ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنىڭ ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى
[ ئاتالغۇلار ]شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىقى خىزمىتى كومىتېتى ئاتالغۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «ئۇيغۇرچە، قازاقچە تىل-يېزىق ئۇچۇرى بايلىقلىرىنى قۇرۇش ۋە ئورتاقلىشىش قۇرۇلۇشى»(维吾尔、哈萨克语言文字信息资源建设与共享工程)نىڭ ئىشخانا يۇمشاق دېتاللىرى ئۆلچىمىدىكى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى بېكىتىش يىغىنى ئېچىلدى.
بۇ يىغىنغا تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ باشلىقى، ئاتالغۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تىلشۇناسلار ۋە كومپيۇتېر خادىملىرى قاتناشتى، 永正 Office…ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنىڭ ئارايۈزىدىكى جەمئىي 233 ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قېلىپلاشتۇرۇلدى.
بۇ چوڭ قۇرۇلۇشقا دۆلەت 100 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، بۇ يىغىن شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كىچىك تۈر ھېسابلىنىدۇ، بۇ تۈرنى 西北星 شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بۇ چوڭ قۇرۇلۇشتا ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋى كىرگۈزگۈچ، كود ئالماشتۇرغۇچ، تىل پەرقلەندۈرگۈچ (مەلۇم بىر تېكىستنىڭ تىلىنى يەنى ئۇيغۇرچە ياكى قازاقچە تېكىست ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىش)،…قاتارلىق نۇرغۇن كىچىك تۈرلەر بولۇپ، تەتقىقات خىراجىتى مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.
(بۇ سۈرەتلەرنى مەن تېلېفوندا تارتقان بولغاچقا چىقماپتىمەن، ئاۋۇ SONY كومپيۇتېر، دەپتەر، قەلەم بار جاي مېنىڭ ئورنۇم)
- يازما كۆرۈلۈشى: 12,360 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 04-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 22:06
- ئالدىنقى يازما :مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرى (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :Windows 8 نى ئىشلىتىدىغانلار %3.82 غا يەتتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
三星تېلىفۇنلىرى نىمىشقا ئۇيغۇرچىنى تونۇمايدۇ ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟
13يىل بۇرۇنقى بىلەن ئوخشاش بولسا ،ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تارىخىغا دەل مۇشۇ ئېلان قىلىش يىغىنى يېزىلىپ ئاندىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئۇلار ئىجاد قىلىپ بەرگەن بولىدىكەندە. قالتىس~! خۇددى لىن زىشۇي تۇرپاندىكى كارىزنى‹‹ ئىجاد›› قىلىشتىن بۇرۇن تۇرپانلىقلار كارىز سۈيى ئىچىشنى بىلمەي مېنىرال سۇ ئىچكەندەك ئىشكەندەك بۇ.
كارامەت ئوخشىتىش بوپتۇ بۇ،ئۇلار قىلۋاتقان ئىشلارنىڭ ئەسلى ماھىتىنى ئېچىپ تاشلاپسىز!
تارىخىمىز ئەزەلدىن مۇشۇنداق يىزىلىپ كېلىۋاتقان……
ناھايىتى توغرا ئېيتىسىز قېرىندىشىم.
مەن ئازراق ئۇچۇرنى ئاڭلىدىم راستمۇ يالغانمۇ بىلىمدىم.
يۇمشاق دېتال دېگەن ئاتالغۇلارنى يۇمشاق ماتېرىيال دەپ قېلىپلاشتۇردى دەيدۇ. بۇ گەپ راستمىدۇ؟
شۇنداق، راست دەپتۇ. ھەر قېتىم شۇنداق دەپ قېلىپلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن خەلق ئىچىدە يەنىلا «يۇمشاق دېتال» دەپ كېلىۋاتىدۇ. مەنمۇ بىلمىدىم بۇنداق يىغىنلارنىڭ پايدىسى بولۇۋاتامدۇ-دەپ؟
قىلغىلى ئىش تاپالمىغان ئوخشىمامدۇ بۇ خەق. تۆۋەن. بىرسى ئۇنى بۇزسا، يەنە بىرسى بۇنى بۇزسا. ئېشەكنىڭ باللىرى
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن يەنە ھۆكۈمەت خىراجىتى (ئەمەلىيەتتە باج تاپشۇرغۇچى خەلقنىڭ خىراجىتى) بىلەن تاماملانغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ، لېكىن ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ ئەمەس، ئۇنىڭ سەۋىيەسى پەقەت 13 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بىلەن ئوخشاش.
توردىن ئىزدەپ ھىچ تاپالمىدىم،مۇشۇ تىل يىزىق كومىتىتىنىڭ تور بىتى ياكى تور خاتىرسى بارمىدۇ؟بولسا ئاشۇنى مۇشۇ يەرگە چاپلاپ قويسىڭز.
