ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 6.0 (يېڭى ئىملا قائىدىسى) يۇمشاق دېتالى ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 6.0 (يېڭى ئىملا قائىدىسى) يۇمشاق دېتالى ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى
(يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە ئىشلەنگەن)

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكرار تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلانغاندىن سىرت يەنە نۇرغۇن يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.

ئاساسىي ئىقتىدارى
ئاساسىي سۆزلۈك مۇكەممەل، كەسپىي ئاتالغۇلار مول
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى بارلىق تۈپ سۆز ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە باشقا كەسپىي ئاتالغۇلارمۇ تولۇقلاپ كىرگۈزۈلگەن. سۆزلەرنىڭ تەكرارلىقى بويىچە قۇرۇلغان ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەر 250 مىڭغا يېتىدۇ.

ئاساسىي سۆزلۈك ۋە تۈرلىنىش قائىدە ئامبىرى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى بارلىق تۈپ ئىسىم ۋە پېئىللارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشىدىن سۈنئىي ھاسىل قىلىنغان قوشۇمچە قائىدە ئامبىرى قۇرۇلغان بولۇپ، 2 مىليون سۆزلۈك دائىرىسى ئىچىدە ئىملا تەكشۈرەلەيدۇ.

ئىملا تەكشۈرۈش ئىنتايىن تېز
گەرچە سۆزلۈك ئامبىرى كۆپەيتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى ئىلگىرىكىدىن 10 ھەسسە تېزلىتىلگەن بولۇپ، ئىملا تەكشۈرۈش سۈرئىتى ھەر سېكۇنتتا 800-1000 سۆز (ياكى بىر بەت) دىن يۇقىرى. تاق سۆزلەردىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم، ئارتۇق ياكى ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە بايقاپ بەلگە سېلىپ بېرىدۇ.

ئىملا تۈزىتىش قولايلىق
ئىملا تەكشۈرۈش داۋامىدا، مەلۇم بىر سۆزنى سۆزلۈك ئامبىرى ۋە تۈرلىنىش قائىدە ئامبىرىدىن ئىزدەپ تاپالمىغاندا، گۇمانلىق سۆز دەپ قارايدۇ ھەمدە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بىرنەچچە نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە ئاساسەن نامزات سۆزلەر ئىچىدىن مۇۋاپىق كېلىدىغان سۆزنى تاللاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ، قىسمەن ئەھۋاللاردا نامزات سۆزنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەندە، توغرا ئىملاسىنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.


============================================
«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نى قاچىلاش ئۇسۇلى

(1) «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» دىسكىسىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سالسىڭىز، قاچىلاش پىروگراممىسى قوزغىلىدۇ (قوزغىلالمىسا، ئوپتىك دىسكىنى ئېچىپ، SETUP.EXE نى قوش چەكسىڭىزمۇ بولىدۇ)، ئاندىن تۆۋەندىكى تىل تاللاش تۈرى كۆرۈنىدۇ.

(2) بۇنىڭ ئىچىدىن 确定 نى چېكىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك دىيالوگ رامكىسى پەيدا بولىدۇ.

(3) بۇنىڭ ئىچىدىن 下一步 (كېيىنكى)نى چېكىپ، داۋاملاشتۇرۇڭ.

(4) بۇنىڭ ئىچىدىن 安装 (قاچىلاش)نى چېكىپ، داۋاملاشتۇرۇڭ. قاچىلاش پىروگراممىسى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»(كەسپىي نەشرى)نى قاچىلاۋاتىدۇ، سەل ساقلاپ تۇرۇڭ.

(5) قاچىلاش تاماملانغاندا Install SoftDog Driver [Needed] (يۇمشاق دېتال قارانچۇقى قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاش) تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن 完成 (تاماملاش)نى چېكىڭ.

(6) يۇمشاق دېتال قارانچۇقى قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاش يېتەكچىسى قوزغىلىپ، تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن 安装 (قاچىلاش)نى چېكىپ، داۋاملاشتۇرۇڭ.

