DELL شىركىتى 2 مىليارد 400 مىليونغا Quest نى سېتىۋالدى
[ IT خەۋەرلىرى ]يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا DELL شىركىتى 2 مىليارد 400 مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن Quest نى سېتىۋالدى. Quest يۇمشاق دېتال شىركىتى ئۇچۇر تېخنىكا (IT) باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بولۇپ، ئۇنىڭ نېگىزلىك مۇلازىمىتى ساندان باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى، مەلۇمات قوغداش ۋە ئىقتىدارىنى نازارەت قىلىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۇنيادا 100 مىڭدىن ئارتۇق خېرىدارى بار، 2011-يىللىق مالىيە دوكلاتىدا تىجارەت كىرىمى 857 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ساپ پايدىسى %86 گە يەتكەن، بۇ كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.
بۇ يىل 7-ئايدا، DELL شىركىتى ھەربىر پاي 28 دوللارلىق باھا بىلەن Quest شىركىتىنى سېتىۋالدى. ئامېرىكا بىرلەشمە سودا كومىتېتى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى DELL شىركىتىنىڭ Quest Software نى سېتىۋېلىشىنى تەستىقلىدى. بۇ DELL شىركىتىنىڭ خۇسۇسىي كومپيۇتېرلار مۇلازىمىتىدىن باشقا مەھسۇلاتلارغىمۇ كېڭەيگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
Quest شىركىتىنىڭ ئاساسلىق 6 مۇلازىمىتى بولۇپ، ئۇلار مەلۇمات باشقۇرۇش، مەلۇمات قوغداش، سىستېما ئىقتىدارىنى نازارەت قىلىش، ئىشلەتكۈچىلەرنى باشقۇرۇش، Windows مۇلازىمىتېرى باشقۇرۇش، كىملىك دەلىللەشنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت. شىركەت ئورنى كالىفورنىيەدە بولۇپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق خېرىدارى، يەنە 1500 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بولۇپ، 1300 يۇمشاق دېتال تەتقىقات خادىمى بار.
ئانالىزچىلار DELL شىركىتىنىڭ Quest نى سېتىۋېلىشى ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتېرى، تور ۋە ساقلاش مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلىرىنى كېڭەيتىشكە زور پايدىسى بولىدۇ دەپ قارىماقتا.
دېمەك بىر شىركەتنى يەنە بىرسى سېتىۋالماقچى بولسا، نەچچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى تەخمىنەن ھالدا مۇنداقلا مۆلچەرلەشكە بولىدىغان ئوخشايدۇ. يەنى يىللىق ساپ پايدىسىنىڭ 5 ھەسسىسىگە يارايدىكەن. يىللىق كىرىمى 1 مىليونغا يەتسە، ئاران 5 مىليون يارايدىغان ئوخشايدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,939 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى am 8:29
- ئالدىنقى يازما :Windows دۇكىنىدىن پۇل تېپىڭ (Windows Store ھەققىدە)
- كېيىنكى يازما :مىكروسوفت TechEd 2012 كاتتا يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ
ئۇيغۇرسوفىتنىڭ يىللىق كىرىمى قانچە ؟ (سېتۋالايمىكىن دەيمىنا، ئاغزىنى تۇتىۋېلىپ كۈلگەن چىراي)
ئىسىمدە قىلىشىچە PartitionMagic نىڭ Quest ئىشلىگەن نەشىرى بار ئىدىغۇ دەيمەن.
مىليارد پۇل بەرسىمۇ ئۇيغۇرسوفتنى ساتمايلى جۇمۇ؟
دۇنيادا ئۇيغۇر بىلەن ئىسمى ئاتالغان شىركىتىمىزدىن ئاران مۇشۇ تۇرسا…
ئالىم مۇئەللىم مېنىڭچە چەتئەللىكلەرنى دوراپ، پۇلنى ئەمەس ، بىزلەرنى كۆپرەك ئويلايدۇ….
نېمىسىنى دەيلى،ئەلۋەتتە بىز بىرنى ئويلىغۇچە ،ئالىم مۇئەللىم مىڭنى ئويلايدۇ.تەربىيلەش زۆرۈريىتىنى ھېس قىلسا،شۇنىڭدەك تەربىيلەش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ئۈنۈمى ۋە ۋاقتى ھازىر قىلىۋاتقان ياكى قىلىشنى پىلان قىلىۋاتقان ئىشلاردىن يۇقۇرى ھوسۇللۇق بولىدىغان بولسىلا چوقۇم ئىش باشلاپ كېتىدۇ.ئالىم مۇئەللىم ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئوڭ،تېنىڭىز سالامەت،ئائىلىڭىز بەخىتلكى بولغاي!
