بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ داۋاملىق ئومۇملاشماقتا…
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]7-8 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە ATM سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ سىستېما شىنجاڭدىكى بارلىق تارماق بانكىلاردا كەڭ ئىشلىتىلىپ، خېرىدارلارغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، كېيىن ئۇيغۇرسوفت يەنە يېزا ئىگىلىك بانكىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ATM سىستېمىسى، تېلېفون ئارقىلىق ھېسابات ئاغدۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، بۇ ئۈسكۈنىلەر تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى ۋە باشقا بانكىلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. بۇ ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى كۆرگەن ھەرقايسى بانكىلار بەس-بەستە ATM نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، رىقابەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەڭ ئاممىغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى.
بۇ ئىشنى تۇنجى قىلدۇرغان بانكا يەنى جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى كەسپىي جەھەتتە باشقىلارغا داۋاملىق ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن، بارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، بۇ يىل 6-ئايدا ئۇيغۇرسوفتنى قايتا ئىزدەپ كەلدى. ئۇلارنىڭ مەسئۇل خادىمى ئىلگىرىكى ھەمكارلىقنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولغانلىقى، داۋاملىق ئۇيغۇرسوفت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، تىجارەت زاللىرىدىكى باشقا بارلىق ئۈسكۈنىلىرىدە ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، گەرچە قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئىلگىرى ATM دىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپ، مەخپىيەتلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، بۇ جەھەتتە يەنىلا ئۇيغۇرسوفتنىڭ تېخنىكا كۈچىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دەرھال توختام تۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن ئىچىدە ھەمكارلىق باشلىنىپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-بېشىغىچە جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ئىشلىتىدىغان «ھېساب سۈرۈشتۈرۈش، پۇل تاپشۇرۇش»، «سۇغۇرتا سېتىش»، «روزغار مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش»، «ھېسابات ئاغدۇرۇش، پۇل ئەۋەتىش» قاتارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى يەرلىكلەشتۈردۇق (ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇق)، يېڭى ئۈسكۈنىلەر ۋە يېڭى تېخنىكىلاردا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ئىشلىرىنى تولۇق ھەل قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرى داۋاملىق ئومۇملاشتى.
بۇ سىستېما پات يېقىندا يېڭىلىنىپ، كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن پۇل ئالغاندا بولسۇن، پۇل ئەۋەتكەندە بولسۇن ياكى تېلېفون پۇلىنى تاپشۇرۇشتا بولسۇن،… ئۇيغۇرچىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ.
بۇ يېڭى ئۈسكۈنىلەرنىڭ باشقا بانكىلاردىمۇ يولغا قويۇلۇشىنى، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شىنجاڭدىكى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىدىمۇ تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇرسوفت بۇ جەھەتتە باشقا بانكىلار بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
تۆۋەندە بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ بېقىڭلار
ئىشنىڭ كۆپلۈكىدىن قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزنىمۇ ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىپ بولالمىدۇق، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يىل 5-ئايدا خەلق ئىشلىرى نازارىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، توي قىلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قىز-يىگىتلىرىنىڭ نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسغا يەنى قىزىل قەغەزگە ئۆز يېزىقىدا ئىسىم-فامىلىسىنى يېزىش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بۇ سىستېما ھازىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تورلاشقان بولۇپ، ئىچكىردە توي قىلسىڭىزمۇ قىزىل قەغەزگە ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يازدۇرالايسىز. بۇنىمۇ ئايرىم تېما قىلىشىم مۇمكىن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 17,294 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 09-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:26
- ئالدىنقى يازما :Uyghursoft نامىدىكى ساختا ئۇچۇردىن ھەزەر ئەيلەڭ
- كېيىنكى يازما :Windows 8 (ئۇيغۇرچە) كەسپىي نەشرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار
مىللتمىزنىڭ يېزىقىنى ئۆز يۇرتىمىزدا ئىشلىتىشكە ئىزدەنگەنلىگىڭلاردىن پەخىرلىنىمىز سىلەرگ رەخمەت!
تور بانكا سېستىمىسىنىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى . بىزگە ئوخشاش خەنزۇچىنى ياخشى بىلمەيدىغانلارمۇ ئىشلىتەلەيتتۇق .
بۇ ئىشلارغىمۇ ئاز قالدى، ھەممە ئىش ئاستا-ئاستا بولىدۇ.
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىم مۇئەللىم ، مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرتىلىمىزنىڭ كومپىيوتىر ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەردە نورمال قوللىنىشى ئۈچۈن قىلغان ئەمگەكلىرىڭىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن . مەن بۇ تېمىنى باشقا توربەتلەرگە ئاپتور ھەم مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا يوللاپ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى خەۋەرلەندۈرسەم بولارمۇ ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ
سىزگە كۆپ تەشەككۈر،ئالىمجان ئاكا،سىز مىللىتىمىزنىڭ پەخرى،بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ تولىمۇ روناق تىپىشىغا،مىللىتىمىزنىڭ كومپىيوتىر ،تىل ساھەسىدە تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ . يىقىنقى يىللاردا ئادەمنى خوش قىلىدىغان ئىشلار خېلى كۆپ بۇلۇۋاتىدۇ..مەسىلەن :دوپپا بايرىمى خەلىقئارالاشتى . ئۇيغۇر يېزىقى بانكىلاشتى دىگەندەك…مۇشۇندق ئىشلارنڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا كۈچ قوشقان تۆھپىكارلىرىمىزغا تۈمەنلىگەن رەخمەتلەر بولسۇن.
بىر يىل بۇرۇن جوڭگو بانكىسى ئىچكىردىكى ATMغا ئۇيغۇرچە سىستېما ئورنىتىپكەن،شۇنداق خۇشال بولغان ئىدىم،مانا ئەمدى يەنە يوق قىلىۋىتىپتۇ .كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ قالدى!
نېمىشقا خوش كىلىپسىز دەيدۇ ؟؟؟؟
خوش كەپسىزلا دىسە بولمامدۇ
ئالامەت كاتتا ئىش بولۇپتۇ ! مەنمۇ ھازىر ATM دا مەشغۇلات قىلساملا ئامال بار ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىۋاتىمەن .
مەن چېڭدۇدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن ،چېڭدۇدىكى قاتناش بانكىسىدىمۇ ئۇيغۇرچە تاللاش تۈرى قۇشۇلدى ،ئەمما باشقىلىرى ئۇنداق ئەمەس .
بۇ ئىش ئەمدى پەيدىنپەي پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىدۇ.
ئىشقىلىپ ئۇيغۇرسوفت شىركىتى قىلغان ئىش قاراشقىلا شۇنداق سۈپەتلىك ھەم پۇختا ، ھېچقانداق ئىملا خاتالىقى يوق . كۆپ رەھمەت !
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!
بەك خۇش بولدۇم. بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت تىلەيمەن. ھەربىر ئۇيغۇر ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرى بىلەن سىلەرنى قۇتلۇقلايدۇ!