Windows دۇكىنىدىن پۇل تېپىڭ (Windows Store ھەققىدە) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

Windows دۇكىنىدىن پۇل تېپىڭ (Windows Store ھەققىدە)

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

Windows 8 دىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرسى Windows دۇكىنى بولۇپ، يۇمشاق دېتاللارنىڭ مۇشۇ سەھنە ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشىغا كەڭ يول ئېچىپ بېرىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر مۇشۇ يەردىن ھەرقانداق Metro ئۇسلۇبىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ۋە بىر قىسىم ئەنئەنىۋىي يۇمشاق دېتاللارنى سېتىۋالالايدۇ. Windows دۇكىنى سۈپەتلىك Metro ئۇسلۇبىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى تارقىتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. ئۇ يۇمشاق دېتاللاردىكى خەتەرلىك يوچۇقلار ۋە يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ Windows قا كىرىشىنى توسىدىغان بولۇپ، Windows نىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئۆتكەن يىلى يەنى 2011-يىل 13-سېنتەبىردىكى مىكروسوفت ئىجادىيەتچىلەر يىغىنىدا، سىتىۋى.بالمېر Windows دۇكىنى ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ، Windows 8 دە يۇمشاق دېتال دۇكىنى تەسىس قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 2011-يىل 6-دېكابىر مىكروسوفت يەنە Windows Store بىلوگىنى ئېلان قىلدى.

Metro ئۇسلۇبىدىكى يۇمشاق دېتاللار Metro ئارايۈزىدە ئىجرا بولىدىغان بولۇپ، پۈتۈن ئېكرانلىق مەشغۇلاتنى ئاساس قىلىدۇ. لايىھە جەھەتتە پۈتۈنلەي Metro ئۇسلۇبى ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە x86/64 ۋە ARM ئاساسىدىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىلىرى بىلەن ماسلىشىدۇ.

ئۇنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى ئىزدەش ۋە بايقاشقا ئاسان قىلىپ لايىھەلەنگەن؛ جانلىق سودا ئەندىزىسى قوللىنىلغان؛ ئىشلىتىش شەرتلىرى ئېنىق ۋە ئاشكارە؛ ياخشى ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە يول قويۇلغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەزمۇن چەكلىمىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، باھالاش دەرىجىسى بويىچە بەزى مەزمۇنلار چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ساغلام بولمىغان يۇمشاق دېتاللار باھالاش ئورگانلىرى تەرىپىدىن باھالىنىپ، دەرىجىسى ۋە ياش چەكلىمىسى بېكىتىلىدۇ. ئۇنى ئېچىش قوراللىرى HTML5، JavaScript ۋە ++C تىلى قاتارلىقلار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى Microsoft Visual Studio 2012 تەمىنلىگەن تىللارنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ قورالدا يەنە بىرلا كۇنۇپكا بىلەن Windows دۇكىنىغا يۇمشاق دېتال (ياكى ئەپ) يوللىيالايسىز. ئىنتايىن قولايلىق.

Windows دۇكىنى 230 دۆلەت ۋە رايونغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، 100 نەچچە تىلنى قوللايدۇ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تىلىمۇ بار (بۇنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى دېيىش ھاجەتسىز). سىز Windows دۇكىنى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا يۇمشاق دېتال ساتالايسىز. قارىغاندا يۇمشاق دېتالچىلارنىڭ باھارى ئەمدى يېتىپ كېلىدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى سىز Windows دۇكىنى ئارقىلىق يۇمشاق دېتال ساتسىڭىز، دەسلەپتە %70 پايدا ئالىسىز، سېتىش سوممىڭىز 25,000 دوللارغا يەتسە، ئۇنىڭ %80 ى سىزگە قالىدۇ.

ئېسىڭىزدە بولسۇن سىز پىروگرامما ئارايۈزىنى Microsoft Visual Studio 2012 كەسپىي نەشرىدە ئىنگلىزچە يازسىڭىز، بىر كۇنۇپكا چېكىپلا ئۇنىڭ ئارايۈزىنى 100 نەچچە تىلغا تەرجىمە قىلدۇرالايسىز (ئەلۋەتتە تەرجىمىسى سانداندا بولسا). بۇ خەلقئاراغا يۇمشاق دېتال سېتىشتىكى ئەڭ مۇھىم يولدۇر. ناۋادا سىز بىر كىچىك يۇمشاق دېتالنى Windows دۇكىنى ئارقىلىق 2 دوللار باھا بىلەن بازارغا سالسىڭىز، ئۇنىڭ چۈشۈرۈش قېتىم سانى 100 مىڭدىن ئاشسا، 200 مىڭ دوللار بولىدۇ، كېلىشىم بويىچە ئۇنىڭ %80 ى سىزگە قالسا، مىليونېرغا ئايلىنىسىز. بۇ ھازىر بەكمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىش ئەمەستۇر. بۇ پۈتۈنلەي رىسقىڭىزغا، نىيىتىڭىزگە ۋە تىرىشچانلىقىڭىزغا باغلىق. ئۇنداقتا تورلاردا ئەھمىيەتسىز تېمىلار كۆرمەي ماۋۇ تېمىغا نەزەر تاشلاپ قويۇڭ. ?p=1856، پىروگراممىچىلارغا كېرەكلىك نەرسە يەنىلا Microsoft Visual Studio 2012.

ئالىم ئەھەت بىلوگىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئاتالغۇلار تەرجىمىسىدىن پىروگرامما ھەققىدىكى يازمىلار كۆپىيىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
89 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز?
    مەن كومپىيۇتېرىمغا windows 8 ۋە 2012 visual studio نى قاچىلىغان، ئەپ دۇكىنىدىن نۇمۇر ئىلتىماس قىلاي دىسەم، ئىلتىماس قىلىش ئادرىسىنى زادىلا تاپالمىدىم. blend مۇشۇ قورالنى ئىشلىتەمدۇ‹

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى am 10:38
  • مۇمكىن بولسادەرىسلىكنى توريۈزىدەكۆرۈشنى ئەمەلگەئاشۇرسڭىز.پۇللۇق بولسىمۇ مەيلى ئىدى،ماڭائوخشاش نۇرغۇن ھەۋەسكارلارئورۇن چەكلىمىسىگەئۇچۇراپ قىلىشى مۇمكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:25
باھا بېتى: 1 2 3 4