مېنىڭچە دېل شىركىتنىڭ تەسىر دائىرىسىدە ،تەرەققىي قىلىش بوشلۇقى كۆپ بۇلىشى مۇمكىن.
ئالىم مەلىم قىلىمەن دېگەنىكەن، كۈچىنىڭ بارىچە قىلىدۇ. قايلىغاندا ئالىم مەلىمنىڭ سىنىپىدا ئوقۇشنىڭ تەييارلىقىنى باشلىماق زۆرۈردەك تۇرامدۇ- نېمە. قايدا دېدىم؟؟؟؟
ئۇنداق كېسىپ ئېيتىۋەتمەڭ، ۋاقتىم ئالدىراش بولۇپ كېتىپ باشقا چوڭ ئىشلارغا تەسىر يېتىپ قالىدىغاندەك بولسىلا، بۇنىڭدىن ۋاز كېچىمەن ئەلۋەتتە
مەنچە بولغاندا ئويلاشقا (تەسەۋۇرغا)جۈرئەت قىلىش، شۇ ئىشنى قىلىشنىڭ دەسلەپكە تەييارلىقى ھىسابلىنىدۇ. يۇقىردىكى تورداش چاقچاق قىلغاندەك قىلغان بىلەن، مىنى ئازراق ھاياجانلاندۇرۇپ قويدى. تېرىشايلى!جۈرئەتلىك بولايلى!
ئويغۇر سوفىتنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن چۈقۇم بازار ئەھۋالىغا ماس كىلدىغان پىراگگىرامما ئىشلىگۈچى قۇشۇن بۇلۇش كېرەك. پىراگگىرامما تىل ئۆگۈنۈش سىنىپىنى ئېچىش تېخىمۇ لازىمدەك تۇرىدۇ. ‹‹1300يۇمشاق دېتال تەتقىقات خادىمى بار.›› نىمىدىگەن جىق-ھە! بىزنىڭ ئويغۇر سوفىت ئۈچۈنمۇ مۇشۇنداق يۇمشاق دىتال تەتقىقات خادىمى بولسا ئالىم مۇئەللىمنىڭ ۋەزىپىسى خېلى يىنىكلەپ قالاركەن.
كۈرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس!!!!
بۇ پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق، شۇڭا 2008-يىلى تەربىيەلەنگەن بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ ساھەدە ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. شىركىتىمىزدە ئىشلەۋاتقانلارمۇ ھەم چوڭ ئىشلارغا ياردەملىشىۋاتىدۇ، ئېلىپ بولغان يەنە نۇرغۇن چوڭ ئىشلار بار، بۇلارغا ئادەم كېرەك، ئىختىساسلىق ئادەم كېرەك، مېنىڭچە بۇ ئىشنى چوقۇم يەنە ئويلىشىمەن.
ئالىم مۇئەللىم،ماڭا visual studio دىكى نام بوشلۇقى
(namespace) دېگەن ئۇقۇمنى ئاددى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.بۇنىڭ قانداق رولى بار،نىمە ئۈچۈن ئىشلىتىمىز،قانداق ۋاقىتتا ئىشلىتىمىز مۇشۇلارنىمۇ ئىخچام قىلىپ چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.
ھەي، بۇ ۋاقىتتا مەن تىخى تولۇق ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇيتۇم،شۇ چاغدا توخۇ توشقان مەسلىسىنىڭ كودىنى دەپتىرىمگە يېزىپ ،ئاندىن vb دا يېزىپ باققان ئىدىم.شۇنداق خۇش بولغانتىم.ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىمەن دەپ بىر ئىككى يىل تاشلىنىپ قالدى.ھازىرمۇ vb دا كىچىك پروگراممىلارنى ياساپ قويىمەن.ئالىم مۇئەللىم بولسا visual studio 2012 دىن تەربىلەش سىنىپى ئاچسىڭىز، بۇ قورالنىڭ ئىختىدارىغا بەكلا ھەيران قالدىم.
ئالىم مۇئەللىم، سىز يەنە پروگرامما تۈزۈش كەسپىدە كۇرس ئېچىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟
ئەلۋەتتە، ئاچىدىغاندەك تۇرىمەن.
ئۇيغۇرسوفت مىكروسوفتنى قاچانمۇ سېتىۋالا . . . ھى ھى ھى
_______________________________________
ناۋادا شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ قالسا !!
مانا يەنە كىردىم . . .
https://skydrive.live.com/redir?resid=74C494F8212CC301!109&authkey=!ANJS8si5uTAAmdE
Quest شىركىتىنىڭ پايدىسى شۇنداق يۇقىرى تۇرۇپ يەنە سىتىۋىتىپتىغۇ؟ چۈشىنەلمىدىم، ياكى ئۇلارنىڭ تىخىمۇ ياخشى پايدا ئالالايدىغان تۈرى بارمۇ؟