(7) يۇمشاق دېتال قارانچۇقى قوزغىتىش پىروگراممىسى قاچىلانغاندىن كېيىن، 驱动状态 (قوزغىتىش ھالىتى) رامكىسى ئىچىگە 驱动安装成功! (قوزغىتىشنى قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولدى!) دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ.

(8) ئاندىن يۇمشاق دېتال قارانچۇقىنى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ USB ئېغىزىغا سېلىپ، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نى ئىشلىتىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
==================================
ئۆلچەملىك نۇسخىسى 480 يۈەن، كەسپىي نۇسخىسى 1800 يۈەن، بۇلارنىڭ پەرقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بۇ يەرگە قاراڭ.

http://www.uighursoft.com/ug-CN/products/uspell.html
====================================================
بىر قىسىم ئېكران كۆرۈنۈشلىرى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
69 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • كوررېكتورنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى سېتىۋالغان ئىدىم، كۆرسەتمە بويىچە قاچىلاپ، ماكرو دېگەن يەرلىرىنى تەڭشىگەندىن كېيىمۇ يەنە تۆۋەندىكىدەك خاتالىق چىقتى، بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
    the macro cannot be found or has been disabled because of your macro security settings

    تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك خاتالىق چىقتى
    http://postimg.org/image/luxs6fpnz/

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 15:44
  • ئىملا قائىدىسى مۇقۇملاشسا 10~15 يىللاردىن كىيىن ئىملا خاتالىقى دەيدىغان ئۇقۇممۇ يوقىلاتتى . لىكىم ئىملا قائىدىسى تولا ئۆزگىرىپ ئۇنىڭغا ئىمكانىيەت بەرمەيۋاتىدۇ . بولمىسا كورىىكتور دەيدىغان نەرسە بولمىسا بولمايدىغان نەرسىمۇ ئەمەس . لىكىن ئىملا قائىدىمىزنىڭ تولا ئۆزگىرىشى مۇشۇنداق دىتاللارنى زۆرۈر يۇمشاق دىتاللارغا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى am 09:44
  • باشقا تېمىنىى ئوقۇپ ماننىڭغا يىزىپ ساپتىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:06
  • ماڭا يەنە بىر ئېلھام بەردىڭىز مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:03
  • ئاۋۇ لۇغەت پاكىز چىقپتۇ جۇمۇ،ئارتۇقچە ھەشەممۇ يوقكەن.
    ———————————–
    دۆلەت ئىچىدىكى شەخىسلەرگە نىسبەتەن بىر ئاز قىممەت ھىسابلانسىمۇ،ئەمما ھۆكىمەت تارماقلىرى ئۈچۈن ھىچقانچە پۇل ئەمەس.
    ئەمما خەلىقئارا بازارغا سېلىشتۇرغاندا قەتئى قىممەت دىگىلى بولمايدۇ،مۇۋاپىق باھا،مەھسۇلاتقا باھا قويغاندا دوللارغا سۇندۇرۇپ باھا قويغان ئەڭ ئاقىلانىلىك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى am 01:35
  • بىز ئۈچۈن قىممەتلىك بىر يۇمشاق دىتالكەن ….بىراق بۇنى شىركەتلەر ..ئىدارە ئورگانلارغا تازا ماس كەلگىدەك …جاپاكەش ،ئەمگەكچان قوللار .زىرەك مىڭىلەر ھارمىسۇن ….ئالىم مۇئەللىم مەن سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز بولۇشنى بەكمۇ خالايمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى am 08:56
  • ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىز ئۈچۈن يەنە بىر خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 21:19
  • كونا نەشىرىنى سېتىۋالغانلار ئۈچۈن نەشىر يېڭىلاش ھەققىدە ئۇچۇر بىرىشكە بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى am 01:23
  • قانچە دوللار مالىم؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 23:13
    • يۇقىرىدا ئۆلچەملىك نۇسخىسى 480 يۈەن، كەسپىي نۇسخىسى 1800 يۈەن دەپ تۇرىدۇ، خەلق پۇلىنى دوللارغا ئۆزىڭىز ئايلاندۇرۇۋېلىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:02
  • ھەيرانىمەن، ھەيرانىمەن.
    كوررېكتورىمۇ لوغەتمۇ چىقتى، نىمىشقا كوررېكتورى+لوغەت چىقمايدىغاندۇ؟
    لوغەتنى مەخسۇس ئۈستەلگە تىزىپ قويىدىغان شۇنچە چوڭ كومپىيۇتىردا ئىشلەيدىغان قىلدىڭىز، 24سائەت يېنىمىزدىن ئايرىمايدىغان كىچىكىنە يانغۇندا ئىشلەيدىغان قىلىشقا ۋاقىتىڭىز چىقمىدى ھە!
    گوگىلمۇ كىچىككىنە بىر سېستىما تۈزۈپلا يانغۇندىن نۇرغۇن كىرىم قىلدى. بۇنىڭىغا چىدىمىغان مىكرو سوفىتمۇ نوكىيا بىلەن بىرلىشىپ باقتى. لىكىن كۆپ كىچىكىپ قالدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:23
    • Google تۈزگەن كىچىك سىستېما دەپ Android نىڭ گېپىنى قىلمايۋاتقانسىز ھە، Android دېگەن بىر يانتېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى، ھەرگىزمۇ كىچىك سىستېما ئەمەس، دۇنيادا قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ساناقسىز، بىراق مەشغۇلات سىستېمىسى ساناقلىقلا.

