس ؟ يا مەن بۇ ئىنكاسىڭىزنى چۈشەنمەي قالدىممۇ ؟ ئالدىڭىزدا ئاقساقاللىق قىلغان بولسام كەچۈرۈڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 17:30
      • مەن ئۇنداق دېمىدىمغۇ؟ شۇڭا ئاۋۇلارنى پۈتۈنلەي كىچىك ھەرپتە يازدىم، 1Gbps ھەر سېكۇنتىغا 1 گېگابىت (گېگابايت ئەمەس)، بۇنى سەككىزگە بۆلسىڭىز بايت چىقىدۇ، شۇڭا، نەزەرىيە جەھەتتىن 128MByte بولىدۇ، ئەمەلىي بولغاندا، ھەر سېكۇنتتا 100 مېگابايت ئەتراپىدا بولىدۇ. دېمەك، كېلەر يىلى كورېيەدە تورنىڭ تېزلىكى مۇشۇنداق بولىدىكەن، خۇددىي ئىشخانىمىزدا تار دائىرلىك توردىن بىر نەرسە چۈشۈرگەندەك. ئۇ چاغدا بارماق دىسكا، ياندىسكا قاتارلىقلارنى ئىشتىن بوشاتساق بولىدۇ. CD-ROM مۇ ئەمەلدىن قالىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:23
        • مەن «كېلەر يىلىدىن باشلاپ كورىيەلىكلەر 1Gbps (ھەر سېكۇنتىغا بىر گېگابايت)لىق تور ئىشلىتىدىغان بولسا» دېگەن جايدىكى تىرناق ئىچىدىكى بۆلەكنى خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن ، كەچۈرۈڭ . ^_^

          يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 22:02
        • ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮔﯩﮕﺎﺑﺎﻳﺖ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻤﯩﻜﯩﻦ.

          يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى am 00:29
باھا بېتى: 1 2