ئۆزى سورۇن تۈزەپ ،ئۆزى يىغىن ئىچىپ ،ئۆزى بىلەن ئۆزى بىر نەرسىلەرنى ئېلان قىلىپ ،بۇ نىمە ئىش بۇلۇپ كەتتى ئەمدى،ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ زېرىكىپ قالغان ئوخشايدۇ.
13يىلنىڭ بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بىلەن پەرىقى بولمىسا ،ھۆكۈمەت بەرگەن پۇلنى راۋۇرۇس يىگەن ئوخشايدۇ.يالغاندىن كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ ،يالغان نەتىجىدىن بىرنى ئالدىغا چىقىرىپ قۇيۇپ ئولتۇرۇپتۇدە،ھەي!!!
140 نەچچە مىليون مۇشۇنداق كىچىك تۈرلەرگە بۆلۈنگەن، ھەربىرىنىڭ خىراجىتى 2-3 مىليوندىن ئاشىدۇ. بولمىسا ئاۋۇ پۇلنى قانداق خەجلەپ بولالايدۇ؟
ئەسسالام ئالىم مۇئاللىم ھارمىغايسىز ، يىغىندا مىرشات مۇئالىممۇ باركەن ، بۇ يىغىنىڭلار تۇنجى قېتىملىقىمۇ ؟
مۇناسىۋەتلىلك ئورۇنلار ئۇيغۇر يەر جاي ئاتالغۇلىرنى قىلىپلاشتۇرۇشتا ئاۋانگارت رولىنى جارى قىلدۇرغاي.
بىر سۇئالىم بارتى مۇئەللىىم،مۇشۇ «خەتكۈش» دىگەن سۆزنى كۆپ ئويلاندىم،بىراق نىمە مەنا ئىپادىلەيدىغانلىقىنى تازا ئىنىق بىلەلمىدىم،قارىسامغۇ مۇشۇ تور خاتىرسىدىمۇ «خەتكۈشلەر»دىگەن خەتنىڭ ئاستىدا بىر نەچچە ئۇلىنىشلار باركەن، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇ خەتنىڭ قانداق كىلىپ چىققانلىنى ياكى قايسى سۆزلەردىن بىرىككەنلىكىنى چۇشۇندۇرۇپ قويسىڭز بوپتىكەن،رەھمەت!
ئىزاھلىق لۇغەتتە ئېنىق دېيىلگەن، مەن ۋاقتىم چىققاندا چاپلاپ قوياي
بولىدۇ،رەھمەت مۇئەللىم.
خەتكۈچىنى قۇرئان ،كىتابلارنى ئوقۇغاندا ئوقۇپ كەلگەن جايىمىزنى بەلگە قىلىش ئۈچۈن سېلىپ قويدىغان يىپ، يۇپۇرماق، قەغەز دىگەندەك ۋە ھەرخىل شەكىلدە نەپىس ياسالغان بۇغۇچسىمان نەرسىلەردۇر.
خەتكۈچنىڭ رولى كىتاپنىڭ ۋاراقلىرى قاتنىلىپ كەتمەيدۇ. كىنتاپنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
رەھمەت سىزگە ،بىلۋالدىم!
كۆپ رەھمەت!
مۇشۇ تىل يېزىق كومىتىتىنىڭ ياخشى گىېپىنى بەك ئاز ئاڭلايمەن …كونا ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرمىز دىگۈچە، مۇشۇنداق يېڭى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرغان ياخشى.
مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمىگەن بىر قانچە مەسىلە…
‹‹شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ››دىگەن خەت كۆركەم يېزىلىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چوققىسىغا ئېسلغىنىغا تولىمۇ ئۇزاق بولغانىدى…، قېلىپلاشتۇردۇق دەپ بۇندىن كېيىن تېلېۋىزىيەدە‹‹شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ›› ئەمەس ‹‹شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى›› دەپ ئېلىنىپتۇ، تېخى رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنى يېڭى لوغەتتە رادىيو دەيسەن دەپ ئۆزگەرتىپتۇ……لېكىن ….مېنىڭچە كونىسىغا تولا ئېسلىۋالماي، يېڭى ئاتالغۇلارغا ئسىم تېپىپ، مەخسۇس توردا ئېلان قىلسا، ئاۋۇ ھۆكۈمەت بەرگەن بىر مىليون ھالال بولامىكىن دەيمەن..
西北星 دىگەن غەربى شىمال يۇلتۇزى دىگنى شۇما ،قىزىق تە ،،ھەي ھەي ، ئامال يوق ھە مۇئەللىم …