      لۇغەتنى يانتېلېفوندا ئىلىتىش ئۈچۈن، http://www.udict.cn نى زىيارەت قىلىپ ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:51
  • مۇئەللىم ،ئىتىبارغا بېرىش پائالىيىتىنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇڭ .ئۆيدە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالىدىغانلارمۇ جىق بۇلىدۇ. ئىشلەشنى بىلىپ سىتىشنى بىلمىسەك يەنە بولمايدۇ.خۇددىي 8 نىڭ كەسپىي نوسخىسىغا ئوخشاش.
    ++++++++++++++++++++++++++++++++
    يىقىندا بىلوگدا بەزى تېمىلار بەزىدە كۆرۈنۈپ بەزىدە يۇقاپ كىتىپ بارىدۇ.بۇ نىمە ئىش ،مىنىڭ كومپىيوتىرىمدا چاتاق چىقتىمۇ قانداق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 17:09
  • مۇبارەك بولسۇن! لېكىن باھاسى قىممەتمۇ قانداق؟كەسپىي نۇسخىسى 1800 شەخىسلەر ئۈچۈن مەنچە قىممەت ئىكەن. ئالىم مۇئەللىم ئىدارە ئورگانلارنى مەقسەت قىلغان ئوخشىمامسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى am 07:46
    • شۇنداق، بۇنداق دېتاللارنى شەخسلەر ئانچە ئىشلەتمەسلىكى مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 12:24
    • 2009-يىلى 10-ئايدا يېڭى ئىملا لۇغەت نەشىردىن چىققاندىن بۇيان تاكى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 3 يىل (جەمئىي 36 ئاي) ۋاقىت ئىچىدە، 1.5 خادىم (بەزىدە ئايلاردا بىر، بەزى ئايلاردا ئىككى خادىم) بۇنىڭ ئىملاسىنى ئۆزگەرتىپ چىقتى، ئايدا 3000 يۈەن چىقىم ھېسابلانسىمۇ، ئاز دېگەندە 100 مىڭ يۈەن چىقىم بولدى، بۇنى 1-2 يىلدا سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن چىقىملار قوشۇلۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى 100 يۈەنگە ساتسىمۇ ئالمايدىغانلار يەنە ئالمايدۇ، قەدرىگە يېتىدىغانلار ئىدارە-ئورگان بولسىمۇ 1800 يۈەندىن سېتىۋالىدۇ، ئۇلارغا بۇ پۇل كۆپ ئەمەس. شۇڭا، ئىدارە-ئورگان ئاساسىي نىشان قىلىندى

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 15:39
  • مۇئەللىم
    لاتىن يېزىقىنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلاندۇرۇشتا ھەمزىنى قانداق بىر تەرەپ قىلساق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:04
باھا بېتى: 1 2 3